ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 156 - كۆرۈرمىنى
@otkax
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 68824
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 423
شۆھرەت: 428 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4225 سوم
تۆھپە: 29 نۇمۇر
ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 86(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

 [ئوتقاش] نامەردلەرنى تىللايمەن

(ئىككى غەزەل)

-ئابلىكىم غۇپۇر

ئۆلمەكنى ئويلا


غۇنچە پېتى تۇرماس گۈلۈڭ، ئۆلمەكنى ئويلا،
ئىلمۇ-ئېرپان تەھسىن قىلىپ يۈرمەكنى ئويلا.

بەختىڭ ئۆزىن تېپىپ ياشا،سۈرۈپ دەۋران،
جاھالەتكە ئۇرۇپ خەنجەر كۈلمەكنى ئويلا.

غاپىللىقتا قالما مۈگدەپ،يۈگۈرىت زېھىن،
كۈيلە ئەلنى،ئاناڭ كەبى كۆيمەكنى ئويلا.

كەلسە ئەگەر ئەلگە بىر كۈن مۈشكۈل-خەتەر،
يىڭىن تۈرۈپ جەڭگە سەكرەپ چۈشمەكنى ئويلا.

سېخىي يىللار بەرسە ساڭا ئاپئاق -ساقال،
ئۇماق نەۋرەڭ مەڭزىن تامان سۆيمەكنى ئويلا.



نامەردلەرنى تىللايمەن


ياخشىغا كۈن بەرمىگەن،نامەردلەرنى تىللايمەن،
ئەلگە قازا كەلتۈرگەن ، ئاپەتلەرنى تىللايمەن.


تۇزىنى يەپ - تۇزلۇقنى چېقىپ،
ۋىجدانىنى ئىت يىگەن،تۇزكورلارنى تىللايمەن.

تۆت تەڭگىگە ئابرۇينى سېتىپ،
دۈشمەنلەرگە ئەل بولغان،خائىنلارنى تىللايمەن.


ئەمەل-مەنسەپ كويىدا چېپىپ،
ئۇرۇق-ئەۋلادىدىن تانغان، مايمۇنلارنى تىللايمەن.


خۇشامەت قىپ يەر سۆيۈپ،
لالما ئىتتەك تىزلانغان، ھايۋانلارنى تىللايمەن.



2009-يىل 3-ئاي  (ئۈرۈمچى)

تېما تەستىقلىغۇچى : saadat
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-26, 08:24

 

ئىت ھۈرەر،كارۋان يۈرەر،قايىتماس ئىزىدىن ئارسىلان .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-26 16:22 |
شەبنەم تور رادىئوسى
atom
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 12698
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 332
شۆھرەت: 407 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3222 سوم
تۆھپە: 116 نۇمۇر
ياخشى باھا: 86 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 586(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

 

نامەردلەرنى تىللايمەن؟ تىللىسىڭىز سىزمۇ نامەرد بولۇپ قالىسىز، ئوغۇل بالىمۇ ئادەم تىللامتىكى! تىللىغىچە بىرىپ ئۇرۇڭ.
چاقچاق جۇمۇ،ياخشى يېزىپسىز.

تالاشماڭلار خالايىق، قالىدىكەن بۇ دۇنيا!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-26 16:57 |
شەبنەم تور رادىئوسى
BayWatChe
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 39658
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 319
شۆھرەت: 325 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3111 سوم
تۆھپە: 2 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 392(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

 

مىڭ تاياقتىن يامان گەپ بوپتۇ جۇمۇ........

مۇشۇنداق ئىلھاملار نەدىن كىلدىغاندۇ دەيمەن......   

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-26 17:00 |
@otkax
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 68824
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 423
شۆھرەت: 428 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4225 سوم
تۆھپە: 29 نۇمۇر
ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 86(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

 

Quote:
بۇ مەزمون1قەۋەتتىكىatomنىڭ2009-03-26 16:57 دە يوللىغان يازمىسى   :
نامەردلەرنى تىللايمەن؟ تىللىسىڭىز سىزمۇ نامەرد بولۇپ قالىسىز، ئوغۇل بالىمۇ ئادەم تىللامتىكى! تىللىغىچە بىرىپ ئۇرۇڭ.
چاقچاق جۇمۇ،ياخشى يېزىپسىز.

