خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى
خوجىنىياز ھاجى ئۈچ ئەۋلاد قۇملۇقتا ئۆتكەن قۇل دورغىسى ئىمىننىياز ئائىلىسىدە 1889- يىلى دۇنياغا كەلگەن . ئۇ ئائىلە تەربىيىسىنى ئالغاندىن كېيىن دادىسى ئىمىننىياز دورغا خوجىنىيازنى قۇللاردىن يىراق تۇتۇش ئۈچۈن ، قۇمۇلغا ئەۋەتىپ ، قۇمۇل شەھىرىدىكى خانلىق مەدرىسكە ئوقۇشقا بېرىدۇ ، (خوجىنىياز بۇ مەدرىستە شاھ مەخسۇتنىڭ نەۋرىسى بېشىر شاھزادە بىلەن بىرگە ئوقۇيدۇ .) خوجىنىياز كىچىكىدىن كەم سۆز ، تېز ئاچچىقى كېلىدىغان ، زېرەك ، ئۇچرىغان ھادىسە ، ۋەقەلەرنى تېز تەھلىل قىلىپ ئۈلگۈرەلەيدىغان ، ئۆتكۈر ، قاۋۇل ھەم يۈرەكلىك بولۇپ يېتىلىدۇ . ئۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ئۇستازىدىن كۆپ سوئال سورايتتى . ۋاڭلىق بەلگىلىمىلەر ، قۇللار باللىرىنى 18 ياشقا كىرگەندە ۋاڭغا تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېرەك ئىدى . شۇنىڭدىن كېيىن تىزىمغا ئېلىنغان قۇلغا بېقىش ئۈچۈن چارۋا ، تېرىش ئۈچۈن يەر بېرىلەتتى . ئىمىننىياز دورغا ئوغلىنىڭ قۇللار تىزىملىكىگە كىرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى 17 يېشىدىلا ساۋىراخۇن دېگەن قۇلنىڭ قىزىغا ئۆيلەپ ئۆيىنى ئايرىپ بېرىدۇ ، 1907 – يىلى 1 – ئايدا ئىمىننىياز ئاخۇن ئائىلىسىگە شىڭشىڭشيادىكى ھۆكۈمەت چېرىكلىرىگە ئوتۇن ، سامان ئاپىرىپ بېرىش ئالۋىڭى كېلىدۇ ، ئىمىننىياز ئاخۇن شۇ ئالۋانغا ئوغلى خوجىنىيازنى ئەۋەتىدۇ . خوجىنىياز سەيسىنى تۈگىتىپ قايتىش يولىدا جۇدۇن بولۇپ قالىدۇ . سەيسىچىلەر يولدىن ئېزىپ قېلىپ ، نۇرغۇن ئادەم ۋە ئات ، ئېشەكلەر ئۆلۈپ كېتىدۇ . بۇ ئالۋانغا مەسئۇل بولغان ئوردا بېگى ئىسھاق بىلەن خوجىنىياز قاتارلىق ئۈچ كىشى ھايات قالىدۇ . بۇلار ئاچچىقسۇ دېگەن يەردىكى چازىغا كەلگەندە ، گەنسۇ تەرەپتىن ھارۋىدا كېلىۋاتقان ھارۋىكەش بىلەن 20 نەپەر چېرىكنىڭ توڭلاپ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈدۇ . بۇ چازىدا تۇرغان چېرىك ئەمەلدارلار بۇ ئۆلۈكلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ : ‹‹ يۇقىرىدىن ئۇقتۇرۇش كەلدى ، بۇلارنىڭ يېنىدا ئىككى جىڭ ئەپىيۇن ، 50 سەر تەڭگە بار ئىكەن ، لېكىن بىز ئۇلارنىڭ يېنىنى تەكشۈرسەك يوق تۇرىدۇ . بۇنى سىلەر ئوغرىلاپ كېتىپسىلەر ›› دەپ خوجىنىياز باشلىق ئۈچ كىشىنى تەكشۈرىدۇ . نەتىجىدە خوجىنىيازنىڭ يېنىدىن دادىسى يول خىراجىتى ئۈچۈن بەرگەن بىر سەر تەڭگە پۇل چىقىدۇ . چېرىكلەر بۇنى كۆرۈپ ، باشقىلارنى قويىۋېتىپ ، خوجىنىيازنى تۇتۇپ قېلىپ قالغان پۇللارنى تاپشۇرۇشقا قىستايدۇ ھەمدە بىر ئاي ئېغىر ئەمگەككە سالىدۇ . بىر كۈنى قۇمۇل تەرەپتىن كېلىپ بۇ چازىغا چۈشكەن ھارۋىكەشلەر قۇمۇلدا ‹‹ تورپاقلار قوزغىلىڭى ›› بولغانلىقىنى ، بۇ قوزغىلاڭنىڭ كۈندىن – كۈنىگە كۈچىيىپ ، شەھەرگە ھۇجۇم قىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ . خوجىنىياز بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، شۇ كېچىسى ھارۋىكەشلەرنىڭ بىر ئېتىنى ئېلىپ تاغ ئىچى – ئوغرى يولى بىلەن قېچىپ ئۆز يۇرتىغا بارماي ، قوراي يېزىسىغا كېلىدۇ . خوجىنىياز قوراي يېزىسىغا بارغاندا ، قورايدىكى 300 دىن ئارتۇق كىشى توپلىشىپ قۇمۇل شەھىرىگە – ۋاڭ ئوردىسىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانىدى ، خوجىنىياز ھاجى بۇ قوزغىلاڭغا ئىشتىراك قىلىدۇ . خوجىنىياز ھاجىنىڭ ياش ، قابىللىقى ، ئەقىل – پاراسىتى ۋە تارتقان ئازاب – ئوقۇبەتلىرى ، جۈملىدىن قوزغىلاڭ قىلىش ئىرادىسىنىڭ مۇستەھكەملىكىنى كۆرگەن قوزغىلاڭچىلار خوجىنىيازنى قوشۇنغا ئالىدۇ . ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىدۇ ، ئۇنى قوزغىلاڭنىڭ مۇھىم ئادەتلىرى قاتارىغا قويىدۇ . قوزغىلاڭچىلار ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئىشىكىنى تاش – كېسەك بىلەن تاقايدۇ . بىراق كۈتۈلمىگەندە ئۇلار ئوردا ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ مەغلۇپ بولۇپ قوزغىلاڭ باستۇرۇلىدۇ . شاھ مەخسۇت ۋاڭ قوزغىلاڭچىلار ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ، خوجىنىيازنىڭ بۇ قوزغىلاڭنىڭ مۇھىم ئادىمى ئىكەنلىكىنى بىلىپ ، ئۇنى ئىزلەيدۇ . خوجىنىيازنى تۇتالماي ئامالسىز قالغان ئۇنىڭ دادىسى ئىمىننىياز دورغىنى زىندانغا تاشلايدۇ . خوجىنىيازنى تۇتۇش توغرىسىدا مۇنداق ئېلان چىقىرىدۇ . ‹‹ خوجىنىيازنى شارلا تېغى – تاراتۇ تېغىدىن ئىمىننىياز قۇلنىڭ ئوغلى . ئۇ شىڭشىڭشىيا يولى ئاچچىقسۇ چازىسىدىن ھۆكۈمەتنىڭ 50 سەر تەڭگە ، ئىككى جىڭ ئەپىيۇن ، بىر ئات ۋە بىر جۇۋا .... قاتارلىق نەرسىلەرنى ئوغرىلاپ ، قورايدىن چىققان تورپاقلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان . ئۇ پاكار بوي ، يۇمىلاق يۈز ، دۈگىلەك كۆز ، قارا قاش ئادەم ، ئۇنى كۆردۈم دېگۈچىلەرگە ئۈچ يامبۇ ياكى ئۈچ ئات . تۇتۇپ بەرگەن كىشىگە 12 يامبۇ ياكى 12 ئات ئىنئام بېرىلىدۇ ... ›› ئېلان چىقىرىلغاندىن كېيىن خوجىنىيازنى ئىزدىگۈچىلەر كۆپىيىشكە باشلايدۇ . خوجىنىيازنى ئانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن يوشۇرۇن تۇرپانغا بېرىپ ، ئىسھاق دېگەن نام بىلەن ئاستانە مەدرىسىدە بىر يىل مەخسۇت مۇھتى ، مەھمۇت مۇھتىلار بىلەن بىللە ئوقۇيدۇ . شاھ مەخسۇت ۋاڭنىڭ خوجىنىيازنى تۇتۇش ھەرىكىتى تۇرپانغىمۇ يېتىپ كېلىدۇ . بۇ يەردىمۇ ئۇنىڭغا ئاراملىق بولمايدۇ . ئاخىرى ئانىسى ئۇنى ھەجىگە بارىدىغانلارغا قوشۇپ ، ھەرەمگە يولغا سالىدۇ . ئۇ ھەج قىلىپ بولۇپ ، قايتىپ كېلىشكە پۇلى بولمىغاچقا ، شۇ جايدىكى بىر باينىڭ خورمىزارلىقىدا 3 يىل ئىشلەپ يول خىراجىتى ھازىرلاپ ئاندىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىدۇ . 1912- يىلنىڭ بېشىدا ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ . * * * * 1912- يىلى ، قۇمۇل ۋاڭى شاھ مەخسۇت ئۆزى ئۈچۈن خەتەرلىك دەپ ھېسابلىغان ئادەملەرنى ئەسكەرلىككە ئېلىپ ئۈرۈمچىگە يولغا سالىدۇ . بۇ ئەسكەرلەر ئىچىدە تۆمۈر خەلىپىمۇ بولۇپ ، ئۇ يولدا ئەسكەرلىرىگە باشچىلىق قىلىپ ، قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ . ئۇ قوشۇننى باشلاپ كېلىپ ، قورالنىڭ ئۇچىنى قۇمۇل ۋاڭى شاھ مەخسۇتقا قارىتىدۇ . ئازاب چەككەن قۇمۇل خەلقى بۇ قوزغىلاڭغا ئاكتىپ قاتنىشىدۇ . بۇ ۋاقىت خوجىنىياز ھاجىنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن ۋاقتى بولۇپ ، خوجىنىياز ھاجى بۇ قوزغىلاڭغا پىدائىي بولىدۇ ھەم بىر قانچە قېتىملىق جەڭدە جاسارەت بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ، كۆزگە كۆرۈنىدۇ – دە ، تۆمۈر خەلىپە قوشۇندىكى باتۇرلار سېپىگە قوشۇلىدۇ ، خوجىنىياز ھاجى بىر تەرەپتىن ئۇرۇشقا قاتناشسا ، بىر تەرەپتىن تۆمۈر خەلىپىگە مەسلىھەتچى بولىدۇ . تۆمۈر خەلىپە قوزغىلىڭى ‹‹ سۈلىھ ›› بىلەن تىنجىتىلغاندا خوجىنىياز ھاجى ئۆز ئۆز يۇرتىغا قايتىپ ، مىلتىق ئۇچىنى دۈشمەنگە قارىتىدۇ . 1913 – يىلى 9 – ئاينىڭ 6 – كۈنى تۆمۈر خەلىپە ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، قۇمۇل ۋاڭى تۆمۈر خەلىپىنىڭ قالدۇق قىسىملىرىنى يۇقۇتۇشقا قوشۇن ئەۋەتىدۇ . خوجىنىياز ھاجى تاغدىكى قوشۇنلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ ، بىر مەزگىل ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ . قورال – ياراغنىڭ ناچار بۇلىشى ، سان جەھەتتىن ئاز بولۇشتەك سەۋەبلەر تۈپەيلى ، خوجىنىياز ھاجى قوشۇنلارنى تارقىتىۋېتىپ ئۆزىلا يەككە قالىدۇ . شاھ مەخسۇت ۋاڭ بارلىق چارە تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ ، خوجىنىياز ھاجىنى تۇتۇشقا كىرىشىدۇ .
