ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 173 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ئۇيغۇر تىلىنى ساپلاشتۇرۇش ھەققىدە ئويلىغانلىرىم پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

turpantur
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 63394
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 190
شۆھرەت: 831 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1369 سوم
تۆھپە: 30 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 79(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

 ئۇيغۇر تىلىنى ساپلاشتۇرۇش ھەققىدە ئويلىغانلىرىم


تىل بولسا بىر مىللەتنىڭ مەنىۋى بايلىقى  ، ئۇيغۇر ئەدىپلىرى تىل دىن ئىبارەت بۇ قۇرالدىن مۇئاپىق پايدىلىنىپ<< قوتادغۇ بىلىك >> <<تۈركى تىللار دىۋانى >> گە ئوخشاش دىداكتىك ئەسەرلەرنى يىزىپ چىققان تارىخنىڭ دولقۇنلىرىدا ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى گاھ ئازىيىپ ،گاھ كۆپىيىپ ۋە باشقا مىللەتلەردىن سۆزلەملەرنى قوبۇل قىلىپ بۈگۈنگىچە يەتتى ، ۋاھالەنكى ئۇيغۇر جەمىيىتىدە تارىختىن بويان  تىل بار تۇرۇپ ئىشلەتمەي باشقا تىللارغا ئىلتىجا قىلىش نەتىجىسىدە چەتتىن كۆپلەپ تىل ئىبارىلەر ئەدەبىي تىلىمىزغا قوبۇل قىلىندى ، << تۈركىي تىللار دىۋانى >> يىزىلغان خاقانىيە تىلى بىلەن ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىنى سىلىشتۇرساق ئازدۇر -كۆپتۇر پەرقنى بايقايمىز ، چۈنكى  قاراخانىيلار دەۋرىدە تىلنى چەتتىن كىرگۈزۈش ئانچە زور بولمىغان . لىكىن كىيىنكى كۈنلەردە يەنى چاغاتاي خانلىقى دەۋرى يازما يادىكارلىقلىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ئەدەبىي تىلىمىزغا ئەرەب-پارس تىللىرىنىڭ كۆپلەپ ئۈنگەنلىكىنى بايقىيالايمىز ، ئەينى پەيتتە پارىس ،ئەرەپ ۋە پارس تىللىرى بەيگىگە چۈشكەن بۇلۇپ ، ئەينى زامان مىن كاۋ ئا ( 民考阿拉部) لىرى يەنى ئەرەب تىلىدا ئىلىم تەھسىل قىلغۇچى ئۇيغۇر ئەدىبلىرىمىز ئەرەب پارىس سۆزلەملىرىنى ئەدەبىي تىلىمىزغا سۆرەپ كىردى ، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپلىقى خىرىسقا دۇچ كەلدى ، مانا شۇنداق خىرىس ئالدىدا ئۇلۇغ مۇتەپەككۈر ئالىم ئەلشىر ناۋايى << مۇھاكىمە تۇل لوغەتەيىن >> ( ئىككى تىللىق لوغەت) ناملىق ئەسەرنى يىزىپ تۈرك تىلىنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تۇنۇشتۇردى ، لىكىن ئەرەب،پارىس،تۈرك ( ئۇيغۇر) تىللىرى چۈشكەن بۇ بەيگىنىڭ ئاسارىتىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا ئەرەب پارس تىللىرى كۆپلەپ ئۈندى ھازىرقى بىر تارىخى جەرياندا ئۇيغۇر تىلى قىلىپلىشىپ ئورتاق تىل بىكىتىلىپ ھازىرغىچە قوللىنىۋىتىلغان بولسىمۇ لىكىن ھەرخىل تىل ئىلمىنىتلىرىدىن مۇستەسنا قالمىدى .
ئۇيغۇر تىلىغا چەتتىن  كىرگەن سۆزلەر لوغىتىنى ئاختۇرۇپ كۆرۈپ شۇنى ھىس قىلدىمكى تىلىمىزنىڭ ساپلىق دەرىجىسى ھەتتا باشقا قىرىنداش تۈركىي تىللىق مىللەتلەردىنمۇ تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان .
يىقىندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ شىۋىلىكلىرى لوغىتى نامىدىكى بىر كىتاپ قولۇمغا چۈشۈپ قالدى (غولام غوپۇر تۈزگەن كىتاپ ،شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى ) مەن مەزكور كىتاپنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ ئورتاق تىلغا بەزى شىۋىلىكلەرنى ئۈندۈرۈپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپلىقىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولامدۇ يوق دىگەننى ئويلىدىم ، بۇ ھەقتە تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئويۇم بار تۆۋەندىكى سۆزلەملەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ شىۋىلىكلىرى لوغىتىدىن ئىلىندى  

