ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 1579 - كۆرۈرمىنى
ئۇيغۇرئاي
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە رەسىم يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 22655
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 2881
شۆھرەت: 3121 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 29150 سوم
تۆھپە: 769 نۇمۇر
ياخشى باھا: 533 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 750(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

 ئـــــــاھ، لاي سۇ ئىچكەن دادام

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ikin تەرپىدىن چوققىلاندى(2009-03-26)






-بالام، يىقىننىڭ ياقى مىجەزىم يوق، دوختۇرخانىغا بارسام بىر توقاي ئوكۇلنىڭ گىپىنى قىلدى. يىنىڭدا پۇل بولسا 100 يۈەن ئاچىقىپ بىرەلەرسەنمۇ؟

- نىمە دىدىڭا؟ 100 يۈەن؟ مېنىڭ ھەممە نەرسەم  سىتىقتا تۇرسا دادا، ئايالىم ئىككىمىزنىڭ ئالغان مائاشى گىلىمىزدىن ئاشمايدۇ. خاپا بولما ھە، بىرسى كىرىپ قالدى ئىشخانىغا، كىيىن ئۆزەم تىلىفۇن قىلاي ھە ،شۇنداق بولسۇن خوش.

دادامنىڭ يىغلامسىرىغان ئاۋازىنىڭ داۋامىنى ئاڭلىمايلا تېلىفۇننى جاققىدە قويىۋەتتىم، 100 يۈەن دىگەن بوش پۇلمۇ ھازىر، كەچكىچە پۇللا دەيدىكەن( بىرەر قىتىم پۇل بەرگىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن).

خىزمەتتىن چۈشۈپ ئارزۇلۇق بالامغا يول ياقىسىدىكى تاللا بازىردىن ئەللىك نەچچە يۈەنلىك قۇۋۋەت تالقىنى ئالدىمدە ،قايسىدۇر كىلاسسىك مۇزىكىغا غىڭشىغىنىمچە  ۋەلسىپىتنى يەر ئاستى ئۆيىگە جايلاشتۇرۋىتىپ ،بالامنىڭ ئىسمىنى ئۈنلۈك توۋلىغانچە ئۆيگە قايتىپ كىردىم

بالام پۈتۈن دىققىتى بىلەن تىلۋىزۇردا چىقىۋاتقان ئاۋتىمەنگە قاراپ،ئۇلار نىمە قىلسا شۇنى دوراپ ئولتۇراتتى، خالىمىسىمۇ بىرىپ بىر نەچچىنى سۆيىۋىتىپ ،بىردەم ئارام ئىلىۋالغاندىن كىيىن ئاشخانىغا كىرىپ ئايالىمنىڭ كىلىشىگە ئۈلگۈرتۈپ تاماق تەييارلاشقا باشلىدىم، تىزراق تەييار قىلاي، بولمىسا كىلىپلا تۇمشۇقلىرى ئۇچلىنىپ كەتمىسۇن .....

تاماق ئوخشاپ كىتىپتۇغۇ، كەچتە قىلىدىغان ئازراق ئىش بار، قاچىلارنى ئەتە ئەتىگەندە يۇيۋىتەي،- دېدى ئايالىم كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ. شىكەر يالىتىلغان زەمبىرەك ئوقىنى ....... ۋاي ئىككى تال قاچىغۇ ئۆزەم يۇيۋىتەي .
سىز بەك ياخشى جۇمۇ...

بالامنى ئەركىلىتىپ يىتىپ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن، چۈش كۆردۈم،ناھايتى ئۇزۇن،ئىنىق بىر چۈشنى كۆردۈم.

_______________________________________________________________

ئۇۋۇ كىچىك بالا ئەجەپ ماڭا ئوخشاپ تۇردا؟

ئۇ دەل سەن!!!! ئارقامدىن كەلگەن بۇ غەزەپلىك ئاۋازنى ئاڭلاپ، بۇرۇلۇپ قاراپ بىقىشقا جۈرئەت قىلالماي ئالدىمدىكى كىنۇ لىنتىسىدەك ئۆىۋاتقان ۋەقەلىككە كۆز سالدىم.

