ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 2345» Pages: ( 1/5 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 4795 - كۆرۈرمىنى
失意...
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 78948
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 160 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 48(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-28

 مەن ناماز ئۆتىمەيمەن..

-دادا...
-تاتلىق قىزىم ...
-دادا نىمىشقا ئۈزىڭىزلا چىقتىڭىز ؟
-نېمە ؟ كىم بىلەن چىقاتتىم ؟
-ھەدەمچۇ؟ مەن ماڭىدىغان چاغدا ئۇ مىنى ئۇزاتقىلى چىقمىغان سىز ماڭا ھەدىڭىز سىز كەلگەندە چىقىدۇ دىگەنغۇ؟
-ھە ...بولدى ماشىنىغا چىقىڭ ماڭايلى مومىڭىز سىزنى بەك سېغىنىپ كەتتى ئۇ سىزنىڭ يۇلىڭىزغا قاراپ ئولتۇردى ھەقاچان...
-ماقۇل ..
قىزىممۇ ئارتۇقچە گەپ قىلمىدى ، يولدا كىرگۈچە بىز ئۇنىڭ مەكتىپى ھەم ئۇ يەردىكى تاغىسى (مىنىڭ دوستۇم) توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ كىردۇق ، لېكىن مىنىڭ خىيالىم يەنە شۇ قىزىمنىڭ <<ھەدىسى>>دە ئىدى.
-دادا...
-قىزىمنىڭ چاقىرىشى خىيالىمنى بۆلدى.
-ھە....
-سىز مىنى ھەيران قالدۇرۇشنى خالىمايسىز شۇنداقمۇ؟
-ئۇنداق ئەمەس لېكىن سىزنى قانداق ھەيران قالدۇرۇشنى بىلمەيمەن...
-ئۇنداقتا مەن سىزنى ھەيران قالدۇراي بۇلامدۇ؟
-قانداق قىلىپ...؟
-دەپ بەرمەيمەن ..
ئۇ مىنى نىمە قىلىپ ھەيران قالدۇرار ؟ ھەقاچان ماڭا ياپۇنچە ناخشىلارنى ئېيتىپ مىنى ھەيران قالدۇرماقچىدۇ، لېكىن مەن ھەيران قالمايمەن چۈنكى ئۇ ياپۇنيەدە ئۇقىۋاتقان تۇرسا..مەيلى زورلاپ بولسىمۇ ھەيران بولغاندەك تۇرۋالاي ئۇ خوشال بولسۇن، ئۇنىڭ مەندىن باشقا نىمە خوشاللىقى بولسۇن؟ مەنمۇ ئۇنى كىچىك دىمەيلا شۇنچە يىراققا يولغا سالدىم بوپتۇ ئاران كەلگەندە ئۇنى خوشال قىلىش ئۈچۈن تىرىشاي...ماشىنا توختىدى
-باش دېرىكتۇر ئۆيگە كەلدۇق..
قىزىم مىنىڭ ماشىنىدىن چۈشۈشۈمنى ساقلاپ تۇراتتى.(ئۇ ئەزەلدىن مىنىڭ ئالدىمدا ماشىنىدىن چۈشمەيتى) مەن ماشىنىدىن چۈشتۈم قىزىم ئارقىمدىنلا ماشىنىدىن چۈشتى.
-ھەدە ..ھەدە...
ئۇ شۇنداق دەپ پەلەمپەيدىن چىقىپ كىتىپ باراتتى...نېمە دەيدىغاندۇ بۇ بالا موما دېمەي ھەدە دەپ..ئىچىمدە شۇنداق دىگەچ مەنمۇ ماڭدىم.
-ھەدە..
-ھە..
-ھەدە سىزنى بەك سېغىندىم نىمىشقا ماڭا تېلفۇن قىلمايسىز؟ مىنى سېغىنمىدىڭىزما؟ ماڭا شۇنچە ئۆچ بوپ كەتكەنما؟
-ياق شۇ سەل ئالدىراش..مەنمۇ سىزنى سېغىندىم...
ئىشىكتىن كىرىپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم،قىزىم بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرىشىۋاتقان راستلا ...
-تاتلىق بالام ماڭا قاراپ بېقىڭا مەن سىزنى كۆرەي ...
-موما مانا مەن چوڭ بوپتىمەنمۇ؟
-چوڭ بوپسىز راستلا چوڭ بوپسىز...
-تىشلىخمۇ؟
ئۇ مەندىن شۇنداقلا ئەھۋال سوراپلا ئاشخانا ئۆيگە قاراپ كىرىپ كەتتى.ئاپام ماڭا قاراپ بۇياققا كىر دەپ شەرەت قىلدى مەن ئاپام بىلەن مىھمانخانا ئۆيگە كىردىم. قىزىم يەنە شۇ ھەدىسىنىڭ يېنىغا ماڭدى.
-ئاپا ئۇ قاچان كەلدى؟
-بايا كەلدى،مەنمۇ ھەيران قالدىم لېكىن خوشال بولدۇم ئەمدى ياخشى بولدى بالام ئۇ سىنى مىنى ئىزدىمە دىگەن بىلەن بۈگۈن ئۆزى كەپتۇ ئەمەسمۇ ئەمدى سەنمۇ خوشال بول..لېكىن ...
-نېمە لېكىن؟
-ئۇ ماڭا دىلنىگار نىڭ كېلدىغانلىقىنى بىلىپ كەلگەنلىكىنى بىردەم تۇرۇپ قايتىدىغانلىقىنى دېدى.
-ئۇ نەدىن بىلىپتۇ؟
-كۈرەش خەۋەر قىلغان ئوخشىمامدۇ؟
-بولدى تاماققا چىقايلى..
بىر جوزىدا ئولتۇرۇپ تاماق يەۋاتقان بۇ قىزنى مەن ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈپ<< خوش>> دىگەن قىزغا پەقەتلا ئوخشىتالمىدىم.ئۇنىڭ چىرايى تاتارغان بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك ئۇرۇقلاپ ئىسكىلىتقىلا ئوخشاپ قالغانتى،ئۇنىڭ تۇمۇرىدا ئېقىۋاتقان قان ھەم خۇدايىم ياراتقاندىلا بار بولغان تېرە شۇنداقلا مۇسكۇل ئۇنى ئادەم دەپ بىلدىرەتتى...لېكىن ئۇ يەنە شۇنچە جەزبىدار لاتاپەتلىك كۇرۈنەتتى، ئۇنىڭغا قارىساملا كۆزلىرىمگە ياش كېلەتتى... ئۇنىڭغا شۇنچە قاراپ كەتتىممۇ بىلمىدىم بىر چاغدا قىزىم
<<دادا سىز راستىنلا ھەيران بولدىڭىزمۇ؟>> دىگەندىلا ئۇنىڭغا قاراشنى ئاياغلاشتۇردۇم ھەم قىزىمنىڭ سۇئالىغا قارتا<<ياق خوشال بولىۋاتىمەن >> دەپ جاۋاپ بەردىم. ئۇ ئىتتىك بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا بىرلا قارىدىيۇ يەنە ئىتتىك تاماق يىگەن بۇلىۋالدى،
ئاھ ،شاتلىق! مەن يەنە سەن بىلەن ئۇچىراشتىم، يەنە سىنىڭ شۇ ئاپەت تېرىغۇچى كۆزلىرىڭ بىلەن ئۇچىراشتىم. ..مەن پەقەت خىياللرىمدىلا ئۇنى سەن دەپ گەپ قىلالايتىم.. تاماقمۇ يىيىلىپ بولدى ھەممىمىز دۇئا قىلىشىپ داستىخاننى يۇغۇشتۇردۇق.
