ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 140 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: (رىيات) مۇبارەك بولسۇن مۇنەۋۋەر شائىرلار! پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

REYAT51
   2008.6.28رىــيــات
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 30111
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1818
شۆھرەت: 2111 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 324 نۇمۇر
ياخشى باھا: 419 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 2305(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

 (رىيات) مۇبارەك بولسۇن مۇنەۋۋەر شائىرلار!

                                            مۇبارەك بولسۇن!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! دىلداش ئەپەندىم،سائادەت خانىم ھەر ئىككىڭلارنىڭ مىللىتىمىزنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ مەنىۋېيىتىنى بىيىتىش يولىدا سىڭدۈرگەن مېننەتسىز ئەقلىي ئەمگىگىڭلارغا يارىشا مۇنبىرىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر شائىرى ۋە شائىرەسى بولۇپ تاللانغانلىقىڭلارنى چىن دىلىمدىن قۇتلۇقلايمەن! ھەم شۇنداقلا زامانىمزدىكى ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا شۆھرەت قازىنىپ ئالغا قاراپ شىددەت بىلەن  ئىلگىرلەۋاتقان ئىستىقباللىق شەبنەم شىركىتىنىڭ  دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا زور داغدۇغا قوزغاپ مانا بۇ يىرىم ئايغا يىقىن داۋام ئەتكەن تاللاش ۋە شاللاش پائالىيىتىدە ھەقىقىي دىمۇگىراتىيىلىك يۇسۇندا ئاخىرقى باسقۇچتا ئىككىڭلارنى تاللاپ چىقىپ ھەر بىرىڭلارنى يۈز سوملۇق سۆزلىشىش كارتىسى بىلەن ئالاھىدە تارتۇقلىغانلىقىغا ئاپىرىن ئىيتىمەن! شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەبنەم شىركىتىنىڭ خۇددى سىلەرگە ئوخشاش كۈرمىڭلىغان مېننەتسىز ئەجىر سىڭدۈرىۋاتقان جاپاكەش قەلەمكەشلەرنىڭ ئىزچىل قوللاپ قۇۋەتلىشى ئارقىلىق يەنىمۇ روناق تىپىشىغا تىلەكداشلىقىمنى بىلدۈرىمەن!
خوش! ئەمدىكى گەپ؛ مانا شۇنداق بىر مەزگىل زور داغدۇغا قوزغاپ پۈتۈن مۇنبەر ئەھلىنى تەقەززا قىلغان مەزكۈر پائالىيەتنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىمۇ چىقىپ دىللار ئەمىن تاپقاندەك بولدى. مۇنەۋۋەر شائىرلارمۇ ھەق تاللىنىپتۇ. بۇنىڭغا بارچە قايىلدۇر،چۈنكى بۇلارنى مۇنبەر ئەھلى ئۆزلىرى قەدىرلەپ سايلاپ چىقتى، بۇ چېن ھەقىيقەتدۇر. ئەمما، شەخسەن كۆز قارىشىم بويىچە پىكىر يۈرگۈزۈپ باقسام، مېنىڭچە شەبنەم شىركىتى ھەقىقىي يۇسۇندا دىمۇگىراتىيىلىك سايلام نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مەزكۈر پائالىيەتنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاختىنى نەچچە رەت كەينىگە سۈرۈپ ئاخىرقى ھىساپتا مىڭ بىر جاپادا ئەستايىدىللىق بىلەن سايلاپ چىققان مانا بۇ ئىككى نەپەر شائىرىمىزنى ئەنە شۇنداق ئاددى مۇكاپاتلاش ئۇسسۇلى تازا مۇۋاپىق بولمىدىمۇ قانداق؟ بۇنداق دېيىشتىن مەخسەت قانداقدۇر مۇكاپات سومىسىنى ئاز كۆرگەنلىكتىن ئەمەس، ئەگەردە بۇ شائىرلىرىمىزنىڭ مۇنبەرنىڭ جەلىبكارلىقىنى ئاشۇرۇپ، كۈنلىكى زىيارەت قىلىدىغان ئابۇنىتلارنىڭ سانىنىڭ ھەسسىلەپ ئىشىشىغا قوشقان تۆھبىسىنى پۇل بىلەن تارتۇقلاش توغرا كەلسە، يۇقارقى مۇكاپات سوممىسى ناھايىتىمۇ ئاز ئەلبەتتە. دېمەكچى؛ بۇنداق بولغاندا،پۈتۈن ئۇيغۇر تورچىلىقىمىزنىڭ سەردارى بولغان ھەم دىيارىمىزدىكى كۆپلىگەن داڭلىق شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ ئىلان سەھىپىلىرىنى ئىشلەپ بېرىپ، ئەنە شۇلارنىڭ يەنىمۇ روناق تىپىشىغا تۈرتكۈلۈك رول ئويناش ئارقىلىق ئۆزىگە زور ئىختىسادىي مەنپەئەت يارىتىۋاتقان، كەلگۈسى تولىمۇ پارلاق بولغان مەزكۈر شەبنەم شىركىتىنىڭ يۇقارقىدەك بەكلا ئاددىي يۈسۇندا ئىلىپ بارغان مۇكاپاتلاش ئۇسسۇلى ئۆزىنىڭ كەڭ جامائەتچىلىك ئالدىدىكى يارقىن ئوبرازىغا نۇخسان يەتكۈزۈپ ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىقىغا سوغاق سۇ سىپىشى مۇقەررەر. ئۇنداقتا قانداق قىلىش لازىم؟ مۇكاپاتلاش ئۇسسۇلىنى باشقىچىرەك يۇسۇندا ئېلىپ بارسا قانداق بولار؟ يەنى ھەممىزگە ئايان بولغىنىدەك ھەر قانداق ئىشنىڭ باشلىنىشى ئوڭۇشلۇق بولسا ئۇنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك بولىدۇ. شۇڭا شەبنەم شىركىتى تەرەقىيياتىنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن باسقان ھەر بىر  قەدىمىدە ئالدى بىلەن كەڭ جامائەت ئارا ئۆزىنىڭ يارقىن ئوبرازىنى مۇستەھكەم تىكلىشى تولىمۇ زۆرۈر. بۇنداق دېگەنلىك قانداقدۇر مۇكاپات سوممىسىنى ھەسسىلەپ ئۆستۈرسۇن دېگەنلىك ئەمەس، پەقەتلا يۇقارقىدەك مۇكاپاتلاش ئۇسسۇلى ئاساسىدا يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلەپ ئەنە شۇنداق مۇكاپاتلارنى تەسىس قىلغاندا شۇ مۇكاپاتلانغۇچىلارنى ئۆز مۇۋاپىقىييەتلىرىدىن چەكسىز ھاياجانغا سالىدىغان شۇ ئارقىلىق شەبنەم ئۈچۈن ئىزچىل تۆھبە قوشۇشقا ئۈندەيدىغان، ساقلاش ۋە ئەسلەش قىممىتىگە ئىگە بولغان، شەبنەم شىركىتىنىڭ ئوبراز بەلگۈسى چۈشۈرۈلگەن، يەنى:( خاتىرە كومپىيوتۇر ۋە ياكى ئىلىكتىرونلۇق لوغەت) دېگەندەك ماددىي بۇيۇملار بىلەن مۇكاپاتلاشنى يولغا قويسا بۇنىڭ ئەھمىيىتى تىخىمۇ زور بولۇپ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولارمىكىن دېمەكچى. مەن ئويلايمەن شەبنەم شىركىتى بۇنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ، ھەم بۇنچىلىك ئىشقا قۇدرىتىمۇ يىتىدۇ. چۈنكى ھەر باسقۇچتا مۇكاپاتلىنىدىغانلار بىر ياكى ئىككى ئەمەسمۇ.....؟ يەنە بىر ئىش،بۇنىڭدىن كىيىن شەبنەم شىركىتى ئەنە شۇنداق ھەر قىتىملىق باھالاپ مۇكاپاتلانغۇچىلارنىڭ مۇنبەرگە قوشقان ئەقلىي ئەمگەك نەتىجىلىرىنى يەكۈنلەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۇلارغا ئاتاپ ماقالە ۋە ئوبزورلارنى ئىلان قىلش لازىم! ھەم شۇنداقلا مۇنبەرنىڭ تۈرلۈك ئوردىنلىرى بىلەن مۇۋاپىق ھالدا تارتۇقلاش كىرەك. مانا بۇ روھىي جەھەتتىن ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسسۇلىنىڭ ئۈنىمى ئالدىنقى ماددىي جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈشتىنمۇ زور بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئىنساننىڭ تەبىئيىتى ماختاش ۋە مەدھىيەلەرگە تولىمۇ مۇھتاجدۇر.
يۇقۇرىدا قىلچىمۇ تەپ تارتماستىن ئاتكاچىلىق قىلىپ ئۆزەمنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقتىم. شۇڭا شەبنەم شىركىتىدىكى بارلىق باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ ۋە مۇنبەردىكى ئۇقۇمۇشلۇق تورداشلارنىڭ يۇقارقى كۆز قاراشلىرىمدا خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا ئەپۇ قىلىشىنى سەمىمىييەتلىك بىلەن سورايمەن!

ئاخىرىدا مۇنەۋۋەر شائىرىمىز دىلداش ئەپەندىم بىلەن مۇنەۋۋەر شائىرەمىز سائادەت خانىمنىڭ بۇ غەلبىسىنى قۇتلۇقلاش يۈزىسىدىن،ئەمىللىيەتتە ئىشلىتىش قىممىتى بولمىسىمۇ، ئۇلارغا يەنىمۇ ئىلھام بەخىش ئىتىش مەخسىتىدە ئاز بولسىمۇ،مۇنبەر پۇلۇمدىن ھەر بىرىنى 10000 (ئون مىڭ)سوم بىلەن تارتۇقلايمەن. ھەم بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە يەنىمۇ زور مۇۋاپىقىييەتلەرنى تىلەيمەن!


2009-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى
                 رىيات

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(otyak) كۆڭۈلدىكى سۆ ..
  • ياخشى باھا:+5(دۇنيا)
  • http://i222.photobucket.com/albums/dd28/green_lover_4ever/Islam/islam-_1.gif
    تاھىرغا ئۆزىنىڭ زۆھراسى ياخشى، مەجنۇنغا ھۆردىنمۇ لەيلاسى ياخشى.       
    مېنىڭ بۇ سۆيگۈگە چاڭقاق دىلىمغا،ۋەتەن گۈلزارىنىڭ رەناسى ياخشى.
    ھاياتىم گوياكى دولقۇنلۇق دەريا،قىرغاققا قارايمەن مەن ئۆزۈم تەنھا.
    مەنزىلىم ۋەسلىگە يىتەلمەي تۇرۇپ،بۇ كۆڭلۈم خالىماس ئارتۇقچە ھەمرا.
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-26 16:42 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    palidam
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 81393
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1
    شۆھرەت: 1 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 10 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

     

    ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز. تېخىمۇ تىرىشىڭ.

    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-26 17:11 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    otyak
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22209
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1671
    شۆھرەت: 1787 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 16780 سوم
    تۆھپە: 198 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 231 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 506(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-25

     

    مەن ھەر ئىككى شەبنەم شائىرلىرىنى چىن دىلىمدىن قۇتلۇقلايمەن . مۇبارەك بولسۇن !
    رىيات ئەپەندىمۇ ناھايىتى ياخشى گەپ قىپتۇ. بۇلارنى پۇل بىلەن ئەمەس ، بەلكى خاتىرە بۇيۇم ياكى شەبنەم پۇللىرى ياكى بولمىسا شەبنەم مىداللىرى بىلەن تارتۇقلىساق تىخىمۇ ئۇنىمى ياخشى  بولاتتى. بۇلارنىڭ ئەجرىنى 100 يۇەن بىلەن تەڭلەشتۇرسەك تولىمۇ ئاددى تارتۇق بولۇپ قالىدىكەن. ھازىرقى 100 يۇەننىڭ قانچىلىك قىممىتى بار؟
    پائالىيىتىمىز بەك ياخشى بولغان. بۇ شەبنەم تورىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن زور پايدىسى بار. ھىلىھەم بولسىمۇ باشقىچە ئويلىشىپ بىقىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن .

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-26 23:53 |
    murxidi
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 11747
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 438
    شۆھرەت: 491 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4410 سوم
    تۆھپە: 46 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 38 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1151(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-28

     

    مۇبارەك بولسۇن مەڭگۈلۈك ئۇتۇق سىلەرگە يار بولسۇن

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    تەڭرىتاغ توغراقلىرىنىڭ يىلتىزى بىر تۇتاش!
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-27 00:02 |
    arwah113
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 62705
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 101
    شۆھرەت: 102 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1010 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 305(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-28

     

    رىيات ئاكام ناھايىتى ئۇرۇنلۇق  ياخشى گەپ قىپتۇغۇ...

    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-27 01:33 |
    @otkax
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 68824
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 472
    شۆھرەت: 477 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4715 سوم
    تۆھپە: 29 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 80 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 95(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-28

     

    مىنىڭچە  ئىمكانىيەت يار بېرىپ قالسا بىرەر سورۇن ھازىرلاپ  مۇكاپاتلاش يىغنى ئاچسا تېخمۇ ياخشى بۇلامدىكىن دەيمەن...

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    ئىت ھۈرەر،كارۋان يۈرەر،قايىتماس ئىزىدىن ئارسىلان .
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-27 23:22 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    XabnamBBS » نەسىر-ئوبزورلار
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:03-29 05:46, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