مۈرىسىگە ئىغىر بىر مىشكاپنى ئارىتقان بىر ئادەم، قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەپ كىتىپ باراتتى، كىيىملىردىن نامراتلىقى يىغىپ تۇرغان،لىكىن چىرايىدىن مىھرىبانلىقنىڭ ئىزنالىرى مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇرغان بۇ ئادەم ئىككى قەدەمدە بىر كەينىگە بۇرلۇپ، مۆدۈرۈپ-چوقۇرۇپ كىتىۋاتقان ئوماققىنا بىر بالىنى تىزراق مىڭىشقا ئۈندەيىتتى.
-ئاز قالدۇق بالام، بىردەم چىدىۋەت ھە!
-مەن كۆتۈرۈشۈپ بىرەيمۇ دادا؟
بۇنى ئاڭلىغان دادىنىڭ چىرايىدىكى ھارغىنلىقنى بىر خىل ئىللىق تەبەسسۇم قاپلىدى.
-چوڭ بولغاندا كۆتۈرۈشۈپ بىرىسەن بالام، شۇ چاغدا قولۇمغا قول-پۇتۇمغا پۇت بولىدىغان ئەركەك بولىسەن.

ئالاھەزەل بىر سائەتلەردىن كىيىن، ئاتا-بالا ئىككىسى ئاۋات ،كىشىلەر توپلاشقان قايناق بىر بازارغا يىتىپ كەلدى.
-يىنىمدىن بىر قەدەممۇ نىرى كەتمە بالام، مىشكاپتىكى قوناقنى سېتىپ بولۇپلا ساڭا پاختلىق چاپان بىلەن ئىچى يۇڭلۇق ئىسسىق ئۆتۈك ئىلىپ بىرىمەن.
-ئۆزەڭگە نىمە ئالىسەن دادا؟
- قارمامسەن پۇتۇمدىكى ئاياق يېپيىڭى تۇرمامدۇ؟  ئىككى كۈندىن كىيىن مەكتەپكە بارىسەن، يېڭى كىيىم كىيىپ بار بالام.
دادىسى ئوغلىنى كۆرۈپ قىلىپ يەنە سوئال سوراپ تۇرۋالمىسىۇن دەپ، مىڭ يىرىگە ياماق چۈشكەن كىگىز ئۆتىكىنىڭ تىشىلىپ كەتكەن ئۇچىنى باشقا ياققا بۇرىدى.






يېڭى ئاياق، يېڭى چاپان كىيگەن بالا قىن-قىنىغا پاتماي، دادىسى ئىلىپ بەرگەن گۆشگىردىنى ئىشتىھا بىلەن يىمەكتە ئىدى.
- سەن نىمىگە يىمەيسەن دادا؟
-ئۆيدە چاينى جىق ئىچىۋاپتىمەن بالام.
-دادا، بۇ ئانار سۈيىنى سەنمۇ ئىچىپ باقە؟
- مەن ئۇسسۇمۇدۇم،سەن ئىچىۋەرگىن.

ئۇلار شۇ تەرىقىدە كەلگەن يولى بىلەن ئۆيىگە قايىتتى. دادا يولدا كەلگۈچە بىر كۆلچەككە يىغىلىپ قالغان سۇنى ھۇزۇرلىنىپ ئىچتى، لىكىن بالىمۇ دادىنى دوراپ سۇنى ئىغىزىغا ئىلىپ يىرگىنىش بىلەن تۈكۈرۋەتتى.

ئارىدىن يىللار ئۆتۈپ ، بالا تىرىشچانلىقى بىلەن ئالىي مەكتەپكە  ماڭدى ، شۇ ۋاقىتتا بىر ئىغىز ۋايسمايدىغان دادا، بۇرۇنقى ئىللىق چىرايى بىلەن بالىنىڭ قولىغا نەچچە يىللارنىڭ ياقى يىغقان-تەرگىنىنى تۇتقۇزدى. ياخشى ئوقۇ بالام، ياخشى-يەپ ئىچكىن،پۇلدىن غەم قىلما، مەنلا ھايات بولىدىكەنمەن، سىنى ھەرگىزمۇ قىسىنچىلىقتا قويمايمەن.