ئاتقۇنە: تەخەللۇس  
ئاختۇرما ياكى تۇرۇپ : لوبو
ئاخۇنباش :موگو  
ئاداشقا :مەدىنىي يادىكارلىق
ئاسسىغ :مەنپەئەت
ئاغلاقچى :نازارەتچى
ئاقچەشكە :خاجو
ئەت: گۆش (پارسچە گۆشت تىن كەلگەن )  
ئاقئوغۇت: خىمىيىۋى ئوغۇت  
بويتاسما :ۋۇجاڭدەي ( ئەسكەر باشلىقلىرىنىڭ بوينىغا ئاسىدىغان بەلۋاغ )  
بورۇقتۇم : زابوي ( ھاراق ئىچمىسە تورالمايدىغانلار )
مۈرەن :دەريا  
پەرەڭ :ياۋرۇپا ( پەرەڭ ئەللىرى ئىتىپاقى )  
تۆتلۈك :كىۋادرات (شەكىلگە قارىتىلىدى )  
پور نان :جىڭموما  
ئالتۇنچى : زەر گەر  
ئايغاقچى :مۇخپىر ،كۆچمە مەنىدە ئىشلەتىلىدۇ
ئەرتەك :رىۋايەت  
ئەرۋەشچى: سىھرىگەر
ئەلكۈنچىلىك : ئاممىۋى  
بارتو :دىرىكتور ( ئەسلى مەنىسى غوجىدار كەن ، كۆچمە مەنىدە ئىشلەتسەكمىكىن ) باستۇرما :پارنىك  
بەردەڭگە :ئاپتۇمات  دەپ ئالايلى
بويسۇ : ئەترە
بۈگۈلۈك :بەنچاڭ كارۋات  
پىپى :شىمشىر ( ۋىلسىپىتنىڭ يەل ئۇرۇلدىغان كىچىك رىزىنكا نەيچىسى )  
پۈگەت :بوتولكىنىڭ ئاغزى  
تارلاق :كارىدور  
تۈمۈر ئات:ۋىلسىپىت
تەشكۈت:ھەمكارلىق  
تەگمىش :مىراس  
توختالغۇ : مىھمانخانا  
تۇرغۇچ : ئىستانسا ( قەشقەر  تىل -دىدار تۇرغۇچى  ) كىم تەرجىمە قىلالايدۇ ؟  

توخو قورۇق :داپەنجى
توسقا :ئاپتوۋۇز بىكىتى دىسەكچۇ ؟ ئەسلى مەنسى رابات كەن .
تۆرەل : ئەسلى مەنسى دولقۇنلۇق ،ئەگەر  مىگاگىرتىس دىگەن سۆزنىڭ ئورنىغا    ئىشلەتسەكچۇ ؟  
جادىكا :رىشاتكا
جورۇڭقاي:پىلان
چاسا مىتىر:كىۋادرات مىتىر
چاغاناق :فاتىفۇن
...................................
تۆۋەندە مەن  ئۆزۈم ئىزدىنىپ ياساپ چىققان ۋە ئۇنتۇلۇپ كىتەي دىگەن  ساپ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىزاھلىمىسىنى سۇنىمەن  
سەكەنتىر:ساتورىن ( پىلانىت ئىسمى )
مۇشتەرى:يۇپىتىر :
ئارز ئاتاروت:مارس
كۈنباقار: جەنۇب
تەسكەي: شىمال  
كۈن تۇغۇش: شەرق
كۈن پىتىش: غەرپ  
پاخ-پاخ: 3چاقلىق تەرەكتۇر
سوپەك : تىراكتۇر  
يەلگۈچ: ناسوس :  
ئەرگول: بولتا
بۇرام :ۋىنتا  
يەلتاپان : ماشىنا
پىرىلداق :موتو
تارتىم :كۆچمە مەنىسى توننا
تاسقام : كىلوگىرام (كۆچمە مەنىسى )
تاراتقۇ :ئاخبارات ۋاستىلىرى
ساقلانغۇ :زاپاس  
ساقلاتقۇ :ئىسكىلات
تىكىنخور : باكتىرىيە
مۇشتلاشقۇ : بوكسيور
پۇت توپ : پۇتبول
قول توپ : ۋالىبول
تور توپ : ۋاسكىتبول
چاناقتوپ : بىليارد توپى  
سىزغۇ: قەلەم  
توك چوت: ھىساپلاش ماشىنىسى (计算机)
توك مىڭە :كومپىيوتور
يەلتاپان ئورمىچى : كومبايىن  

