مەن بۇ كىتاپنىڭ خەنزۇچىسىنى داۋاملىق ئوقۇپ تۇرىمەن.خېلى پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ قارايمەن.دەۋىر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بىزدىمۇ ئۆز روھىيتىمىزنى قېزىشنىڭ مۇھىملىغى تەكىتلەنمەكتە.ھەر ھالدا ئازراق بولسىمۇ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشاي دىدىم
1.نۇرغۇنلىغان رەت قىلىپ بولغۇسىز رىئاللىقلار ئىسپاتلايدۇكى،مۇۋەپپىقىيەت ئەزەلدىنلا تولۇق تەييارلىقى بارلارنى ياخشى كۆرۈپ كەلدى.تەييارلىقى قانچە كۆپ بولسا مۇۋەپپىقىيەت شۇنچە يېقىنلاشتى.شۇنىڭغا ئىشىنىشىمىز كىرەككى،سەزگۈ -زور مىقتاردىكى يىغىلما ياكى تىندۇرمىلاردىن سۈزۈپ ئېلىنىدۇ.
2.بۇ دۇنيادا،ئەڭ جانلىق ۋە پۈتمەس تۈگۈمەس ئېنىرگىيە،ئەقىل ئەڭ تاڭ قالغۇسىز ئىجاتچانلىق دەل-ئىنسانلارنىڭ چوڭ مىڭە تەپەككۈرىدۇر.ھەر بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى ۋە كۆرگۈلۈك قىسمىتىنىڭ ھەممىسى چوڭ مېڭىنىڭ توختىماس سۇبىكتىپ تەپەككۈرىنىڭ ئوبىكتىپ دۇنيادىكى كونكىرىتنى ئىپادىسى بولۇپ،بىز ئۆزىمىز ئۆزىمىزنىڭ بارلىق تۇرمۇشىنى يارىتىمىز.
3. بىزنىڭ ئىگە بولغان تەپەككۈر شەكلىمىز ناھايىتى زور دەرىجىدە بىزنىڭ ھەر قېتىملىق تاللىشىمىزنى بەلگۈلەيدۇ،شۇڭلاشقا بىزنىڭ ھەر بىر تاللىشىمىز ھەرگىزمۇ تاسادىپى ياكى ئۆزىچە بولمايدۇ.بىز پەقەت ئۆز ئىدىيە دائىرىمىزدىلا تاللاش ئېلىپ بارالايمىزكى،ھەرگىزمۇ ئىدىيەسىمىز دائىرىسىدىن ھالقىغان ھەرقانداق ھەرىكەتنى قىلالمايمىز.بۇ ئاتالمىش نىيەت ئىقبالنى بەلگۈلەيدۇ،ئوي ئۇسۇلنى بەلگۈلەيدۇ دىگەن گەپ شۇ.
4.بىزنىڭ ئىدىيىمىز باشتىن ئاخىر بىزنىڭ بارلىق ھەركىتىمىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.مەلۇم نوقتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا،بىزنىڭ ئىدىيە ۋە تەپەككۈر شەكلىمىز بىزنىڭ ھازىرىمىز ۋە كەلگۈسىمىزنى بەلگۈلەيدۇ.ھازىر قىلغان ھەر بىر ئىشىمىزنىڭ كەلگۈسىمىزگە بولغان تەسىرى ناھايىتى چۇڭقۇر بولىدۇ.
5.ئادەتتە،بىز يوشۇرۇن ئىقتىدارىمىزنى ھامانەم بىلىپ بىلمەي نەزىرىمىزدىن ساقىت قىلىپ قويىمىز.بۇ خىل قۇدرىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھېس قىلىشىمىزنىڭ ئۆزى ئۆزىمىزنى قايتا تونۇشىمىزنىڭ مۇقەددىمىسى.ئۇنداقتا،بۇ خىل كۈچىمىزنىڭ مەۋجۇتلىغىنى قانداق ھېس قىلىمىز؟ئالدى بىلەن شۇنى ئازراق تونۇشىمىز كىرەككى__بىزنىڭ بارلىق قۇدرىتىمىز نىڭ ھەممىسى ئىچكى دۇنياسىمىزدىن كېلىدۇ.
6.گەرچە ئۆزىمىزنىڭ ئچكى دۇنياسىمىزنى تۇتۇشقا مۇۋەققەت بولالمىساقمۇ،بىراق ئۇ ھەقىقەتەن مەۋجۈت.ئۇ ---ئىدىيە،سەزگۈ،كۈچ قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدىغان،ھەركەتلەندۈرۈش قۈۋۋىتىگە ۋە ئىجات قىلىشچانلىققا ئىگە سىرلىق دۇنيا.سىز ئۇنىڭ قۇدرىتىنىڭ نەقەدەر چەكسىزلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىپ بولالمايسىز.
7.بىزنىڭ ئىچكى دۇنياسىمىزغا ئىديىمىز ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.بىز پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ئىچكى دۇنياسىمىزنى ھېس قىلىپ بايقاپ قازالىغىنىمىزدىلا،ئاندىن بىزنى قورشىۋىلىپ قىيناۋاتقان ھايات مەسىلىلىرىنى تۇپىدىن يېشەلەيمىز،شۇنداقلا ناھايىتى راۋان ھالدا بۇ مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبىنى تېپىۋالالايمىز.قاچانكى تەسۋىرلەپ بولغۇسىز بۇ ئىچكى دۇنياسىمىزنى ئىگەللىيەلەيدىكەنمىز،ئۇنداقتا ئەشۇ ئەقلىمىزنى لال قىلىۋاتقان ئالاقىدار كۈچلەرنى،ئېرىشىلگەن مۇۋەپپىقىيەتلەرنى بايلىق قانۇنىيەتلىرىنى ئالقىنىمىزغا چۈشۈرگەن بولىمىز.
(بىل گىرتىس قاتارلىق كاتتا زەردارلار قولىدىن چۈشۈرمەيدىغان ئامىرىكىلىق چارلىز خاننىرنىڭ بۇ كىتاپنى ۋاقتىم يەتكەندە ئاز تولىدىن تەرجىمە قىلىپ ،كۆپچىلىك بىلەن بىرگە بەھىرلەنمەكچىمەن)
[ بۇ يازما SIMKALANG تەرپىدىن2009-03-26 06:35دە قايت ]