ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 76 - كۆرۈرمىنى
iwirgul
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 61440
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 150 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

 غ.ئو.زۇلپىقار:سادا

سادا
(زۇلپىقار)
1
     كىچىككىنە پەنجىرىسىدىن كۆك ئاسماننىڭ ئالقانچىلىك يېرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بۇ سولاقخانىغا سالاھىتى ،ياش –قۇرامى ۋە ئىش –ئوقىتى ئوخشىمايدىغان ئالتە كىشى قامالغان بولۇپ ،ئالتە ئادەم ئۈچۈن تارلىق قىلمايتتى . لېكىن «تۈرمە دىگەن بەرىبىر تۈرمە ،مېھمانخانا ئەمەس» بولغاچقا ،كىشى ھامان سىقىلىش ھېس قىلاتتى . ئەركىسىزلىك ۋە ناچار شارائىت ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى نارازى قىلسىمۇ ،بىراق ئۇلارنىڭ يېرىمى بۇ مۇھىتقا تەدرىجىي كۆنۈپ ،تاماق يەپ ،ئۆلمەي مىدىرلاپ يۈرگىنىگە شۈكۈر قىلىدىغان بولۇپمۇ قېلىشقانىدى .بۇ ئۈچەيلەننىڭ تىت-تىت بولۇش سەۋەبلىرى ئوخشىمايتتى .
      بۇلاردىن بىرى ئوتتۇز ياشلاردىن ھالقىغان ،ئويچان ،ئورا كۆزلۈك يىگىت بولۇپ ،ئۇ كارۋانلارغا ئەگىشىپ چەت ئەللەرگە چىققان ۋە شۇ سەرگەردان تۇرمۇش جەريانىدا باشقا ئەللەرنىڭ تۇرمۇشلىرىنى كۆرۈپ ، ئۇلاردىن تەسىر ئېلىپ ،شۇ تەرەپلەردە ئازدۇر-كۆپتۇر ئوقۇغان ھەمدە ئۇيغۇر يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى راسا بىخلىنىشقا باشلىغان 30-يىللارنىڭ بېشىدا ۋەتەنگە قايتىپ ،ئاقارتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان مۇئەللىم ئىدى .ئۇ جۇشقۇن روھ بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان كۈنلەردە گۇمانلىق ئۇنسۇر ،دەپ قارىلىپ ،شېڭشىسەي جاللاتلىرى تەرىپىدىن مەكتىپىدىلا قولغان ئېلىنغانىدى .ئۇ ئۆزىنىڭ ئاشۇ جۇشقۇن ھاياتىدىن ،سۆيۈملۈك مەكتىپىدىن ،بىلىمگە تەلپۈنۈپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغىنىغا تىت-تىت بولاتتى.
يەنە بىر مەھبۇس چەت ئەللىك پەرەڭ ئىدى.قىزغۇچ سېرىق چاچلىق ،ئىگىز قاڭشارلىق ،ئورا كۆز بۇ ئادەم ئۆزىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا «تۈركۈلوگ » ئىكەن . ئۇ قەشقەرگە ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە كەلگەنىكەن.بىراق مۇشۇ قالايمىقان كۈنلەردە ئۇ چەت ئەل جاسۇسى دېگەن گۇمان بىلەن تۇتۇلغانىدى.دەسلەپ ئۆزى يالغۇز قامىلىپ، ئالاھىدە كۈتۈلگەن ،بىراق كېيىن قولغا ئېلىنغانلار بەك كۆپىيىپ كەتكەچكە ،سولاقخانىلار يېتىشمەي ئۇنىڭغا بەش ھەمراھ قوشۇپ قويۇلغانىدى.شۇنداق بولسىمۇ ئۇ يەنىلا ئايرىم تاماق يەيىتتى،بىر نەچچە قېتىم شامالداشقا چىقىرىلاتتى.ئۇنىڭ باھانىسىدا قالغان بەشەيلەنمۇ ئىلتىپاتقا ئېرىشىپ تۇراتتى.باشقا سولاقخانىدىكى مەھبۇسلار پەقەت بىر قېتىملا شامالداشقا چىقىرىلاتتى.پەرەڭنىڭ جاسۇس ئەمەس بولۇپ چىقىپ،دۆلىتى تەرىپىدىن نارازىلىققا ئۇچراشتىن ئەنسىرىگەن ھۆكۈمەت دائىرلىرى ئۇنىڭغا ئېتبار قىلىشنى ئۇنتۇشمىغان ئىدى.
   پەرەڭ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلىش پىلانىنىڭ ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتكىنىگە،تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىش بىلەن قولغا كېلىدىغان پۇل ۋە شۆھرەتتىن مەھرۇم بولغىنىغا شۇنچىلىك بوغۇلاتتىكى،ھەمىشە ئۆزىنىڭ تىلىدا بىرنېمىلەرنى دەپ كالدىرلاپ،يەرلىك ھۆكۈمەتنى تىللايىتتى.
     ئۈچىنچىسى بولسا شەھەر ئەتراپىدىكى بىر بەگلىكنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك موللىسى ئىدى.ئۇ يالغۇز مۇشۇ يېزىغىلا ئەمەس،ھەتتا پۈتۈن قەشقەرگە تونۇلغان داڭلىق شەخس ئىدى.ئۇ،ھۆكۈمەتكە سەمىمىي سادىق بولۇپ،شېڭ دۇبەننىڭ ئالتە بۈيۈك سىياسىتىنى ھەدىسلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەچكە،ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ئىناۋىتىنى تازا كۆتۈرگەن ئىدى . قىسقىسى ، ئۇمۇ بارلىق دىن مۇخلىسلىرىغا ئوخشاشلا ھۆكۈمرانلارنىڭ يالاقچىلىقىنى قىلىپ ، ئۆزخەلقىنى قۇربانلىق قويىدەك زامان قاسساپلىرىغا تۇتۇپ بېرىپ كەلگەنىدى . ئىناۋىتىنىڭ يۇقۇرلىقىنى شۇنىڭدىنمۇ كۆرىۋېلىشقا بولاتتىكى،كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆزىنى كۆرگەندىلا ئەمەس ، ئىسمىنى ئاڭلىغاندىمۇ جىددىيلىشىپ كېتەتتى . كىشىلەر دادىسىدىن ئايىغان نەرسىسىنى بۇ موللىسىغا بېرىشنى ئۆزلىرىنىڭ شەرىپى دەپ بىلىشەتتى.موللىنىڭ شۇ بەگلىك تەۋەسىدىكى بازاردا بىر دۇكىنى بار ئىدى.ئېلىپ-ساتارلار ۋە باشقا سەييارە تىجارەتچىلەر:«موللام ئاللاغا يېقىن ئۇلۇغ ئادەم،ئۇنىڭ مېلىدا بەرىكەت بار،چۇقۇم پايدا ئالالايمىز»دەپ قىممەت بولسىمۇ شۇنىڭ دۇكىنىدىن مال سېتىۋالاتتى...