ئاپتورى :مەن
پايدىلانغان ماتىرياللار :
ئۇيغۇر شىۋىلىكلىرى لوغىتى ئۇيغۇت تىلىغا چەتتىن كىرگەن سۆزلەر لوغىتى

تېما تەستىقلىغۇچى : tughrul
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-25, 14:46

 

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-25 21:48 |
شەبنەم تور رادىئوسى
hal@hal
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 51725
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 25
شۆھرەت: 26 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 110 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 166(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

 

ئۇيغۇر مائارىپى يوقاپ كېتۋاتسا بۇنى كىمگىمۇ ئۈگىتەرسىز...................................

چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-25 23:12 |
شەبنەم تور رادىئوسى
turpantur
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 63394
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 190
شۆھرەت: 831 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1369 سوم
تۆھپە: 30 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 79(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

 

Quote:
بۇ مەزمون1قەۋەتتىكىhal@halنىڭ2009-03-25 23:12 دە يوللىغان يازمىسى   :
ئۇيغۇر مائارىپى يوقاپ كېتۋاتسا بۇنى كىمگىمۇ ئۈگىتەرسىز...................................



ئائىلە مائارىپى يۇقالماس
ھەممە ئىشنى ئائىلىدىن باشلەايلى

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-25 23:28 |
abral
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 7355
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 162
شۆھرەت: 186 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1095 سوم
تۆھپە: 35 نۇمۇر
ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 768(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-08-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

 

شەرق، غەرپ، جەنۇپ، شىمال دىگەن ئاتالغۇلار ھازىرمۇ چوڭلارئاغزىدا كۇنچىقىش، كۈنپېتىش، كۈنگەي، تەسكەي دىگەن ئىسىملار بىلەن ئاتايدۇ.
ئارىدا بىرقانچە سۆزلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش تەستەك تۇرامدۇ قانداق؟

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
http://ilkitap.blogbus.com
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-26 00:14 |
Bidar-Qutlan
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 58970
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 54
شۆھرەت: 57 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 560 سوم
تۆھپە: 30 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 131(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

 

ئۇيغۇر تىلىغا قىززىقسىڭىز، ئۇنى بېيىتماق بولسىڭىز، ئانا تىلىم كومنى ئاۋات قىلىڭ.
http://www.anatilim.com/anatilimmunbiri/showpost.asp?id=1107&forumid=34

چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-26 00:24 |
НаБи
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 12444
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1314
شۆھرەت: 1315 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10246 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 152(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

 

ئۇيغۇر مائارىپى يوقاپ كېتۋاتسا بۇنى كىمگىمۇ ئۈگىتەرسىز...................................
--------------------------------------------------------

ئۆلۈپلام  كەتسەڭچۇ  مۇشۇ گەپنى  دىگىچە  ...................    

شىنجاڭ تور مەكتىپى
HEQNI SÖZLESH APET ÉLIP KELMEYDU, ÉLIP KELSE, BUNI ÉLISHQA MEN TEYYAR------
-----------ILHAM TOXTI
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-26 01:12 |
ilz911
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 35419
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 311
شۆھرەت: 312 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3010 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 453(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

 

تۈمۈر ئات:ۋىلسىپىت
قازاقلار شۇنداق دەيدۇ.

چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-26 01:38 |
zeewaa
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 59118
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 193
شۆھرەت: 194 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1870 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 95(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

 

شىنجاڭ تور مەكتىپى
    كومپىيۇتېردا كەم بولغىنى --تەپەككۇر
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-26 05:16 |
isimsiz
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 34238
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 101
شۆھرەت: 107 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1010 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1055(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

 

ئاقچەشكە-زەنجەبىل. (خاجو دەپسىز).
بۇرۇقتۇم-ئىچى سىقىلىش.(زابوي دەپسىز).
پورنان دىمەي ھورنان دىسەكمۇ بۇلىدىغۇ.
توختالغۇ دىمەي قونالغۇ دىسەكچۇ؟
كۈن تۇغۇشتىن كۈنگەي قولايلىق.
پاخ-پاخ مىنىڭچە بۇنى تۇرپاندىن باشقا يەردە دىمەيدۇ.
سۆپەك دىسەك 3 چاقلىق 4 چاقلىق ھەممىسىگە كىرە؟

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-26 07:10 |
بأره
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 63757
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1198
شۆھرەت: 10217 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2952 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 675(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

 

رەخمەت! بەك ئوبدان ئويلاپسىز!

