كاللىڭىز ئەرەنچىمۇ ياكى ئايالچىمۇ؟!
بۇ سىناقنى ئامرىكىنىڭ داڭلىق ئۇنۋېستىتى خارۋارد ئۇنۋېرستىتى پىسخىلوگىيە ئىنستىتوتى تۈزۈپ چىققان.بۇ سىناق ئارقىلىق ئۆزڭىزنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئايالچە تەپەككۈر قىلامدۇ ياكى ئەرلەرچە تەپەككۈر قىلىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالايسىز.
ئاۋال بىر قەغەر قەلەم تەييار قىلىڭ،ئاندىن كۆرسەتمە بويىچە سۇئاللارغا جاۋاب بېرىپ ئۆزىڭىزگە نومۇر قويۇپ بېقىڭ.ھازىر سەلكىننىڭ راي سىناش تېما ئىقتىدارى مۇكەممەل بولمىغاچقا،بۇ سۇئاللارنىڭ تەبىرىنى ئىنكاس قايتۇرۇش ئارقىلىق كۆرگەيسىز.
ئەگەر A نى تاللىسڭىز 15 نومۇر قوشۇڭ.
ئەگەر B نى تاللىسىڭىز 5 نۇمۇر قوشۇڭ.
ئەگەر C نى تاللىسىڭىز 5 نۇمۇر تارتىڭ.
قېنى باشلايلى ئەمىسە:
1.خەرىتىگە قاراپ يول ئىزدىگىنىڭىزدە ياكى يول بەلگىلىرىنى ئۇچراتقېنىڭىزدا ( )
A قىينىلىسىز ھەمدە دەرھال باشقىلاردىن ياردەم سورايسىز.
B خەرىتىنى ئايلاندۇرۇپ تۇتۇپ،ئۆزىڭىزنىڭ نىشانىغا ئوخشاش يۆنىلىشتە توغرىلايسىز.
C قىلچىلىك قىينالمايسىز.
2.ناھايىتى مۇرەككەپ بىر خىل تاماقنى قىلىۋاتقىنىڭىزدا،بىر تەرەپتىن رادىئو قويۇلىۋاتقاندا،تاسادىپەن دوستىڭىزدىن تېلىفون كىلىپ قالسا ( )
A ئۈچ ئىشنى تەڭ قىلىسىز.
B رادىئونى ئېتىۋىتىسىز،ئەمما قولىڭىز بىلەن ئاغزىڭىز بىكار تۇرمايدۇ.
C دوستىڭىزغا تامىقىڭىزنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا تېلىفون قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىسىز.
3.دوستلىرىڭىز سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە كەلمەكچى بولدى،ئەمما قانداق مېڭىشنى بىلمەي سىزدىن سورىدى.ئۇ چاغدا سىز قانداق قىلىسىز؟( )
A ئىنتايىن ئەتراپلىق خەرىتىنى سىزىپ ئۇلارغا ئەۋەرتىپ بېرىسىز،ياكى باشقىلارغا سىزنىڭ ئورنىڭىزدا يولنى دەپ بېرىشنى ھاۋالە قىلىسىز.
B ئۇلاردىن سىز تۇرغان يەردىكى ئۇلار تونۇيدىغان يەرنىڭ بار يوقلىقىنى سورايسىز،ئاندىن ئۇلارغا قانداق مېڭىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرىسىز.
C ئۇلارغا قانداق ماڭىدىغانلىقىنى ئاغزاكىلا ئېيتىپ بېرىسىز.
4. بىر خىل ئىدىيە ياكى ئۇقۇمنى باشقىلارغا چۈشەندۈرگەن ۋاقتىڭىزدا،قانداق قىلىسىز؟( )
A قەلەم،قەغەز ۋە ھەرىكەت ئارقىلىق چۈشەندۈرىسىز.
B ئاغزاكى ۋە ھەرىكەت بىلەن چۈشەندۈرىسىز.
C ئاغزاكى ئاددىي ئېنىق قىلىپ چۈشەندۈرىسىز.
5. ناھايىتى ئېسىل بىر كىنونى كۆرۈپ بولۇپ،ئۆيگە قايتقىنىڭىزدا( )
A كىنودىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئەسلەيسىز.
B كۆرۈنۈشلەرنى ۋە ئارتىسلارنىڭ سۆزلىرىنى ئېيتىپ بېرەلەيسىز.
C كىنودىكى مۇھىم پاراڭلارنى ئېيتىپ بېرەلەيسىز.