-مەن ماڭايمىكىن ..
-ھەدە مەن ئەمدى كەلسەم مەن بىلەن پاراڭلاشمايلا ماڭامسىز؟ قىزىم .ئۇنى قېلىشقا زورلاۋاتاتتى.
-سىزمۇ ياخشى ئارام ئېلىڭ ... مەن ئۇنىڭ <<كېيىن يەنە كىلىمەن>> دېيىشىنى ئۈمۈد قىلساممۇ ئۇ دېمىدى ھەم دېمەيدۇ،چۈنكى ئۇ دىگگننى قىلىدىغان قىز..ئەگەر شۇنداق دىسە يەنە كەلسە بۇلىدۇ...ئەگەر بۈگۈن قىزىم كەلمىگەن ھەم ئۇنىڭغا ماقۇل دىمىگەن بولسا ئۇ ھەرگىز كەلمەيتى...
-دادا..قىزىمنىڭ گېپى يەنە خىيالىمنى بۆلدى.
دادا ، ھەدەمنى ئاپىرىپ قۇيۇڭ..
-بولدى ، ئۇشۇنداق ئىتتىك رەت قىلدى ، مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلمايلا تۇرۇپ قالدىم ئۇ چىقىپ كەتتى..
توختا ئۆركەش سەن خاتا قىلدىڭ ..سەن شۇنچە سېغىنغان دىلبىرىڭ ئۆزى كەتتى سەن يەنە چىدامسەن؟ خىيالىڭدا ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىدىغان ، ئۇنى ئەركىلتىدىغان ئادەم بۈگۈن نېمە بولدى..
<<بىز ئەمدى كۆرۈشمەيلى ، ئەمدى مىنى مۇھەببىىتىمگە سادىق ياشىغىلى قويۇڭ مەيلى ئۇ نېمە قىلسۇن ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن ئۇ دىگىننى قىلىدۇ...>>
سىز خاتالىشىۋاتىسىز شاتلىق سىز خاتا يولنى تاللىدىڭىز..بۇ سىز ماڭىدىغان يول ئەمەس بۇ سىزگە ياراشمايدۇ...
<<مەن تاللاپ بولدۇم ،مەن مېڭىپ بولدۇم پۇشايمان قىلمايمەن چۈنكى ئۇ مىنى ئالدىمايدۇ..لېكىن ئالدىسىمۇ ئاغرىنمايمەن لېكىن سىزنى تاللاشقا سىزگە مۇھەببەت بىرىشكە مەندە ئامال يوق>>
شۇ گەپلەر بۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي مەن يەنە شىركەتكە قايتتىم ، ئۇ ھەم بۇ شەھەر بىلەن خوشلاشتىم...ھەش پەش دىگۈچە بىر يىل بوپتۇ ،ئۇ نىمانچە...
شۇ خىياللار بىلەن ئۇخلاپ قاپتىمەن ، بىر چاغ بولغاندا قىزىم كىرىپ ماڭا ئەركىلەشكە باشلىدى مەن ئۇنىڭ چاچلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ياپۇنيەدىكى ئوقۇش ،تۇرمۇش قاتارلىق ئىشلىرىنى سورىدىم ئۇمۇ سۇئاللىرىمغا جاۋاپ بەردى ھەم <<دادا مۇشۇ خوشال ۋاقىتتا ھەدەم بولسا ھە..>> ئۇ شۇنداق دەپلا يىغلاپ كەتتى..
-نىمە بولدى قىزىم ،نىمىگە شۇنچە يىغلايسىز...
-مەن ھەدەمنى ئاپام بوپ قالسىكەن دەپ ئويلايمەن لېكىن سىز ئۇنى ياختۇرمامسىز بىلمىدىم شۇڭا دائىم سىزنى خاپا قىلىپ قۇيىدىكەنمەن ، شۇ خىجىل بۇلۇپ دادا...
-ئۇنداق ئەمەس ،لېكىن چوڭلارنىڭ ئىشىغا بىر نىمە دىمەك تەس كۆپ ئويلاپ كەتمەڭ ئۇ ئىشلارمۇ بوپ قالار...
قىزىم قۇچىقىمدا ئۇخلاپ قالدى مەن .ئۇنىڭغا قاراپ يەنە خىيالغا كەتتىم...سىز ياخشى كۆرگەن ھەم مەنمۇ ياخشى كۆرگەن ئادەم بىزنى ياخشى كۆرمىسە نىمە ئامال بۇنىڭغا ...مەن سىزدىن ئارتۇق ياخشى كۆرىمەن لېكىن ئۇنى ھۆرمەت قىلمىسام بولمايدۇ...
--قۇلۇڭ تالمىدىمۇ؟
-ھە ،،..
قىزىمنى ياتقۇزۇپ قۇيۇپ ياتاق ئۆيگە چىقىپ تۇرۇشۇمغا ئاپام كىردى ،.
-بالام . سەن قاچانغىچە مۇشۇنداق ئۈتىسە ؟ پۇل دىسە بار ،ئەخلاق دىسە بار شۇ سەندە بىر خۇتۇنلا كەم، ئىلگىرى دوسلىرىمنىڭ قىزلىرنى دىسەم ئۇنىمىدىڭ ،دىلنىگار ياختۇرمىدى دەپ ئەمدى بولغاندا بۇ شاتلىق دىگەن قىزنى سەنمۇ ،بالىمۇ ياختۇرغانغۇ ئۇنى ماقۇل دىگۈزەلمىدىم دىمە ماڭا مەيلى نېمە دېمە مەن شۇ قىزنى كېلىن قىلىمە..قانداق بولسا مەيلى...
-ئاپا ئۇنىڭ يىگىتى بار ئىكەن ..شۇڭا..
-سەن يىگىت ئەمەسما؟ شۇنچە يىللاردىن بىرى توي قىلمىدى نەدىكەن ئۇ يىگىت..؟
-ئەمدىلا ئوقۇش پۈتتۈرگەن تۇرسا..
-ئاخماس گەپ قىلما ، ئۇنىڭ يىگىتى بولسا ئۇ كۈتكۈچى بۇلۇپ ئىشلەمدا؟ ئۇ قىزنىڭ غورورى ،ئائىلە كىلىپ چىقىشى ياخشى لېكىن بۇيەردە تۇرۇپ شۇ ئىشنى قىلىپ يۇرۇيدۇ چۇقۇم بىر ئىش بار..نەدە تۇرىۋاتىدۇ بىلمىدىم...
-سىز قانداق بىلدىڭىز؟
-ئۆتكەندە دوستلار يىغىلىپ چاي ئوينىغان شۇ يەردە كۆرۈپ قالدىم ئۇنى خىجىل بوپ قالمىسۇن دەپ ئۈزەمنى چەتكە ئالدىم ،لېكىن شۇنداق ئىچىم سىرىلىپ كەتتى ..شۇنچە ياخشى بىر قىز ئالىي مەكتەپنى پۇتتۈرۈپلا خىزمەت يوق شۇ ئىشنى قىلىپ يۈرۈپتۇ، سىنىڭ تۇنۇشۇڭ كۆپ بولغاندىكىن ئۇنى بىرەر يەرگە تۇنۇشتۇرۇپ قويغىن ئۇ ...
ئاپام گەپنىڭ ئاخىرنى دېمەيلا چىقىپ كەتتى ،.ئاپامنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئىچ -ئىچىمدىن يىغا تۇتۇپ كەتتى،مەن ئۇنىڭ شۇ بىر جۈملە گېپىگە ئۇنى شۇ يولدا تاشلاپ قويدۇم ئۇنى ھۆرمەت قىلغىنىم مانا شۇما؟ ئۆركەش سەن بەك بوشاڭ ئىكەنسەن سەن شۇنچە ئىگىلىكنى تىكلىگەن بىلەن قەتتئى بۇلۇشنى يەنە كىلىپ مۇھەببەتتە قەتتى بۇلۇشنى تىكلىيەلمەپسەن...
كۆز ئالدىمغا ئۇ كەلدى... 4يىل ئىلگىركى ئۇ ھەم شۇ مەنزىرىلەر كەلدى...
-دادا..
-قىزىم ، قانداقراق نەتىجىلەر بارمۇ؟
-ئەلۋەتتە...
-قېنى مەن كۈرەي؟
-بۇلىدۇ.
-قېنى سوراڭ؟
-门
-ئىشىك