       نېمە سەۋەبتىنكى ھۆكۈمەت ئاخىرى ئۇنىمۇ قولغا ئالدى.بۇ ھال ئۇنى گاڭگىرتىپ قويدى . « ھۆكۈمەت يېڭىلىشتى ياكى دۈشمەنلىك بولۇپ قالدىم» دەپ ئويلىدى ئۇ.ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىرى بولسا،ئۇنى :«بىزنىڭ بۇ ھۆرمەتلىك موللىمىز بىزنىڭ يىغىمىزنى يىغلاپ، كۈلكىمىزنى كۈلۈپ كېلىۋاتقاچقا، ھۆكۈمەت ئۇنى يامان كۆرۈپ قالدى»دەپ ئويلاشتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭ ئىناۋىتى بىرھەسسە ئېشىپ كەتتى .ھۆكۈمەتنى ئۆزلىرى ئۈچۈن دۈشمەن دەپ بىلىدىغان خەلق بىر ئادەمنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا ئۇنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن يېقىن-يىراقلىقىغا قاراپ ھۆكۈم قىلاتتى-دە! موللا بىلەن كېلىشەلمەيدىغان زىيالىيلار بولسا بۇنىڭدىن ئەجەبلىنىپ كەتمەيتتى. ئۇلارنىڭ قارىشىدا ،ساتقىن ۋە مىللىي مۇناپىقلارنىڭ ئۆزى سېتىلغان ھەم خىزمەت قىلغان تەرەپنىڭ قولىدا ئۆلمىكى قانۇنىيەتكە ئايلىنىپ قالغان ئىش ئىدى. لېكىن ھۆكۈمەت ئۇنى پەقەت «نوپۇزىدىن ئەنسىرەش »سەۋەبى بىلەن قولغا ئالغانىدى .موللىنىڭ نوپۇزى بەك ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ھۆكۈمەت خاتىرجەمسىزلەنگەن ،ئۆزىنىڭ بۇ سادىق يالاقچىسىغا ئىشەنچ قىلالمىغانىدى. شۇڭا ئۇنى ھېچ بولمىسا مۇشۇ ئەنسىز يىللار ئۆتۈپ كەتكۈچە خەلىقتىن ئايرىپ قويۇشنى توغرا تاپقاندۇ ياكى بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۇقۇشماسلىق بولغاندۇر.بۇ ھال موللىنى تىت-تىت قىلاتتى. ئۇ ھەمىشە قېچىرغا مىنىپ،بىر توپ جامائەتنى ئارقىسىغا سېلىپ سۆلەت بىلەن مېڭىپ يۈرگەن،ھامان تۆرنىڭ بېشىدا ئولتۇرغان چاغلىرىنى ئويلاپ ھەسرەتلىنەتتى.بىراق،يەنىلا ھۆكۈمەتتىن ئاغرىنمايىتتى. تۈرمىدە ئولتۇرۇپمۇ ھە دەپ ھۆكۈمەت ھەققىدە ياغلىما گەپلەرنى قىلىپ تۇراتتى.ئۆزىنى يوقلاپ كەلگۈچىلەردىن سىرىتنىڭ ئەھۋالى-جامەنىڭ،يۇرتنىڭ،ئائىلىسىنىڭ، دۇكاننىڭ ئەھۋالىنى سوراش بىلەن بىرگە ھۆكۈمەت ئىشلىرى ھەققىدىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا بىرنېمىلەرنى سوراپ كېتەتتى(ھەر قېتىم مۇشۇنداق قىلىۋاتقاندا،مۇئەللىم مەسخرىلىك كۈلۈمسىرەيتتى).
      قالغان ئۈچ مەھبۇس ئاددى پۇقرالاردىن بولۇپ ، بىرى دېھقان ، يەنە بىرى ھۈنەرۋەن ، ئۈچىنچىسى شەھەر پۇقراسى ئىدى . بۇ ئۈچەيلەن موللىنىڭ خىزمىتىنى جان دەپ تالىشىپ قىلىشاتتى . بۇنداق قىلىشنى بىرخىل مەجبۇرىيەت دەپ ئەمەس ، ئۆزلىرىگە كەلگەن ئامەت دەپ قارىشاتتى.موللا بۇ يەردىمۇ ئوخشاشلا ئىنتايىن ياخشى ياشايتتى.ھەركۈنى ئۇنىڭ ئالدىغا شەھەر ۋە يېزىلاردىن يوقلاپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ سوۋغا- سالاملىرى تۆكۈلۈپلا تۇراتتى.ئۇ بولسا، بۇ نەرسىلەرنى بىر ئۆزى ئىشلىتىپ تۈگىتەلمەيدىغان بولغاچقا،گۇندىپايلارغا،تۈرمە باشلىقىغا ۋە باشقا مەھبۇسلارغا ئۆلەشتۈرۈپ بېرەتتى.بۇ ھال ئۇنى پۈتۈن تۈرمىدىكى مەھبۇسلار ئىچىدە تېخىمۇ تونۇتقان بولسا،گۇندىپايلارنى ئۇنىڭ رايىغا بوي سۇنىدىغان قىلىپ قويغانىدى.بۇندىن باشقا،سوۋغا-سالاملار ئىچىدىن پۇللۇقراق ھەم ئاسانلىقچە بۇزۇلمايدىغان نەرسىلەرنى تاللاپ ئېلىپ قېلىپ،دۇكىنىغا سېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە ئەۋەتەتتى.
          - ئۆيدىن ئەنسىرىمەي ئۆزلىرى ئىشلىتىۋەرسىلە بولاتتى ، ئۆيدىكىلەرگە ئوبدان قاراۋاتىمىز،خاتىرجەم بولسىلا،دۇكاننىڭ سودىسىغا خۇدا بەرىكەت بېرىۋاتىدۇ....-دەيتتى يوقلاپ كەلگەن ئىخلاسمەنلىرى.
      -خۇدا«يەڭلار،ئىچىڭلار،ئىسراپ قىلماڭلار» دېگەن.بۇ يەردە ئىسراپ بولغىنىدىن ئۆيگە كەتكىنى ياخشى،-دەيتتى موللا.ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەركۈنى چۈشۈپ تۇرىدىغان سوۋغىلارمۇ مىلىچ-مال دۇكىنى ئېچىشقا يەتكۈدەكلا ئىدى.
      ئۇنىڭ دۇكىنىغا بېرىلىۋاتقان بەرىكەت ئەمەلىيەتتە ساددا ئىخلاسمەنلىرىنىڭ قارىغۇ ئېتقادىنىڭ مەھسۇلى ئىدى.ئاشۇ قارىغۇ ئېتقاد ۋە نادانلارچە ئىخلاسمەنلىك كىشىلەرنى مەرد ۋە نامسىز ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا ئايلاندۇراتتى:بەزى كېچىلىرى موللىنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئۇلاغ-ئۇلاغ ئوتۇنلار ۋە باشقا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى چۈشۈرۈپ قويۇلاتتى.بۇ ھال كىشىلەرگە كۆزگە كۆرۈنمەس پەرشتىلەر بىلەن بۇ موللىنىڭ سىرلىق ئالاقىسى باردەك تۇيغۇ بېرىپ،ئۇنى تېخىمۇ يۈكسەك مەرتىۋىلەرگە كۆتۈرەتتى....

2
      موللا ئۆز ئىسمىغا يارىشا ھەردائىم قۇرئاندىكى ئايەتلەرنى يادقا ئوقۇپ تۇراتتى.سولاقخانىدىكى ئۈچ مەھبۇس ئۇنىڭ بىرخىلدا سىلىق تەۋرىنىپ، كۆزلىرىنى چالا يۇمۇپ تۇرۇپ،ئاھاڭ بىلەن قۇرئان ئوقۇشقا پۈتۈن ئىخلاسى بىلەن بېرىلىپ قۇلاق سالاتتى.ئۇلارنىڭ ئىخلاسىدا «ئۇ دۇنيا»تەشۋىشى بولغاندىن تاشقىرى،نان قايغۇسىمۇ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايتتى.چۈنكى ئۇلار موللىنىڭ شاپائىتى بىلەن ئۆيلىرىدىكىدىنمۇ توقراق يۈرەتتى. ۋەھالەنكى،تويغۇزغۇچىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالماسلىق بىھۈرمەتلىك بولاتتى،ئەلۋەتتە.
