گال ئاغرىقى دورىلىرىنى قالايمىقان ئىشلەتمەڭ!
قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە يۇتقۇنچاق ياللۇغى، بادام بەز ياللۇغى قاتارلىقلار ئاسان قوزغىلىدۇ. بىر قىسىم بىمارلار گېلى ئاغرىسا دورا دۇكانلىرىدىن ئۆزى بىلگەنچە دورىلارنى سېتىۋېلىپ، خالىغانچە ئىستېمال قىلىدۇ. بۇ توغرا ئەمەس. گال ئاغرىقى دورىلىرىنى كېسەل ئەھۋالىغا قاراپ ئىشلىتىش كېرەك. بولمسا، كېسەل ياخشىلانمايلا قالماستىن، ئەكسىچە تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن.
جۇڭگو تېبابىتى تۈردىكى گال ئاغرىقى دورىلىرى، مەسىلەن، تاۋۇز تەملىك گال ئاغرىقى تابلېتى (شىگۇاشۇاڭ رۇنخوۋپيەن) جىن ساڭزى گال دورىسى (جىنساڭزى خوۋپيەن) قاتارلىقلار ئاساسلىقى شىللىق پەردىنى غىدىقلاش ئارقىلىق گالنى نەمدەپ، قورغاقلىشىشنى تۈگىتىپ، گال ئاغرىقىنى توختىتىدۇ. لېكىن ۋىرۇسلۇق يۇتقۇنچاق ياللۇغى بىمارلىرى بۇ خىل دورىلارنى ئىستېمال قىلسا، داۋالاش ئۈنۈمى بولمايدۇ، ھەتتا كېسەل ئالامىتىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىشى مۇمكىن. مەسىلەن، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش، يۆتىلىش قاتالىقلار.
غەربچە گال ئاغرىقى دورىلىرىنىڭ تەركىبىدە ئاساسلىقى يود ياكى تۆتلەمچى ئاممونىي تۇزلىرى بولۇپ، بۇ تۈردىكى دورىلار، مەسىلەن، خۇاسۇپيەن قاتارلىقلارنىڭ ئاكتىپچانلىقى يۇقىرى، باكتېرىيە يوقىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، يۇتقۇنچاق ۋە ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاش تەسىرىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ئەگەر بۇ تۈردىكى دورىلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلسا، ئېغىز بوشلۇقى ۋە يۇقۇنچاقتىكى پايدىلىق باكتېرىيىلەرنىمۇ يۇقىتىپ، گال ۋە ئېغىز بوشلۇقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ خىل دورىلانى قالايمىقان ئىشلەتسە رېئاكسىيە ۋە ئىچى سۈرۈشنى پەيدا قىلىدۇ.
جۇڭگو تېبابىتى تۈردىكى گال ئاغرىقى دورىلىرى، مەسىلەن، تاۋۇز تەملىك گال ئاغرىقى تابلېتى، جىن ساڭزى گال دورىسى قاتارلىقلارنىڭ ئىسسىق قايتۇرۇش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولىمۇ بولغاچقا، تال، ئاشقازاننى سوغۇق قاپلىغانلار كۆپلەپ ئىستېمال قىلسا، ئىچى سۈرۈشنى پەيدا قىلىدۇ.
شۇڭا، گال ئاغرىسا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىچىش كېرەك.
مەنبە : تەڭرىتاغ تورى