-开水
-قايناقسۇ

筷子-
-چۇكا
头发-
-چاچ
胃口-
-ئىشتىھا
-يارايسىز ..
-يېزىپ بىرەي ..
-ماقۇل.
-مانا دادا.
كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم ، يېرىم يىل بولدى ھىچقانداق ئويغۇرچە بىلمەيدىغان بالىنى بۇ سەۋيەگە ئەكىلىش ئاسان ئەمەس جۇمۇ،..دېلمۇرات خاتا تۇنۇشتۇرماپتۇ جۇمۇ..
-مۇئەللىمىڭىز ياخشىمۇ؟
-بەك ياخشى ھەم بەك چىرايلىق، ..
بۇ قىزىمنىڭ تۇنجى قېتىم بىر ئايالنى ماختىشى ئىدى.
-سىزدىنمۇ چىرايلىقما؟
-مەن دىگەن ئوماق ، چىرايلىق دىگەن سۆزنى 18ياشتىن ئاشقان قىزلارغا ئىشلىتىمىز دادا.
-ھاھاھا.
مەن شۇندىلا قىزىمنىڭ تىلنى ياخشى ئۆگەنگەلىكىگە يەنە بىر قېتىم قايىل بولدۇم.ھەم قىزىمنىڭ مۇئەللىمىگە رەخمەت ئېيتاي دەپ ئويلۇدۇم.(گەرچە ئالدىراش بولساممۇ) بەلكىم تورداشلار ئويلاپ قالغاندۇ ئانا تىلنى ئۆگىنىش ئاسان دەپ لېكىن مىنىڭ قىزىم كىچىككىدىن ئانا تىل يوق ھەم ئانا يوق مۇھىتتا ياشىغان مەن سودا بىلەن ئالدىراش ئۇنىڭغا ئۆگىتەلمەيتىم ھەر قېتىم قىزىم بىلەن پاراڭلاشقاندا ئىچىم ئاچچىق بۇلاتتى ئۇ بىر ئويغۇر تۇرۇپ ئۆز تىلنى بىلمىسە كىيىن نۇرغۇن ئىشلارغا تەسىرى بۇلاتتى ئۇ چاغدا دادا بولغان مەن گۇناھكار بۇلۇمەن ئەلۋەتتە شۇڭا ئالى مەكتەپتە بىرگە ئوقىغان ھەم شۇيەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدىغان بىر دوستۇمغا ئەخلاقى ياخشى قىزىمنى ھەر تەرەپتن يتەكلەپ ماڭالايدىغان بىر مۇئەللىم تېپىپ بىرىشنى ھاۋالە قىلدىم ئۇزۇن ئۆتمەي دوستۇم ماڭا خەۋىرنى بەردى مەن قىزىمنى ئۇقىۋاتقان مەكتىپىدىن توختۇتۇپلا يۇرتقا ئەكەلدىم ھەم ئۇنى ئاپامغا تاپشۇرۇپ كەتتىم شۇ كەتكەنچە بۈگۈن كېلىشىم شۇڭا مەن ھەم خوشال ھەم ھەيران.
-ھە راست دادا سىز مىنىڭ مۇئەللىمىمنى مىھمان قىلىڭ (ساپ ئويغۇر تىلىدا).
-نېمە؟
-رەخمەت ئېتقاچ دەيمەن .
-ھە ماقۇل.
-راست راۋۇرۇس رەخمەت ئېيت ئۇ قىزغا بۇ تىلسىز بالاڭغا تىل چىقىرىپ قويدى ئۇ قىز ،كۈندە كەچتە كىرىدۇ،شۇنداق جاپا تارتتى.
قىزىمنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ ھەم ئاپامنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ رەخمەت ئېيتمىسام تازا توغرا بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ ئەتە ئۇنىڭغا رەخمەت ئېيتماقچى بولدۇم.
-مۇئەللىمىڭىزگە تىلفۇن قىلىڭ بۈگۈن چۈشتە بىللە تاماق يەيلى دەڭ...
-ماقۇل.
-ھەدە، دادام كەلگەنتى بۈگۈن چۈشتە بىرگە تاماق يەيلى بۇلامدۇ؟ جەۋھەر تىز تاماقخانىسىدا كۆرىشەيلى..
-ماقۇل دىدى.
-ھەجەپ ئۇزۇندا ماقۇل دېدىمۇ؟
-شۇ بولدى دەپ تۇرۋالغانتى مەن زورلاۋەرسەم قۇشۇلدى..
-قەيەردە تۇرۇدۇ؟
-مەكتەپتە..
-بىز ئېلىۋالساق بولمامدۇ ئەمسە؟ بەرىبىر ئۈتە يۇلىمىز شۇغۇ؟
-ماقۇل مەن دەپ باقاي.
-ھەدە بىز سىزنى ئالغىلى بارىمىز سىز بىزنى ساقلاڭ 11دە.
-مەن 11دە دىمىدىمغۇ؟
-سائەت10 بولدى دادا 11دە ماڭماي قانچىدە ماڭىمىز؟
-ماقۇل...
قىزىمنىڭ ئانا تىلدا راۋان سۆزلەۋاتقىنىغا قاراپ شۇنچىلىك خوشال بولدۇم .
-ئاپا بىز ماڭدۇق.
-ماقۇل ، ئاچقۇچنى ئالدىڭلارمۇ؟ مەنمۇ چايغا باراتتىم.
-ئالدۇق موما..
يولدا قىزىم توختىماي مۇئەللىمىم ئانداق دىگەن ، مۇئەللىمىم مۇنداق قىلغان دەپ گەپ قىلىپلا ماڭدى، مەنمۇ ئۇنىڭ شۇنچىلىك گەپ قىلغىنىغا خوشال بوپ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ماڭدىم..
-توختاڭ دادا.. ئەنە ھەدەم
ماشىنىنى توختاتتىم ، قىزىم ئەينەكنى چۈشۈرۈپ <<ھەدە...>>
-تىشلىخمۇ ، ئۇ قىزىمنىڭ يۈزىنى شۇنداق بىر سىلاپ قويدى دە ماشىنىغا چىقتى..
ھازىرغا قەدەر بىرەر قىز بالىدىن .ئالدىن ئەھۋال سوراپ باقمىغان ئىدىم لېكىن بۈگۈن ئۇنداق بولمىدى.
-ياخشىمۇسىز؟
ئۇ بىر كۈلۈمسىرەش بىلەن جاۋاپ قايتۇردى.
ھەدە بۇ دادام ئۆركەش، دادا بۇ مىنىڭ مۇئەللىمىم ھەم مىنىڭ ھەدەم شاتگۈل. دوستلىرى ئۇنى شاتلىق دەيدىكەن دىمىسىمۇ ئۇ بەك قىزىقچى دادا.
-رۇخسىتىنى ئالمايلا ھەدە دەۋالسىڭىز قانداق بۇلىدۇ؟
-مەن رۇخسەت سورىغان.
-رۇخسەت سورىغان ئەمەس رۇخسەت ئالغان دەڭ..
ئۇ قىز شۇنداق دەپ قىزىمغا ئىككى گەپنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ قويدى،بىزمۇ نىشانغا كەلدۇق ھەم ئاشخانا ئىچىگە كىردۇق.
بىز تاماق يىگەچ پاراڭلاشتۇق، قىزىمنىڭ شۇنچە يىلدىن ياقى يات بىر ئايال بىلەن بۇنچە خوشال ئولتۇرۇپ تاماق يىگىننى تۇنجى كۆرۈشۈم.
-سىز دىلمۇراتنىڭ ئوقۇغۇچىسىمۇ؟
-شۇنداق.
-قەشقەردىنمۇ؟
-ياق ، ئاقسۇدىن
-كەچۈرۈڭ ،
-كۈپۈنچە كىشلەر شۇنداق دەيدۇ خۇددى ئاقسۇلۇقلار ياغلىق چەگمەيدىغاندەك.
ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ شۇنداق دىدى شۇ چاغدىكى كۈلكىسى مەڭگۈ ئىسىمدە...
