ئارقا كۆرۈنۈش ماتېرىيالى: دۇنيا تۇبېركۇليوزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش كۈنى 24-مارت دۇنيا تۇبېركۇليوزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش كۈنى. بۇ يىللىق دۇنيا تۇبېركۇليوزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش كۈنىنىڭ تەشۋىقات شوئارى بۇلتۇرقى بىلەن ئوخشاش، يەنىلا «تۇبېركۇليوزنى مەن تىزگىنلەيمەن» بولۇپ، ھەممە كىشىنىڭ تۇبېركۇليوزنى تىزگىنلەش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىغا مۇراجىئەت قىلىش مەنىسىدە. تۇبېركۇليوز سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، تۇبېركۇليوز تاياقچە باكېترىيىسىدىن پەيدا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئۆپكە تۇبېركۇليوزى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ. تارىختا تۇبېركۇليوز چېچەك، چۇما ۋە خولېراغا ئوخشاش دۇنيا مىقياسىدا كەڭ تارقالغان. 1882-يىلى 24-مارت گېرمانىيىلىك ئالىم روبېرت كوخ (Robert Koch) تۇبېركۇليوز تاياقچە باكتېرىيىسىنىڭ تۇبېركۇليوزنى پەيدا قىلىدىغان كېسەل قوزغاتقۇچى باكتېرىيە ئىكەنلىكىنى بايقاپ، شۇنىڭ بىلەن تۇبېركۇليوزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشتا بۆسۈش ھاسىل قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، تۇبېركۇليوزغا تاقابىل تۇرىدىغان دورىلار مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىلىپ، تۇبېركۇليوزنىڭ تارقىلىشى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى ھەم بەزى رايونلاردا تەلتۆكۈس يوقىتىلدى. كوخنىڭ بۇ ئۇلۇغ بايقىشىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن خەلقئارا تۇبېركۇليوز ۋە ئۆپكە كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىتتىپاقى 1982-يىلى ھەر يىلى 24-مارتنى دۇنيا تۇبېركۇليوزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش كۈنى قىلىشنى قارار قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۇنيا بويىچە تۇبېركۇليوزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش ۋەزىيىتى يەنىلا ناھايىتى كەسكىن بولماقتا. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا 2006-يىلى دۇنيا بويىچە يېڭىدىن توققۇز مىليۇن 200 مىڭ تۇبېركۇليوز كېسىلى كۆپەيگەن بولۇپ، بىر مىليۇن 700 مىڭ كىشى تۇبېركۇليوز كېسىلى بىلەن قازا قىلغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2004-يىلى 2015-يىلىغا بارغاندا دۇنيا بويىچە تۇبېركۇليوز بىمارلىرىنى ٪50 ئازايتىشنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن ھازىر دۇنيا بويىچە تۇبېركۇليوزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتىدە كۆپ خىل ئامىلنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ئىلگىرىلەش ئاستا بولماقتا، بۇ ئامىللار كۆپ خىل دورىغا چىداملىق تۇبېركۇليوز بىمارلىرى داۋاملىق كۆپىيىش، تۇبېركۇليوز بىلەن ئەيدىز ئۆزئارا تەسىر قىلىشىش، ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش مەبلىغى قىس بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېلىمىز تۇبېركۇليوزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، تۇبېركۇليوز يۇقۇم ئەھۋالى يەنىلا ناھايىتى ئېغىر بولماقتا. بۇ يىللىق دۇنيا تۇبېركۇليوزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش كۈنىنىڭ جۇڭگودىكى تەشۋىقات تېمىسى «تۇبېركۇليوزنى تىزگىنلەشتە ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار−دېھقان ئىشلەمچىلەرگە غەمخورلۇق قىلىپ، ساغلاملىقتىن ئورتاق بەھرىمان بولايلى». شىنخۇا ئاگېنتلىقى |