ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 2345» Pages: ( 1/5 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 3795 - كۆرۈرمىنى
zulkarjan
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 9410
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 230
شۆھرەت: 1949 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 540 سوم
تۆھپە: 32 نۇمۇر
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 439(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-28

 مەن يانچۇقچى ئەمەس (ھىكايە)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئۇيغۇرئاي تەرپىدىن (2009-03-24)دە نادىرلاندى



مەن يانچۇقچى ئەمەس

(ھىكايە )

زۇلقەر ھۈسەيىن  شەرارى





  - ئاكا...،     بازار  ئارىلاپ كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز چىققان بۇ ئۇيغۇرچە ئاۋازدىن چۆچۈپ ئارقامغا بۇرۇلدۇم ،
  - ھە ؟
  - ئاكا ، سىز ئۇيغۇركەنسىز-دە ،خۇداغا شۈكرى ، - كۆزلىرى مۆلدۈرلەپ تۇرغان  ، كىيىم كېچەكلىرى مەينەت بولۇپ كەتكەن 13-14 ياشلاردىكى بىر ئوماق بالا ماڭا قاراپ تۇراتتى ، ‹يانچۇقچى ›دىگەن خىيال كاللامدىن يالت قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى .
  - ھە ئە ، مەن ئۇيغۇر ، نېمە بولدۇڭ ئۇكام ؟
  - مەن  ..مەن ...،-  ئۇ گەپ قىلالماي ماڭا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى ، ئۇنىڭ ئىچى - ئىچىدىن ئىزىلىپ يىغلاشلىرى مېنىڭمۇ يۈرۈكۈمنى ئېزىۋەتتى ،
  - يىغلىما ئۇكام يىغلىما ، - ئۇنى بەزلەۋېتىپ ئۆزۈمنىڭمۇ كۆزلىرىگە ئىختىيارسىز ياش كېلىپ كەتتى ، ئۇ خېلى ئۇزاقتا يېشىنى توختاتتى ، بىراق كۆزلىرىدىكى لىغىرلاپ تۇرغان ياشلىرى ھەر ۋاقىت تۆكۈلۈشكەتەييار تۇراتتى .
  - ئاكا ، ماڭا ياردەم قىلسىڭىز ، مەن ..مەن .. يورتۇمغا كېتىۋالسام،ئەينا ، - ھە ، ئەسلىدە قارا نىيەتلەرنىڭ قولىدىن قېچىپ چىققانكەندە دەپ ئويلۇدۇم ئىچىمدە .
  - بولىدۇ ، يۈر ، ئاۋۋال بېرىپ تاماق يەيلى ، باشقا گەپلەرنىڭ ئاندىن دېيىشەيلى ، - كۆڭلۈمدە قورقۇپ تۇرساممۇ ، بۇ بالىنى تاشلاپ كېتىشكە كۆزۈم قىيمايتتى ، بازارچىلارغا  ئۇچراپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن  بۇ بالىنى مەكتەپنىڭ يېنىدىكى ئاشخانىغا ئەكەلدىم ،  تاماقنى بۇيرۇتۇپ قويۇپ ،ئولتۇرۇپ قايتىدىن  ئۇنىڭدىن ئەھۋال ئېگېلىدىم ،