بىز تاماقنى يەپ بۇلۇپ قايتتۇق ، تاماق بۇيرۇتقاندا كۆپمۇ بۇيرۇتمۇدۇق ئۇ ئىسراپ قىلمايلى دەپ ئۇنىمىدى، مىنى يەنە بىر ھەيران قالدۇرغىنى قىزىم بىر تال سەينىمۇ ئىلغىماي يىدى مەن ماينى يىمىگەنتىم قىزىم ماڭا:<<دادا ئاپەت يۈز بەرگەن جايلاردا قانچىلىغان كىشى بۇ ياغلارغا زار بۇلۇپ يۈرمەكتە،شۇڭا سىزمۇ يەڭ>>، شۇنداقمۇ ھەدە؟ دېمەك بۇمۇ شۇ قىزنىڭ تەربىيىسى..
ئۇ مەكتەپنىڭ ئالدىدا چۈشۈرۈپ قۇياي دىسەم ياق دەپ خېلى يىراقتا چۈشۈپ قالدى. مەن سەۋەبىنى بىلەلمەيلا قالدىم كېيىن ئۇقسام نۇرغۇن ئوقۇغۇچى قىزلار شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى ئاللا  قايەرلەرگىدۇ بېرىپ ئويناپ قايتىپ كىلىدىكەن شۇڭا مەكتەپ ئالدىدا ماشىنىدىن چۈشكەن ھەرقانداق قىزنى شۇنداق ئۇيۇنچى دەپ قارايدىكەن.(دوستۇمدىن ئۇقتۇم)
ئۆيگە كەلدىم بىردەم قىزىم بىلەن پاراڭلىشىپ يەنە شىركەتنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن نەلەر بىلەن پارڭلىشىپ ئىشلارنى خاتىرجەم قىلىپ بۇلۇپ يۇيۇنۇپ ئۇخلاي دەپ كارۋاتقا چىقىپ پەقەتلا ئۇيقۇم كەلمىدى، شاتلىق...شاتلىق... توۋا بۇ بىرىنچى كۆرۈشۈمغۇ؟ بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈش دېگەن شۇمۇدۇ؟ يا ..يا مەندە نەدە ئۇ خىل ھىسيات بولسۇن مەن دېگەن چوڭ بىر ئادەمغۇ؟ كۆزۈمنى يۇمساملا ئۇنىڭ سىماسى..قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن..ئەتىسى دوستۇم بىلەن كۆرۈشتۈم ئۇ مەندىن قىزىمنىڭ مۇئەللىمىدىن رازى بولغان بولمىغانلىقىمنى سورىدى مەن ياخشى ئىكەن دېدىم.مەن ئۇنىڭدىن ئۇ قىزنىڭ ئەھۋالىنى سورىدىم ئۇ ماڭا ئۇ قىزنى ماختاپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىز كاللامغا ئورناپلا كەتتى ھەم شۇ كۈنى كەچتە ئۇ قىزنى <<قىزىمنىڭ ئەھۋالىنى سوراي دەپ >>دېگەن باھانا بىلەن ئۇچۇرشىشىقا تەكلىپ قىلدىم ئۇ ماڭا كەچتە دەرىس بارلىقىنى 7:30دا چۈشىدىغانلىقىنى دېدى، مەن شۇ چاغدا كۈرۈشەيلى دىسەم ئۇ مەكتەپ ئىچىدىكى بىر جاينى دەپ شۇ يەردە كۈرۈشۈشنى دېدى مەن ماقۇل بولدۇم. ھەممە ئىشلىرىمنى كاتىپىمغا تاپشۇرۇپ ئۇ قىز دىگەن جايغا كىردىم.7:00دە سائەت 7:40لار ئەتىراپىدا ئۇ قىز كىردى بىز سالاملاشقاندىن كېيىن ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتۇق.ئۇمۇ بەكلا تۈز، ئۇچۇق قىز ئىدى. ئۇنىڭ كىشلىك تۇرمۇش قارىشى، دۇنيا قارىشى مىنى تېخىمۇ ئۆزىگە تارتتى، مەن راست گەپنى دېسەم شۇ چاغدىلا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ بولدۇم لېكىن ئالدىراشقا بولمايتى چۈنكى بىز تۇنۇشقىلى نەچچە كۇنمۇ بولمىدى..9:00لار بولغاندا ئۇنىڭغا تىلفۇن كەلدى ئۇ ھازىر كىرىپ كىتىمەن دېدى ھەم ماڭا قاراپ چىقامدۇق دېدى مىنىڭ ماقۇل دىگۈم بولمىسىمۇ ئامال يوقدە..بىز خوشلاشتۇق.
ئەتىسىلا مەن يەنە شىركەتنىڭ ئىشلىرى بىلەن قايتتىم، ئۇ قىزغا تىلفۇن قىلىش نىيتىم بولسىمۇ لېكىن تىلفۇنى ئىتىك ئىكەن،مەن ئۆز ئۆزۈمگە پىچىرلىدىم.<<خوش شاتلىق ئامان بولۇڭ>>
يېرىم يىلدىن كىيىن قايتىپ كەلدىم كىلىپلا قىزىمنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ خوشال بولدۇم ھەم ئۇنى شۇ جايدىكى ئويغۇر مەكتەپكە (4-يىللىققا)ئالدۇردۇم.ئەتىسى بالىلار بايرىمى ئىدى قىزىم بىلەن باغچىغا بېرىشقا كىلىشتۇق قىزىم ماڭا ھەدەممۇ بىرگە بارسۇن دېدى مەن ماقۇل بولدۇم (ئەلۋەتتە ماقۇل بۇلىمەن دە چۈنكى ئۇنى ئۇنتۇپ قالمىدىم) بىز دېيىشكىنىمىز بۇينچە باغچىغا باردۇق شۇنداق خوشال ئويناۋاتاتتۇق بىر ئۇيۇنچۇققا چىقىدىغان چاغدا ئۇ بىرسىنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدى. مەن قارىسام 35ياشلار ئەتىراپىدىكى بويلىرى ئىگىز چىرايى بەكمۇ چىرايلىق ئەمەس بىر ئەر بىلەن تەڭتۇش بىر ئايال ھەم ئۈچ بالا ئۇ ئەرمۇ تۇرۇپلا قالغان ئىدى. مەن دەرھال ئۇنىڭغا <<شاتلىق سىزمۇ چىقامسىز؟>>دېدىم ئۇ كۆزلىرنى مەندىن ئېلىپ قاچتى ھەم <<بولدى سەل بېشىم قېيىۋاتىدۇ >>دېدى ھەم سۇخانا تەرەپكە كەتتى. مەن ئۇ ئەر بىلەن ئۇنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلەلمەي قالدىم ئاكىسىمۇيە؟ ئاكىسى بولسا گەپ قىلىشار ؟خاپا بۇلۇشۇپ قالغان بولسىچۇ؟ ئۇ قايتىپ كەلدى كۆزلىرى يىغلىغانلىقىنى ئاشكارلاپ قويغانتى مەن ھىچنىمە سورىمىدىم، ئۇ بىردەمدىن كېيىن <<مەن قايتقاچ تۇراي >> دېدى ،مەن بىزمۇ قايتايلى دەپ بىراقلا يېنىپ كەلدۇق .يولدا كەلگۈچە قىزىم تولا گەپ قىلىپ كەتسىمۇ ئۇ گەپ قىلمايلا تۇراتتى ياكى ئۇتتۇرسىغا گەپ قىلاتتى قىزىم ئۇنىڭدىن نېمە بولغانلىقىنى سورىسا ئۇ گەپ قىلاي دىدىيۇ كۆزىدىن ياش چىقىپ كەتتى.