موللا شامالداشقا چىققاندىمۇ جىمى مەھبۇسلار ئالدىدا قۇرئان ئوقۇپ، ھەدىسلەردىن مەنە يېشىپ ھەم بۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ «شېڭ دۇبەن جانابلىرى»يۈرگۈزىۋاتقان پارلاق سىياسەتلەرنى دىنىي ئەقىدىلەر ئارقىلىق ئاساسلايتتى،شېڭ شىسەينىڭ مىڭلىغان ئادەمنى تۈرمىگە بەنت قىلغانلىقىنى «قۇرئان»دىكى:«خۇدا بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلمايدۇ،ئۇلار گۇناھلىرى بىلەن ئۆز-ئۆزىگە زۇلۇم قىلىدۇ»دېگەن ئايەت بىلەن ئاقلايتتى ھەم مەھبۇسلارغا:«ئى،ئاللا،بىز ئۆز-ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلدۇق...» دېيىشنىڭ ساۋاب بولىدىغانلىقىنى چۇشەندۈرەتتى.يەنە راستچىل بولۇشنىڭ خاسىيتى ۋە يالغانچىلىقنىڭ يامان ئاقىۋىتى ھەققىدە ۋەز ئېيتىپ ، مەھبۇسلارنى ھۆكۈمەت سورىغان نەرسىلەرگە ئەينەن جاۋاب بېرىشكە دەۋەت قىلىپ تۇراتتى.
موللىنىڭ ۋەزلىرىگە پەرەڭدىن باشقا مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسى جىددىي ياكى ياسىما جىددىي پوزىتسىيە بىلەن قۇلاق سېلىپ تۇرۇشاتتى.بۇنىڭدىن مۇئەللىممۇ مۇستەسنا ئەمەس ئىدى،ئەلۋەتتە.گەرچە ئۇ بۇ ئىشلاردىن كۈلگۈسى كېلىپ تۇرسىمۇ،لېكىن نادان جامائەتنىڭ ئومۇمىي قارشىلىقى ئىچىدە قالماسلىق ئۈچۈن ياسىما پوزىتسىيە بىلەن كۆڭلىدىكىنى يوشۇرۇشقا مەجبۇر ئىدى.پەرەڭ بولسا بۇلارنى مەسخىرە قىلغاندەك مېتىقىدا كۈلۈپ تۇراتتى.
بىر كۈنى پەرەڭ مۇئەللىمنى نوقۇپ:
  -ئەپەندىم،ھېچ نەرسە قىلماي كۈن ئۆتكۈزەمدۇق؟-دېدى.
-قىلغۇدەك نېمە ئىش بار،دەيسىز؟ئامال يوق...-دېدى مۇئەللىم ئۈمىدسىزلىككە تولغان ئاۋازدا يېرىم ئۇيغۇرچە،يېرىم ئېنگىلىزچە،- مۇشۇنداقلا چىرىپ كېتىمىز...
-مەن سىزگە مۇئەللىم بولاي،سىز ماڭا ياردەمچى بولۇڭ،-دېدى پەرەڭ چۈشىنىكسىز ھالدا.
-نېمە دېدىڭىز؟
-سىز ئېنگىلىزچىنى بەك يامان سۆزلەيسىز،بەك ناچار!مەن سىزگە مۇئەللىم بولاي،سىز ئېنگىلىزچىنى ياخشى ئۆگىنىڭ،كېيىن ماڭا ياردەمچى بولىسىز،مەن كىتاب تەرجىمە قىلىمەن.
-كىتاب تەرجىمە قىلىمەن دەمسىز،مەن ياردەمچى بولىمەن؟
-ھە،بىكارچىلىق ئادەمنى بىمەنە خىياللارغا ئېلىپ بارىدۇ،بۇنىڭ ئاخىرىدا نېرۋا بۇزۇلىدۇ،نېرۋا...
-بۇزۇلىدۇ؟ھە...نېرۋا،نېرۋا...-دېدى مۇئەللىم چېكىسىگە نوقۇپ.
    پەرەڭ ئورتاق تۈركچە سۆزلەيتتى.ئۇ ھەممە گەپنى ئوبدان چۈشىنەتتى، لېكىن سۆزلىگەندە تاققا-تۇققىراق سۆزلەپ قوياتتى.
پەرەڭنىڭ پەرۋاسىزلارچە ئېيتقان گەپلىرى مۇئەللىمنى بەك ھەيران قالدۇردى.ئۇ،شۇ تاپتا ھەممىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ،يېتىپ كەلگۈسى ئۆلۈمنى كۈتۈپلا ياتقاچقا،بۇ گەپ ئۇنى ھەيران قالدۇراتتى،ئەلۋەتتە.
-بىز ھازىر جاللاتنىڭ چاڭگىلىدا،-دېدى ئۇ ئەجەبلىنىشنى يوشۇرماي ،-ساق قۇتۇلۇپ كېتىشىمىزدىن ئۆلۈپ كېتىشىمىز ئېنىقراق،بۇ ھالدا ئىلىم تەھسىل قىلىشتىن نېمە پايدا؟كىم بىلىدۇ،بۇگۇن كېچە ياكى ئەتە كۈندۈزدە ئاتقىلى ئېلىپ چىقار...
-ئەگەر ساق قالسىڭىزچۇ؟
-ئەگەر ساق قالسام؟...بۇ مۇمكىن ئەمەس!مەندە ئىشەنچ يوق...
-ئىشەنچ بولۇشى كېرەك،بۇ ھاياتلىق ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم،- دېدى پەرەڭ خاتىرجەم ھالدا،-مېنىڭ تەكلىپىمنىڭ ھېچ بولمىسا بىر پايدىسى بار،ئەگەر ساق قالىدىغان بولساق،مۇشۇ مەزگىلدىكى ئۆمرىمىز بىھۇدە ئۆتمىگەن بولىدۇ،تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن پۇشايمان ھەسرىتىنى چەكمىگەندىن تاشقىرى،ئەمگىكىمىزنىڭ مېۋىسىنى كۆرىمىز.ئەگەر ساق قالمىغان تەقدىردە ئۆلگىچە بولغان ئارىلىقتىكى روھىي ئازابتىن قۇتۇلۇپ، ئىش بىلەن مىلىكە بولىمىز،ھەرھالدا ئويلاپ كۆرۈڭ.
مۇئەللىم ئۇزاق ئويلىدى.ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ئىكەن.شۇڭا ئۇ پەرەڭنىڭ تەكلىپىگە رازىلىق بەردى.
ئىككىسى دەرھال ئىش باشلاپ كەتتى.مۇئەللىمنىڭ ئۈمىدسىزلىككە تولغان چېھرىسىنى ئەمدى ھايات جىددىيلىكى ئىگىلەپ خېلى جۇشقۇن بولۇپ قالدى.ئەمدى ئۇنىڭ پۈتۈن ۋاقتى سۆزلۈك يادلاش بىلەن ئۆتۈشكە باشلىدى...
3
-قاراڭلار،ئاۋۇ ئىماندىن ئازغاننى،-دېدى دېھقان ئېنگىلىزچە سۆزلۈك يادلاۋاتقان مۇئەللىمنى ئىشارە قىلىپ ھەمراھلىرىغا،-ناسارا بىلەن خېلى ئوبدان يېقىنلىشىپ كەتتىغۇ،كاپىر!