  - ئىسمىڭ نېمە ئۇكام ؟ يۇرتۇڭ نەدىن ؟- تەلەپپۇزىدىن قويۇق خوتەن پۇرىقى چىقىپ تۇرسىمۇ يەنە سورىدۇم ،
  - ئىسمىم يارمۇھەممەد ، خوتەندىنيا ئەينا...
  - مېنىڭ ئىسسىم دىلشات ، نەچچە ياشقا كىردىڭ ؟
  - 13ياشقا .
  -داداڭنىڭ ئىسىمىچۇ ؟ ئۆيۈڭنىڭ تېلىفۇن نومۇرىنى بىلەمسەن ؟
  ئۇنىڭ كۆزلىرىگە يەنە لۆممىدە ياش كەلدى ۋە تېزلا ئېتىلىپ چىقتى ، بۇ قېتىم بايىقىدىنمۇ بەك ئېزىلىپ يىغلاپ كەتتى ، ئاشخانىدىكىلەر بىزگە قاراپ - قاراپ قوياتتى ،
  -بولدى ، ئۆزۈڭنى تۇتىۋال ئۇكام ، يىغلىماي  ماڭا سۆزلەپ بەرگىن ،- ئۇ ھېقىقداپ تۇرۇپ خېلى تەستە يىغىسىنى توختاتتى ، بۇ چاققىچە تاماقمۇ چىقىپ قالغانىدى ،
  - ئاۋۋال تاماق يە ، ئالە قېنى ئۇكام ، يىغلىمىغىن ، مەن بار ، بۇ مەكتەپتە يەنە ماڭا ئوخشاش ئاكا - ئاچىللىرىڭ بار ،ھەرگىز يىغلىمىغىن ، قېنى ھە ..تاماقتىن ئالغىن ،- ئۇنىڭ قورسىقى خېلى ئاچقان بولسا كېرەك ، تاماقنى ئىشتىھا بىلەن يىيىشكە باشلىدى ، مېنىڭ كاللامغا بۇ بالا ۋە ئۇنىڭ ماڭا نامەلۇم كەچۈرمىشى كىرىۋېلىپ تاماققىمۇ ئىشتىھايىم بارمىدى ،  ئۇ تاماقنى يەپ بولۇپ ئېغىزىنى قوللىرى بىلەن سۈرتىۋېتىپ :
  - رەھمەت سىزگە ئاكا ، بۇ يات شەھەردە سىزگە ئوخشاش ئاقكۆڭۈل ئاكىللىرىممۇ باركەن ئەينا ،- ئۇنىڭ گەپ سۆزلىرىدىن ئۆزىنىڭ يېشىدىن خېلى چوڭ كۆرۈنەتتى ،خۇددى بەك كۆپ ئىش كۆرگەندەك .
  - ئۇنداقمۇ دېمە ، بۇ شەھەردە ماڭا ئوخشاش ئوقۇغۇچىلار كۆپقۇ ...
  - ئالدىنقى كۈنى مەن ئىككى ئوقۇغۇچى ئاچاشلارغا ئۇچىرىغان ، ئۇلارغا گەپ قىلسام ، مېنى تىللاپ كېتىپ قالدى ، مېنى «يانچۇقچى » دەيدۇ ، ئاكا مەن يانچۇقچى ئەمەس ، مەن بۈگۈنگىچە تاماق يېمىگىلى ئىككى كۈن بولغان ، ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا خۇيزۇلار كوچىسىدىكى بىر خۇيزۇ ماڭا تاماق بەرگەنىدى ...
  - نېمىشقا ساقچىخانىغا بامىدىڭ ؟
  -باردىم ، بارسام مېنى « يانچۇقچى » دەپ چىقىرىۋېتىشتىيا ئەينا  ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن خەنزۇچىنى تۈزۈك ئۇقمايتمەن .