مەن قىزىمغا ھەدىڭىزنىڭ ئاشقازىنى ئاغرىپ كىتىپتۇ شۇڭا گەپ قىلماي ئولتۇرۇڭ دېدىم قىزىممۇ باشقا گەپ قىلمىدى بۇ يول شۇنچىلىك ئۇزۇن تۇيۇلۇپ كەتتى يا كەلمەيمىز ،قىزىم ماڭا :<<دادا سىز ھەدەمنى دوختۇرغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ كېلىڭ مىنى ئاۋۋال ئاپىرىپ قۇيۇڭ>>دېدى مەن ماقۇل دېگۈچە ئۇ <<بولدى دورا يىسەم ياخشى بوپ قالىمەن دېدى>> مەنمۇ نېمە ئىش ئىكەنلىگىنى بېلىش ئۈچۈن ئاۋۋال بىزنىڭ ئۆيگە ماڭىدىغان يول بىلەن قىزىمنى ئاپىرىپ قۇيۇپ ئاندىن ئۇنى<< دوختۇرخانىغا>> ئاپىرىپ كەلمەكچى بولدۇم،قىزىم چۈشۈپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى مەن ماشىنىنى باشقا ياققا قاراپ بۇرۇدۇم ئۇنىڭ بۇ كەيپىياتىدا يالغۇز قويۇش خەتەرلىك ئىدى ماشىنىنى توختاتىم ئۇ ماڭا :<<مىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويماي >>دېدى مەن <<مەكتەپكە بارسىڭىز يىغلىيالمايسىز >>دېدىم
شۇ گەپ تۈگىشىگىلا ئۇ ئېتىلىپ يىغلاپ كەتتى ..مەن پەقەت چىداپ بۇلالمىدىم ئۇنىڭغا نىمە دەپ تەسەللى بېرىشنى بىلمىدىم ئىچىمدە <<شاتلىق مەن سىزنى سۆيىمەن >>
ئۇ بىر ھازادىن كېيىن توختىدى، ئاندىن ماڭا باياقى كىشىنىڭ كېملىگىنى دېدى.
<<ئۇ كىشى..>>دەپ گەپ باشلىدى شاتلىق.<<مەن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن يىلى ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشقان بىزنىڭ بىر ئاشخانا بۇلۇپ مەن تەتىلدە شۇ ئاشخانىغا ياردەملەشكەچ چاقىرىق كۈتەتتىم بىر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن ئۇچىرشىپ قالدىم ئۇ مىنى كۆرۈپ باشقىچە قاراپ كەتتى مەن دەرھال سىرىتقا چىقىپ كەتتىم  كىيىن ئۇ كۈندە كىلىدىغان بولدى كىشلەر ئۇنى بەكلا ۋاي
دەيتى، شۇڭا ئۇ گەپ قىلسا مەنمۇ تۈزلا جاۋاپ بېرەتتىم شۇنچە ئادەم ھۆرمەت قىلغان كىشىگە مەنمۇ ھۆرمەت قىلىمەن ئەلۋەتتە،شۇنىڭ بىلەن بىز بارا- بارا يېقىنلاشتۇق ،لېكىن مىنىڭ ھىسياتىم پەقەتلا  باشقىچە ئەمەس ئىدى، ئۇ دائىم مىنى ماختاپ كېتەتتى ھەم ئايالى ئۈستىدىن قاخشاپ زارلىناتتى ،مەنمۇ بىر قېتىم ئۇ ئايالنى كۆرگەن راستلا بەك ھاكاۋۇر ئىكەنتۇق لېكىن مەن ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ تۇراتتىم مەنمۇ ئۇنچە دۆت ئەمەس شۇندىن كېيىن ئۇنىڭغا بەك گەپ قىلمايدىغان بولدۇم كېيىن چاقىرىق كەلدى مەن كەتتىم. كېتىش ئالدىدا ئۆيدىكىلەرگە ھەر قانداق كىشىگە مىنىڭ ئادىرسىمنى دېمەسلىكنى تاپىلىدىم،چۈنكى ئۇ ماڭا مەقسىتىنى خېلى ئۇچۇق دېگەنتى ھەم مېنى يەنە ئىزدەيدىغانلىقىنى مىنى ئالىدىغانلىقىنى دېگەنتى ،مەن ئالىي مەكتەپكە كېلىپ پۇتۇن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئوقۇشقا كىرىپ كەتتىم چۈنكى بىز نۇرغۇن جاپادا بۇ يەرگە كەلدۇق ئەمەسمۇ؟ بۇ يەرگە ئوينىغىلى ئەمەس بىلىم ئالغىلى كەلدۇق شۇ تەرىقىدە كۈنلەر ئۈتۈپ قىشلىق تەتىل ۋاقتىمۇ بولدى مەن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم بىر كۈنى چوڭ ئاپامنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كىرەي دەپ كىتىپ بارسام بىر ماشىنا ئالدىمدا توختىدى دە ماشىنىدىن ئۇ كىشى چۈشتى مەن ھۇدۇقتۇم يۇ چاندۇرمۇدۇم ئۇ مەندىن ئەھۋال سوراپ بولغاندىن كىيىن مىنىڭ نەدە ئوقۇۋاتقانلىقىمنى سورىدى مەن ئىچكىردىكى بىر مەكتەپنى دەپ بەردىم تىلفۇن يوق دەپ تۇرىۋالدىم ھەم ئىتتىكلا ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ يۇلۇمغا ماڭدىم ، ئۆيگە كىرىپلا ئۇ يىزىپ بەرگەن نۇمۇر بار قەغەزنى مەشكە سېلىۋەتتىم، تەتىل تۇشۇپ مەن مەكتەپكە قايتتىم يەنە شۇ ئوقۇشنى باشلىۋەتتۇق 5-ئاينىڭ 21-كۈنى بىز <<خەنزۇتىلى سەۋيە سىناش ئمتىھان>>نى بىرىپ بۇلۇپ دوستۇم بىلەن بازار ئايلىنىپ قايتىپ كەلدۇق ئىشىكتىن كىرىپ تۇرسام تىلفۇن كەلدى مەن تىلفۇننى ئالدىم تىلفۇندىن ئۇ كىشىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى مەن تىلفۇننى قۇيۋەتتىم دوستۇم نىمە بولغانلىقىنى سوراي دىگىچە يەنە كەلدى مەن ئالماي دوستۇمغا ئال دېدىم ئۇ ئېلىپ مىنى يوق دېسە زادى ئۇنىمىدى مەن ئالدىم ئۇ ماڭا مىنى نىمىشقا ئالدايسىز مەن سىزنى ھەرگىز قۇيۋەتمەيمەن چۈنكى سىزنى ياخشى كۆرىمەن دېدى ،مەن بۇ مۇمكىن ئەمەس دېدىم دە تىلفۇننى قۇيىۋەتتىم،  يازلىق تەتىلگىمۇ چىقتۇق ئۆيگە قايتتىم جۈمە كۈنى بولغاچقا ئاشخانىغا قارىشىپ بەرمىسەم بولمايتى شۇڭا ئۆيگە كىلىپلا ئاشخانىغا باردىم ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ كىشىمۇ كىردى مەن  ئامال يوق نىمە يەيدىغانلىقىنى سورىدىم، ئۇ ماڭا قاراپ تۇرۇپلا قالدى ئاندىن نېمە بولسا بۇلىدۇ دېدى ئۇ بۇرۇن دائىم سومىيەن يەيتى شۇڭا مەن سومىيەن دەپ قويدۇم ئۇ مەندىن قاچان كەلگەنلىكىمنى سورىدى مەن تۈزلا جاۋاپ بەردىم ئۇمۇ تامىقىنى يەپ بۇلۇپ چىقىپ كەتتى ، شۇندىن كىيىن ئۇ پات -پات كىلىدىغان بولدى بىزمۇ نورمال پاراڭلىشىپ ئۆتتۇق. كىيىن ئۇ مىنى مەكتەپكە