تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئاسپىرانتلىق ئىمتاھانىغا قاتنىشىش بىلەن مۇھەببەتلىشىش ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. ئەگەر سىز ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانى بىلەن مۇھەببەتلىشىش ئوتتۇرىسدىكى كىچىككىنە مۇناسىۋەتنى تونۇپ يەتسىڭىز، ھەم شۇنداقلا مۇھەببەتلىشىشنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاسپىرانىتلىققا يېتەكچىلىك قىلىسىڭىز، ئىشىنىمەنكى سىز ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانىدا چوقۇم غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز.
1.ھەر ئىككىلىسىنىڭ پەيدا بولۇشى بىزدە كەم بولغان نەرسىنى تولۇقلاش ئۈچۈن.
2. ھەر ئىككىلىسىنىڭ باشلىنىشى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاشنى تەلەپ قىلىدۇ.
3.ھەر ئىككىلىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدىغان روھنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
4.ھەر ئىككىلىسى سادىق بولۇشنى ئەڭ گۈزەل ئەخلاق ھېسابلايدۇ.
5. ھەر ئىككىلىسىلا ئالدىنقىلارنىڭ تەجىرىبە– ساۋاقلىرىدىن ئۆگېنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
6. ھەر ئىككىلىسىلا بەسلىشىدىغان روھ بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
7. ھەر ئىككىلىسىدىلا خىيىم– خەتەر ۋە بەدەل تۆلەش بولىدۇ.
8. ھەر ئىككىلىسىلا بىر توپ كىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پائالىيەت.
9. ھەر ئىككىلىسىلا بىر ئادەمنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.
10. ھەر ئىككىلىسىنىڭ گۇۋاھنامىسى بار.
(بۇ ئوخشاشلىقلار ھەققىدىكى تەپسىلىي مەزمۇنلارنى ئەسلى تېما ئورنىدىن كۆرگەيسىز.)
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىمتاھان بەرگۈچىلەر ئىمتاھان بەرمەكچى بولغان كەسىپنى ئۆزىنىڭ مۇھەببىتى دەپ قارىشى، كۆڭۈل قويۇپ ئۇنى چۈشىنىشى، تەتقىق قىلىشى، شۇنداقلا ئامالنىڭ بارىچە ئۇنىڭغا ماسلىشىشى، ئۇنىڭ شەرتىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك؛ ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانىغا تەييارلىق قىلىش جەريانىدا ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانى بېرىش ئوبىيكتىنى تاللىغان ھامان دىققەتنى بىر نۇقتىغا يىغىپ، ئۆزىنىڭ بارلىق مۇھەببىتى بىلەن توغرا بولغان نەزەرىيە ۋە ئۇسۇللارنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا ئۆز ئارزۇسىدىكى مەكتەپ ۋە مەكتەپكە ئۆتۈشنى قوغلىشىش كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
مەدرىسە (شۆفۇ) تەربىيلەش مەركىزى « 2010.يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتاھانى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يېتەكچسى» قوللانمىسىدىن تەرجىمە قىلىپ ئېلىندى.
مەنبە:
http://anatilim.blogbus.com/logs/37054291.html