يېڭىدىن بايقالغان دۇنيادىكى يېشى ئەڭ چوڭ موماي
ساخانا دوسۇۋا ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، قازاقىستاندىكى بىر قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتە دۇنيادىكى يېشى ئەڭ چوڭ موماي بايقالغان ، موماينىڭ ئىسمى ساخانا دوسۇۋا بولۇپ ، دۇنيا جىننېس رېكورتىدا خاتىرىلەنگەن ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىدىن 16 ياش چوڭ ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە ، ساخانا دوسۇۋا 1879 – يىلى يەنى ، ئېدىسون لامپۇچكىنى كەشپ قىلغان يىلى تۇغۇلغان بولۇپ ، بۇ يىل 130 ياشقا كىرىدىكەن . ئۇنىڭ دېيىشىچە ، ئۇ تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېمەيدىغان بولۇپ ، ھازىرغا قەدەر بىرەر قېتىممۇ دوختۇرغا كۆرۈنۈپ باقمىغان ، كىشىلەر ئۇنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدىكى «مەخپىي رېتسىپ»ىنى سورىغاندا ، ئۇ «يۇمۇرىستىك خاراكتېرىم سەۋەب بولسا كېرەك»دەپ جاۋاب بەرگەن.
موماي قارىماققا ناھايىتى ساغلام ھەم تېتىك بولۇپ ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ناھايىتى ياخشى ئىكەن ، ئەمما ، ئاڭلاش ئىقتىدارى ئۆتكەن يىلى ئازراق تۆۋەنلىگەن.
ساخانا دوسۇۋانىڭ كىملىكى
مەنبە : تەڭرىتاغ تورى