ئىزلەپ كىلىپ تاپتى ئاندىن ماڭا باشقا تەلىپى يوقلىقىنى پەقەت ھەپتىدە بىر ئىككى قېتىم كۈرۈشۈپ تۇرساقلا بۇلدىغانلىقىنى دېدى ( يىغلاپ تۇرۇپ) مەنمۇ قۇشۇلدۇم چۈنكى ئۇمۇ ماڭا ناچار تەسىر بەرمىگەنتى شۇ تەرىقىدە ئالاقىلىشىپ كەسىپنىڭ 2يىلىغا چىققاندا  ئۇ ماڭا ھەرەمگە بېرىپ كېلىدىغانلىقىنى لېكىن مەندىن خاتىرجەم بولالمايۋاتقانلىقىنى دېدى مەن خاتىرجەم مېڭىشىنى دېدىم ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەي كەتتى. مەن شۇ پېتى ئالاقە قىلماي دېگەن لېكىن ئۇ مەندىن ئۇ كەلگىچە يوقاپ كەتمەسلىككە ۋەدە ئالغانلىقى ئۈچۈن مەن ئۇنداق قىلالمىدىم. لېكىن ئۇنىڭ كېتىشى بىلەن مەن بىر نەرسەمنى يوقۇتۇپ قويغاندەك بوپ قالدىم چۈنكى ئۇنىڭغا كۈنۈپ قالغان ئىدىم، لېكىن ئۇنىڭ ئائىلىسى بارلىقى ئىسىمدە..كۈنلەر ئۆتتى ئۇمۇ قايتىپ كەلدى مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ئالاقىلاشماسلىقنى دېدىم لېكىن ئۇ قۇشۇلمىدى ھەم ئۆزىنىڭ پات يېقىندا ئاجىرشىپ كىتىدىغانلىقىنى، ئايالىنىڭ ئۇ ھەرەمگە كەتكەندە ئاپىسنىڭ ئۆيىگە كەتكەنلىكىنى مەندىن باشقا ئادەم بىلەن ياشىمايدىغانلىقىنى دەپ يەنە يىغلاپ تۇرۋالدى مەنمۇ ئامال قىلالمىدىم، شۇ پېتى بۈگۈنگە كەلدۇق ئۇ بۈگۈن باللارنى ئوينىتىپ قۇيىدىغانلىقىنى دېگەن شۇڭا مەن...ئۇ ئايال ئۇنىڭ ئايالى شۇ .بۇ زادى قانداق گەپتۇ؟.. مەن ئۇنىڭغا بولدى دېسەم ئۇ مەن ئۇنىڭ بىلەن ياشىمايمەن ،ئۇمۇ كەتتى دېگەن بىراق...
مەن شاتلىقنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئۇنىڭ يەنە قانداق ئىشلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىش ئۈچۈن(باغچىدىكى كىشىنىڭ)
شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ مەلئۇننىڭ ئىزىغا چۈشۈشكە ئادەم ئۇرۇنلاشتۇردۇم...كېيىن بىلدىم ئۇ ئەزەلدىن ئايالى بىلەن ئايرىلىپ تۇرماپتۇ، ئۇنىڭ ئايالى ئۇ ھەرەمدىن كەلگەندە يەڭگىپتۇ ، ئۇ كۈنىدىكى كىچىك بالا شۇ ئىكەن ..بۇ گەپنى شاتلىققا دېيەلمەيتىم شۇڭا ئىچىمگە يۈتىۋەتتىم ،مەن بۇ ئىشلارنى بىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي شاتلىققا تىلفۇن قىلدىم، ئۇنى قانداق تۇردىكىن دەپ چۈنكى شۇ كۈنى بىر تىلفۇن كىلىپ ئۇ كەتكەنتى پەرىزىمچە شۇ مەلئۇن شۇ پېتى مەنمۇ شىركەتكە قايتقان. شاتلىق ناھايتى خوشال ئىدى مەنمۇ ئۇنىڭ كەيپىياتىنى بۇزمۇدۇم...كۈنلەر ئۈتىۋاتىدۇ مەن ئۇنى بارغانچە كۆپ ئويلايدىغان سېغىندىغان بوپ قالغانتىم.. شاتلىق ئوقۇش پۇتتۈردىغان يىلى قايغۇ دېگەن شۇنداق كەلدى مەن تۇسىۋالالمىدىم ، ئوقۇش پۇتتۈردىغانغا بىر يىل قالغان يازلىق تەتىلدە ئۇ ئۆيگە قايتىدىغان بوپتۇ دوستۇمدىن ئۇقتۇم مەن بېرىپ ئۇنىڭغا كۆڭۈللۈك ئويناشنى دېدىم ئۇ كەتتى..مەنمۇ ئۇزۇن قالماي ئۇنىڭ يۇرتىغا باردىم ھەم ئىزدەپ ئۇنىڭ ئاشخانىسىغا كىردىم ئۇ يوق ئىدى ، مەن تاماق يەپ بوپ تۇرسام ئۇ كىردى منىن كۆرۈپ سالاملاشتۇق بىر تىلفۇن كەلدى ئۇنىڭ چىرايى ئۆزگەردى دە سىرىتقا چىقىپ كەتتى .ئۇ ئۆيىدىكىلىرىگە مىنى تۇنۇشتۇرۇپ قويدى لېكىن كۆزلىرى ياش تۇراتتى ،مەن بىر يەرنى تاپالمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ ئۇنى بىللە چىقسۇن دېدىم دادىسى ماقۇل بولدى(چۈنكى ئالدىنىقى يازلىق تەتىلدە دوستۇم مەكتەپتىكىلەر بىلەن شاتلىقنىڭ يۇرتىغا كەلگەن شۇ چاغدا دوستۇم شاتلىقنىڭ دادىسىغا ئۇ دەرىس بىرىۋاتقان قىزنىڭ ئائىلىسى توغرۇلۇق سۆزلەپ بىرىپتىكەن شۇڭا ئىشەنگەن گەپ بولمىسا) ھەممىنى بىلدىڭىزمۇ؟ سورىدىم ئۇنىڭدىن..
-<<سىز بىلەمتىڭىز؟>>
-بىلەتتىم ،لېكىن سىزگە دىيەلمىگەن ..
-<<مۇمكىن ئەمەس ،بۇ مۇمكىن ئەمەس..>>
-بۇ ئۇنىڭ 4-بالىسى بۇنىغۇ بىلەسىز؟
<<ئۇنداق ئەمەستۇ ؟>>
-شۇنداق ھېلىقى چاغدىكى كىچىك بالا ئۇ ھەرەمدىن كىلىپلا تۇغۇلغان ئىكەن سىزگە دېمىگەنمۇ؟
-<<ماڭا قېينى سىڭلىمنىڭ بالىسى دېگەن>>
ئۇ شۇنداق دەپلا يىغلاپ كەتتى، ئۇ ئۆز ئۆزىگە شۇنداق دەيتى <<سەن خاتالاشتىڭ شاتلىق بۇ سەن ئەمەس..لېكىن مەن مېڭىپ بولدۇم ،مەندە باشقا يول يوق..>>
شۇ چاغدا مەن ئۇنىڭغا كۆڭلۈمدىكى گەپنى دېدىم ،بىراق ئۇ قۇشۇلمىدى مىنى ماڭا ئىچ ئاغرىتىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ شۇ كۈندىن كىيىن مەن بىلەن ئالاقىنى ئۈزدى ،مەن پەقەت چىدىيالماي شۇنچە دەرتنى ئۇنىڭ يالغۇز كۆتۈرۈشىگە چىدىيالماي ئۇنىڭغا تەھدىد سالدىم...
ئەگەر مەن بىلەن بىر قېتىم كۆرۈشمىسىڭىز مەن ئۆيدىكىلىرىڭىزگە ھەممە گەپنى دەيمەن..
ئۇ مەن بىلەن كۆرۈشتى ،ئۇ ماڭا باشقا گەپ قىلمىدى شۇ بىر ئېغىز <<سىز بولسىڭىزمۇ مىنى ياشىغىلى قۇيۇڭ مەن ھىچكىمگە ئىشەنمەيمەن..>>.
-مەيلى مىنى قۇبۇل قىل دېمەيمەن لېكىن مەن تېلفۇن قىلسام ئېلىڭ بۇلامدۇ؟ دېدىم ئۇنىڭغا.

