تالايلارغا نام - ئابىرۇي، سۆلەت بولدى ھەشەمەت،
ئامەتلىككە كىرىملىك، دۆلەت بولدى ھەشەمەت،
كىملەرنىدۇر سەمرىتىپ، قوندۇردى ئەت ھەشەمەت،
ئاللا كىملەر بېشىغا كۈلپەت بولدى ھەشەمەت،
پۇلى يوققا ھەممىدىن بەك كەپ بولدى ھەشەمەت.
ھەشەمەتتىن دۇنياغا كۆز ئېچىشتى تۇرلۇك توي،
تويلار ئۇچۇن جىنىدىن قۇربان بولدى نەچچە قوي،
قوپاللىشىپ خارەكتىر، ئۆسۇپ باردى مىجەز - خۇي،
بىر توي ئۇچۇن كارقىلماس يانچۇقتىكى مانچە كوي،
قويچىلارغا يار يۆلەك، مەدەت بولدى ھەشەمەت.
يامان ئىكەن باغاقلار قارىغا سەپ بولدى،
پۇلى كۆپكە ترقىتىش ھەممىدىن بەك ئەپ بولدى،
نامرات ئۇچۇن باغاقمۇ ئىللىق ئەمەس كەپ بولدى،
كىملەرنىڭدۇر كۆڭلىدە شۇ سەۋەپلىك خەپ بولدى،
گاداي ئەمەس بايلارغا چۆپقەت بولدى ھەشەمەت.
رېستۇرانلار ئېلىنىپ بۇزۇپ - چېچىش باشلاندى،
خىلى كۆپى يىمەكنىڭ يىيىلمەستىن تاشلاندى،
بۇنى كۆرۇپ دېھقاننىڭ چاناقلىرى ياشلاندى،
قىچىشمىغان باشلىرى، ئىسىت بىلەن قاشلاندى،
قورسىقى ئاچ ئىتلارغا پۇرسەت بولدى ھەشەمەت.
نەزىر بولدى يىقىندا، تويدىن نەچچە چوڭ بولدى،
كىرگىنىدە نامراتلار، باشلىق چېھرى توڭ بولدى،
ئانىسىنىڭ ئۆلگىنى پۇل يىغماققا ئوڭ بولدى،
ئىگە بولدى بولاققا،ئىشلەتكىنى پۇڭ بولدى،
دىل ئاغرىتىپ كىمگىدۇر، غەيۋەت بولدى ھەشەمەت.
ئوغۇل تۇققان ئانىنىڭ بېشىنى غەم مارايدۇ،
ئەتكۇزگەندە ئالتۇندىن،قىز، يىگىتكە قارايدۇ،
كەم قالسىمۇ قول ياغلىق، ئىشىنى تەتۇر تالايدۇ،
تاز بولسىمۇ باي بولسا ئاندىن يىگىت يارايدۇ،
قاپىقىدىن بارىڭى قىممەت بولدى ھەشەمەت.
قىز يۆتكەلمەس تويلۇقتىن، توققۇزى تەل بولمىسا،
يۆتكەش ئۇچۇن ئەڭ ئالي ماشىنا دەل بولمىسا،
ئەگەشكىلى سەكسەن خىل سانتانا بولمىسا،
ئامالى يوق يىگىتنىڭ، قىزچاققا ئەل بولمىسا،
يىشى توشقان يىگىتكە مىڭ دەرد بولدى ھەشەمەت.
قىزنىڭ دىلى رەنجىيمىش، سىنئالغۇغا ئالمىسا،
كۆڭلى يىرىم بولارمىش پىئانىنو چالمىسا،
شاتلىنامىش يىگىتنىڭ يانچۇقلىرى تالمىسا،
شاتلىق ئەمەس كىمگىدۇر، ھەسرەت بولدى ھەشەمەت.
ۋېچىركىسى ھەممىدىن تىرىپ قويدى چاتاقنى،
بىر توپ بىكار نوچىلار خام كىكىردى ھاراقنى،
ئۇسسۇل ئويناپ، ۋارقىراپ، باشقا كەيدى ياتاقنى،
كۇتەلمىسە يىگىتكە، يۇكلەپ نۇرغۇن ئاتاقنى،
شۇسەۋەپتىن نەچچەرەت، لەنەت بولدى ھەشەمەت.
گۇناھ ئەمەس ئانىنىڭ ئوغۇل قىلىپ تۇغقىنى،
قىزىق ئىشقۇ بىر تويدا پالان قەرىزگە بوغقىنى،
تۇگىمىسە يارىدەمدە، بولۇپ تۇرۇپ تۇققىنى،
مازاق ئەتمەي قالارمۇ بۇ ئىشىنى ئۇققىنى،
باشنى غەمدىن قاتۇرغان، مەينەت بولدى ھەشەمەت.
ھەشەمەتنى قوغلۇشۇپ، كەينىدىن ھېچ يىتەلمەي،
كۆپەيمەكتە بويتاقلار، مۇرادىنى ھەل ئېتەلمەي،
دىل ھەسرەتكە مۇپتىلا يارىنى تاشلاپ كىتەلمەي،
قوش يۈرەكنىڭ تارىنى يا قورقماستىن چىكەلمەي،
ۋەدىلەشكەن جۇپلەرگە، ئاپەت بولدى ھەشەمەت.
ھەشەمەتنىڭ ئۇرىقى سەھراغىمۇ چېچىلدى،
ئىسلاھ قىلدۇق توينى دەپ، يېڭى بىر بەت ئېچىلدى،
ئالتۇن ھالقا ئەتكەنگەئاندىن نىكاھ چېتىلدى،
ھالقا ئۇچۇن قوي - كالا ئەرزان باھا سېتىلدى،
باي بولۇشنىڭ يولىدا، لەھەتبولدى ھەشەمەت.
ھەشەمەتكە بەندە بوپ قالغان سانسىز بەندىلەر،
يۇگىرىڭلار ئاستىراق، سۇرئىتىڭلار بەس يىتەر،
ھەشەم بىلەن قالغاندا، نامراتنى كىم ياد ئىتەر،
باش - پاناھسىز يىتىمنى، مېھرى بىلەن كىم يۆلەر؟،
قىرىشقاندەك بارغانچە رەت - رەت بولدى ھەشەمەت.
ئاپتۇرى:تۇرسۇنجان ناسىر.