گرېتسىيىدە مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنى خاتىرىلەش كۆرىكى ئۆتكۈزۈلدى
25 – مارت ، گرېتسىيىنىڭ پايتەختى ئافېنادىكى ئاساسىي قانۇن خەلق مەيدانىدا گرېتسىيە مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ 188 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۆرىكى ئۆتكۈزۈلدى. گرېتسىيە زۇڭتۇڭى پاپۇلىئاس ، زۇڭلىسى كارامەنلىس شۇنداقلا گرېتسىيە ئارمىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىدىكى مۇھىم ئەربابلار كۆرەككە قاتناشتى. 1821 – يىلى 25 – مارت ، گرېتسىيىدە ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مۇستەقىللىك ئۇرۇشى پارتلىغان بولۇپ ، ھەر يىلنىڭ مۇشۇ كۈنى گرېتسىيە خەلقى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ .
كۆرەكتىن كۆرۈنۈش
مەنبە : تەڭرىتاغ تورى