بالا ئوقۇش جەرىيانىدا،چوڭ يەپ، چوڭ ئىچتى،ئالىي دەرىجىلىك رىستۇرانلاردا تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزدى ، ھەر قىتىم پۇل كىرەك بولسا دادىسىغا قورقماي چوڭ سانلارنى دىيەلىدى.

دادا ،يەنىلا بالىسىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇپ كىلىۋاتاتتى. ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن شەھەردە خىزمەتكە قالدى، ئەمەلدارنىڭ قىزىنى ئىلىپ كاتتا ئۆيدە ئولتۇردى، لىكىن ئاتا-ئانىسىنى تويغا مىھمان سۈپىتىدە چاقىرغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا بۇ بىر نەچچە يىلنىڭ ياقى ئۇلارنى يوقلاپ قويمىدى. ئارزۇلۇق بىر تال ئوغۇل...................

ئۆرۈلۈپ چۈشەيلا دەپ قالغان ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدا ، بالىسىنى سىغىنغان ،قامىتى مۈكچەيگەن بىر جۈپ قەدىردانلار مىسكىنلىك بىلەن ئىڭەڭ يۆلەپ ئولتۇرۇپتۇ. بىر ئۆمۈر يىغقان تەرگىنىنى سەرىپ قىلغان ئارزۇلۇق بالىسى ئىسسىق ئۆيدە ،كارۋىتىدا سوزۇلۇپ يىتىپ ،چۈش كۆرمەكتە.

-كالىنى ساتايلى بۇۋاي، داۋالانمىسىلىرى بولمايدۇ،
-ياق ئۇنىمۇ سىتىۋەتسەك ، يىقىندا نەۋرىمىزنىڭ خەتنە تويى بولۇپ قالسا ئوغلىمىزغا ئازراق پۇل غەملەپ بەرمىسەك بولماس، يېشىممۇ بىر يەرگە باردى، پۇلنى بىكار بۇزمايلى، ئۇلارمۇ بىر كۈنى قەدرىمىزگە يىتىپ قالار..........

ھەسرەت -نادامەتنى ئۆزلىرىگە يۈكلىگەن بۇ بىر جۈپلەر دەل مېنىڭ ئاپام -بىلەن دادام ئىدى، ياق ........

بۇ كۆرنۈشلەرنىڭ ئاخىرنى كۆرۈشكە تاقەت قىلالمىدىم، مەندەك بىر ۋاپاسىزنى يەنىلا ئۆز جېنىدەك بىلدىغان ئەزىزلەرنىڭ ھالىغا مۇشۇ يىشىمغىچە يىـتىپ قويمىغانلىقىمدىن ئۆزەمدىن نەپرەتلەندىم. ( بۇ ۋاپاسىزلىق تۇيغۇسى بەكمۇ كىچىكىپ يوقىغان بولسىمۇ)

ئانار سۈيىنى ماڭا بىرىپ ،ئۆزى كۆلچەكتە تۇرۇپ قالغان لاي سۇنى ئىچكەن دادامغا ئانار سۈيى تۇرماق بىر پىيالە قىززىق چايمۇ تۇتالماپتىمەن ئەمەسمۇ.  
ھازىرلا چىقىپ ،ئۇلارنى يىنىمغا ئەكىرۋالاي،

دادا مېنى كەچۈرۈڭ!!!!

يۈزۈمگە پۈركۈلگەن سۇدىن ئاستا كۆزۈمنى ئاچتىم، ئايالىم نىمە بولدى دىگەندەك ماڭا قاراپ تۇراتتى.

مايكا، ئىشتانلىرىمنى ئوڭ-تەتۈر كىيىپ ئىشىك تەرەپكە ئالاقىزادىلىك بىلەن يۈگۈرگەنلىكىمنى كۆرۈپ ، ئارقامدىن كىلىپ قولۇمغا ئىسىلدى،
_تۈن يىرىمدا نەگە ماڭدىڭىز ؟
-دادامنىڭ قىشىغا،دادام ئاغرىپ قاپتۇ
-ئەجەپ كۆيۈمچانلىقىڭىز تۇتۇپ كىتىپتۇغۇ؟
-ئاغزىڭنى يۇم!!!!