-بۇ ئەپەندىچاق جەزمەن ناسارانىڭ دىنىغا كىردى،ئۇنىڭ ئۆگىنىۋاتقانلىرى ئاشۇ خەقنىڭ ئايەتلىرىمىكىن دەيمەن،- ھۈنەرۋەن ئۆز نۆۋېتىدە گەپ قىستۇرۇپ موللىغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويدى.
موللا بايىلا سىرتتىن كىرگۈزۈلگەن تائاملار بىلەن ئوزۇقلىنىپ،راسا بىرنى كېكىردى ۋە«ئى،رەببىم ئاللا،بەرگەن رىسقىڭغا شۈكۈر!»دەپ ساقىلىنى بىر سىيپاپ قويۇپ ئورۇن-كۆرپىسىگە قىيسايدى ۋە ئاشقان تائاملارنى ئۈچەيلەنگە ئىلتىپات قىلىۋەتتى.
ئىلگىرى ئۇ سىرتتىن كىرگۈزۈلگەن نەرسىلەرگە مۇئەللىمنىمۇ، پەرەڭنىمۇ تەكلىپ قىلىپ،«ئادەمگەرچىلىك»ىنى ئىپادىلەيتتى.ماۋۇ ئۈچەيلەن ھەمىشە ئاچ-زېرىن،چىشلىرىنى پارقىرتىپ قاراپلا تۇرغاچقا، ئۇلارغا بەرمەستىن يېيىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.كېيىن مۇئەللىمنىڭ «ناساراچە»گەپنى بىلىدىغانلىقى مەلۇم بولغان ھامان ئۇنى دىندىن چىققانمىكىن،دېگەن گۇمان كېلىپ غوتۇلداپ يۈرىدىغان بولغانىدى.ئۇنڭسىزمۇ ئىلگىرى ئۇ بۇنداق ئەپەندىلەر بىلەن پەننى مەكتەپ ئېچىش-ئاچماسلىق مەسلىسىدە تالىشپ قالغاچقا،ئەپەندى دېگەنلەرنىڭ ئىمانى بىجىرىم بولۇشىغا تازا ئىشىنىپ كەتمەيتتى.ئەمدى ئۇ كىبىرلىنىپ، ئەپەندىلەرنىڭ ۋەكىلى بولغان مۇشۇ مۇئەللىمگە بارغانسېرى ئۆچلۈك قىلىپ :«قارىغىنا،خەلق موللىنى ياخشى كۆرەمدىكەن،ئەپەندىنىمۇ؟» دېگەندەك چېقىۋېلىش مەنىسىدە قارايدىغان بولىۋالدى.ئۇ،ئەپەندى بىلەن پەرەڭ ئىككىسىنىڭ ئۆز نوپۇزىنى ئانچە كۆزگە ئىلىپ كەتمىگىنىگە بەك ئاچچىقى كېلىپ تۇرغاچقا،ئەمدى ئۇنىڭغا ئاشكارا قارشى تۇرۇشنىڭ باھانىسىگە ئېرىشكەندەك بولدى.كۆڭلىدىن بۇنىڭ ئەدىبىنى بېرىش ئارقىلىق پەرەڭگە دەز كەتكۈزۈش خىيالى كەچتى،چۈنكى پەرەڭگە بىۋاستە چېقىلىشتىن يەنىلا ئەيمىنەتتى.نېمىشقىدۇ بۇ خەق ئاللىقانداق سىرلىق كۈچكە ئىگىدەك،چۈشىنىكسىز تۇيۇلاتتى.ئەپەندى بولسا چۈشىنىشلىك، ئۇنى ئېشەكنى دۇمبالىغاندەك دۇمبالاش تامامەن مۇمكىن!
موللا ساداقەتمەنلىرىنىڭ ئەپەندى ھەققىدە دېيىشكەن گەپلىرىگە باش لىڭشىتىپ ماقۇللۇق بىلدۈردى ۋە قوشۇمچە قىلدى:
-ئەپەندىلەرنىڭ ھەممىسى ناسارا بىلەن ئوخشاش!ماڭا قويۇپ بەرسە، ئىتنى دۇمبالىغاندەك دۇمبالايتتىم،بۇنداق جوھۇت،خاۋارىچىنى!...
-زۆرۈر كەلسە تېتىتىپ قويىمىز!-دېدى شەھەرلىك مەھبۇس دادىللىق بىلەن،-ئۆزۈمنىڭمۇ بۇ خەق بىەن زادىلا پۇرچىقىم پىشمايدۇ.مېنىڭ مۇشۇ يەرگە قامىلىپ قېلىشىممۇ مۇشۇ نېمىلەرنىڭ كاساپىتى ئەمەسمۇ!مېنى ئەپەندىلەر بىلەن چېتىشلىقى بار،دەپ قولغا ئالغان،مېنىڭ گۇناھىم- ئۆيۈم مۇشۇ خەقنىڭ مەكتىپى بىلەن قوشنا بولغىنى!
-ئېپى كەلسىلا راسا يۇمشىتىپ قويىلى بولمىسا،-دېدى ھۈنەرۋەن.
-ئېپىنى كەلتۈرىمىز-دە!يەنى مەسلەن،گەپتىن-گەپ چىقىرىپ ، گېپىدىن پۇتاق چىقىرىپ...-دېھقانمۇ ئۆز نۆۋېتىدە گەپ قوشتى.
ئۇلارنىڭ ساددا دىللىرى موللىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن شاپائەتچى، مۇئەللىمنى بولسا دۈشمەن دەپ تونۇيتتى.«مۇشۇنداق ئادەملەر ئىنقىلاب قىلىمىز،قوزغىلاڭ قىلىمىز،دەپ ھۆكۈمەتكە قارشى چىقمىغان،جەدىتچىلىك تەرغىباتلىرىنى قىلمىغان بولسا،بىزدەكلەرنى كىم زىندانغا تاشلايتتى؟ تىنىچ –خاتىرجەملىك ئىچىدە زاغرا بىلەن ئوماچ بولسىمۇ ئاللانىڭ بەرگەن رىسقىغا شۈكۈر قىلىپ،نامىزىمىزنى ئوقۇپ يۈرىۋەرگەن بولاتتۇق...»دەپ ئويلىشاتتى.بۇ تېخى ئۇلارنىڭ«يىراقنى كۆرۈش»كاتېگورىيسىدىكى قارىشى ئىدى.تېخىمۇ نەق ۋە ئۇلارنىڭ ئورنى،شارائىتى،ئەقىل ئىدرىكى ئۈچۈن مۇۋاپىق بولغان قاراش-«نانغا بولىدىغان شېرىنى ئازايتىش»ئىدى. ئۇلار ئاداۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ،مۇناسىۋەتنى يىراقلاشتۇرۇۋەتسە موللىغا كېلىپ تۇرىدىغان نېمەتلەرگە مۇئەللىمنى ۋە پەرەڭنى چاقىرىش پۈتۈنلەي توختايتتى.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نۆۋەتتە ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش مەسلىسىدە بىر لوقما بولسىمۇ پايدىغا ئېرىشەتتى.