<<بىز ئەمدى كۆرۈشمەيلى ، ئەمدى مىنى مۇھەببىىتىمگە سادىق ياشىغىلى قويۇڭ مەيلى ئۇ نېمە قىلسۇن ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن ئۇ دىگىننى قىلىدۇ...>>
سىز خاتالىشىۋاتىسىز شاتلىق سىز خاتا يولنى تاللىدىڭىز..بۇ سىز ماڭىدىغان يول ئەمەس بۇ سىزگە ياراشمايدۇ...
<<مەن تاللاپ بولدۇم ،مەن مېڭىپ بولدۇم پۇشايمان قىلمايمەن چۈنكى ئۇ مىنى ئالدىمايدۇ..لېكىن ئالدىسىمۇ ئاغرىنمايمەن لېكىن سىزنى تاللاشقا سىزگە مۇھەببەت بىرىشكە مەندە ئامال يوق>>
شۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇنى بىر تەستەك سالدىم دە ماشىنىغا چىقىپ كەتتىم..بەك ئازاپلاندىم ئۇنى ئۇرغانلىقىم ئۈچۈن ئەمەس شۇ بىر قىزنىڭ تۈگىشىپ كىتىشىگە ئەنە شۇ خۇدانىڭ يېقىن ئادەملىرى سەۋەبچىغۇ..نىمىشقا ...ناماز دىگەن ئىماننىڭ شاخچىسى دەيمىز ، ھاجىم دېگەن ئاللانىڭ ئەڭ يېقىن كىشلىرى دەيمىز مانا بۇ <<يېقىنلار >> مىللەتنىڭ ئانىسى بولغان قىزلارنى شۇنداق ئازاپلىسا ئەخمەق قىلسا ئۇلارنى جازالايدىغان تەڭرى يوقما ؟ نۇرغۇن كىشىلەر گۇناھنى شۇ قىزغا قۇيىشى مۇمكىن، بىراق مەن ئۇنداق ئويلىمايمەن چۈنكى ئايال كىشى ئاجىز ھەم مىھرىبان، چوڭ بىر ئادەم ئالدىدا ياش تۆكسە چىدىيالىسىنمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىمانى كامىل كۈرۈنگەن بىرسى...ۋاقتى كەلسە بىزدەك  سورۇنلاردا ھاراق ئىچىدىغان ، خەنزۇ يولداشلار بىلەن سودا قىلدىغان كىشلەرنى ، نۇرغۇن كىشىلەر 5مىتىر يىراقتىن تۈكۈرۈپ ماڭىدۇ چۈنكى بىز ناماز ئۆتىمەيمىز ...يۇقارقىدەك كىشىلەرنى 50مىتىر يىراقلىقتىن كۆرۈپ سالام قىلىشىدۇ...ناماز ئوقۇغان ھەج قىلغان  كىشىلەر بۇ تۇرسا بولدى جۇمۇ ئەڭ ياخشىسى مەن ناماز ئۆتىمەي..بولمىسا مەنمۇ<< دىندا تۆت خوتۇن ئالسا بۇلىدۇ >>دېگەن دەپ  نەپسىمگە باھانە تاپماي..لېكىن شاتلىقنى چۇقۇم ئالىمەن ئۇ قانداق بولسا مەيلى ئاخىرىغا قىزىقساڭلار داۋاملىق شەبنەمگە قەدەم تەشىرىپ قىلىڭلار كېيىنكى ھىكايەمنىڭ تېمىسى <<تەڭرىم ماڭا بەرگەن پەرىشتە>>.
[ بۇ يازما 失意... تەرپىدىن2009-03-25 19:31دە قايتا تە ]

