ئورۇقلاشتىكى خاتا ئۇسۇللار
1 . باشقىلارغا ئۈنۈم بەرگەن تاماق رىسالىسىنى ئىشلىتىش : ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئوزۇقلىنىش ئېھتىياجى بولىدۇ . شۇڭا ئۆزىنىڭ مىجەزىگە ماس كېلىدىغان تاماق رىسالىسىنى تۈزۈش كېرەك .
2 . تاماقتىن پەرھىز تۇتۇش : بۇنداق قىلغاندا ، بەدەندىكى زەھەرنى ھەيدەشكە پايدىلىق بولسىمۇ ، سېمىزلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئۈنۈمى دېگەندەك ياخشى بولمايدۇ . ئۇزاق ۋاقىت تاماقتىن پەرھىز تۇتقاندا ئورگانىزم تېخىمۇ يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئىگە بولالماي ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ ، جىسمانىي قۇۋۋەتكە ۋە مېڭە ھەرىكىتىگە تەسىر يېتىدۇ .
3 . كۆپ مىقداردا ئاقسىل قوبۇل قىلىش : ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى يېمەك – ئىچمەك بەدەن ئېغىرلىقىنى تېز چۈشۈرسىمۇ ، ئوتتۇرا باسقۇچتا مۇسكۇلدىكى ئاقسىلنى ئازلىتىۋېتىدۇ . چۈنكى ئورگانىزم ئۇنى ئېنېرگىيە مەنبەسى قىلىدۇ .
4 . كاربوگىدرات (كاربون – سۇ بىرىكمىسى ) دىن ۋاز كېچىش : كاربوگىدراتنى يېتەرلىك قوبۇل قىلمىغاندا ئاتسېتون كۆپىيىپ كېتىپ ، سالامەتلىككە زىيان يېتىدۇ .
5 . زىيادە كۆپ ھەرىكەت قىلىش : كۈندە 20 مىنۇت ئەتراپىدا مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش ھەم بۇنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ .
6 . ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى تۆۋەن يېمەكلىكلەرنى يېيىش : ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى تۆۋەن يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى تۆۋەن بولمايدۇ ، بەلكى يېمەكلىككە تالالىق ياكى باشقا خەتەرلىك تەركىبلەرنى قوشۇش ئارقىلىق ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى تۆۋەن يېمەكلىك بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ . شۇڭا ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى تۆۋەن يېمەكلىكلەرنى ئازراق يېيىش كېرەك .
7 . ئورۇقلىتىش يېمەكلىكى رىسالىسىـگە چىڭ ئېسىلىۋېلىش : ئورۇقلىتىش يېمەكلىكى رىسالىسىگە چىڭ ئېسىلىۋالماسلىق كېرەك . بولمىسا ، ئۇزاققىچە بەرداشلىق بەرگىلى بولمايدۇ . ئارىلاپ مۇۋاپىق ياخشى تاماقلارنى يېيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ .
8 . زادىلا مېۋە يېمەسلىك : مېۋىنى لايىقىدا يېيىش كېرەك . چۈنكى مېۋىنىڭ قەنت تەركىبى بار ، كۈندە بىر – ئىككى تال مېۋە يېسە بولىدۇ .
مەنبە : تەڭرىتاغ تورى