  -ئۇنداقتا قانداق قىلىپ بۇ  شەھەرگە چىقىپ قالدىڭ ؟
  -مەن ئەسلى ناھىيىمىزدە تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئوقۇيتتۇم ، رەھمەتلىك ئانام كىچىك ۋاقتىمدا تۈگەپ كەتكەنىكەن ، شۇندىن كېيىن دادام بىلەن بىللە ياشاپ كېلىۋاتاتتىم ، ئۇ ھاراقنى بەك كۆپ ئىچەتتى ،ئۆيىمىز بەك نامرات ، مەن ئىككىنچى يىللىقا چىققاندا دادام مېنى مەكتەپتىن چىقىرىۋالدى ، ناھىيە بازىرىدا مايلامچىلىق قىلدىم ، تاپقان پۇلۇم دادام ئىككىمىزنىڭ قورسىقىغا يېتەتتى ، لېكىن ئۇ ھەركۈنى تاپقان پۇلۇمنى تارتېۋېلىپ ھاراق ئىچەتتى ،  بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۇ ئىچكىرىگە چىقىپ پۇل تاپىمىز دەپ مېنى ئېلىپ ئۈرۈمچى  دىگەن يەرگە ئەكەلدى ، ئۇ يەردە ئىككى كۈن تۇرۇم ، مۇشۇ شەھەرنىڭ بېلىتىنى ئېلىپ بۇ يەرگە چىقتۇق ، لېكىن پويىز ئىستانىسىدىن چىقىشىمىزغىلا بىر توپ ئادەملەر كېلىپ بىزنى ئۇرۇپ ، تۇتۇپ كەتتى ، مېنى بىر قاراڭغۇ ئۆيگە سولاپ قويۇشتى ،بىر ئازىدىن كېيىن دىقەت قىلسام  دادامنىڭ ئۇلار بىلەن ۋارقىراشقان ئاۋازى ئاڭلاندى  ،
  - ياق ، ئۇ دېگەن مېنىڭ ئوغلۇم تۇرسا -، دىگەن ئاۋازى قۇلۇمغا كىرىدى ، باشقا گەپلەرنى ئاڭلىمىدىم ،خېلى ۋاقىتتىن كېيىن  ئىشىكنىڭ يۇچۇقىدىن قاپاقلىرى يېرىلغان دادامنىڭ  ئۇلارنىڭ قولىدىن بىر تۇتام پۇلنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم ، شۇندىن  كېيىن ئۇنى ئۇچۇرتۇپ باقمىدىم ، ئۇلار ئەتسىدىن باشلاپ مېنى يانچۇقچىلىق قىلىشقا زورلىدى  ، ئۇردى ، تەپتى ، كۆيدۈردى ، ئېسىپ قويدى ، لېكىن مەن ئۇنىمىدىم ، ئاخىر بىر كۈن خوجايىننىڭ بەك ئاچچىقى كېلىپ مېنى بەك ئۇرىۋەتتى ، ئۇ كۈنى قولۇممۇ سۇنۇپ كەتتى  ، ئۇلار شۇ پېتى مېنى كوچىغا چىرىۋەتتى ، چۈنكى ئۇلار مېنى ئاچ قېلىپ يېنىپ كېلىدۇ دەپ ئويلىغانىدى ، قولۇمنىڭ ئاغرىقى جېنىمدىن ئۆتتى ، لېكىن چىدىدىم ، خەقنىڭ نەرسىسىنى ئالمىدىم ئاكا ، قەتئى ئالمىدىم  ، كەچ ۋاقىتلىرى بۇلۇڭ پۇچقاقلاردا ، كۆۋرۈك تىگىدە ئۇخلۇدۇم ، مۇشۇنداق يۈرگىلى بىر ئايدىن ئاشتى ، ئاچ قوساق ، قولۇمنىڭ سۇنىقىمۇ مايماق تۇتۇپ قالدى ، ئۇلارنىڭ ئادەملىرىگە نەچچە قېتىم ئۇچراپ قالدىم ، لېكىن قېچىپ قۇتۇلدۇم ، ئاكا مانا بۈگۈن سىزگە ئۇچراپتىمەن ، ماڭا يادەم قىلسىڭىز ...
