بىلىۋېلىڭ
1. ھەر كۈنى « سەھەردە ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق» دېگەن ئېتىقاد بىلەن ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ، تولۇپ - تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئىشىكىڭىزدىن چىقىڭ، شۇ چاغدىلا ھەرقانداق ئىشقا تاقابىل تۇرالايسىز. 2. ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرمەيدىغان خىزمەتنى ئالدىدا قىلىشقا ئادەتلىنىڭ ، شۇ چاغدىلا بىر كۈنىڭىز يەڭگىل ھەم ئازادىلىككە تولىدۇ. 3. ئىقتىدارىڭىزنى ۋە زېھنىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىشقا كىرىشىڭ. 4. ھەرقانداق ئەھۋالدا ئەدەپلىك بولۇپ، ئۆز سالاپىتىڭىزنى ساقلاڭ. 5. ئۆزىڭىزنى ھەمىشە ئەيىپلەپ يۈرمەڭ. ئەگەر ھەقىقەتەن خاتا قىلغان بولسىڭىز، خاتالىق كەلتۈرىدىغان زىياننىڭ ئورنىنى تولۇقلاشقا تىرىشىڭ. 6. ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ. ئۇلارنىڭ قانداق ئەھۋالدا قانداق ئىپادە بىلدۈرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىپ، قانداق قىلىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ. 7. ھەرقانداق ئىشقا ئۈمۈدۋار مۇئامىلە قىلىڭ. قانداق ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پوزىتسىيە توغرا بولسىلا، چوقۇم ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ. 8. بىرەر ئىشقا يولۇقسىڭىز قورقۇپ، ئەنسىرەپلا يۈرمەي، دادىللىق بىلەن تاقابىل تۇرۇڭ. 9. باشقىلاردىن ئاغرىنماڭ. كەڭ قورساقلىق سىزگە ھۆرمەت ئېلىپ كېلىدۇ. 10. ھەر كۈنى كەچتە ئۆيىڭىزگە قايتقاندا، ئۈمىدۋار ۋە يۇمۇرلۇق كەيپىيات ئىچىدە بىر كۈنلۈك ئىشلىرىڭىزنى ئەسلەپ، ئاغرىنىش، ئۇۋالچىلىق ۋە خاپىچىلىقنى چۆرۈپ تاشلاڭ. |