ئۆتمۈشىنى بلمىگەن مىللەت كەلگۈسىگمۇ ئىگە بۇلالمايدۇ!
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-26 12:47 |
turpantur
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 63394
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 190
شۆھرەت: 831 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1369 سوم
تۆھپە: 30 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 79(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

 

Quote:
بۇ مەزمون8قەۋەتتىكىisimsizنىڭ2009-03-26 07:10 دە يوللىغان يازمىسى   :
ئاقچەشكە-زەنجەبىل. (خاجو دەپسىز).
بۇرۇقتۇم-ئىچى سىقىلىش.(زابوي دەپسىز).
پورنان دىمەي ھورنان دىسەكمۇ بۇلىدىغۇ.
توختالغۇ دىمەي قونالغۇ دىسەكچۇ؟
كۈن تۇغۇشتىن كۈنگەي قولايلىق.
.......

زىنجەبىل :پارىسچە ئاتالغۇ ،ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئاقچەشكە
بۇرۇقتۇم :كۆچمە مەنىدە زابوي دىگەنلىك ، بۇرۇقتۇمنىڭ ئورنىغا ئىچى سىقىلىش يەنە شۇ ئۇيغۇرچە گەپ شۇنداققۇ ھە ؟؟؟؟؟؟؟؟
پورنان دىمەي ھور نان دىسەكمۇ ، پوم دىسەكمۇ بولىدىغۇ ھە؟ جىڭموما دىگەندىن ياخشىدۇ ؟
توختالغۇ دىسەكمۇ قۇنالغۇ دىسەكمۇ يەنىلا ئۇيغۇرچە سۆز
كۈن تۇغۇش بىلەن كۈنگەي يەنە ئۇيغۇرچە
قىسقىسى ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆزلۈك بايلىقى مول تۇرۇپ نىمىشقا ئەرەب،پارىس ئاتالغۇلىرىنى ئىشلەتكۇدەكمىز ؟ پارىس يا ئەرەب بىزنىڭ ئاتا-بوۋىمىز بولمىسا يا ؟

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-26 21:36 |
birlik001
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 79720
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 42
شۆھرەت: 42 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 420 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

 

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﺎﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ 18 - ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﻨﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﻣﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ.


ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﭘﺎﺭﺗﻜﻮﻣﻰ ﯞﻩ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ " ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﺴﻼﻫﺎﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﻜﺮﻯ" ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻫﯚﺟﺠﯩﺘﯩﺪﻩ " ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﮕﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﻫﻪﻡ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ %10 ﺗﯩﻨﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﺸﭽﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﺭﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﻫﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﺩﯨﻦ 300 ﻣﯩﯔ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻨﻰ ﻳﯘﺭﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ، ﻫﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 500 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻨﻰ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ.

ﺩﻩﺭﯞﻩﻗﻪ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﻩ 170 ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﻯ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﭘﯩﻼﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯘ ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﺮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﻠﯩﺮﻯ، 15 ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻳﻮﻝ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﺗﺎﺵ ﻳﻮﻝ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻠﯩﺮﻯ، ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ ﻛﯚﻟﻰ ﻣﯘﻫﯩﺖ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ، ﻛﻮﭼﺎ، ﻏﯘﻟﺠﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﻳﺮﻭﺩﺭﻭﻡ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﭼﻮﯓ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ 26 ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺋﯩﺶ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ.

ﻫﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﭼﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﭼﻮﯓ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﺶ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺑﺎﺯﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺶ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺭﯨﻘﺎﺑﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﭼﻮﯓ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻛﯜﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ.

ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻛﺮﯨﺰﯨﺲ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯩﺸﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﭽﯩﻼﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺯﻭﺭ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﻩ ﺋﯧﻘﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯩﺸﻠﻪﻣﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺗﯚﺕ ﻳﯜﺯ ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﯩﻤﻪﻛﺘﻪ.

چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-26 21:58 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » ئۆزىمىزگە نەزەر
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-27 21:54, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