توققۇز غېرىچ كەلگۈدەك مۈڭگۈزلىرى ئۇچ تولام ئىككى قوچقار چۇشتى نۇرۇز مەرىكىسىگە ھاياجانلىق كۆزلەر ۋاقىراشلار ،دو تىكىشلەر لېكىن ئىككى قوچقار خۇددى كۈيلەپ قالغاندەك بىر بىرىنىڭ سۆڭگىچىنى پۇرار سالپايغان قوچقار ئىگىسى ئىككى قوچقار مۈڭگىزىنى غەزەپ بىلەن بىر بىرىگە سوقار ياق ،مۈڭگۈزلەردىن ئۇچقۇن چاچىرمىدى ياق ،نەرە تارتىپ سوقۇشمىدى ھەممە جىم ئۈمۈتسىز كۆزلەر
چېلىش باشلاندى قولىدا پاپىروس تۇتقان زەبەردەسىت يىگىتلەر سۈكۈت ئىچىدە خۇددى كەيىپتىن ھازىرلا كەلگەندەك ئۇيقۇ كۆزلىرىنى خۇش ياقماستىن ئېچىپ تۇرار تاماشىبىن بولۇپ
جاكاچى مەن ۋاقىرىدىم چېلىشىشقا ئەر بامۇ ۋاقىرىدىم چېلىشىشقا ئەر بامۇ يەنە ۋاقىرىدىم چېلىشىشقا ئەر بامۇ ھېچ يەردىن يوق سادا توساتتىن خەق مەتو گۇمۇش دەۋەلغان بىر ئەركەك سەكرەپ چۇشتى يەڭنى شىمايلاپ ئورۇق بەدىنى سۆڭەكلىرى كۆرۈنگىدەكلا لېكىن كۆزلىرىدىن جەسورلۇق ھېيىقىش يوق قەتئىي يىگىتتە يەنە ۋاقىرىدىم بۇ يگىتكە كىم تەڭ كىلىدۇ كارنىيىم يىرتىلغۇدەك ۋاقىردىم بۇ يىگىتكە كىم تەڭ كىلەلەيدۇ ئۇنى تاتتىم چۇشمىدى سەۋەپ بۆرەك ئاغرىقى بۇنى تاتتىم چۈشمىدى سەۋەپ قۇرساق ئاغرىقى بىلمەمدىم سەۋەبىڭنى شىبلىتىڭنى توپا قىلماسقۇ شۇكرىكى بىر ئەركەك ئاران تەستە سالا بىلەن ئاران چۇشتى مەيدان ئىچىگە توساتتىن مەيدان سىرتىدىن كەلدى بىر ئاۋز بىز چۇشەيلى خا خاخا بىر توپ خوتۇن بىر بىرىنى تارتىشىپ چېلىش مەيدانىغا ماڭماق بولدى نومۇس ئىچىدە ئۆلەي يۈزلىرىمگىچە قىزاردىم سۇئال قويدۇم يىگىتلىرىمنىڭ جەسورلىقىنى زادى نىمە گال قىلدى خۇددى تۆكۈر پىچاقتەك؟
مەنبە: مەن
|