ھەۋەس قىلسا بىلمگە خەق مىتىل كەتمەنگە بىز ئاشىق،
ياشىسا خەق پاراغەتتە ساپان سۆرەشكە بىز ئاشىق.
كىم پەرۋاز قىلار كۆكتە ئىشەك ھارۋىغا بىز ئاشىق،
بىلىم بازارىدا گالۋاڭ نادان بولماققا بىز ئاشىق.
كەلگۈسى كالۋا-ساراڭ ھاۋان بولماققا بىز ئاشىق.
ئەقىدىمىز سۇسلاشتىمىۇ،جۇيۇت بولماققا بىز ئاشىق،
شۇ سەۋەپ يوقتۇر ھايا، قىز-يىگىت داۋام پاسىق.
يىگىرمە ياش بولماي تۇرۇپ خۇنۇك بولماققا بىز ئاشىق،
ئەرگە بەرمەي تۇرۇپ قىزنى جۇۋان قىلماققا بىز ئاشىق.
مەدىنيەت دەپ مۇناپىقنى ھەجەپ دوراشقا بىز ئاشىق،
نەزېر-توي بولسا بايلارنى،ئاۋۋال چىللاشقا بىز ئاشىق،
تۆرلەرگە يىتىم چقسا ئۇرۇپ-قوغلاشقا بىز ئاشىق.
يۇۋاشنېڭ رېسقىنى چەنلەپ ئۇنى گوللاشقا بىز ئاشىق،
ئەمەلدار ۋاختىدا دوسنى، چىقىپ يوللاشقا بىز ئاشىق،
كۇلۇپ ئالدىدا كۆرمەستە،ئۇنى پۇتلاشقا بىز ئاشىق.
تويلارنى ئىشەك سودا قىلىپ ساتماققا بىز ئاشىق،
چىقارماي قىزنى پۇل كۆزلەپ يامان قىلماققا بىز ئاشىق.
توقامدەك مال بىلەن توينى داۋام قىلماققا بىز ئاشىق،
قاچانغىچە يۈرەرمىز نادان بازارىغا ئاشىق،
كەلگۈسى ئەۋلادىمىز ئۆتەرمۇ بىزدەك ئاشىق،
كەلگۈسى <پەرزەنتىمىز> ئۆتەرمۇ بىزگە ئوخشاش ئاشىق.
مەنبە < ماتىر يالىمدىن> |