*          *
مۇئەللىم ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىنى يېنىك ھېس قىلىدىغان بولدى.ئۆگىنىش جەھەتتىكى ئىلگىرلەش ئۇنى روھلاندۇرىۋەتكەنىدى.ئۇ كەلگۈسىنى ئىنتايىن ئۈمىدۋارلىق ئىچىدە تەسەۋۋۇر قىلاتتى.كەلگۈسىدە ئۇ ئېنگىلىز تىلىنى راۋۇرۇس ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن،چەت ئەلگە چىقىپ بىرەر كەسىپ بويىچە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ كەلسە ۋە بۇ بەخىتسىز مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلسا،ئەنە ئاۋۇ ئۈچەيلەنگە ئوخشاش بىچارىلەرنىڭ قەلبىنى ئىلىم مەشئىلى بىلەن يورۇتسا،ئۇلارمۇ ئىچكى دۇنياسىدىكى مەنىۋىي توقچىلىق بىلەن بېشىنى تىك تۇتۇپ ياشىسا...ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مۇشۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىۋېلىپ،چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقسا... ئۇيغۇر مىللىتىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىلىم-پەن خادىملىرىغا ئىگە بولسا،مۇشۇ ئوتتۇرا ئەسر جاھالىتى ئىچىگە پاتقان مۇھىت ئۆزگىرىپ،قەۋەتلىك بىنالار، ئاسفالت يوللار،تۆمۈر يوللار،مىڭلاپ ئىشچى ئىشلەيدىغان زاۋۇتلار قۇرۇلسا ... ئالىي مەكتەپلەردىن نەچچە ئونى قۇرۇلۇپ كەتسە... مۇئەللىم شۇنچىلىك ھاياجانلاندىكى،ئۇ ئۆزىنى تۈرمىدە ئەمەس،ئاشۇ گۈزەل تەسەۋۋۇرىدا پەيدا بولغان ئالىي مەكتەپتە ئېنگىلىز تىلى دەرسى سۆزلەۋاتقاندەك ھېس قىلدى.شۇنىڭ بىلەن ئاۋازىنى سىرتقا چىقىرىپ ئېنگىلىزچە :«ياخشى ئىشلار ئالدىمىزدا!»دەپ توۋلىۋەتتى.
-توۋلىما،ۋۇي،جوھۇت!-دەپ ۋارقىرىدى دېھقان ئۇنىڭغا ھۈرپىيىپ، -نېمە سەت ۋارقىرايسەن؟موللا ئاكام ئارام ئېلىۋاتسا،ئالۋاستىلارنىڭ تىلىدا كاركىراپ يۈرىسەنا؟چىشىڭنى تۆكۈۋېتىمەن،زېلى بىكار!
-نىمە چېچىلىلا،ئاكا؟مەندىن ئۆتكەن بولسا ناماقۇل بولاي،يات مىللەت ئالدىدا بىر-بىرىمىزنى بوغۇشۇپ سەتلەشمەيلى،-دېدى ئۇ ئۇخلاۋاتقان پەرەڭ تەرەپنى ئىشارە قىلىپ،ئۇ،ھەقىقەتەنمۇ خۇددى ياخشى ئاتا يامان ئۆگەنگەن بالىسىنىڭ ئەسكى قىلىقلىرى ئۈچۈن ياتلارنىڭ ئالدىدا خىجىل بولغىندەك،بۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرىدىن پەرەڭ ئالدىدا ئىزا تارتىپلا يۈرەتتى.ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن ئىتتەك تالىشىپ يۈرۈش تولىمۇ سەت ئىش ئىدى-دە!
-ئەمدى تېخى يات مىللەت دەپ كەتكىنىنى مانىڭ!باشقا چاغدا يات دېمەي،شۇنىڭ ئايەتلىرىنى كاسىلداپ،شۇنىڭ تىلىدا سۆزلەيسەن،ئەمدى يات مىللەت،ئاقىلەي-كۆكىلەي دەپ كەتكىنىنى!ئىككىنچى ئاۋازىڭنى چىقىرىدىغان بولساڭ!...
-گاچا بولۇۋالايمۇ ئەمدى؟
-تەنە قىلىدۇ تېخى،ھۇ ئاناڭنى!...پەرەڭچە ئۈنۈڭنى يەنە ئاڭلاپ قالىدىغان بولسام،چىشلىرىڭنى تۆكۈۋېتىمەن!
مۇئەللىم ھەم ئەلەم،ئىزا-ئاھانەتتىن،ھەم ھەيرانلىقتىن نېمە دېيىشىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى.
4
مۇئەللىم گاچا يۈرىۋېرىشكە چىدالمايتتى.چۈنكى ئۇ ھەرقانداق ئادەمنىڭ چەكلىمىسىگە بوي سۇنۇشنى قۇللۇقنىڭ بىرخىل شەكلى دەپ قاراپ ، ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەشكەن جەڭچى ئىدى-دە!
لېكىن ئۇنىڭ كامىرداشلىرى موللا ئالدىدا ئۆزلىرىنى كۆرسىتىپ قويۇشقا ئالدىرايتتى.بۇنىڭ ئۈچۈن جېدەلنى زورمۇزور تېرىماي بولمايتتى.بۇنداق ئەھۋالدا توقۇنۇشتىن ساقلىنىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى،ئەلۋەتتە.
مۇئەللىم ئاۋالقىدەكلا خاتىرجەملىك بىلەن سۆزلۈك يادلاشنى داۋام قىلىۋەرگەنىدى،ئۇنىڭ ئاۋازى چىڭراق چىقىپ كەتكەن ھامانلا دېھقان ئۇنىڭغا تىل سالغىنىچە ئېتىلىپ كەلدى.ھۈنەرۋەن بىلەن شەھەرلىك پۇقرا بولسا«كۈچۈڭ يەتمىسە بىز تەييار»دېگەندەك چەتتە قاراپ تۇرۇشتى.
-ھوي،نىمە بولدىلا؟توختاپ تۇرسىلا...-مۇئەللىم ئۆزىنى قوغداشقا تەييارلانغاچ شۇنداق خىتاب قىلدى.
-نىمە بولدى دەيدۇ تېخى،ما كاپىر!مانا،مۇنداق بولدى!مۇنداق! مۇنداق بولدى!-ئۇ ھەربىر مۇشت ئۇرغاندا شۇنداق دەيتتى.دېمىسىمۇ،ئۇنىڭ راسا ئوغىسى قايناپ،ۋىجدانى مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قىلغانىدى.بىر دىنىي قېرىداش تۇرۇپ،يات بىر ناسارا بىلەن يېقىنلىشىپ يۈرگىنى نېمىسى!
-توختاڭ، توختاپ تۇرۇڭ!-پەرەڭ دەرھال ئارىغا كىرىپ ، گەپ ئاڭلىتالمىغاندىن كېيىن،دېھقاننى ئىتتىرىۋەتتى.
-ھۇ ئاناڭنى!...كاپىر،ناسارا!سەن ئارلاشماي ئىشىڭنى قىل بولمىسا سەنمۇ يەيسەن!
پەرەڭنىڭ قاتتىق جۇدۇنى تۇتتى.ئۇ ھاقارەتكە ئۇچرىغان ئىززەت - نەپىسى ئۈچۈن جېنىنى تىكىشكە ھەرقاچان تەييار ئىدى.ھۈنەرۋەن ئورنىدىن تۇردى.دېھقانمۇ شىردەك ھۆركىرەپ ئۇنىڭغا ئېتىلدى...
پەرەڭ ئۆز تىلىدا بىرنېمىلەرنى دەپ ۋارقىرايتتى...شۇ چاغدا كامىر ئىشىكى ئېچىلىپ،تۈرمە نازارەتچىسى بىرنەچچە مۇھاپىزەتچى ئەسكەرنى باشلاپ كىرىپ كەلدى.ئۇلار كىرگەن ھامانلا جېدەل جىممىدە بېسىقتى.