  - بۈگۈن ھەجەپ ماڭا قوقماي گەپ قىلدىڭغۇ ؟ ئەگەر مەن ئەسكى ئادەم بولسام قانداق قىلاتتىڭ ؟
  -سىزنىڭ كىيىنىشلىرىڭىز ، چىراي - تۇرقىڭىز ،ئەڭ مۇھىمى كۆزلىرىڭىز ئەسكى ئادەمگە ئوخشىمايتدىكەنيا .
- يۇرتتا ھېچنىمەڭ  قالماپتۇ ، قايتىپ قانداق جان باقىسەن ؟
- يۇرتۇمغا قايتىپ ئۆلۈپ قالساممۇ مەيلى ،بۇ يەردە بۇناق ياشىغاندىن ، بۇ شەھەردە ھەممە ئادەمنىڭ كۆزىگە «يانچۇقچى » كۆرىنىدىكەنمەن ، - ئۆزۈمنىڭمۇ بايا ئۇنى كۆرۈپلا «يانچۇقچى » دەپ ئويلىغانلىقىم ئېسىمگە كېلىپ  قىزىرىپ كەتتىم،بىراق ئۇ ماڭا قارىماي سۆزلەۋاتاتتى ،- يۇرتۇمغا قايتىپ مايلامچىلىق قىلساممۇ بولىدۇ ، جېنىمنى بېقىپ كېتەلەيمەن .
  ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ جىمىپ كەتتىم ، توۋا ، كىچىككىنە بالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈنلەرنى قارا ، ئۇمۇ بىزگە ئوخشاشلا ئادەم بالىسىغۇ ، ئۇمۇ بىزگە ئوخشاش ئاتا -ئانىسىنىڭ ئىسسىق قوينىدا ئەركىلەپ ئويناش ھوقۇقىغا ئىگىغۇ ، ئۇمۇ قورسىقىغا تويغىدەك تاماق يېيىشى كېرەكقۇ... تېخى ئۇنىڭ دادىسى ، ئۆز بالىسى ئۇلارغا سېتىۋېتىپ ... كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى ، ھەي  جېنىم ئۇكام سەن نېمانداق شور پىشانە .. بىزنېمانداق بىتەلەي خەق ھە  ...
ئۇ بالىنى قۇچاقلىدىم ، چىڭ قۇچاقلىدىم ،خۇددى مۇشۇ قۇچاقلىشىم بىلەنلا ئۇنى ھەممە دەرتتىن ئازاد قىلىدىغاندەك ...
ئۇنى باشلاپ مەكتەپتىكى شىنجاڭدىن كەلگەن  يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ يېنىغا كىرمەكچى بولدۇم ، لېكىن ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ مىجەزىدىن  مېنى ئارتۇق ئىشلار ئارلاشتىڭ دەپ ئەيىپلەيدىغانلىقى ئېنىق ئىدى ، شۇڭا  بىر نەچچە ساۋاقدېشىمنى چاقىرىپ  چىقتىم ، بىز مەسلىھەتلىشىپ  ھەممىمىز يېنىمىزدىن پۇل چىقىرىپ ئۇنىڭغا پويىز بېلىتى ، كىيىم -كېچەك ئېلىپ قولىغا تۇتقۇزدۇق ،يەنە قولىغا پۇلمۇ بەردۇق ، ئاندىن تۆمۈر يول ج خ ئىدارىسىگە بېرىپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۇردۇق ،  ساقچىلار ئۇنى چوقۇم ساق سالامەت شىنجاڭغا يەتكۈزىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى ، بىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتۇق ،
  