سىرىتتا يامغۇر يىغىۋىتپىتۇ، ئەتىراپ تىمتاس، مېنى ئىلىپ كىتىپ بارغان تاكسى شوپۇرى،يۈزلىرىڭىز ھۆل بولۇپ كىتىپتۇ دەپ قەغەزنى تۇتقۇزۇپ قويدى. پۇشايمان  ياشلىرىمنى يوشۇرۇشقا ياردەم قىلغان بۇ يامغۇرغا رەھمەت....مەن يىغلىدىم.......................................






بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:+10(tim0998) نادىر ئەسەر


  • ھەسرەت چىكىۋاتقان ۋاقتىڭىزدىمۇ قاپاق تۈرمەڭ. چۈنكى، سىز كۈلۈمسىرىشىڭىزگە كىمنىڭ ئامراقلىقىنى بىلمەيسىز

    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-25 21:10 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    zarrauqkuni
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 23425
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 268
    شۆھرەت: 329 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1630 سوم
    تۆھپە: 21 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 175(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

     

    جەمىيىتىمىزدىكى تۇلۇق كارتىنا بىزدىكى دىنسىزلىقنىڭ ئەۋىج ئىلىشى،يات مىللەتلەرنىڭ خائىشلىرىنىڭ بىزلەرگە يۇقىشى،بولدىلا يۈرىكىم يېرىلىپ كىتىشتىن قورقۇدۇم!

    قۇل ياكى ھۆرلىكىنى بىللەلىگەن ئادەملەر  چۇقۇم ھۆر،
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-25 21:21 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    knight116
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 22179
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 95
    شۆھرەت: 96 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 885 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 690(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

     

    مەن گۆرگەن تىمىلارنىڭ ،ئەڭ ياخشىشى ئىكەن،،،،،،،،،،،       

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-25 21:33 |
    سېنىڭ گۈلۈڭ
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 28366
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1735
    شۆھرەت: 1736 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 8095 سوم
    تۆھپە: 6 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 463(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

     

    قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىز ھارمىغاي تاتلىق قىز...

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
      
    مەن ھامان سۈكۈتتە...
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-25 21:37 |
    ALXIR
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 613
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 172
    شۆھرەت: 172 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1711 سوم
    تۆھپە: 25 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 23(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-01-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

     

      بۇنى بۇيەردىمۇ كۆرگىنىمدىن خۇشالمەن......    مىنى تۇنىغانسىز........  
    بۇنداق ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقانلار ناھايتى كۆپ ......  بۇنداق ۋاپاسىز ئوغوللارنى ئاللاھمۇ كەچۇرمەيدۇ......   بۇنى ئوقۇپ تۇلۇق ئوتتۇردا ئوقىغان « ئۇلارمۇ ئاتا-ئانا بۇلار» دىگەن ئەسەردىكى مىھرىبان ،كۇيۇمچان ھېلقى ئانا ئىسىمگە كىلىۋاتىدۇ......  
         كەلگۇسىدىكى ئاتا-ئانىلار ئۆزىمىزنىڭ مەسئۇلىيتىنى ئۇنتۇپ قالمايلى.....  

    ~~ ئەسلىمە مۇنبىرى سىزنى قارشى ئالىدۇ!!~~
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-25 21:51 |
    razwiqik
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 20241
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1221
    شۆھرەت: 1232 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1540 سوم
    تۆھپە: 80 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 32 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 308(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

     

    بۇ تىمىنى نادىرلىغۇدەك يىزىلىپتۇ ئۇيغۇرئاي تىخىمۇ تىرشىڭ

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    ئادەمنىڭ تىرىشىش نىشانى قانچە يۇقىرى بولسا ئۇ ئىرىشىدىغان  نەرسىمۇ كۆپ بولىدۇ
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-25 22:02 |
    elxat312
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6610
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 352
    شۆھرەت: 377 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3226 سوم
    تۆھپە: 28 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 571(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

     

    ۋاھ!

    رەھمىتى ھەدە!


    شۇنداق  تەسىرلىك يىزىلىپتۇ!

    http://6470209.163888.net
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-25 22:03 |
    雪莲
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 25981
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 31
    شۆھرەت: 32 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 300 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 392(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

     

    ئاۋال ئورۇن ئېلىۋالاي...