-نېمە گەپ؟نېمە بولدى دەيمەن!؟
ھەممەيلەن بىر ھازاغىچە كىمنىڭ گەپ قىلغىنى خوپكىن،دەپ جىم تۇرۇشتى.بىرىنچى بولۇپ پەرەڭ ئېغىز ئاچتى:
-بۇلار،-ئۇ قولى بىلەن ئۈچەيلەننى كۆرسەتتى،-مېنى ئۇردى،يەنە ئۇرماقچى.ئەگەر مېنىڭ ھاياتىم،سالامەتلىكىم زىيانغا ئۇچرىسا،ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىختىلاپقا سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن،سىلەر بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈڭلەرگە ئالالامسىلەر؟مەن سىلەردىكى ئىگىسىز ئېشەكلەرگە ئوخشىمايمەن!مەن ئادەم سۈپىتىدە،كىشىلىك قەدىر- قىممىتىمنى قوغداش ھوقۇقىغا ئىگىمەن!...
پەرەڭ ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كەتكەچكە جىق سۆزلىدى.تۈرمە نازارەتچىسى ئىنتايىن چۆچۈپ كەتتى ۋە ھېلىقى ئۈچەيلەنگە:
-ئورنۇڭدىن تۇرۇشە!-دەپ ۋارقىرىدى.
ئۈچەيلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى.ھەممىسى تىترەيتتى ۋە بىر-بىرىگە قارايتتى.ئۆزلىرىگە ياخشىلىق يوقلۇقىنى تۇيغان ھامان شەھەر پۇقراسى ئۆزىنى كاچاتلاپ:
-شور پېشانىلىكىمدىن ساپلا خەقنىڭ ئىشىغا چېتىلىپ قالىمەن، زىندانغا چۈشكىنىممۇ ئۆز گۇناھىمدىن بولمىغان...بايىقى ئىشتىمۇ مەن يوق،موللام گۇۋھ...مۇشۇ ئىككىسىنىڭ قىلغان ئىشى.ماڭا ئىشەنسىلە، ئامبال غوجام.بولمىسا پەرەڭدىن سوراپ باقسىلا،مەن ئارىلاشمىدىم...- دېدى.
-ھەيدە!بۇلارغا ئادەم ئۇرۇشنىڭ نېمىلىكىنى ئۆگىتىپ قويۇڭلار!
ھەرقانداق نالە-پەريادقا قۇلاق سېلىنمىدى.مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلەر ھېلىقى ئۈچەيلەننى ئېلىپ مېڭىش ئۈچۈن ئىتتىرىشكە باشلىدى.
-موللا ئاكا،سىلى گەپ قىلسىلىچۇ...-شەھەرلىك ھە دەپ يىغلايتتى.
-ھۆكۈمەتنىڭ ئەمىرى ۋاجىپ،چىق دېگەندىكىن چىقمامسەن،- دېدى موللا،-ئادەم ئۇرماق ئاۋام ئۈچۈن توغرا ئىش ئەمەس،پەقەت شەرىئەت ۋە ھۆكۈمەت جازا بېرىشكە ھوقۇقلۇق...-ئۇ يەنە ئاللىنېمىلەرنى پىچىرلاپ قالدى.
نازارەتچى ئۈچەيلەننى ھەيدەپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن كامېر ئىشىكى تاقالدى.موللا بولسا يان تايىقىدىن ئايرىلغاندەك،پەرەڭ بىلەن مۇئەللىم تەرەپكە ئۆمسە قاراپ قويدى ۋە ھېچبىر خىجىل بولمايلا ئۇلارغا بىرنەچچە ئېغىز ياخشى گەپ قىلدى.
-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ھەدىسلىرىدە:«بىلىم چىندا بولسىمۇ ئۆگەنمەك كېرەك»دېگەن...-دەپ غودۇڭشىدى.بۇ ئۇنىڭ مۇئەللىمگە قاراتقان گېپى بولۇپ،مەن سېنى قوللايتتىم،دېگىنى ئىدى.
بىرنەچچە سائەتتىن كېيىن كامېرداشلار قايتىپ كەلدى.ئۇلاردىن بىرىنىڭ يۈز-كۆزى كۆكەرگەن،يەنە بىرىنىڭ بېشى يېرىلغان،ئۈچىنچىسى ئوتتۇرا چىشلىرىدىن ئايرىلغانىدى.ئۇلار كىرىپلا ئورۇنلىرىغا قىيشىيىپ ۋايسىغىلى تۇردى.خېلى ئۇزۇنغىچە،ھەتتا بىرنەچچە كۈنگىچىمۇ ئۈچىلىسى ئۆز كويىدىلا بولۇپ،گويا بىر-بىرىگە ماي تارتىشىۋاتقاندەك ئۆزئارا سۆزلەشمىدى.
كېيىن،سەل ھوشىنى تېپىشقاندىن كېيىن،مۇئەللىمنى سۆكۈشكە باشلىدى.ھەممە بالا-قازانىڭ سەۋەبچىسى ئاشۇ،دەپ كوتۇلداشتى.بارا-بارا ئۇنى ئاشكارا تىللايدىغان بولدى.شامالداشقا چىققۇچە ۋە كىرگۈچە ئۇ ئۇيان ،بۇ بۇيان ئىتتىرىشەتتى.پەرەڭنىڭ تىرەك بولىدىغان دۆلىتى بولغان بىلەن مۇئەللىمنىڭ ھېچنىمىسى يوقلۇقىنى،ئۇنىڭ كوچىدا قالغان ئىگىسىز ئىتتەكلا بىرنېمە ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە،ئۇنى بىمالال بوزەك ئېتىشكە باشلىدى.
مۇئەللىم ئۆزىنىڭ كىشىلىك ئار-نومۇسىنى،قەدىر-قىممىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇلاربىلەن سوقۇشۇشقا مەجبۇر بولدى.يەنە ھېلىقى ئۈچەيلەن يوپۇرلۇپ كېلىپ ئۇنى ئارىغا ئېلىشتى.
مۇئەللىمنىڭ ھالىغا ئېچىنغان پەرەڭ يەنە ئۇنىڭغا يان بېسىپ،ئۇنى ئارىدىن ئېلىپ چىقتى.
-سىلى بۇ ئىشقا ئارىلاشمىسىلا،سىلىگە گېپىمىز يوق،بۇنى ئۆزىمىزگە قويۇپ بەرسىلە،-دېيىشتى مۇشتۇمزورلار.
-نېمىشقا ئارىلاشمايمەن؟بۇ ئادەم ئەمەسمىكەن؟نېمىشقا بىراۋنى ئانىي تاپىسىلەر؟سىلەردە ئادەمگە خاس يۈرەك بارمۇ-يوق؟!...
-سىلىنى بىرنېمە دېمىگەندىكىن ئۆزلىرىنى بىلسىلە بولمامدۇ؟!
-ياق!ئېيتىپ قوياي،سەنلەر بۇنىڭغا يەنە چېقىلىدىغان بولۇشساڭ، مەن بۇنىڭ تەرەپ بولۇپ مۇشتلىشىمەن!