   - ئۈرۈمچىدىكى دوستلارغا دەپ قويدۇق ، ئۇلار سېنىڭ ئالدىڭغا چىقىپ سېنى خوتەنگە يولغا سېلىپ قويىدۇ .
   - رەھمەت ئاكىلار ،سىلەرنىڭ ياخشىلىقىڭلارنى ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيا ئۇنۇتمايمەن ، رەھمەت .
   - بولدى ،رەھمەت ئېيتمىساڭمۇ بولىدۇ ، چوقۇم ياخشى ئادەم بولغىن .
   - خاتىرجەم بولۇڭ دىلشات ئاكا ، مەن يانچۇقچى ئەمەس ھەم بۇندىن كېيىنمۇ بولمايمەن .
ئۇنى يەنە بىر قېتىم چىڭ قۇچاقلاپ خوشلىشىپ قايتتىم ، پويىز ئىستانىسىدىن قايتقاندىن كېيىنمۇ ، خېلى كۈنلەرگىچە ئەسلىمگە كېلەلمىدىم ،
يەنە نەچچىلىگەن «يار مۇھەممەد» لەر مۇشۇنداق يات شەھەرلەردە تەلمۈرۈپ يۈرىدىغاندۇ ، ئۇلانىڭمۇ ئىسسىق ئۆيلىرى ، مېھرىبان ئاتا - ئانىسى بار بولغىيتتى ،  ئۇلارنىڭمۇ خەقنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنمەي ياشىغۇسى بولغىيتتى ، ئۇلارنىڭمۇ گۈزەل - تاتلىق ئارزۇلىرى بولغىيتتى بەلكىم ، ئۇلارنىڭمۇ تويغۇدەك تاماق يىگۈسى ، چىرايلىق ،پاكىز كىيىنگۈسى ، ئاتا - ئانىسى بەرگەن پۇلنى خەجلەپ ، ساۋاقداشلىرى بىلەن سىنىپلاردا دەرس ئاڭلىغۇسى باردۇ ، ئاچا سىڭىللىرى بىلەن ئاكا -ئۇكىللىرى بىلەن  شوخلۇق قىلىپ ئوينىغۇسى باردۇ ، ئۇلارمۇ  سىز بىلەن بىزگە ئوخشاش  ئاتا -ئانىسىنىڭ ئەتىۋارلىق باللىرىدۇ ، ئۇلارمۇ «كەلگۈسىنىڭ خوجايىنلىرى» دەپ ئاتالغان سەبىلەرغۇ  ، ئۇلارمۇ بەش ئەزايى ساق بىر -بىرىدىن چىرايلىق ئوماق بالىلارغۇ ، ئۇلارمۇ ياشاش ھوقوقىغا ئىگە ئادەمغۇ ، ئۇلارمۇ ....
ئويلىغانسىرى كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ كۆزلۈرۈمگە ياش كەلدى ، كۆزۈمنى يۇمدۇم ، بىراق كۆز ئالدىمغا مىڭلىغان سەبىي كۆزلەر كېلىۋالدى ، ھەممىسى  «مەن يانچۇقچى ئەمەس!» دەۋاتقاندەك  ...