رەھمەت! .... ئانچە-مۇنچە تىللاپ تۇرمىسا  قولىغى قىچىشىپ قالىدۇ ئۇنداقلارنىڭ...  قەلەم قابىليىتىمنىڭ يىتۈكلىكى سەۋەبىدىن بەزى بىر نۇخسانلاردىن خالىي ئەمەسمەن.... ۋەزىنلىرى ئوزۇن - قىسقا بۇلۇپ قالدى.... قىممەتلىك پىكرىڭلارنى ئايمىغايسىلەر...

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
ئىت ھۈرەر،كارۋان يۈرەر،قايىتماس ئىزىدىن ئارسىلان .
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-26 17:05 |
juxkun-28
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 81372
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

 

ياخشى تىللاپسىز . نامەرتلەر بەكلا  كۆپىيىپ كەتتى بۇ جاھاندا .
قەلىمىڭىز ھارمىسۇن .

چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-26 17:07 |
alxarap
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 27980
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 241
شۆھرەت: 319 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2480 سوم
تۆھپە: 66 نۇمۇر
ياخشى باھا: 75 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 375(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

 

تىللايمەن

(يالقۇن ئۆمەرنىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگە تەخمىس)



ئۆزىدىن كىم ئېشىپ كەتسەيوقىتار  ئەسنى تىللايمەن.
ھەسەتخۇر قارا دىللارنىڭ شاھى مەسىتنى تىللايمەن.
بىرەر يالغان قەسەم دائىم قۇلاق كەسنى تىللايمەن،
كۆڭلى ئالا، نىيىتى رۇس ئەمەسلەرنى تىللايمەن،
قۇسۇر، ئىللەت بەستىدە لىق- پەۋەسنى تىللايمەن.

غۇرۇرى يوق ، چىدامى يوق پۇل-مال ئۈچۈن تېرىلگەن،
بىر نان تاپسا داپ قىپ چىلپ، ئىشرەتلەرگە بېرىلگەن،
مۇھاببەت يوق قېرىنداشقا  ، ئەل كۆڭلىدىن سېرىلگەن،
مال- دۇنياغا بىرىلگەن، مەنمەنچى بوپ كېرىلگەن،
ئەل - ئاۋامغا پايدىسىز كور-ئەلەسنى تىللايمەن.


ئىچى قوتۇر ، كۆڭلى تار، «مىللەت » دېسە كەپ بەرمەس،
قاۋاقلارغا يۇرۇشتە باشقىلارغا سەپ بەرمەس،
ئەجىر قىلىپ ئەۋلادقا ئىككى موچەن تەپ بەرمەس،
ئەلگە قىلچە نەپ بەرمەس، ئۇرۇپ لاپنى گەپ بەرمەس،
باسقان ھەر بىر قەدىمى تۇگەل نەسنى تىللايمەن.

يۆل خېش قويۇپ دوستىغا، يۇرەر پەسنىڭ تويىدا،
غۇرۇرىنى ساتىدۇ، سېسىق پۇراق بويىدا ،
لىكىن رېشتىن ئۇزەلمەس، بەل بەغلايدۇ مويىدا ،
ھارام پايدا ئويىدا ، تەييار ئولجا كويىدا،
كېچى- كۇندۇز بىھۈش لال پۇلپەرەسنى تىللايمەن.

دەيدۇ ئۆزنى بېزى يوق، باشلىرىدا تېزى يوق،
دەيدۇ مۇشۇ دۇنيانىڭ ، قېشىلا بار يىزى يوق،
ئەسلى دىسەم ئۆزىنىڭ رۇسلىنىشقا تىزى يوق،
ئۆمرى ئارا ئېزى يوق ، بەردەم ئوغۇل - قىزى يوق،
ھاياتى بەك مەنىسىز گويا خەسنى تىللايمەن.


ئەرىك ئۇچۇن بىر ئۆمۇر سەبى دىلنى يورۇتقان،
ئۇستازلارنى يالاڭتۆش -دەيدۇ تىخى «قۇرۇت» خان،
مىللەتنى ھەم ئاۋامنى مۇشۇنداق خەق پۇرۇتقان،
ئار نۇمۇسنى ئۇنىتقان، پاك غۇرۇرنى قۇرۇتقان،
پەزىلەتكە كۇشەندە ، تېگى پەسنى تىللايمەن.


2008-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۇنى يېزىلدى

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-26 18:22 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » شېئىرىيەت گۈلزارى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-27 22:19, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