ئىسرائىلىيە ئوڭ قاناتچىلىرى نامايىش قىلدى
توپىلاڭچىلار ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ئاتقان ياش ئاققۇزۇش بومبىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا
24 – مارت ، قىسمەن ئىسرائىلىيە ئوڭ قاناتچىلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى ئەرەپ بازىرى ئۇم فەھىمدە نامايىش ئۆتكۈزۈپ ، شۇ جايدىكى خەلق بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان ، ۋەقەدە ساقچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 28 ئادەم يارىلانغان .
ئۇم فەھىم ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئەرەپ بازارلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، بۇ بازاردا 43 مىڭ ئەرەپ ئاھالىسى بار ئىكەن . شۇ كۈنى 100 گە يېقىن ئوڭ قاناتچى بۇ بازاردا نامايىش ئۆتكۈزۈپ ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان . ئۇم فەھىمدە شۇ كۈنى پۈتۈن شەھەردە ئىش تاشلاش ، سودا توختىتىش بولغان ، خەلق ئاممىسى پەلەستىننىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقاندا ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان . ساقچى تەرەپ نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرگە چۆچۈتۈش بومبىسى ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى تاشلىغان ، نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر ساقچىلارغا تاش ئېتىپ قايتۇرما زەربە بەرگەن .
توپىلاڭغا قارشى تۇرۇۋاتقان ساقچىلار
توپىلاڭدا يارىلانغان ساقچى
مەنبە : تەڭرىتاغ تورى