رۇسىيىدە ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى
رۇسىيىدە بىر ئاپتۇبۇس بىلەن يۈك ئاپتومۇبىلىنىڭ سوقۇلۇپ كېتىپ، 14 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: رۇسىيىدە بىر ئاممىۋىي ئاپتۇبۇس بىلەن يۈك ئاپتومۇبىلىنىڭ سوقۇلۇپ كېتىپ 14 كىشى قازا قىلدى.
موسكۋانىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان ۋلادىمىر رايونىدا مەيدانغا كەلگەن قازا 4 كىشى يارىلاندى.
ۋەقەدىن كېيىن ئاپتۇبۇسقا كۆيۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
رۇسىيىنىڭ يەرلىك مەتبۇئاتلىرى دەسلەپتە قازادا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 25 ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. لېكىن رەسمىي مەنبەلەرنىڭ قازا قىلغان سانىنىڭ 14 ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.