تېما تەستىقلىغۇچى : tughrul
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-24, 12:43

 

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-24 20:29 |
شەبنەم تور رادىئوسى
uyghur2009
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 75094
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 114
شۆھرەت: 114 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1070 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 305(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-28

 

مەن بۇنىڭ بىشىنى  ھەجەپ چۈشۈنەلمىدىما..................   

چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 20:55 |
شەبنەم تور رادىئوسى
saba109
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 34718
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 609
شۆھرەت: 610 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3737 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 796(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-29

 

ھەممىنى يېزىپ بولغاندا بىراقلا كۆرەيچۇ.....

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
يوقىلىدۇبەلكى تىچ ئوكيان،
يوقالمايدۇئۇيغۇرنىڭ نەسلى.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 20:58 |
_Malika_
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 29977
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 741
شۆھرەت: 742 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 7081 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 544(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-29

 

مەنمۇ بىشىنى ئانچە چۈشىنەلمىدىم،داۋامىنى ساقلايمەن

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 21:10 |
zulkarjan
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 9410
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 230
شۆھرەت: 1949 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 540 سوم
تۆھپە: 32 نۇمۇر
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 439(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-28

 

قەلىمىڭىز ھېرىپ قالمىسۇن !
بەك ياخشى يېزىپسىز  .....................

ئاخىرىغا تەشنامىز !

چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 21:16 |
nasiba103
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 68280
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 37
شۆھرەت: 37 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 320 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 141(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-28

 

تىزىراق يوللاڭە .....مەن ئاخىرىغا بەك قززىقىۋاتىمەن .

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 21:16 |
zulkarjan
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 9410
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 230
شۆھرەت: 1949 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 540 سوم
تۆھپە: 32 نۇمۇر
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 439(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-28

 

  بەك ئالدىراپ يازدىڭىزمۇ قانداق  ، بەزى سۆزلەرنى يازماي ئۆتۈپ كېتىپسىز ، بولۇپمۇ مۇھىم بولغان پېئىل ، سۈپەت سۆزلىرىنى ....شۇڭا  باشقىلار بېشىنى چۈشەنمەي قالغان ئوخشايدۇ ، تەكلىپىم يەنە بىر تەھرىرلەپ چىقسىڭىز بولغۇدەك ، ۋەقەلىك بەك ياخشىكەنتۇق   ...

يەنە بىرى ، ئىملا خاتالىقى سەل كۆپكەن  ...

چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 21:18 |
OYQIBOY
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 70456
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 172
شۆھرەت: 186 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1606 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 62(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-28

 

ماۋزۇسى ھەجەپ غەيرى قۇيۇلۇپتا،مەزمۇنى ياخشى چىقىپتۇ،ئاخىرىنى تېزراق يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!!!

شىنجاڭ تور مەكتىپى
اللە ئەڭ شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر.
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 21:24 |
$..........A
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 67663
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 35
شۆھرەت: 35 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 350 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-24

 

ئەجەپ بىر تىمىسى بىلەن مەزمۇنى ماس كەلمىگەندەك!!!!
بىراقلا يىزىپ يوللىماي!!

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 21:26 |
A-LUKQAK
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 74619
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 83
شۆھرەت: 83 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 810 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-25

 

تېخىمۇ كۆپمۇ ئايغى        

چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 21:36 |
tekiqi
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 18150
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 140 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 194(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-28

 

      تۈگىدىما~!!!
     ھېچنىمىنى چۈشىنەلمىدىم~!  
     يا بېشى يوق~! يا ئاخىرى~!!

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 21:38 |
diqqet
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 15559
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 265
شۆھرەت: 266 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2616 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 466(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-25

 

ئاخىرى قانداقلا بولشىدىن قەتئىنەزەر ھىكايىنىڭ ماۋزۇسى كۆڭلىمنى يىرىم قىلىپ قويىدى .

چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 22:15 |
yalkun914
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 64086
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 28
شۆھرەت: 29 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 280 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 203(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-29

 

مىنىڭچە بۇ قېرىندىشىمىز  بۇ ھىكايىنى ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغۇ دەيمەن ،،،،،     

چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 22:19 |
kokkaptar1
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 81186
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-24

 

تىمىسىنى سەل ياختۇرمۇدۇم.لىكىن مەزمۇنى ياخشى چىقىپتۇ.داۋامىغا تەشنامىز.

چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 22:43 |
turmux12
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 22477
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 216
شۆھرەت: 217 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2160 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 369(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-28

 

يەنە بىر قىسىملىق كىنو!

كۆڭۈل قويسىلا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق!
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 22:49 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2345» Pages: ( 1/5 total )
XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-29 05:20, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