ئەنگلىيە ئالىملىرى دېڭىزغا سۇ سۈپىتىنى تەكشۈرىدىغان ماشىنا بېلىق قويۇپ بېرىدۇ
ئەنگلىيە ئېسسېكس ئۇنىۋېرىسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار يېقىندا : سۇدىكى بۇلغانمىلارنى تەكشۈرۈشكە ئشلىتىش ئۈچۈن ، ئىسپانىيە ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە ماشىنا بېلقتىن بەشنى قويۇپ بېرىشنى پىلانلاۋاتىمىز ، دېدى .
بۇ ماشىنا بېلىقىنىڭ شەكلى كارب بېلىقىغا ئوخشايدۇ ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1.5 مېتىر ، قىممىتى 29 مىڭ دوللار ئىكەن . ئۇنىڭغا ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، سۇدىكى بۇلغانمىلار ، مەسىلەن ، كېمىلەردىن ئېقىپ كەتكەن ماي ياكى خىمىيىلىك ماددىلارنى بايقىيالايدىكەن .
ئالىملار تەخمىنەن 18 ئايدىن كېيىن ئۇلارنى ئىسپانىيىنىڭ شىمالىدىكى بىسكاي قولتۇقىغا قويۇپ بېرىدىكەن . بۇ ماشىنا بېلىقلارغا باتارېيە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ، تىزگىنەك بىلەن كونترول قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن .
ئەگەر سىناق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا ، ئالىملار بۇلغىنىش يامراپ كېتىشنى توسۇش ئۈچۈن ، بۇنداق ماشىنا بېلىقلارنى دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە ئىشلىتىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن .
مەنبە : تەڭرىتاغ تورى