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-25 22:23 |
    yaru
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 12719
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 131
    شۆھرەت: 132 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1310 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 111(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-25

     

    بەك ئىسىل يىزىلىپتۇ،ئايالىم بىلەن بىللە ئوقۇپ تېمىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كىتىپتىمەن،توساتتىن قارا دىگەندەك بولدى، ئايالىمغا قارىسام يىغلاپ ئېقىپ كىتىپتۇ.بۇنى قسقا فىلىم قىلىپ ئىشلىسە ناھايىتى ياخشى چىققۇدەك.قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن !

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-25 23:05 |
    مەشئەلجان
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش رەسىم يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 41486
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2227
    شۆھرەت: 2254 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 12268 سوم
    تۆھپە: 65 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 145 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 964(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

     

    ئەسەر ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ .مەن كۆيەرمەن بالامغا ،بالام كۆيەر بالىسىغا دىگەن شۇ ،ھېلىمۇ ئاۋۇ ئوغۇل ئەقلىنى تېپىپتۇ بولمىسا ئاتا - ئانىسىدىن كىيىن قالغاندا مىڭ  يىغلىغىنى بىكار،شۇڭا ئۇلارنىڭ ھاياتلىقىدا ياخشى بېقىشىمىز لازىم.بولمىسا ئۆتنە ئالەم بۇ ، بىزمۇ ھامان بىر كۈنىئۇلاردەك   قېرىيمىز .

    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-25 23:08 |
    uzi
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 63723
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 572
    شۆھرەت: 573 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1695 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 281(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-25

     

    ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز ، قوللىرىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن !

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    دوستلارنىڭ ھەسىتى دۈشمەننىڭ قەستىدىن يامان!
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-26 00:01 |
    tim0998
    گۈزەللىك ئىزدىمە،ئۇ سەندە.
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 61829
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1185
    شۆھرەت: 1321 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 670 سوم
    تۆھپە: 144 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 39 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 495(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

     

    ئۇيغۇر ئاي سىڭلىمىزغا رەھمەت.ھەقىقەتەنمۇ نادىر تېما.
    -بالام سىللە يىڭى ئۆي تۇتتىڭلار،بىزنىڭ كۈنمىزمۇ ياخشى ئۆزۈڭلار ئىشلىتىڭلار،بۇنداق قىلىپ كەتمىسەڭلارمۇ بولىدۇ
    دادامنىڭ ھەر قىتىم يوقلاپ بارغىنىمدا ئىيتقان بۇ سۆزلىرى مىنى تىخىمۇ خىجىل قىلىدۇ.شۇ تاپتا دادامنى قۇچاقلىغىم كىلىپ كەتتى
      

    تۈنۈگۈننى ئۇنۇتما!بۈگۈننى چىڭ تۇت!ئەتىنى ئويلا!
    تۈنۈگۈندىن جەۋھەرلەر توپلىشىڭ مومكىن؛
    بۈگۈننى چىڭ تۇتساڭ،كېيىن پۇشايمان قىلمايسەن؛
    ئەتىكى توغرا نىشاننى كۆزلەپ ماڭساڭ،تاپتىن چىقىپ كەتمەيسەن!

    ./?u=61829
    ./?a=tim0998
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-26 03:31 |
    uygur110
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 69578
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 173
    شۆھرەت: 173 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1730 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 198(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

     

    كونۇپكا تاختىسى باسقان قوللىرىڭىز ھارمىغاي،بۇنى ناھايىتى ياخشى يىزىپسىز!~!~!

    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-26 14:59 |
    ikin
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 10098
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 173
    شۆھرەت: 183 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1770 سوم
    تۆھپە: 60 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1121(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

     

    بۇ تىمىنى كۆرگەن ھەر بىر ئەقىل ئىگىىسى باشقىدىن ئاز تۇلا تەپەككۇر قىلسا ئەجەپ ئەمەس.

    شەبنەم ئۈچۈن
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-26 19:31 |
    arkak0997
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 63892
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 139
    شۆھرەت: 140 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1349 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

     

    قەلىمىڭىزنى چاڭ باسمىسۇن شەبنەمدىشىم ، تېخىمۇ تىرىشىڭ .

    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-26 20:11 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )
    XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:03-27 21:53, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