* * * * 1913- يىلى 9 – ئاينىڭ 6 – كۈنى تۆمۈر خەلىپە ئۆلتۈرۈلدى . بۇنىڭدىن خۇشاللىقى ئىچ ئىچىگە سىغماي قالغان شاھ مەخسۇت ۋاڭ قالغان قوزغىلاڭچىلارنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن 12 تاغ ، بەش شەھەرگە لەشكەر چىقىرىپ ، تىنىتىش ئېلىپ بېرىپ قوزغىلاڭ ئىشتىراكچىلىرىنى بېسىقتۇرۇشقا كىرىشتى . پۈتۈن قۇمۇل زېمىنىدا خوجىنىياز ھاجىنىڭ دەسسەشكە ئايىغى ئەمەس ، بەلكى تىنىقى چىققۇدەكمۇ بوشلۇق قالمىدى . خوجىنىياز ھاجىم بارىكۆل ئارقىلىق ئالتايغا بېرىپ تاشقى موڭغۇلىيىگە بېرىشنى پىلانلىدى – دە ، بارىكۆلگە بېرىش بىلەنلا ئىسمىنى يەنە ئىسھاق دەپ ئاتاپ ، ئالتاي چىڭگىلىدە ئاكام بار ، شۇنى ئىزلەيمەن ، دەپ يۈردى . خوجىنىياز ھاجىم ئالتايغا قاراپ يولغا چىققاندىن كېيىن ، يولدا قامزا دېگەن بىر قازاق يىگىتى بىلەن ئۇچرىشىپ ، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى ، ( قامزا ئەسلىدە بارىكۆل ، ئالتاي ئارىلىقىدا ئوغرىلىق ، بۇلاڭچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان داڭدار ئوغرى ئىدى ) . يول ئۈستىدىكى بىر قونالغۇدا ، قامزا خوجىنىياز ھاجىم ئۇخلاپ قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ ياخشى ئېتىنى ئوغرىلاپ ، ئۆزىنىڭ توكۇر بايتىلىنى تاشلاپ كېتىدۇ . خوجىنىياز ھاجىم ئامالسىز قېلىپ ئالىپ ئوكورداينىڭ ئاۋۇلىدا بىر يىل قوي باقىدۇ . ياڭ زېڭشىن بىلەن شاھ مەخسۇت ۋاڭ ئۆز كېلىشىمى بويىچە ، خوجىنىياز ھاجىنى تۇتۇش قارارىنى ئۆزگەرتمەيدۇ . ھەممە يەرگە تەك ئېلان تارقىتىدۇ . تاغلىقلار ئالىپ ئوكورداينىڭ مالچىسى ئىسھاقتىنمۇ گۇمانلىنىدۇ ھەتتا تۆت قازاق يىگىتى ھاجىمنى تۇتقىلى كېلىدۇ . خوجىنىياز ھاجىم بۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى سېزىپ قېلىپ ئالىپ ئوكورداينىڭ بىر ئېتىنى مىنىپ ، ئۇ جايدىن كېتىپ قالىدۇ . بەختكە قارشى ئات ئۆلۈپ پىيادە قالىدۇ . ئۇ بىر قانچە كۈن جاپالىق يول يۈرۈپ چۆچەككە كېلىدۇ . خوجىنىياز ھاجىم چۆچەكتە بولغان مەزگىلدە ئىسمىنى قامزا ، دەپ ئاتايدۇ . چۈنكى بۇ چاغدا خوجىنىياز ھاجىم كىيىم – كېچەك ، گەپ - سۆز جەھەتتە قازاقلىشىپ بولغانىدى . ئۇ كۈنلەردە خوجىنىياز ھاجىم مامۇتباي دېگەن ئۇيغۇر چارۋىچىنىڭ مېلىنى باقىدۇ .مامۇتباي ئۆزىگە سادىق بۇ مالاي ‹‹ قامزا ›› غا ئىشەنچ باغلايدۇ – دە ، قويلارنى بورتالانىڭ قىزىل يۇلتۇز دېگەن يېرىگە ئاپىرىپ بېقىشنى تاپىلايدۇ . خوجىنىياز ھاجىم بورتالاغا بارغاندىن كېيىن بىر تەرەپتىن مامۇتباي قويلارنى قوغداش ئۈچۈن بەرگەن قورال بىلەن ئوۋچىلىق قىلىدۇ . شۇ باھانە بىلەن قارىغا ئېتىش مەشىقى قىلىدۇ . خوجىنىياز ھاجىم ئۆزى ئوۋلىغان ئۈچ دانە بورقان ( بۆكەن ) مۈڭگۈزىنى مامۇتبايغا بېرىدۇ . مامۇتباي بۇنىڭدىن تولىمۇ رازى بولىدۇ ۋە خوجىنىياز ھاجىم ( قامزا ) نى يېتەرلىك ئوق – دورا بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ . خوجىنىياز ھاجىمنىڭ مالچىلىق كۈنلىرى ئوۋ چىلىق قىلىش ۋە قارغا ئېتىش بىلەن ئۆتىدۇ . شاھ مەخسۇت ئۆز شايكىلىرىنى خوجىنىياز ھاجىنى تۇتۇش ئۈچۈن تەرەپ – تەرەپكە يولغا سالغانىدى . ئۇلار خوجىنىياز ھاجىمنىڭ چۆچەكتە ئىكەنلىكىنى بىلىپ ۋاڭغا مەلۇم قىلىدۇ . شاھ مەخسۇت ۋاڭ توخسۇنلۇق نىياز شەنزۇ ( شەنزۇ – يېرىم ھاكىم ) نى خوجىنىياز ھاجىمنى تۇتۇپ كېلىشكە ئەۋەتىدۇ . خوجىنىياز ھاجىم بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ۋەتەندىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ – دە ، چېگرىدىن ئۆتۈپ چار رۇسىيىگە بارىدۇ . * * * * خوجىنىياز ھاجىم چېگرىدىن ئۆتۈپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر رايونى – يەر كەنتكە بارىدۇ ۋە ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بىر قىشلاققا ئورۇنلىشىدۇ . ئۇزۇن ئۆتمەي شۇ جايدىكى ئۇيغۇر ، قازاق قېرىنداشلار بىلەن چىقىشىپ كېتىدۇ . ئۇنىڭ دوست بۇرادەرلىرى بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلايدۇ . خوجىنىياز ھاجىم چېگرىدىن ئۆتۈش ئالدىدا ، بورتالادىن ئوۋلىغان بىر قانچە بۆكەن مۈڭگۈزىنى بېرىشكە ئۈلگۈرەلمەي ئېلىۋالغانىدى . خوجىنىياز ھاجى بۇ مۈڭگۈزلەرنى يەر كەنت بازىرىدا غۇلجىلىق ۋەلى باي دېگەن ئاتلىق كىشىگە سېتىپ بېرىدۇ . ۋەلى باي مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن خوجىنىياز ھاجى بىلەن تونۇشىدۇ ھەم ئۇنىڭ داۋاملىق ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرۇشىغا ئات ، تايغان ، ياخشى قورال ۋە ئوق دورا بېرىدۇ .خوجىنىياز ھاجىنىڭ شارائىتى ياخشىلىنىدۇ . ئۇ ئوۋچىلىق ئىشى بىلەن چار رۇسىيىنىڭ بىر قانچە چو ڭ – كىچىك شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ چىقىدۇ . كۆپلىگەن كىشىلەر بىلەن سۆھبەتتە بولىدۇ . يېڭىلىقلارنى قوبۇل قىلىدۇ . ئاڭ سەۋىيىسى ئۆسىدۇ ، جەمئىيەت ۋە ھاياتنى چۈشىنىدۇ . چار رۇسىيىنىڭ سىياسىي ، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنى شىنجاڭنىڭ سىياسىي ، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنى سېلىشتۇرىدۇ .چار رۇسىيىدىكى ئىلغار تىپتىكى قورال – ياراغلارنى كۆرۈپ ، 1907 – يىلىدىكى ‹‹ تورپاقلار قوزغىلىڭى ›› ۋە 1912 – يىلىدىكى ‹‹ تۆمۈر خەلىپە قوزغىلىڭى ›› دا ئىشلەتكەن قارا مىلتىق ۋە 9 ، 10 ، 11 ، 12 ئاتار مىلتىقلارنى ئەسكە ئېلىپ ، ‹‹ ھەتتەڭەي ئەگەر شۇ چاغلاردا مۇشۇنداق قوراللار قولىمىزدا بولغان بولسا ، تەقدىرىمىز ئاللىقاچان ھەل بولۇپ ، زۇلۇمغا ئاتا قىلغان بۇلۇركەنمىز ، .....ھېلىمۇ خۇدا نۇسرەت ئاتا قىلسا ، خەلقىم بىلەن بىرلىكتە مەقسەتكە يېتەرمەن .... ›› دەيدۇ . 1917 – يىلى رۇسىيىدە ئۆكتە بىر ئىنقىلابى پارتلاپ غەلىبىگە ئېرىشتى . ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسى پۈتۈن دۇنيادىكى ئېزىلگۈچى خەلق ۋە مىللەتلەرنى ئويغاتقاندەك ئۆمۈر بويى ئىنقىلاب ئارزۇسىدا چەت جايلاردا خارى – زارلىقتا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان خوجىنىياز ھاجىنىمۇ ئويغاتتى . ئۇنىڭ كۆڭلىدە يانغان ئىنقىلابنىڭ ئوتى ئۇنى قوراللار بىلەن تونۇشۇش ، نۇقتىلىق ھەربىي تەلىم - تەربىيە ئېلىشقا ئۈندىدى . ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى . ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبىسىدىن كېيىن ، رۇسىيە ھۆكۈمىتى پۈتۈن رۇسىيە گراژدانلىرىغا ھەربىي تەلىم- تەربىيە ئېلىپ بېرىش لازىملىقى ھەققىدە مۇراجەتنامە ئېلان قىلدى . خوجىنىياز ھاجىم ھەربىي تەلىم– تەربىيە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ۋەلىباي ھىممەت بىلدۈرۈپ ، خوجىنىياز ھاجىمنى ئۆز ئوغلى نامىدا تىزىمغا ئالدۇردى ، ئۇ ھەربىي – تەلىم تەربىيە جەريانىدا ئۇرۇش قانۇنىيەتلىرى نەزەرىيىسىنى ئوبدان ئىگىلىدى . بارلىق ئېغىر يېنىك قوراللار ، ھەرخىل چوڭ – كىچىك تىپتىكى توپ زەمبىرەكلەر ۋە پارتلاتقۇچ دورىلار بىلەن تونۇشتى . ھەتتا زېنىت پىلىموتقا قەدەر تونۇشۇپ چىقتى . ئۇ ئۆزىنىڭ كونا مەرگەنلىكى بىلەن قارغا ئېتىش ماھىرى بولۇپ قالدى . تەلىم – تەربىيىنى ئالىي نەتىجە بىلەن ئاياغلاشتۇردى . خوجىنىياز ھاجىم ھەربىي تەلىم – تەربىيە ئالغاندىن ، رۇسىيىنىڭ بىر قانچە شەھەرلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى . كونا ساۋاقدىشى مەخسۇت مۇھتىنىڭ ۋاستىسى بىلەن رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئەڭ دەسلەپ قۇرۇلغان ‹‹ كالتە چاپانلار تەشكىلاتى ›› ، ‹‹ مەدەنىيەتپەرۋەرلەر تەشكىلاتى ›› ۋە ‹‹ ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقى ›› نىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ھەمدە ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئۇيغۇر ۋەكىلى ئابدۇللا ، روزى باقىيۇ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى ، ۋە سۆھبەتتە بولدى . بولۇپمۇ شىنجاڭلىق سودىگەرلەر كۆپرەك بولغان شەمەي ، زەيسان ، توقماق ، قارا قول ....... قاتارلىق جايلاغا بېرىپ ، شىنجاڭلىق سودىگەرلەر بىلەن ئۇچرىشىپ ، ئۇلار بىلەن تونۇشتى . كونا ساۋاقدىشى مەخسۇت مۇھتى ۋە مەھمۇت مۇھتىلار بىلەن شىنجاڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ ، شىنجاڭدا سوۋېت ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ تەجرىبە ساۋاقلىرى بويىچە ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىش قارارىغا كېلىشتى . لېكىن شارائىتى ئۇلارنىڭ ھەرىكەت قىلىشىغا يار بەرمەيتتى . خوجىنىياز ھاجى 1923 – يىلىغىچە رۇسىيىدە بولۇپ ، بۇ مەزگىلدە ئۆتكۈر سىياسىي پىكىرلىك ، يۈكسەك ھەربىي ماھارەتكە ئىگە ئەقىل – پاراسەتلىك بىر كىشى بولۇپ يېتىلدى . 1923- يىلى رۇسىيە ئىچكى ئۇرۇش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن شىنجاڭلىق سودىگەرلەر ۋەتەنگە قايتىشقا باشلىدى . بۇ چاغدا خوجىنىياز ھاجىمۇ ۋەلىباي بىلەن ئىلىغا كەلدى . ئىلىدا تۇرغان مەزگىلدە ۋەلىباينىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ھۈسەنباي ھاجىم ، ياقۇبباي ۋە ھەكىم بەگ خوجىدار بىلەن ئۇچراشتى .
