ئانا زادى سەن قانداق ئايال.؟
مەن ئەقلىمگەكەلگەن چېغىمدا ،
كۆرگەن ئىدىم ھىجاپلىق ئايال .
قىزىم سوردى بۈگۈن ئولتۇروپ،
ئانا زادى سەن قانداق ئايال؟
دىگەن سۇئال چاقماقتەك چاقتى،
مىنىڭ سەۋدا تولغان بېشىمدا.
مەن ئانامدىن سورمىغاچقىمۇ،
بۇنداق سۇئال يەتتە يېشىمدا.
قىزىم سۇئال سورسا مەندىن ،
تەمتىرەيمەن جاۋاپ بىرەلمەي.
جاۋابى يوق سۇئاللار بىلەن ،
ئۆتتى كۈنۈم مىنىڭ كۈلەلمەي.
يا ئانىسى خىجىل بولماستىن ،
ياپمايدىكەن ئۈستى بېشىنى.
ئۇپپۇ ئەڭلىك گىرىمى بىلەن،
مودا بولدى تېرىپ قېشىنى.
<<قەدىرلەيمەن سېنى بىر ئۆمۈر،
مۇشۇ قاتار چاينى تاشلىساڭ.>>
(ئوش)دەيدۇ خېتىمنى بەردەپ،
ئەگەر مېنىڭ يۇلۇمنى توسساڭ.
قانۇنى بار ئۆزگەرمەيدىغان.
(ئەر-خۇتۇنلار باراۋەر) دىگەن،
ئەر-خۇتۇنلۇق مېھرىدىن كىچىپ
(ھۇقۇقىمنى قوغدايمەن) دىگەن.
ئوچاق بېشىدىكى مورا
مەن ئەقلىمگەكەلگەن چېغىمدا،
كۆرگەن ئۇچاق بېشىدا مورا.
مورا ئورنى ئۆزگىرەپ بۈگۈن،
بوپتۇ ئادەملەر بۇرنى مورا.
مورا ئۇچاق بېشىدا ئەمەس،
بوپتۇ دوسلار ئاغزىدا بۈگۈن.
دوسلار ئاغزى شورغان ئوتنىڭ ،
قاينار چۇقۇم ئىسىدا چۆگۈن.
نۇمۇسنىمۇ ئۇنتۇپ قالغاندەك
چەكتۇق شوراپ بالا ئالدىدا.
ئۇنى ئازدەپ سورۇننى تۈزۈپ،
ئىچىتۇق ھاراق بالا ئالدىدا.
نەچچە ئەۋلاد پەرزەنىتلىرمىز،
باستى ئىزنى، بىزلەرنى دوراپ.
شۇڭا ئاقچى ھاراقكەشلەرمۇ،
چىقاريۇرتتىن قازغاندەك كولاپ. ئىسمەت
[ بۇ يازما ئىسمەت تەرپىدىن2009-03-26 18:47دە قايتا ت ]