6. كىنوخانىدا سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئورۇن( )
A كىنوخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە.
B قەيەر بولسا بولىۋېرىدۇ.
C كىنوخانىنىڭ سول تەرىپىدە.
7. دوستىڭىزنىڭ بىر نەرسىسى بۇزۇلۇپ قالدى.ئۇ چاغدا سىز ( )
A ئۇنىڭغا چوڭقۇر ھىسداشلىق قىلىسىز،ۋە ئۇنىڭ ھىسياتى توغرىلىق پاراڭلىشىسىز.
B ئىشەنچلىك بىر رىمۇنتچىنى ئۇنىڭغا تونۇشتۇرىسىز.
C ئۇنىڭ قۇرۇلمىسىنى بىلىۋىلىپ،ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ياسىشىپ بېرىشنى ئويلايسىز.
8. سىز تونىمايدىغان بىر يەردە،بىراۋ سىزدىن شىمالنى سورىسا سىز ( )
A سەمىمىلىك بىلەن بىلمەيمەن دەيسىز.
B ئازراق ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن،شىمالنىڭ يۆنىلىشىنى قىياس قىلىپ باقىسىز.
C قىلچە قىينالمايلا شىمالنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ بېرىسىز.
9. بىر ماشىنا قويىدىغان يەرنى تاپتىڭىز،ئەمما ئۇ يەر بەكمۇ تار بولغاچقا،ماشىنىنى كەينىچە ئەكىرىش كېرەك.ئۇنداقتا سىز ( )
A باشقا جاي ئىزدەيسىز.
B ماشىنىنى ئاۋايلاپ ئەكىرىشكە ئۇرۇنىسىز.
C قىلچە ھودۇقمايلا ماشىنىنى ئەكىرىپ توختىتىسىز.
10. تېلىۋىزور كۆرىۋاتقىنىڭىزدا تېلىفون سايراپ قالدى،بۇ چاغدا( )
A تېلىفوننى ئېلىۋېرىسىز،تېلىۋىزورمۇ قويۇلىۋېرىدۇ.
B ئاۋال ئاۋازنى پەس قىلىپ،ئاندىن تېلىفوننى ئالىسىز.
C تېلىۋىزورنى ئېتىۋىتىپ،باشقىلارنى شۈكلىگەندىن كىيىن،ئاندىن تېلىفوننى ئالىسىز.
11. بىر ناخشىنى ئاڭلىدىڭىز،ئۇ ئاخشىنى سىز ياقتۇرىدىغان ناخشىچى ئېيتقان ئىكەن،ئۇنداقتا ئادەتتە سىز( )
A ئاڭلاپ بولۇپلا،قىلچە قىينالمايلا دوراپ ئېيتالايسىز.
B ناۋادا ئاسانراق ناخشا بولسا،ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن،
C ناخشىنىڭ ئاھاڭىنى ئېسىڭىزگە ئالالمايسىز،ئەمما قىسمەن تېكىستلىرىنى ئەسلىيەلەيسىز.
12. ئىشلارنىڭ نەتىجىسىگە بولغان كۈچلۈك پەرەز تۇيغۇڭىز نەدىن كەلگەن؟( )
A بەۋاستە سېزىمىڭىزدىن كەلگەن.
B ئىشەنچلىك خەۋەر ۋە يۇرەكلىك پەرەز قىلىش ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىنغان.
C ئىلگىرىكى سىتاتىستىكا سان-سېفىرلىرى ۋە ماتىرىياللارغا ئاساسەن كەلگەن.
13. ئاچقۇچىنى نەگە قويغىنىڭىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭىز،بۇ چاغدا( )
A باشقا ئىشنى قىلغاچ تۇرىسز،ئېسىڭىزگە كەلگەندە بىر گەپ بولىدۇ.
B باشقا ئىشنى قىلغان ئاچقۇچنى نەگە قويغىڭىزنى خىيال قىلىسز.
C بايا قىلغان ئىشلىرىڭنى ئويلاپ،شۇنىڭغا ئاساسەن ئاچقۇچنى پەرەز قىلىسز.
14. مىھمانخانىدا تۇرغىنىڭىزدا يىراقتىن سىگىنال ئاۋازى ئاڭلاندى.ئۇ چاغدا سىز ( )
A ئاۋازنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيسىز.
B زەن قويۇپ ئاڭلاپ،ئاندىن ئاۋازنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيسىز.
