«شىنجاڭ خەنزۇتىلى ئۆگىنىش تورى» (
www.xjhsk.com) نۆۋەتتە مەخسۇس خەنزۇتىلى ئۆگىنىدىغان تور بەت بولماسلىق، توردا خەنزۇتىلى ئۆگىنىش مۇھىتى بەرپا قىلىپ، تورداشلارغا قولايلىق يارىتىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان مەخسۇس خەنزۇتىلى ئۆگىنىشنى ئاساس قىلغان تور بىكەت بولۇپ. بىكەت قۇرۇلغاندىن بېرى تورداشلارنىڭ خەنزۇتىلى ئۆگىنىش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ HSK تەقلىدىي ئىمتىھان سوئاللىرى، ئاڭلاش مەشىقلىرى، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئېغىز تىلى مەشىق سوئاللىرى، HSK تەقلىدىي ئىمتىھان سىستېمىسى، بالىلار كارتونلىرى، توردىن نەتىجە تەكشۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر ئارقىلىق تورداشلارغا ئازدۇر - كۆپتۈر قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.
تور بىكىتىمىز بەت يۈزىدە تەرجىمە قىلىش تېخنىكىسىنى قوللانغان بولۇپ، سىز ئوقۇيالمىغان ياكى تەرجىمىسىنى ئۇقىمىغان خەتنى مائۇس ئىستىرىلكىسى ئارقىلىق تاللىسىڭىز دەرھال ئۇيغۇرچە، ئېنگىلىزچە تەرجىمىسىنى ھەمدە يېشىمىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە.
نۆۋەتتە تورداشلارنىڭ تىل ئۆگىنىش جەھەتتىكى تېخىمۇ كۆپ ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، تورداشلارنىڭ خالىغان ۋاقىتتا ئۆزى ئېھتىياجلىق بولغان ماتىرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن «شىنجاڭ خەنزۇتىلى ئۆگىنىش تورى» (
www.xjhsk.com) خەنزۇتىلى ئۆگىنشكە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى توپلىماقچى، شۇنداقلا مۇقىم بوشلۇققا قويۇپ بارلىق تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنماقچى. (ئەلبەتتە ماتېرىياللار 100% ھەقسىز تارقىتىلىدۇ)
شۇڭا توداشلارنىڭ ئۆزىدە بار بولغان تىل ئۆگىنىشكە مۇناسىۋەتلىك بولغان ماتېرىياللارنى تەمىنلىشىنى، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ئادرىسلارنى قالدۇرۇپ قويۇش ئارقىلىق ماتىرىيال توپلاش پائالىيىتىگە يېقىندىن ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن: «شىنجاڭ خەنزۇتىلى ئۆگىنىش تورى» (
www.xjhsk.com)
ئالاقىلاشقۇچى: Dilkesh QQ: 8671258
شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزنى قوللاشنى خالايدىغان تور بىكەت ئىگىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايمىز. شۇنداقلا تور بىكىتىمىزنى دوستانە ئۇلىنىشقا قوشۇپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بىكەت نامى: «
شىنجاڭ خەنزۇتىلى ئۆگىنىش تورى»
بىكەت ئادرىسى:
www.xjhsk.com تۇغ ئادرىسى: