ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 4706 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ھەي ئۇماق قىز ، بۇ تېمىنى كۆرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ! پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

ئىشەنچ
قىزىم ، دۇنيا سىنىڭ قۇلۇڭدا !
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 21746
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 2486
شۆھرەت: 3176 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 115998 سوم
تۆھپە: 61 نۇمۇر
ياخشى باھا: 140 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1358(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-28

 ھەي ئۇماق قىز ، بۇ تېمىنى كۆرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !

بۇ ئاددىي رىسالىدە ئەمەلىي تۇرمۇشىڭىزدا سىزنى توغرا يولغا يېتەكللەيدىغان بىر قانچە ھەقىقەتلەرنى دەستە گۈل قىلىپ سىزگە سۇندۇم

ئاپتور:ئابدۇل ئەزىز ئەلى.


1 . تولا گەپ قىلىپ كوتۇلداشتىن ھەزەر ئەيلەڭ .ئورۇنسىز ئىشلارغا كوتۇلداپ يۇرۇپ ئائىلىسىنى ۋەيران قىلغان ئاياللار ئاز ئەمەس،ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى تەكرارلاش ھاجەتسىز.شۇنى بىلىڭكى،كوتۇلداش باشقىلارنىڭ سىزدىن بىزار بۇلۇشىغا سەۋەپچى بولىدۇ.شۇنىڭ ئورنىغا سىز ھەل قىلماقچى بولغان مەسىلە ھەققىدە كۆپرەك ئويلىنىڭ

2.ئۆزىڭىزنىڭ ئېتقادىنى مۇستەھكەملەيدىغان ۋە ھايات يۇلىڭىزنى كۆرسىتىپ بېردىغان ياخشى كىتاپلارنى ئوقۇڭ.پايدىسىز كىتاپلارنى ئوقۇش بىلەن ۋاقتىڭىزنى زايە قىلماڭ.بىلىملىك كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىڭ،سۆھبەت جەريانىدا ئازراق سۆزلەپ،كۆپرەك قۇلاق سېلىڭ.

3.ئاڭلىغان گەپ-سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنىلا باشقىلارغا سۆزلەپ يۇرۇش ياخشى ئادەت ئەمەس،بۇنداق ئىشلار كۆپ بۇلۇپ كەتسە،سىزدە يالغانچىلىق ئادىتى شەكىللىنىپ قالىدۇ-دە باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمەيسىز

.4.كىشىلەر ئالدىدا بىلەرمەنلىك قىلىپ ئۆز-ئۆزىڭىزنى ماختىماڭ،ئۇنداق بولىدىكەن ئويلىمىغان يەردىن ئۇياتقا قالىسىز.

5.يۇقىرى ئاۋاز،قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن ۋارقىراپ تۇرۇپ سۆزلىمەڭ.شۇنى ئىسىڭىزدىن چىقارماڭكى،سىز بىر ئايال،ئەگەر سىز ئاۋازىڭىزنى بارىچە قۇيۇۋېتىپ،قۇپاللىق بىلەن    -سۆزلىسىڭىزئاياللارغا خاس جەلىپكارلىقىڭىزنى يوقۇتۇپ قويىسىز

6.بىر ئايال ئۈچۈن ۋۇجۇدىدىن ئاياللىق مەنالىرىنىڭ يوقۇلىشى تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق ئىش

7.ئۇلۇغلارنىڭ سۆزلەش ئۇسۇلىدىن پايدىلنىپ سۆزلەڭ.ياخشى ،مەنپەئەتلىك گەپ بولسا قىلىڭ ،بولمىسا شۈك تۇرۇڭ.

8.ھەرگىز باشقىلارنىڭ سۆزىنى بۆلمەڭ،سۆھبەتدىشىڭىزنىڭ سۆزلىرىگە ئەدەپ بىلەن قۇلاق سېلىڭ.باشقىلار سۆزلەپ بولغاندا ئەڭ ياخشى ئۇسلۇب بىلەن گەپ باشلاڭ،سىزنىڭ سۆزنى قانداق باشلىغانلىقىڭىز ،گاھىدا سىزنىڭ خاراكتىرڭىزنى ئېچىپ بېرىدۇ.

8.باشقىلارنى مەسخىرە قىلىپ،دوراپ گەپ قىلماڭ.شۇنى بىلىڭكى ،ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ بولسا،ئون بەشى ئايدىڭ بولىدۇ.<<كىشىگە سانساڭ ئۆزگە،قاشقا سانىساڭ كۆزگە>>دىگەن گەپ بار.بىر كۈنلەردە ھايات سىزنى،پەرزەنتىڭىزنى ياكى قېرىنداشلىرڭىزنى سىز مەسخىرە قىلغان كىشىلەردەك تەقدىرگە دۇچار قىلىپ قويسا قانداق قىلىسىز؟

9.گەپ قىلىشتىن ئىلگىرى قىلماقچى بولغان سۆزىڭىزنىڭ سالمىقىنى دەڭسەپ بېقىڭ.سۆز قىلىشتا مەسئۇلىيەت بۇلۇشى كېرەك.سۆزلىرڭىزدىن ياخشىلىق تېمىپ تۇرسۇنكى،رەزىللىكنىڭ ھىدى زادىلا پۇرىمىسۇن.ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ<<سۆز ئېغىزدىن چىقىشتىن ئىلگىرى ئالتۇن،چىقىپ بولغاندىن كىيىن مىس بولىدۇ .>>دىگەنىكەن..

.10بىلىم ئېگەللەش ياخشى ئىش ۋەئۇلۇغ يول بارلىق ئىمكانىيەتلىرىڭىز بىلەن بىلىم ئىگەللەڭ.بىلىم ئىگەللەشتىن مەقسەت دىپلوم ئېلىش خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ۋە ياكى پۇل تېپىشلا ئەمەس،بەلكى ھەق-نەھەقنىچىن مەنىسىنى بىلىپ،تۇغرا تەلىم-تەربىيە يوللىرنى ئىگەللەش.شۇڭا بۇيۇكلۈك ئۈچۈن ھەر دائىم ساپ دىللىق بىلەن بىلىم ئىگەللەڭ.

11.بىلىمى يوق،مەلۇم سەۋەپلەر تۇپەيلى ئۇقۇيالمىغان مەسخىرە قىلىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەڭ.كەمتەرلىك بىلەن ئۇلارغا ياردىم قىلىڭ.

12.قۇلىقىڭىز ھەقىقەتنى ئاڭلاش ئۈچۈن يارتىلغان،بولمىغۇر،قۇرۇق گەپ-سۆزلەرگە قۇلاق سالماڭ.

13.جاھاننىڭ نەرىگىلا بارماڭ سىز ئۇيغۇر قىزىسىز.سىزنىڭمۇ جاھان خەلقىگە ماختانغۇدەك ئىسىل كىيىملىرىڭىز بار،سىزنىڭ گۈزەللىگىڭىز ،لاتاپىتىڭىز پەقەت مىللى كىيىم-كېچەك بىلەنلا تېخىمۇ يارقىن نامايەن بولىدۇ.

14.ئۆزگىلەرنىڭ تەپەككۇرى بىلەن لاھىيلەنگەن مودا كىيىملەرنى كىيىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.بەدىنىڭىز كۈرۈنۈپ تۇردىغان كىيىملارنى كىيمەڭ،يېپىشقا تېگىشلىك جايلىرڭىزنى يېپىپ يۇرۇڭ. شۇنى ئۇنۇتماڭ ھەر قانداق نەرسە قانچە يۇشۇرۇن بولسا شۇنچە سىرلىق ۋە جەلىپكار بولىدۇ.سىز كىيىملىرڭىشنى كۈندىن-كۈنگە قىسقارتىۋاتقاندا،سىز بىلەن بىر جىنىس بولغان ئەۋلادلىرڭىزنىمۇ ئويلاپ قۇيۇڭ.ھەممىسى سىزنىڭ دەۋرىڭىزدىلا قىسقىراپ كەتسە،ئۇلار قىسقارتقاننى سېلىپلا ئاتمىسۇن.

15.دوستلىرىڭىز بىلەن ئولتۇرغاندا ئېغىزىڭىزدىن ھەقىقەتنىڭ دۇردانىللىرى تۆكۈلۈپ تۇرسۇن.سۆھبىتىڭىزدىن ھەممە مەمنۇن بولسۇنكى،ھېچكىم ھەسرەتلەنمىسۇن

16.سۇرۇنلارداكىشىنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭ،ئەيىبىنى ئاچماڭ،ئۇ تولىمۇ ئەخلاقسىزلىق.

17.سۇرۇندا باشقىلار خاتا گەپ-سۆز ياكى بولمىغۇر قىلىقلاردا بولسا،كىشىلەر يوق يەردە چىرايلىق نەسىھەت قىلىڭ ۋە ئۇنى تەسىرلەندۈرۈڭ.,

18.ئۈيىڭىزدە چۇقۇم بىر كىچىك كىتاپخانا بولسۇن،ئۇنىڭدىن ئائىلە ئەزالىرنىڭ ھەممىسى مەنپەئەتلەنسۇن.كىتاپخانىڭىزدىكى كىتاپلار ئۇنۋېرسال بولسۇن.نىكاھ،ئائىلە،ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تېمىدىكى ھەتتا تىببىي ساھەدىكى كىتاپلارمۇ بولسۇن.كىتاپخانىڭىزدا  تارىخقا دائىر كىتاپلارنىڭ بولماسلىقى كىتاپخانىنىڭ چوڭ كەمچىللىگىدۇر.مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ تەرجىمھالى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر كىتاپخانىنىڭ ئۆزگىچە گۈلىدۇر

.19.كوچىدا ئورۇنسىز لاغاۇلاپ يۈرمەڭ،بۇ ئۆيگە بېكىنۋېلىڭ دىگىنىم ئەمەس.سىزنىڭ بارلىقىڭىز ئۆزىڭىزگە بايلىقۋە شەرەپ،مىللەتكە نىسبەتەن پەخىر ۋە ئابروي.سىز ئۆزىڭىزنىڭ غۇنچە،قىزىل گۈل دەو سۈپەتلىندىغىنىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ.كوچىدا ماڭسىڭىز ئۇياق-بۇياققا تولا قارىماڭ،قاقاقلاپ كۈلمەڭ،بىر نەسە يەپ ماڭماڭ،سېغىز چاينىماڭ.بۇ سىزنىڭ ئوبرازىڭىزغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.كىشىلەرگە نۇمۇس تۇيغۇسى يوق ئادەمدەك تەسىر بىرىپ قويىسىز.

.20.ئۆزىڭىزنىڭ ۋە ئائىلىڭىزنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قارىتا نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىىڭ.

21.ۋاقىت كۆز قارشىنى تىكلەڭ

22.نەسەب جەھەتتىن سىزگە يېقىن بولغان بارلىق ئۇرۇق-تۇققانلارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا يوقلاپ تۇرۇڭ.پۇلى بارغا بىر خىل،پۇلى يوققا يەنە بىر خىل قاراشتىن ھەزەر قىلىڭ.

23.كوچىلاردىكى بىكار تەلەپ،ناچار ئادەملەرنى كۈرۈپ مەيۈسلەنمەڭ،جاھان بۇزۇلۇپتۇ دەپ ئارقىغا چېكىنمەڭ،تېخىمۇ تىرىشىپ ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىزدىنىڭ.ئۇلارمۇ سىزگە ئوخشاش ئادەم ،ئۇلارمۇ ھاياتقا ئاران بىر قېتىم كېلىدۇ.

24.ئۆزىڭىزدە مېھرىبانلىقنى يېتىلدۈرۈڭ،ھەتتا ئۇچار قۇش،جان-جانىۋارلارغىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ،تەبەئەتنىڭ بىزدە ھەققى كۆپ.

25.ئاتا-ئانىڭىزنى ھۆرمەتلەڭ،ئۇلارنىڭ سىزگە سىڭدۈرگەن ئەجرىنى ئېسىڭىزدىن زادىلا چىقارماڭ.ئانىڭىزغا كۆپرەك ھەمكارلىشىڭ،شۇندىلا سىز كەلگۈسىدە بەخىتلىك ئائىلە قۇرۇشقا مەلۇم ئاساس سالالايسىز.

26.ھۇرۇنلۇقتىن ھەزەر ئەيلەڭ،ئىشچانلىقىڭىز ئىش-ھەركىتىڭىزدە ئىپادىلەنسۇن،ھەممە يىرىڭىزدىن پاكىزلىق تۈكۈلۈپ تۇرسۇن.

27 .كۈلۈمسىرەشنى ئۆگىنىۋېلىڭ،ئۆز نۆۋىتىدە ئۇ باشقىلارنىڭ سىزنى ياخشى كۈرۈشىگە سەۋەپ بۇلۇپ قالىدۇ

.28ھەرگىز ئاچچىقلانماڭ.بۇ ھېچكىمگە ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+20(ئۇيغۇرئاي) ئالقىشلانغا ..

  • ئەگەر دۇنيادا پاك ھەقىقىي ساپ ۋە مۇكەممەل مۇھەببەت بار دىيىلسە ئۇ دەل ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىدۇر !!!
    ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻰ ، مەسئولىيىتى ﯞﻩ ﺋﯩﻤﺎﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ ﺷﻪﺭﺗﯩﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ بالىلىرى ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﯩﺘﯩﻤﺪﯗﺭ ، خالاس .

    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-24 22:45 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    _Malika_
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29977
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 735
    شۆھرەت: 736 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 7021 سوم
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 542(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-28

     

    مەندە بەزىبىر كەمچىللەكلەر بارئىكەن،دەرھال تۇزەتسەم بولغۇدەك،رەھمەت سىزگە

    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 22:49 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    yasinjanbulak
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 74151
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 5
    شۆھرەت: 5 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 40 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 11(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-24

     

    بۇ تېما ئوبدان يېزىلىپتۇ،دېمىسمۇ جەمىيىتمىزدە بىر قىسىم قىزلىرىمىز بار ئۇلار ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىلىرنى يىغلىتىدۇ كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ ئانا بولىدىغانلىقنى ئويلىمايدۇ ،قىزلارنىڭ ئاتا -ئانىسى ھەم ئېرىنى رازى قىلغاندا ئاندىن جەننەتكە كىرەلەيدىغانلىقنى بىلمەيدۇ ،بىز شۇڭا قىز ئاياللىرىمىزغا بولغان تەربىينى كۈچەيتىپ ھەققى تىنىچ ئائىلە ھەم جەمئىيەت قۇرۇشمىز ئۈچۈن بۇنداق تېمىلارنى كوپرەك يوللىشمىز لازىم ،

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 22:55 |
    ئۇيغۇرئاي
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە رەسىم يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 22655
    نادىر تېما : 10
    يازما سانى : 2885
    شۆھرەت: 3125 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 29190 سوم
    تۆھپە: 769 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 533 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 750(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

     

    ئوماق ئەمەسلەر كۆرسە بولمامدا ئاداش؟
    چىقىپ كىتەي ئەمسە     

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى


    ھەسرەت چىكىۋاتقان ۋاقتىڭىزدىمۇ قاپاق تۈرمەڭ. چۈنكى، سىز كۈلۈمسىرىشىڭىزگە كىمنىڭ ئامراقلىقىنى بىلمەيسىز

    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 23:10 |
    xehla
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 58624
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 516
    شۆھرەت: 517 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5170 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 482(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-24

     

    مەندىمۇ بەزىبىر كەمچىلىكلەر بارئىكەن، مەنمۇ دىققەت قىلسام بولغىدەك جۇمۈ.

    ئەخلاق ئادەم زىننىتى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 23:25 |
    zulhumar0908
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 58060
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 146
    شۆھرەت: 152 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1460 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1216(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-28

     

    تەربىيىۋى ئەھمىيىتى ناھايىتى زور تىمىكەن بۇ ،،،،،بۇ تمىا ماڭا بىر قېتىملىق دەرستلىك بولدى،،،،،،،،،،

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-25 00:04 |
    umayya727
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 76772
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 44
    شۆھرەت: 44 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 440 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 79(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

     

    مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تىمىلارنى كۆپرەك يولاپ تۇرۇڭ ئىشەنچ سىڭلىم رەخمەت سىزگە، جەمىيىتىمىزدىكى ئاياللىرمىز ئاۋال ئوزىمىزدىن باشلايلى بىز كېيىنكىلەرگە ئۈلگە ساپايىمىزنى ئاشۇرۇشقا تىرشايلى.

    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-25 00:04 |
    ALBINNI
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 54413
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 532
    شۆھرەت: 533 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1116 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2336(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-28

     

    بىلىۋېلىشقا  تىگىشلىككەن، رەھمەت.

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    ئالبىننى  باھانىسى  جىق  .
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-25 00:10 |
    winas419
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 61922
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 36
    شۆھرەت: 37 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 360 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-28

     

    مېنىڭمۇ ئاچچىقىم بەك يامان بىر ئشلارغا ئاسانلا ئاچچىقلاپ قالمەن،مەنمۇ  تىرىشىپ بۇ ئادەتنى ئۆزگەرتمىسەم بولمىغۇدەك جۇمۇ..   

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-25 00:17 |
    winas419
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 61922
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 36
    شۆھرەت: 37 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 360 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-28

     

    مېنىڭمۇ ئاچچىقىم بەك يامان بىر ئشلارغا ئاسانلا ئاچچىقلاپ قالمەن،مەنمۇ  تىرىشىپ بۇ ئادەتنى ئۆزگەرتمىسەم بولمىغۇدەك جۇمۇ..   

    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-25 00:17 |
    001maylamqi
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 66718
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 181
    شۆھرەت: 181 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1810 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 92(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-28

     

    مەن كۆرۈپ قاپتىمەن، ساقلاپ قوياي!!!

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    زۇلۇمغا   قارشى  تۇرماسلىق  جىنايەت
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-25 00:29 |
    ناۋارە
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 80835
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 21
    شۆھرەت: 21 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 210 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 30(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

     

    بىلىۋېلىشقا  تىگىشلىككەن، رەھمەت

    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-25 02:20 |
    Nazuk-qiman
    دېرىزە ئالدىدىكى قىز!
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 11391
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1512
    شۆھرەت: 1565 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 15140 سوم
    تۆھپە: 90 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 37 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1746(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-28

     

    Quote:
    بۇ مەزمون3قەۋەتتىكىئۇيغۇرئاينىڭ2009-03-24 23:10 دە يوللىغان يازمىسى   :
    ئوماق ئەمەسلەر كۆرسە بولمامدا ئاداش؟
    چىقىپ كىتەي ئەمسە     

    manmu qihsam bolamdu nima


    دۇنيا مېھىر - مۇھاببەت بىلەن گۈزەلدۇر!
      
      
      
      
    .
      نازۇك شەخسى بىئولوگى 
    http://blog.retim.cn/261010  
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-25 02:26 |
    ZLAL
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 69726
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 48
    شۆھرەت: 48 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 430 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 22(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

     

    بۇ ھەقىقەتەن ياخشى تېمىكەن، مەندىمۇ نۇرغۇن ناچار ئىللەتلەر بار ئىكەن،بولۇپمۇ بەك ئاچچىقچان،ئۆيدىكىلەرنىڭ ئازراق سەۋەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى ئادەم بولغىنىغا تويغۇزۇپ سالىمەن.بۇ تېمىنى كۆرۈپ بەكمۇ نومۇس قىلدىم،چوقۇم ئادەم بولۇشقا تىرىشىمەن...

    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-25 05:54 |
    ئىشەنچ
    قىزىم ، دۇنيا سىنىڭ قۇلۇڭدا !
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21746
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 2486
    شۆھرەت: 3176 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 115998 سوم
    تۆھپە: 61 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 140 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1358(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-28

     

    Quote:
    بۇ مەزمون3قەۋەتتىكىئۇيغۇرئاينىڭ2009-03-24 23:10 دە يوللىغان يازمىسى :
    ئوماق ئەمەسلەر كۆرسە بولمامدا ئاداش؟
    چىقىپ كىتەي ئەمسە      

    ۋاي جىنىم سىىلەردەك ئۇماقلار كۆرسۇن دەپ يوللىدىم . ئۇنداق چىقىپ كىتىمەي دىگەن گەپلەرنى قىلمايدىغان .


    ئەگەر دۇنيادا پاك ھەقىقىي ساپ ۋە مۇكەممەل مۇھەببەت بار دىيىلسە ئۇ دەل ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىدۇر !!!
    ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻰ ، مەسئولىيىتى ﯞﻩ ﺋﯩﻤﺎﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ ﺷﻪﺭﺗﯩﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ بالىلىرى ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﯩﺘﯩﻤﺪﯗﺭ ، خالاس .

    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-25 10:49 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )
    XabnamBBS » خانىم - قىزلار سەمىگە
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:03-28 19:38, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