ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ دىيارىمىزدىن يىتىلىپ چىقىۋاتقان تالانتلىق كومپوزىتور ۋە ناخشىچى. ئابلاجان ئۇيغۇر ناخشىچىلىغىدا تېخى مەيدانغا كەلمىگەن، ئەمما پۇتۇن دۇنيا مىقياسىدا ياشلار ئارىسىدا قاتتىق ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان R&Bئۇسلۇبنى ئوزىگە يۈلىنىش قىلغان ئاساستا، نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەرنى ياراتتى. شۇ ئەسەرلرنىڭ بىرسى بولغان I'm Loving You يېقىندا مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملاندى. پۇتۇن ناخشىنىڭ سۆزى، مۇزىكىسى ۋە ئاكورتلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئۆزى ئىشلىگەن. رەپ قىسىمىنى ئىجرا قىلغۇچى يىتىلۋاتقان رەپېر ئېليار تاھىر.ئابلاجان تېخىمۇ نادىر ناخشىلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن ئىزدەنمەكتە! ئۇنداقتا، ناخشىغا مەرھەمەت!
ناخشى ئىسىمى :I'm Loving You
سۆز، مۇزىكا : ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ (زامان ستۇدىيىسىدىن)
رەپ : ئېليار تاھىر
ئاكورتلاشتۇرغۇچى :ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ(زامان ستۇدىيىسىدىن)
ئاۋازغا ئالغۇچى : زامان ستۇدىيىسى
ئاۋاز تەڭشىگۈچى : مەۋلان مەمتىمىن (زامان ستۇدىيىسى)
پرودىيۇسېر (ئىشلىگۈچى) : مەۋلان مەمتىمىن، دىلشاد ئەركىن
تەشۋىقاتچى : دىلشاد ئەركىن
تۈۋەندىكلىەر ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ تېلۋۇزۇر ۋە بىر قىسىم كونسېرتلاردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرى
ئابلاجاننىڭ شەخسى تور بېتى :
http://blog.fenbei.com/8135866[ بۇ يازما shaddil تەرپىدىن2009-03-27 01:05دە قايتا ]