ساغلاملىق ساۋاتلىرى
تاماق يەۋاتقاندا چاي ياكى قەھۋەنى كۆپ ئىچمەسلىك كېرەك. تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، تاماق يەۋاتقاندا ياكى تاماق يەپ بولۇپلا چاي ياكى قەھۋەنى كۆپرەك ئىچسە، بەدەننىڭ تۆمۈر ماددىسىنى قوبۇل قىلىشىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدىكەن. ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا، بەدەندە تۆمۈر ماددىسى كەمچىل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئىمكانقەدەر تاماق يەۋاتقاندا ياكى تاماق يەپ بولۇپلا چاي ياكى قەھۋەنى كۆپ ئىچمەسلىك كېرەك.
تەنھەرىكەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا كۆپ مىقداردا سۇ ئىچىشكە بولمايدۇ، دائىم ئاستا يۈگرەيدىغانلار، ۋېلىسىپىت مىنىدىغانلار ۋە ئېغىرلىق كۆتۈرۈپ چېنىقىدىغانلار تەنھەرىكەت پائالىيىتى جەريانىدا كۆپ مىقداردا سۇ ئىچىشكە بولمايدۇ. بولمىسا، قاننىڭ قويۇقلۇقى تۆۋەنلەپ، نەپەس قىيىنلىشىش، باش قېيىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە، تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغاندا سائىتىگە 4/3 ئىستاكان سۇ ئىچسە مۇۋاپىق بولىدۇ.
ئىرىمچىكنى دائىم ئىستېمال قىلسا، بەدەنگە كالتسىي تولۇقلايدۇ. ھەر 100 كىلوگرام ئىرىمچىك تەركىبىدە 799مىللىيگرام كالتسىي بولۇپ، بۇ سۈتنىڭ 7 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، دائىم ئىرىمچىك يېسە، كالتسىي تولۇقلاش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىرىمچىك تەركىبىدە سۈت كىسلاتاسى باكتېرىيىسى مول بولغاچقا، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش، ماددا ئالماشتۇرۇشنى تېزلىتىش، ئورگانىزملارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەيتىش رولىغا ئىگە.
مەنبە : تەڭرىتاغ تورى