* * * * خوجىنىياز ھاجىم رۇسىيىدىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر مەزگىل ئىلىدا تۇردى . كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ ، ئۈرۈمچىدە تۇردى . ئۈرۈمچىدە تۇرغان مەزگىلدە تەشكىللىك ۋە پىلانلىق ھالدا تەشكىللەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى . شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۇرت كاتتىلىرى ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت باغلىدى . ئۇلارنىڭ ئىنقىلاب قىلىش ئېڭىنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بەردى . خوجىنىياز ھاجىم خەلقنى ئويغىتىش ئىشلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆكتەبىر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنى ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بەردى . ( پېشقەدەم كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا ، كىشىلەر رۇسىيىدە بولغان ئۆزگىرىشلەرنى پەقەت خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغانلىقىنى ، بۇرۇن بۇنداق سۆزلەرنىڭ ئۈرۈمچىدە يوقلىقىنى ئېيتقان ). ئۇ ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ قۇمۇل ، تۇرپان ، توقسۇن ، ئالتاي ، ھەتتا خوتەنگىچە بولغان ئارلىقتىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى كۆزىتىدۇ ، جايلانىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەيدۇ . 1927- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا مەخسۇت مۇھتى ۋە مەھمۇت مۇھتىلار بىلەن كېلىشىپ ، خوجىنىياز ھاجىم قۇمۇلدا ، مەخسۇت مۇھتىلار تۇرپاندا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش قارارىغا كېلىدۇ . 1927- يىلىنىڭ ئاخىرىدا خوجىنىياز ھاجىم دادىسىنىڭ ۋاپات بولغان خەۋىرىنى ئاڭلاپ ، قۇمۇلغا بارىدۇ ھەم مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قۇمۇلنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى كۆزىتىدۇ . 1928- يىلى 5- ئاينىڭ 16- كۈنى ، شاھ مەخسۇت ۋاڭ ئۆلۈپ ئورنىغا ئوغلى نەزەر ۋاڭ بولىدۇ . 1928- يىلى 7 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ياڭ زېڭشىن ، فەن ياۋ نەن تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ . پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن جىن شۇرىن فەن ياۋ نەننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالىدۇ . قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە بولىۋاتقان بۇ ئۆزگىرىشلەر قوزغىلاڭ ھازىرلىقنىڭ جىددىي ئېلىپ بېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . جىن شۇرىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىش بىلەنلا ‹‹ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدە ۋاڭلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ، بۇنىڭدىن كېيىن ۋاڭلىق دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس ›› دەيدۇ . ئۆزىگە نۇرغۇن سوۋغا – سالاملارنى ئېلىپ كەلگەن . نەزەر ۋاڭنى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ قېلىپ ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەزاسى قىلىپ بەلگىلەيدۇ . شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك ھاكىملىق تۈزۈم ئورنىتىلىدۇ . قۇمۇل 3 ناھىيىگە بۆلۈپ ئىدارە قىلىنىدۇ . مۇشۇ ۋاقىتتىن كېيىن مەخسۇت مۇھتى ۋە تاھىر بەگلەر (1929- يىلى) سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلغار ئىنقىلاب تەجرىبىسى ۋە ئىلىم - پەن ، مەدەنىيەت – مائارىپ تەجرىبىسىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ، سودىگەرچىلىك باھانىسى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ ، موسكۋا قاتارلىق جايلادا بولىدۇ . ھەر ساھەلەردىن ئۆگىنىش ئېلىپ بارىدۇ . * * * * ‹‹ بۆرىدىن قۇتۇلۇپ يولۋاسقا تۇتۇلدۇم ›› دېگەندەك قۇمۇل ۋاڭنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇق ، دەپ ئويلىغان خەلق ھىيلىگەر جاللات – جىن شۇرىن ۋە ئۇنىڭ چېرىك ئەمەلدارلىرىنىڭ دەھشەتلىك زۇلۇمى ئاستىدا قالىدۇ . جىن شۇرىن ۋە ئۇنىڭ قول – چوماقلىرى ئاسانلا قولغا كېلىپ قالغان بۇ ‹‹ تاجى – تەخت ›› نىڭ ئۇزۇن دەۋر سۈرمەيدىغانلىقىنى ياخشى بېلەتتى . شۇڭا ئۇلار بۇ ‹‹ ئامەت ›› دىن پايدىلىنىش ئۈچۈن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ، ئالۋان – ياساقلارنى كۆپەيتتى . خىيانەتچىلىك پارىخورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىپ ، خەلقنى ئازابلاش بەدىلىگە ئۆز چۆنتەكلىرىنى تولدۇرۇشتى . خەلق بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولدى . شۇ ۋاقىتتا ئايرىم كىشىلەر ئىچىدە : ‹‹ چېچەنگە ئۇنىماي ، باچەنگە ئۇندۇقمۇ ؟ ›› ، ‹‹ بۇ قانداق يېڭى ھۆكۈمەت بولسۇن ؟ بۇنداق ھۆكۈمەتتىن ۋاڭ ياخشىكەنغۇ ؟ ›› دېگەن پاراڭلارمۇ بولدى . خەلقنىڭ بۇ ئىنكاسى بەزىلەر دېگەندەك ھەرگىز قۇمۇل خەلقىنىڭ قايتا تىكلەشنى تەلەپ قىلىشى بولماستىن ئەكسىچە جىن شۇرىن ھاكىمىيىتى ئۈستىدىن قىلىنغان شىكايەت ئىدى . بۇ ۋاقىتتا پۇرسەتتىن پايدىلانغان يولۋاس خەلقنى بۇ خىل پىكىرنىڭ ھىمايىچىسى بولۇۋالىدۇ – دە ، نەزەر ۋاڭ قۇمۇلدا بولمىغانلىقى ئۈچۈن ، بېشىر شاھزادىنى ( ئەينى ۋاقىتتا ئوردا ھەربىي ئىشلار نازارەتچىسى ئىدى ، ) ۋاڭ قىلىپ تىكلەپ ، ئۆزى ئوردا بېگى بولۇۋالىدۇ . قۇمۇل جىن شۇرىن ھۆكۈمرانلىقىدىن ئايرىلىدۇ . جىن شۇرىن نەزەرنى ئۇلارغا نەسىھەتكە ئەۋەتىدۇ . لېكىن بېشىر ۋە يولۋاسلار نەزەرنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمايدۇ . نەزەر ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلىدۇ . بېشىر شاھزادە ۋاڭ بولغاندىن كېيىن ، ئوردا قائىدىسى بويىچە تاغلىق پالۋانلارغا مىلتىق تارقىتىپ بىر تال مىلتىق ئۈچۈن ئىككى دانىدىن بۇغا مۈڭگۈزى تاپشۇرۇش ئالۋىنى قويدى . بۇ قېتىم تاراتۇ تېغىغا قويۇلغان ئالۋانغا خوجىنىياز ھاجىممۇ قاتناشتى . خوجىنىياز ھاجىم ۋاڭ بەرگەن ئىككى دانە مىلتىققا مەقسەتلىك ھالدا ئالتە دانە بۇغا مۈڭگۈزى تاپشۇردى . بۇنى كۆرگەن بېشىر ۋاڭ ھەيران بولۇپ ئەھۋالنى سورىغاندا ، مال تاپشۇرغانلار : ‹‹ تاراتۇ تېغىدا بىر مەرگەن چىقتى ، ئاتقان ئوقى زايە كەتمەيدۇ . ئۇچار قۇشلارمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ ›› ، دەپ تەرىپلەيدۇ . ۋاڭ ئۇ كىشىنىڭ ئىسمىنى سورىغاندا ، بىز ئۇنى ‹‹ پالۋان دەپلا ئاتايمىز ، ئاڭلىساق ، ئۆزلىرى بىلەن مەدرىستە بىللە ئوقۇغان كىشى ئىكەن ›› - دەيدۇ . بېشىر ۋاڭ سۈرۈشتۈرۈپ ، بۇ كىشىنىڭ خوجىنىياز ھاجىم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە ئۇنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىدۇ .
* * * * بېشىر ۋاڭ خوجىنىياز ھاجىم بىلەن بولغان ساۋاقداشلىق ۋە دوستلۇق يۈزىسىدىن ، بولۇپمۇ خوجىنىياز ھاجىمنىڭ قابىل مەرگەنلىكىگە خۇشتار بولۇپ ئۇنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىدۇ . بېشىر ۋاڭنىڭ خوجىنىياز ھاجىمنى ئورنىغا تەكلىپ قىلىشتىكى مەقسىتى ئۇنىڭ تالانتىدىن پايدىلىنىش ئىدى . خوجىنىياز ھاجىم ئوردا بەگلىرىدىن يۈسۈپ بەگ چىقىپ 3 – قېتىم تەكلىپ قىلغاندا ئاندىن ئوردىغا كېلىدۇ ، بېشىر ۋاڭ ھاجىمنى ناھايىتى بەك ھۆرمەت قىلىدۇ . بېشىر ۋاڭ ھاجىمىڭ مەرگەنلىكنى كۆرۈش ئۈچۈن ئوۋغا چىقىدۇ ، ۋاڭ ئۇچرىغان جانلىقلارغا نىشانسىز ئوق ئاتىدۇ . ئوقنىڭ بىرەرسىمۇ تەگمەيدۇ . خوجىنىياز ھاجىم ئارقىدا تۇرۇپ ئۇچرىغان جانلىقلارنى يىقىتىدۇ ۋە : ‹‹ ۋاڭ ئالىيلىرى ، ئۆزلىرى ئاتقان ئوق دەل تەگدى ›› ، - دەيدۇ . ۋاڭ بۇنىڭدىن بەكمۇ خۇشال بولىدۇ . بارا – بارا ۋاڭنىڭ ھاجىمغا بولغان ئىشەنچىسى كۈچىيىشكە باشلايدۇ . جۈملىدىن خوجىنىياز ھاجىم ئۈستىدىن تولاراق شىكايەت قىلىدىغان ھەسەتخور ئوردا بېگى يولۋاسنى ئوردا بەگلىگىدىن قالدۇرۇپ ، بازار بېگى قىلىپ قويىدۇ . خوجىنىياز ھاجىمنى ئوردا بېگى ھەم ئوردا پالۋانلىرىنى تەربىيىلىگۈچى قىلىپ تەيىنلەيدۇ . خوجىنىياز ھاجىم ئوردا بېگى بولغان مەزگىللەردە راھەت – پاراغەت ، ئەمەل – مەنسەپگە بېرىلمەي ، ئىتىبىدات ھاكىمىيەتكە ھەم ۋاڭغا قارشى ئىسيان كۆتىرىش ئارزۇسىدا بولىدۇ . ئوردا ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرىدۇ . مەخسۇت مۇھتى ۋە مەھمۇت مۇھتىلار ھەم توقسۇنلۇق توختى لۈيجاڭ ( توختى ئېلى ) ، كۇچالىق تۆمۈر ئېلى ( تۆمۈر سىجاڭ ) ، ھادى ئەلەم قاتارلىقلار ھەم ھەر قايسى جايلاردىكى يۇرت كاتتىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتتە بولۇپ قوزغىلاڭ ھازىرلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . دېمەك ، شىمالدا ئالتايدىن ، جەنۇبتا خوتەنگىچە بولغان ئارلىقتا ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ . 1929- يىلى جىن شۇرىن ھۆكۈمىتى بېشىر ۋاڭغا قايتا – قايتا ئادەم ئەۋەتىپ ، ئۆلكىگە بوي سۇنۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . بېشىر ۋاڭ ۋاڭلىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈمىدىدە ، قۇمۇلغا قاراشلىق 12 تاغ ۋە بەش شەھەردىن ① مەرگەن تاللاپ ھەربىي مەشىق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن خوجىنىياز ھاجىمنى بۇ ئىشقا مەسئۇل قىلىدۇ . خوجىنىياز ھاجىم بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ 12 تاغ ۋە بەش شەھەردىكى كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدۇ . دېمەك خوجىنىياز ھاجىم 1929- يىلنىڭ ئاخىرىدا 1931- يىلنىڭ بېشىغىچە بولغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە ئوردا ئىچى ۋە سىرتىدا كۆپ قوزغىلاڭ ھېسداشچىلىرىنى قولغا كەلتۈرىدۇ . ①بەش شەھەر – سومقاغا ، توغۇچى ، لاپخۇق ، ئاستانە ، قارا دۆۋە قاتارلىقلار ئىدى . * * * * جىن شۇرىن ھاكىمىيەت بېشىقا چىققاندىن كېيىن ياڭ زېڭشىن دەۋرىدە قۇمۇلدا خىزمەت قىلغان ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسىنى ئالماشتۇرىدۇ . ئۆزىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە يېقىنلىرىنى باج كىرىمى ئەڭ كۆپ بولغان ئورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ھەر قايسى ئىقتىسادىي ئورۇنلارنى قامال قىلىدۇ . جىن شۇرىننىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى ئاسان قولغا كەلگەن بۇ ھاكىمىيەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى بېيىتىش ئىدى . 1931- يىلى جىن شۇرىن ئۆزىنىڭ يېقىن تۇغقىنى جاڭ گۇ خۇانى ئارا تۈرۈك ناھىيىسىنىڭ شوپول دېگەن يېرىدىكى چازىغا باج ئەمەلدارى قىلىپ ئەۋەتىدۇ . بۇ شىنجاڭ بىلەن تاشقى موڭغۇلىيە چېگرىسىدىكى مۇھىم جاي بولۇپ باج كىرىمى ئەڭ ئۈستۈن ئىدى . جاڭ گۇ خۇا بۇ جايغا كېلىپ خىزمەت ئىشلىگەندىن كېيىن بىر ئۇيغۇر قىزغا ئۆيلىنىمەن دەپ تۇرىۋالىدۇ ۋە قىزنىڭ ئاتىسىغا ئادەم قويۇشتىن سىرىت قۇراللىق بېسىم ئىشلىتىدۇ . زۇلۇم دەستىدىن جېنىدىن جاق تويغان خەلق قاتتىق غەزەپكە كېلىدۇ . خەلق قانچە ئېغىر بېسىقلىق قىلسا ، جاڭ گۇ خۇا شۇنچە ھەددىدىن ئاشىدۇ . ئۆزىنىڭ پاك قېنى ۋە نەسلىنى بۇلغاشقا يول قويمايدىغان ئۇيغۇر خەلقى جاڭ گۇ خۇاغا قارشى قوزغىلىدۇ . خەلق بۇ قوزغىلاڭغا خوجىنىياز ھاجىنى يېتەكچى دەپ تونۇيدۇ ( بۇ يەردە باشقا يۇرت كاتتىلىرى ئۈستىدە توختالمايمىز ) . خوجىنىياز ھاجىمنىڭ بۇ قوزغىلاڭغا قاتنىشىنى ۋە رەھبەرلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ . بۇ تەكلىپ خوجىنىياز ھاجىم ئۈچۈن ئوڭۇشلۇق شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ . نەتىجىدە قوزغىلاڭ جاڭ گۇ خۇا ئۈستىدىن باشلىنىدۇ .
* * * *
1931- يىل 2 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ، ئابدۇنىياز مىراپ ، سالىخ دورغا ، خوجىنىياز ھاجىم ....... قاتارلىق يۇرت كاتتىلىرى ئاچقان قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش پىلان يىغىنى غەلىبىلىك ئاياغلىشىدۇ . 1931 – يىلى 2 – ئاينىڭ 20 – كۈنى داقا – دۇمباق ، ناغرا – سۇنايلار بىلەن باشلانغان « توي » مۇراسىمى ھەممە كىشىنى جەلپ قىلىدۇ . جاڭ گۇ خۇا « قىزنى بېرىمىز » دېگەن ۋەدە بويىچە 33 نەپەر قوراللىق ئەسكەر بىلەن توي مەيدانىغا يېتىپ كېلىدۇ . كەچ قۇرۇن جاڭ گۇ خۇا قىز ھۇجرىسىغا تەكلىپ قىلىنىدۇ . جاڭ گۇ خۇا ھۇجىرىغا كىرىش بىلەنلا قىزچە ياسانغان يىگىت ( ئىمىن ئىسمايىل ) نىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ئاتىدۇ . ئىمىن جاڭ گۇ خۇانى قۇچاقلاپ ئالغان پېتى جايىدىلا ئۇجۇقتۇرىدۇ . بۇ چاغدا توي مەيدانىدا تۇرغان يىگىتلەر جاڭ گۇ خۇانىڭ 33 نەپەر ئەسكىرىنى بېسىقتۇرىدۇ . قورالغا ئىگە بولغان يىگىتلەر دەرھال جاڭ گۇ خۇا تۇرۇشلۇق قورغانغا قاراپ ئاتلىنىدۇ . قورغان ئەمەلدارى ئابدۇنىيازنىڭ ياردىمى ئاستىدا قورغاندىكى 100 دىن ئارتۇق چېرىك يوقىتىلىدۇ . ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغان « توي » دىكى بۇ غەلبە قوزغىلاڭچىلارنىڭ تەشكىللىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ . يۇرت كاتتىلىرىدىن سادىق دورغا ، ئابدۇنىياز مىراپ ، باقىنىياز دورغا ، خوجىنىياز ھاجىم ، قاسىم پالۋان ، يەھيا ئىمام ، ئىبراھىم قۇرمانلار يېتەكچىلىكىدە قوزغىلاڭچى قوشۇن تەشكىللىنىدۇ . بۇ قوشۇندا 12 تاغ ، 5 شەھەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر قاتنىشىدۇ . خوجىنىياز ھاجىم بۇ قوشۇننىڭ ھەربىي قوماندانى بولىدۇ . جىن شۇرىن بۇ ئىشتىن ئىنتايىن ئالاقزادە بولۇپ ، ياڭ زېڭشىن تۆمۈر خەلىپىگە ئىشلەتكەن كونا ھىيلىسىنى ئىشلىتىپ ، سۈلھىگە ئادەم ئەۋەتىدۇ . سۆھبەتتە خوجىنىياز ھاجىم ؛ « قۇمۇلنىڭ ئامانلىقى قۇمۇل خەلقىگە تاپشۇرلىشى لازىم ......» دېگەن پىكىردە چىڭ تۇرىدۇ . جىن شۇرىن ۋەكىللىرى بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ . نەتىجىدە ، كېلىشىم ئورنىغا ئۇرۇش بولىدۇ .
* * * *
1931 – يىلى 2 – ئاينىڭ 20 – كۈنى ، « توي » مۇراسىمى باشلانغان قوزغىلاڭ جىن شۇرىن ھۆكۈمىتىنى ئالاقزادە قىلىۋەتتى . جىن شۇرىن قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق ھەربىي قوماندانى ( قۇمۇل سىجاڭى ) ليۇ شىزىڭغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ، قوزغىڭلانى باستۇرماقچى بولدى . ليۇ شىزىڭ يولۋاس باشچىلىقدا قوشۇن ئەۋەتتى . يولۋاس باشچىلىق قىلغان قوشۇندىكى ئەسكەرنىڭ كۆپ قىسىمى ئۇرۇشتا ئۆلۈپ بىر نەچچىسىلا ساق كېلەلىدى . تۆۋەندىكى قوشاقتىن ئۇرۇش ئەھۋالىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .
سايلار ئارا چېرىك چىقتى . ئەلىمىنى دىڭگايتىپ ، چەنلەپ ئاتتۇق ، دۈشمەن قاچتى . مۈرىسىنى قىڭغايتىپ ،
چىقىپ كەلگەن چېرىكلەر ، ئارىلاپ ئاتتى تاڭ – تاڭنى . تاغچىلار يامان ئىكەن ، تارتىۋالدى جۈن چاڭنى . بىر قانچە قېتىم چىقىرىلغان ئەسكەرلەر قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن زەربە يېدى . يولۋاس باشلاپ چىققان قىسىم زىيانغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ليۇ شىزىڭ باتالىيون كوماندىرى جىڭ ئەن بىلەن بىر باتالىيون ئەسكەر ئېلىپ كو شو تى داۋىنىغا چىقىدۇ . يەر شارائىتى بىلەن پىششىق تونۇش ، ئۇرۇش تاكتىكىسغا ئۇستا خوجىنىياز ھاجىم ئۈچ ناھىيىنىڭ يولىنى كونترول قىلغان بۇ ئىستراتېگىيىلىك جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماسلىشىپ جەڭ قىلىدۇ . جىڭ ئەن باشچىلىقىدىكى بۇ بىر باتالىيون دۈشمەن ئەسكىرى خوجىنىياز ھاجىم قوشۇنلىرى تەرىپىدىن تەل – تۈكۈس يوقىتىلىدۇ . بۇ ئۇرۇشنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىنى تۆۋەندىكى قوشاقتىن ئاڭلاڭ ؛ خويمۇ ئوبدان جەڭ بولدى ، كو شو تى دېگەن جايدا . جىن ئەن باشلىق چېرىكلەر ، تامام ئۆلدى شۇ جەڭدە . بىر قانچە قېتىملىق ئۇرۇشلار غەلىبىلىك ئېلىپ بېرىلىپ ، دۈشمەن قىسىملىرى مەغلۇپ بولىدۇ . پۇرسەتتىن پايدىلانغان يولۋاس دەرھال قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا بېرىپ قوشۇلىۋالىدۇ . مۇشۇ كۈنلەردە گەنسۇ ، چىڭخەي ئەتراپلىرىدا خەلقنى بۇلاپ – تالاپ ، ما بۇ فاڭدىن قېچىپ يۈرگەن ماجۇڭيىن 200 دەك ئاتلىق ئەسكىرى بىلەن قۇمۇلغا چىقىدۇ . خوجىنىياز ھاجىم باشچىلىق قىلغان قوزغىلاڭچى قوشۇن قۇمۇل شەھىرىنى قورشاپ ھۇجۇم قىلىۋاتقاندا ، ما جۇڭيىن قوزغىلاڭچىلارغا قوشۇلۇپ جەڭ قىلىدۇ . ئۇرۇشتىن كېيىن ما جۇڭيىن خەلق تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىدۇ . قوزغىلاڭچىلار « يېڭى شەھەر » ۋە « كونا شەھەر » دىن ئىبارەت بۇ ئىككى شەھەرنى ئۇزۇن مۇددەت مۇھاسىرە قىلىپ ئالالمايدۇ . ما جۇڭيىن گەپ – سۆزسىزلا قوشۇنلىرىنى بارى كۆلگە يۆتكەپ كېتىدۇ . كېيىن جىن شۇرىن ئەۋەتكەن لۈيجاڭ دۇ جىڭگو باشچىلىقىدىكى ئەسكەرلەر بىلەن لاۋ دۇڭنىڭ چېڭلۇ چەن دېگەن يېرىدە سوقۇشۇپ دۇ لۈيجاڭ قىسىملىرىنى مەغلۇپ قىلىدۇ . بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن تۆۋەندىكى قوشاقلار توقىلىدۇ ؛ لاۋ دۇڭدىكى سوقۇشتا ، يىيۈەنچەنگە ئات سالدۇق . دۇ لۈيجاڭنىڭ چېرىكىنى ، چېڭلۇ چەندە قاق سالدۇق .
خوجىنىياز ھاجى باش بولۇپ ، بىزنى جەڭگە باشلىدى . دۇ لۈيجاڭنىڭ چېرىكى ، قوراللىرىنى تاشلىدى . دۇ لۈيجاڭ قوشۇنىنىڭ يوقۇتۇلغانلىقىنى ۋە قۇمۇلنىڭ مۇھاسىرىسىدە قالغانلىقىنى ئاڭلىغان جىن شۇرىن شىڭ زىخۇي ( شىڭ شىسەي ) نىڭ قوماندانلىقىدا بىر لۈي ئاتلىق ( موڭغۇل ، شىبە ، رۇس ) ئەسكەرلىرىنى قۇمۇلغا ئەۋەتىدۇ . خوجىنىياز ھاجى لاۋ دۇڭدا شىڭ شىسەي قوشۇنى بىلەن ئۇرۇشىدۇ . خوجىنىياز ھاجى قىسىملىرى 1- سەپتە ، ما جۇڭيىڭ قىسىملىرى 2 – سەپتە ئىدى . 3 كۈنلۈك ئۇرۇشتىن كېيىن ، شىڭ شىسەي قورشاپ ئۇرۇش قىلىدۇ ................ ما جۇڭيىن قىسىملىرىنى باشلاپ گەنسۇغا چېكىنىدۇ . خوجىنىياز ھاجىم ئۆز قىسىملىرىنى تاراتۇغا ئېلىپ كېتىدۇ . ما جۇڭيىن گەنسۇغا چېكىنىش ۋاقتىدا قۇمۇل خەلقىنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىدۇ ، قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىغا ئوت قويۇپ بېرىدۇ . دەل مۇشۇ پەيتتە ، شىڭ شىسەي خوجىنىياز ھاجىمنى سۈلھى سۆھبىتىگە تەكلىپ قىلىدۇ . خوجىنىياز ھاجىم سۆھبەتكە كېلىدۇ . لېكىن 4 كۈنلۈك سۆھبەتتە خوجىنىياز ھاجىمنى ئۆزى مەقسىتىگە بوي سۇندۇرالمىغان ياۋۇز شىڭ شىسەي رەزىل ۋاسىتە قوللىنىپ ، ئۇنى تۇتۇپ قالىدۇ . خوجىنىياز ھاجىم دەرھال ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ شىڭ شىسەي ۋە ئۇنىڭ قىسىملىرىنى ئالداپ تاغقا ئېلىپ چىقىدۇ . قوزغىلاڭچىلار بار جايغا كەلگەندە غايىب بولىدۇ ۋە شىڭ شىسەي ئەسكەرلىرىگە ئەجەللىك زەربە بېرىدۇ ، بۇ زەربىدىن كېيىن شىڭ شىسەي بارلىق قوشۇنلىرىنى توپلاپ تارا تۇغا چىقىپ ، قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرماقچى بولىدۇ . ئەمما ئۇرۇش خۇمار قوزغىلاڭچىلار شىڭ شىسەينىڭ 100 دىن ئارتۇق ئەسكىرىنى ئۆلتۈرىدۇ . بۇنى كۆرگەن شىڭ شىسەي تىكىۋېتىدۇ . داۋامى بار..... |