پەرەڭنىڭ بۇ گېپى بىلەن ئۈچەيلەننىڭ غەزەپلىرى سۇ تۆكۈلگەن ئوتتەك جىممىدىلا بېسىلىپ قالدى.پەرەڭ بۇ خەقنىڭ تارىخى،مەدەنىيتى، ئۆرپ-ئادىتىنى تەتقىق قىلغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىنى ئازتولا بىلگەچكە،ئاشۇنداق پەش قىلغانىدى،بۇ خېلى ئۈنۈم بەردى.
شۇنىڭدىن كېيىن كامېردىكىلەر مۇئەللىمگە چېقىلالمايدىغان بولۇشتى. پەرەڭ بىلەن مۇئەللىم بىر بۇلۇڭدا ئۆز پاراڭلىرى بىلەن بولدى؛موللا بىلەن قالغان ئۈچەيلەنمۇ يەنە بىر تەرەپكە ئولىشىپ ئولتۇرۇپ ئۆز ئشلىرىنى قىلشاتتى:موللىنىڭ قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىن سۆزلەيدىغان تەپسىرىنى ئاڭلايتتى،بەزىدە قۇرۇق پاراڭ سېلىشاتتى.قالغان ۋاقتى ئۇخلاش ۋە موللىنىڭ داستىخىنىغا ئېغىز تەگكەچ ئۇنى ماختاش بىلەن ئۆتەتتى...
5
بىراق مۇئەللىمنىڭ بېشىدىكى خەۋپ ئۈزۈل-كېسىل تۈگەپ كەتمىگەنىدى.بۇ خەۋپ كۆرۈنۈپ كېلىدىغان ھۆكۈمەت جازاسى ئەمەس ئىدى،ئەلۋەتتە.چۈنكى ئۇ ئۆز تەقدىرداشلىرى ئىچىدە دۈشمەنلىك بولۇپ قالغان،ئۆچ ئېلىشنى ئۇنۇتمايدىغان بۇ ئادەملەر ئۇنىڭ ئەدىبىنى بېرىش نىيتىدىن يېنىشمىغانىدى.
ئۇ،ئۆز قېرىنداشلىرىم دەپ تونۇغان كىشىلەرنىڭ دۈشمەنلەرچە مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن جاندىنمۇ،جاھاندىنمۇ كېچىش دەرىجىسىگە بېرىپ قالغان،شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ خەلق ئۈچۈن قىلماقچى بولۇۋاتقان ئىشلىرىنى تاشلاپ قويغانىدى.
پەرەڭ ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشىنىپ ئۇنىڭغا تەسەللى ئېيىتتى:
-كۆڭلىىزدىكىنى چۈشىنىمەن،دوستۇم،سىز مۇشۇ خەق ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئۇپرىتىپ نېمە قىلاي؟خىزمەت قىلغاننى بىلمەيدىغان بۇ ياۋايىلارغا جان كۆيدۈرۈپ ئاۋارە بولغان مەنمۇ ئەخمەق،دەپ ئويلاۋاتىسىز.قىممەتلىك مىللىتىڭىزلارنىڭ زىيان تارتىشىدىكى بىر سەۋەبمۇ دەل مۇشۇنداق يەڭگىللىكتە.ئومۇمەن،سىلەر-تۈركىي خەلىقلەر بەكمۇ قىزغىن ۋە قىزىققان خەلىقلەر.بىر ئىشتىن ناھايىتى چاپسانلا سوۋۇيسىلەر.مەسلەن:سىز مۇشۇ مىللەتنىڭ خېلى ئۇقۇمۇشلۇق بىر ئەزاسى،كۆڭلىڭىزدە بۇ مىللەتكە خىزمەت قىلىپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش،كېرەك تېپىلغاندا،ئۇنىڭ ھۈرلۈكى ئۈچۈن جان پىدا قىلىش ئارزۇسىمۇ بار ئىدى.بىراق بىرنەچچە نادان ئادەمنىڭ ئۆزىڭىزگە مالاللىق يەتكۈزىشى بىلەن ھەممىدىن ۋاز كېچىش دەرىجىسىگە بېرىپ قالدىڭىز.شەخسىي ئۆچمەنلىك بىلەن ئومۇمىي مىللىي مەنپەئەتنى قۇربان قىلىۋېتىش-ئۇنىڭدىن كېچىش توغرا كەلمەيدۇ.بۇلارنىڭ نادانلىقىنى نېمىشقا ئەپۇ قىلالمايسىز؟ سىلەر ھەمىشە يۇرتۋازلىق،شەخسىي ياكى گۇرۇھنىڭ زىددىيتى، مەنپەئەتىنى دەپ ئومۇمىي مىللىي مەنپەئەتتىن كېچىسىلەر.يەنى كىچىكنى كۆرۈپ چوڭنى،يېقىننى كۆرۈپ يىراقنى كۆرمەيسىلەر.مانا بۇ زىيان تارتىشىڭلاردىكى ئاساسىي سەۋەب...
بۇ گەپلەر مۇئەللىمگە چوڭقۇر تەسر قىلدى.ئۇ ئۆگىنىشنى تېخىمۇ قاتتىق ئىرادە بىلەن باشلىدى.چەت ئەللىكنىڭ سۆزى ئۇنى تولىمۇ خىجىل قىلىپ قويغانىدى.شۇڭا ئۇ كۆڭلىدە:«مەن ئەگەر نادان خەلقىمنىڭ مېنى چۈشەنمەسلىكى نەتىجىسىدە ھاياتىمغا خەۋپ يېتىش قىسمىتىگە دۇچ كەلگەن تەقدىردىمۇ ئۇلاردىن ئاغرىنمايمەن!»دەپ ئۆز-ئۆزىگە ۋەدە بەردى.
ئۇمۇ ساغلاملىقنى ساقلاش ئۈچۈن پەرەڭ بىلەن بىللە گىمناستىكا ئوينايتتى.شامالداشقا چىققاندا كۈن نۇرىغا كۆپرەك قاقلىنىۋېلىش ئۈچۈن تىرىشاتتى...
بىراق ئۇنىڭغا كېلىدىغان خەۋپ ئاخىرى كەلدى.
موللا شۈكلەپ قالغاندەك،ھېلىقى ئۈچەيلەنمۇ ئاداۋەتنى ئۇنتۇپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى.لېكىن موللىنىڭ پۈتۈن تۈرمىدىكى نوپۇزى يەنىلا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇردى.ئۇ،ئاستىرتتىن مۇئەللىمگە ئوخشاش جەدتلەرگە قارشى ئىتتىپاق ئۇيۇشتۇردى.ئۇلار بىر ياقىدىن باش چىقىرىشتى.مەخپىيەتلىك ئوبدان ساقلاندى. موللىنىڭ ئىشلىرىمۇ ئوڭۇشلۇق باردى.مەھبۇسلار قۇتۇپلارغا ئايرىلغان،دىنىي،سىياسىي كۆزقاراشلار بويىچە ئىككى چوڭ قۇتۇپقا بۆلۈنگەنىدى.موللا تەرەپدارلىرى يەنە ئۆز ئىچىدىن ھەربىر يۇرت بويىچە،بۇنىڭدىن باشقا شەھەرلىك ، سەھرالىق بويىچە پارچىلانغانىدى.
شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار جەدىتلىرىگە قارشى مەقسەتتە يەنىلا پىكىر بىلىكىگە ئىگە بولغاچقا،ئىشلىرى ياخشى يۈرۈشتى.ھېچقانداق يوچۇق ۋە بۇس چىقارماستىن بىر مۇنچە ئىشلارنى قىلدى.مۇشۇ ئىشلار ئىچىدە مۇئەللىمنىڭ تەقدىرىنى ھەل قىلىش ئىشىمۇ بار ئىدى.