C ئاۋازنىڭ نەدىن كەلگىنىنى بىلەلمەيسىز.
15. بىر ئولتۇرۇشتا دوستىڭىز سىزگە 8-9 يېڭى كىشىنى تونۇشتۇردى،ئىككىنچى كۈنى سىز( )
A ئۇلارنىڭ چىراينى ئاسانلا ئەسكە ئالالايسىز.
B ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەرنىڭ چىرايىنىلا ئەسلىيەلەيسىز. :
C ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئاسانراق ئېسىڭىزدە تۇتالايسىز.
16. سىز يېزىغا دەل ئالغىلى بارماقچى بولدىڭىز،رەپىقىڭىز بولسا دېڭىز بويىغا بارماقچى بولدى،ئۇنداقتا ئۇنى قانداق قايىل قىلماقچى بولىسىز؟( )
A ھىجىيىپ تۇرۇپ ئۆزىڭىزنىڭ ھىسياتىنى چۈشەندۈرىسىز،ئۆزىڭىزنىڭ يېزىغا ئامراقلىقىنى،بالىلارنىڭ يېزىدا ئوبدان ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەيسىز.
B ئۇنىڭغا يېزىغا بارسىڭىز بەك خۇشال بولىدىغانلىقىڭىنى،كىيىنكى قېتىم چوقۇم دېڭىز بويىغا بارىدىغانلىقىڭىنى ئېيتىسىز.
C ھەق گەپنى دەيسىز،يېزا ھەم يېقىن ھەم ئەرزان،شۇڭا دەم ئېلىشقا ماس كىلىدۇ دەيسىز.
17. كۈندىلىك تۇرمۇشنى پىلان قىلغىنىڭىزدا،ئادەتتە ( )
A تىزىملىك تۈزىسىز،قىلىدىغان ئىشلىرىڭىز مانا مەن دەپلا ئېنىق بولىدۇ.
B قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى ئويلىشىسىز.
C كىملەرگە ئۇچراپ قالىدىغانلىقىڭىزنى،نەلەرگە بارىدىغانلىقىڭىزنى ۋە نىمە ئىشلارنى قىلىشىڭىز مۇمكىنلىقىنى پەرەز قىلىسىز.
18. دوستلىرىڭىز قىيىنچلىققا ئۇچراپ سىزنى ئىزدەپ كەلگەندە( )
A ھىسداشلىق قىلىسىز،ۋە ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىنى چۈشىنىسىز.
B ئىشنىڭ ئۇنداق يامان بولۇپ كەتمەيدىغانلىقى توغرىلىق گەپ قىلىپ،ئۇنىڭغا چۈشەندۈرىسىز.
C ئۇنىڭغا تەكلىپ بېرىسىز،ياكى لايىق ئاگاھلاندۇرىسىز ۋە ئۇنىڭغا قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرىسىز.
19. ئىككى توي قىلغان دوستىڭىز ئاشنا ئويناپتۇ،سىز ئۇلارنى قاچان بايقىشىڭىز مۇمكىن؟( )
A ناھايىتى ئىلگىرىلا سېزىۋالىسىز.
B بىر مەزگىلدىن كىيىن سېزىپ قالىسىز.
C سېزىپ قالمايسىز.
20. تۇرمۇشقا بولغان پوزىتسىيىڭىز قانداق؟( )
A نۇرغۇن دوست تۇتىسىز،ئەتراپىڭىزدىكىلەر بىلەن ئىناق ئۆتىسىز.
B باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىسىز،ئەمما ئارىلىق ساقلاپ،كىشىلىك مەخپىيەتلىكىڭىزنى ئاشكارىلىمايسىز.
C بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئورۇنداپ،باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ،ئابروي ۋە مەنسەپ تاپىسىز.
21. ناۋادا تاللىغىلى بولسا،قانداق خىزمەت قىلشىنى تاللايسىز؟( )
A بىللە ئۆتكىلى بولىدىغان كىشىلەر بىلەن بىللە ئىشلەشنى تاللايسىز.
B خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ بولۇشىنى،ئەمما ئۆزىڭىزگە خاس بوشلۇقىڭىز بار خىزمەتنى تاللايسىز.
C يالغۇر خىزمەتنى تاللايسىز.
22. ياخشى كۆرىدىغان كىتابىڭىز( )
A ھىكايە ۋە باشقا ئادەبىي ئەسەرلەر
B گېزىت- ژورنال
C ئەەبىي ئەمەس ماتىرىياللار، شەخسى كەچۈرمىش ماتىرىياللىرى
23.بازارغا چىققاندا سىزنىڭ تاللىشىڭىز( )
A كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ كىتىسىز،بولۇپمۇ بەزى ئالاھىدە نەرسىلەردە.
