بىر نەچچە كۈن بولۇپ قالدى بىر دوستۇم CPU رىمغا ۋىرۇس يۇقۇپ قالغان ئوخشايدۇ؟ قانداق قىلىمەن ؟ دەپ سورىۋىدى ئۇنىڭغا ناھايىتى تەپسلىي قىلىپ جاۋاب بەردىم.
ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتە-ئۆتمەي كومپيۇتېردا خىلى تالانتى بار بىرەيلەن مەندىن CPU غا ۋىرۇس يۇقۇپ قالسا قانداق ئۆتتۈرىمىز؟ ئامال بارمۇ ياكى يېڭىدىن بىرنى سىتىۋالىدىغان گەپمۇ دەپ سوراپ قالدى. ئۇنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن مۇش تېمىنى يىزىشنىڭمۇ زۆرۈرلىكىنى ئويلاپ قالدىم.
CPU غا ۋىرۇس يۇقامدۇ، يۇقمامدۇ؟ بىرىدىغان جاۋاب شۇكى CPU غا قەتئىي ۋىرۇس يۇقمايدۇ. چۈنكى CPU غا ئۇچۇر يازغىلى بولمايدۇ. لېكىن بەزى مەلۇملاتلارغا ئاساسلانغاندا Intel شىركىتى ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان CPU دىن مەسىلە كۆرۈلگەندە، ئۇ مەسىلىنىڭ قەيەردىن چىققانلىقىنى بىلىش مەقسىتىدە CPU غا چاستوتا خاتىرلەيدىغان ۋە توك بىسىمى خاتىرلەيدىغان ئىقتىدارنى قوشقان. بۇزۇلغان CPU نى Intel شىركىتىگە ئىلىپ بارغان ۋاقتىڭىزدا ئۇلار CPU دىكى يۇقارقى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئوقۇپ نېمە سەۋەبتىن بۇزۇلغانلىقىنى ئېنىقلاپ ئالماشتۇرۇپ بىرىشكە تىگىشلىك بولسا ئالماشتۇرۇپ بىرىدىكەن، ئەگەر ئۆزىڭىز كەلتۈرۈپ چىقارغان خاتالىق بولسا ئالماشتۇرۇشنى رەت قىلىدىكەن. ئەلۋەتتە ياسىغۇچى تەرەپ بۇنداق بىر مەخپىيەتلىكنىڭ بارلىقىنى ئاساسەن ئاشكارلىمايدىكەن.
بۇنى ئاشكارلىمىغان ئىكەن بىزگە نىسبەتەن نامەلۇم، يەنى
CPU نىڭ ئۇچۇر خاتىرلەش ئىقتىدارى يوق. شۇڭا ئۇنىڭغا ۋىرۇس يۇقمايدۇ. « CPU ۋىرۇسى» دېگەن نېمە؟ بىز تورنى ئاقتۇرساق «CPU ۋىرۇسى» (病毒CPU) دېگەن ئاتالغۇلارنى ئۇچىرىتىمىز. ئۇنداق بولسا بۇ زادى قانداق گەپ؟ بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان CPU ۋىرۇسى بولسا ۋىرۇسلارنىڭ بىر تۈزى بولۇپ، ئۇ CPU غا يۇقماستىن بەلكى CPU بايلىقىنى قورتىۋىتىدىغان، يەنى CPU نى توختىماي زىيارەت قىلىش ئارقىلىق CPU بايلىقىنى 100% ئىگىلىۋالىدىغان بىر خىل ۋىرۇسنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ۋىرۇسلارنى ۋىرۇسخورلاردىن پايدىلىنىپ ئۆلتۈرىۋەتكلى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. لىكىن CPU بايلىقىنىڭ 100% ئىگەللىلىنىشنىڭ ھەممىسىنى ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. بەزى يۇمشاق دېتاللارنىڭ لايىھەلىنىشى شۇنداقمۇ بولۇپ قالىدىغان ئەھۋالنى يوق دېگىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ تور كۆرگۈ يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ بەزىلىرى CPU بايلىقىنى تولۇق ئىگەللىۋىلىشقا ئامراق. ئۇ دەل يۇمشاق دېتالنىڭ لايىھەلىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش.
يېڭى -يېڭى ۋىرۇسلارنىڭ توختىماي پەيدا بولىشىنى نەزەرگە ئالغاندا، بەزى قاتتىق دېتال ئىشلىگۈچى شىركەتلەر قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتالنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش ئارقىلىق ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش تەسەۋۋۇرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان. يەنى CPU نىڭ ئىچكى قىسىمىدا ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئىلىش تېخنىكىسنى قوللىنىش ئارقىلىق كومپيۇتېرغا قاچىلانغان سىستېما بىلەن ماسلىشىپ بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لىكىن بۇ توغرىلىق ئىشەنچىلىك ماتېرىيالغا ئىرىشىش قىيىن.
شۇڭا ھازىرچە كىسىپ ئىيتىشقا بولىدۇكى، CPU غا ۋىرۇس يۇقمايدۇ. كەلگۈسىدىكى CPU بولسا بۇ تېمىنى قايتا يىزىشقا توغرا كىلىدۇ. پايدىلانمىلار: ئىشەنچىلىك دەپ قارالغان تور مەنبەسى
مۇناسىۋەتلىك يازما:
ۋىرۇسنىڭ پەيدا بولىشى ۋە تارقىلىشىمەنبەسى:
http://www.uyghurweb.com/munber/viewthread.php?tid=4151