بىركۈنى شامالداشقا چىققاندا كىمدۇر بىرى ھاجەتخانىدا مۇئەللىمنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ ھوشسىزلاندۇرىۋەتتى.
شامالداش ۋاقتى توشۇپ ھەممەيلەن كامېرلارغا كىرىپ بولغاندا، ئۇنىڭ يوقلۇقى مەلۇم بولۇپ،مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلەر جىددىيلەشكەن ھالدا ئۇنى ئىزدەشتى.قېچىپ كەتتىمىكىن دەپ بەكمۇ ئەنسىرەشتى.كېيىن ئۇ ھاجەتخانىدىن بىھوش ھالەتتە تېپىلدى.بۇنىڭ بىلەن ساقچىلار يىنىك تىن ئېلىشتى.
مۇئەللىم بىر نەچچە كۈنگىچە ھوشسىز ۋە يېرىم ھوشسىز ياتتى. ئۇنىڭغا پەرەڭ كۆزقۇلاق بولۇپ تۇردى.پەرەڭ ئۇنىڭ ساق قېلىشىغا ئىشەنچ قىلالمايتتى.شۇنداق بولسىمۇ ئۇ بىر ئىلمىي خادىم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇردى.ئۆزىنىڭ تامىقىدىن يېگۈزدى.پات-پات سۇ ئىچكۈزۈپ قويدى.
ئۇ خېلى كۈنلەردىن كېيىن ھوشىغا كەلدى.ئەمما ئىنتايىن زەئىپ،ھالسىز ئىدى.ئۇ ناھايىتى تەستە كۈچىنىپ تۇرۇپ،گەز باغلاپ كەتكەن لەۋلىرىنى مىدىرلاتتى:
-ماڭا...ئېيتىڭا...ئەپەندىم...-ئۇ دېمى كېسىلىپ توختاپ قالدى،سۆزىنى داۋام قىلدۇرغۇدەك ماغدۇرى يوق ئىدى.بىراق ئۇ تېخىمۇ زور غەيرەت بىلەن،پېشانىسىگە مونچاقتەك تەر تامچىلىرىنى پەيدا قىلىپ تۇرۇپ دېدى،-ئېيتىڭا...ماڭا...مېنىڭ خەلقىم...خەلقىم...ئازاد بولارمۇ؟...قاچان؟...
پەرەڭ كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا ئىتتىك بېشىنى بۇراپ، موللامنىڭ نېمەتلىك داستىخىنىدا بىخىرامان ئولتۇرۇپ غىزالىنىۋاتـ ـقانلارغا قارىۋالدى.بىردەمدىن كېيىن تامىقى قۇرۇپ كېتىۋاتقاندەك بولۇپ تەسلىكتە ئېنگىلىزچە سۆزلىدى:
-بولىدۇ...ئازاد بولىدۇ،سىزنىڭ خەلقىڭىزمۇ ئازاد بولىدۇ...
-قاچان؟...ئېيتىڭا...قاچان؟...
-خەلقىڭىز ئاۋۇ سەللىلىك جانابنى ئەمەس،سىزنى يوقلاپ كېلىدىغان بولغاندا ئازاد بولىدۇ...-ئۇ ھالسىز ياتقان بىمار ئۈچۈن بۇ سۆزلىرىنى ئىزاھلاپ داۋام قىلدى،-خەلقىڭىزگە ئازادلىقنىڭ قەدرى ئۆتۈلۈپ،ھۈرلۈكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىندىغان بولغاندا ئۆزئازادلىقى ئۈچۈن تەبئىي ھالدا كۆرەش قىلىدۇ ھەم بۇ يولدا كۈرەشكەنلەرنى يېتىم ھالدا قالدۇرمايدۇ.تۈرمىلەرگە بېرىپ جاھالەتنىڭ ھامىيلىرىنى-موللىنى ئەمەس،سىزدەك كۈرەشكۈچىلەرـ نى يوقلايدىغان بولىدۇ.مانا شۇ چاغدا خەلق تەڭداشسىز كۈچكە ئايلىندۇ،ئازادلىقمۇ شۇ چاغدا قولغا كېلىدۇ...
مۇئەللىم رازىمەنلىك بىلەن كۆزلىرىنى يۇمدى.شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قايتا كۆزىنى ئاچمىدى.ئۇ ئۆزى ئارمان قىلغان ئازادلىقنى كۆرەلـ ـمەيلا ۋاپاسىز دۇنيا بىلەن خوشلاشتى.
كۆپ ئۆتمەي پەرەڭنى قويىۋېتىشتى.ئۇ،مۇئەللىمنىڭ قەبرىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ تېپىپ،ئۇ يەردە بىرھازا سۈكۈتتە تۇرۇشنى ئۇنۇتمىـ ـدى.شۇ يەرلىك بىر بالىدىن مۇئەللىمنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلمەي يەرـ لىككە كۆمۈۋېتىلگەنلىكىنى،موللىلار ئۇنى دىندىن چىققان،نامىزىنى چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ،دەپ شۇنداق قىلغانلىقىنى،شۇڭا جامائەتمۇ مېيىت ئۇزىتىپ قەبرىستانلىققا چىقمىغانلىقىنى،پەقەت بىرنەچچە ياش يىگىت ئۇنى كۆمۈپ قويغانلىقىنى ئۇقتى.لېكىن بۇ قەبرە خېلى ئېگىز ھەم كۆڭۈل قويۇپ ياسالغانىدى.
شۇ كۈنلەردە موللىمۇ تۈرمىدىن چىقتى.كىشىلەر ئۇنى جەڭدىن ساق كەلگەن غازىدەك كۆرۈشۈپ باشلىرىدا كۆتۈرۈشتى.ئۇنىڭ ئىناۋىتى تېخىمۇ ئۆستى.ئۇ يەنە قېچىرغا مىنىپ بىر توپ جامائەتنىڭ ئالدىدا مېڭىشنى،مەسچىت-جامەلەردە تەرىقەتلەرنى سۆزلەشنى داۋام قىلدى...

تېما تەستىقلىغۇچى : saadat
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-26, 08:24

 

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-26 13:27 |
شەبنەم تور رادىئوسى
saadat
قار~لەيلىسى
ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئۆمۈرلۈك شەرەپ
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 10093
نادىر تېما : 12
يازما سانى : 3167
شۆھرەت: 3649 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 64758 سوم
تۆھپە: 846 نۇمۇر
ياخشى باھا: 1022 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 3006(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

 

مەنبەنى ئەسكەرتىڭ،ئۆز يازمىلىرىڭىز بولسا ئىمزايىڭىزنى قۇيۇۋېتىڭ!

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك.بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،
قايغۇغا ھامىلدار بىردەملىك غەپلەت.

تېمىلىرىم:./search.php?authorid-10093.html
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-26 16:24 |
شەبنەم تور رادىئوسى
tumurqadiri
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 31328
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 29
شۆھرەت: 50 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 290 سوم
تۆھپە: 35 نۇمۇر
ياخشى باھا: 40 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 182(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

 

غۇلام ئوسمان زۇلپىقار ئەپەندىم ھازىر نەدىدۇ؟ بۇ يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرمىگىلى 10 نەچچە يىل بوپتۇ. بۈگۈن بۇرۇنقى ھېكايىسىنى قايتا كۆرۈش نېسىپ بولغانلىقىغا خوشالمەن !...

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-26 17:44 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » تارىخ بەتلىرى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-27 22:17, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