B ئازراق پىلان قىلىۋالىسىز،ئەمما قىززىقى كىلىپ قالغاندا ئېلىۋېرىسىز.
C ماركىسىنى ئوقۇپ تاللاپ،باھاسىنى سېلىشتۇرىسىز.
24. ئۇخلاپ ئويغىنىپ تاماق يىيىشتە ،سىز قاندىقىنى ياقتۇرىسىز؟( )
A خالىغەنچە بولىۋېرىدۇ.
B مەلۇم پىلانىم بولىدۇ،ئەمما ئىلاستىكىلىقى ئىنتايىن چوڭ.
C كۈندە بۇ ئىشلارنى مۇقىم ۋاقىتتا قىلىسىز.
25. يېڭى خىزمىتىڭىزنى باشلاپ نۇرغۇن يېڭى خىزمەتداشلىرىڭىز بىلەن تونۇشتىڭىز،شۇلارنى ئىچىدىكى بىرى سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە تېلىفون قىلىپ سىزنى ئىزدىسە سىز ( )
A ئۇنى دەرھال ئاۋازىدىن تونىۋالىسىز.
B ئازراق پاراڭلاشقاندىن كىيىن،ئاندىن ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلەلەيسىز.
C ئاۋازىدىن ئۇنىڭ كىملىكىنى پەرق ئىتالمايسىز.
26. باشقىلار بىلەن مۇنازىرىلەشكىنىڭىزدە،سىزنى قانداق ئىش ئەڭ خاپا قىلىپ كېسىلدۈرىدۇ؟ ( )
A قارشى تەرەپنىڭ جىم تۇرىۋىلىشى ياكى پەرۋا قىلماسلىقى.
B سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىزنى چۈشەنمەسلىكى.
C تولا سۇئال سوراپ تۇرىۋىلىشى ياكى سىزدىن گۇمان قىلىشى ياكى سىزگە باھا بېرىشى.
27. سىز مەكتەپلەردىكى ئىملا تەكشۈرۈش مەشىقى بىلەن ماقالە يېزىش مەشىقىىگە قانداق قارايسىز؟( )
A ئىككىلىسىلا ئاددىي سىناق
B بۇنىڭ ئىچىدە بىرسى بولىدۇ،يەنە بىرسى تازا ياخشى ئەمەس.
C ئىككىلىسىلا ياخشى ئەمەس.
28. تانسا ئوينىغان چېغىڭىزدا ( )
A مۇزىكىنى ئاڭلىغان ھامان ئۈگەنگەن تانسا قەدەملىرىڭىزنى ئېسىڭىزگە ئالىسىز.
B ئازراقلا ئوينىيالايسىز،كۆپىنچىسىنى ئېسىڭىزگە ئالالمايسىز.
C رېتىم ۋە ۋاقىتنى كونترول قىلالمايسىز.
29. ھايۋاناتلارنىڭ ئاۋازىنى پەرق ئېتىپ،ئۇلارنىڭ دورىيالامسىز؟( )
Aتازا ماھىر ئەمەسسىز.
B ھەر ھالدا بوپ قالىدۇ.
C ناھايىتى كارامەتسىز.
30. بىر كۈنلۈك پائالىيەتلەر ئاخىرىلاشقان چېغىدا، سىز نىمىنى ياقتۇرىسىز؟( )
A ئۆيدىكىلەر ۋە دوستلىرىڭىزغا بۇ كۈننى قانداق ئۆتكۈزگىنڭىزنى دەپ بېرىسىز.
B باشقىلارنىڭ بۇ كۈننى قانداق ئۆتكۈزگىنىنى ئاڭلايسىز.
C گېزىت-تىلىۋىزور كۆرۈپ، پاراڭ سالمايسىز.
قېنى ئىنكاسىڭىزنى يېزىپ جاۋابىنى مۇشۇ يەردىن كۆرگەيسىز، ھېساپلىغۇچە ئېزىپ كەتمەڭ جۇمۇ!
بۇ ئورۇندىكى مەزمون يۇشۇرۇلغان ، سىز ئىنكاس قايتۇرغاندىلا كۆرەلەيسىز
[ بۇ يازما TiМTαS تەرپىدىن2009-03-25 19:05دە قايتا ت ]