مەنبە : ئۆزۈم ،
رۇخسەتسىز باشقا يەرگە يۆتكىمەڭ ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىڭ


[ بۇ يازما zulkarjan تەرپىدىن2009-03-24 18:42دە قايت ]

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-24, 08:33

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:+10(naprat517) نادىر ئەسەر
  • ياخشى باھا:+10(tim0998) ئىجادىي ئەسە ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-24 16:18 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    nasiba103
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 68280
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 37
    شۆھرەت: 37 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 320 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 141(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-28

     

    ناھايىتى تەسىرلىك ئىكەن ،،،كۆزلىرىمدىن ياسلار چىقىپ كەتتى ،،،،،ھەر بىر كىشى خۇددى سىز ۋە شۇ بالىدەك ئويلىغان بولسا نىمىدىگەن ياخشى بۇلاتتى.

    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 16:41 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    HALIDAM0991
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 81133
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 5
    شۆھرەت: 5 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 50 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

     

    ياخشى يىزىلىپتۇ ،ئاللا ھەممىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن!

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 16:50 |
    Martian
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 64311
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1222
    شۆھرەت: 1269 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 280 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 790(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-28

     

    مەن ھىكايىنىڭ تۇنجى ئوقۇغۇچىسى بلسام كېرەك...تەلەيلىك ئىكەنمەن..رەھمەت..
    مەن ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقىلى 11 يىل بولدى، ھەر نېمىنى كۆردۈم..نى نى كاتتا سورۇنلارنى، خوجايىن تاغا-ھەدىلىرىمىزنى كۆردۈم..يەنە نۇرغۇن نامراتلىقتىن زارلىنىۋاتقان بالىلارنى، ئوقۇشسىز قېلىۋاتقان ئاجىز جانلارنى كۆردۈم...ئەمەلىيەتتە، شۇ رېستوران، مىھمانخانىلارنىڭ بىر قېتىملىق جوزىسى ۋە ياتىقىنىڭ پۇلى ئاز دېگەندىمۇ 5ئوتتۇرا باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىسىنىڭ 1 يىللىق ئوقۇش ۋە تۇرمۇش پۇلىغا تەڭ كېلىدۇ. ھەي، مانا بۇ بىزدىكى مىللى غۇرۇر...سەھەرلەردە رېستورانلاردىن تۆكۈلىۋاتقان ئېسىل تائاملار، كەشلەردە ئاشقا زار يىغلاۋاتقان بالىلار...كىچىك تۇرۇپ كوچىلاردا تىلەمچىلىك، مايلامچىلىق قىلىۋاتقان بالىلار، سورۇنلاردا چەتئەل ھاراقلىرىنى ئىچىپ، كوچىلاردا يېتىپ قالغان غوجاملار، ئاشقازىنى ھاراق دەردىدىن ئاچچاق بولۇۋاتقان، گاھىلىرى دوختۇرخانىلاردا ئاشقازانلىرىنى نەچچە ئون مىڭ يۈەنگە تازىلىتىۋاتقان .....مانا بۇ بىز...

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    ئانا تىل كۆزدۇر، ئۆزگە تىل كۆزئەينەك.
    بىز نېمىدىن تېنىۋاتىمىز، بىز شۇنىڭغا زار.
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 16:59 |
    رۇمەيسا
    تەبەسسۇمنى سېغىندىم
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 38670
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 1802
    شۆھرەت: 2025 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2101 سوم
    تۆھپە: 332 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 427 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1816(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-28

     

    يەنە بىر ئەسىرىڭىزنىڭ مۇۋاپىقىيىتىنى تەبرىكلەيمەن، ئاخىرى بەك ياخشى ئاخىرلىشىپتۇ.....
    مۇزىكا بىلەن قوشۇلۇپ تېخىمۇ ئاچچىق بىر قىسمەت، ئېچىنىشلىق كەچۈرمىش بايان ئەيلىنىپتۇ....

    ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇيغۇر تىلىمغا چېقىلمىساڭ بولمامدۇ؟!......

    http://tirish.cn/bbs
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 17:25 |
    uzi
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 63723
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 572
    شۆھرەت: 573 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1695 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 281(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-25

     

    ھەقىقەتەن تەسىرلىك يېزىپسىز، ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى يەردە قويمىغاي !

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    دوستلارنىڭ ھەسىتى دۈشمەننىڭ قەستىدىن يامان!
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 17:29 |
    tim0998
    گۈزەللىك ئىزدىمە،ئۇ سەندە.
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 61829
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1185
    شۆھرەت: 1321 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 670 سوم
    تۆھپە: 144 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 39 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 495(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

     

    دۇنيا مېھرى - مۇھەببەت بىلەن گۈزەل،ئەسرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ.
    كەلگۈسى ئىگىلىرىنىڭ ئاچچىق ھايات كارتىنىسى . . .

    تۈنۈگۈننى ئۇنۇتما!بۈگۈننى چىڭ تۇت!ئەتىنى ئويلا!
    تۈنۈگۈندىن جەۋھەرلەر توپلىشىڭ مومكىن؛
    بۈگۈننى چىڭ تۇتساڭ،كېيىن پۇشايمان قىلمايسەن؛
    ئەتىكى توغرا نىشاننى كۆزلەپ ماڭساڭ،تاپتىن چىقىپ كەتمەيسەن!

    ./?u=61829
    ./?a=tim0998
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 17:30 |
    Ketikchi
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 57987
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 52
    شۆھرەت: 63 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 499 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 226(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-25

     

    مېنىڭمۇ بىر ئوغلۇم بار ئاللاھ پۇتۇن بەندىلىرىڭگە ئىنساپ ئىمان ئاتا قىلغىن ...ما موزىكىمۇ ئادەمى بەك ېزىۋەتتى دىسە

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 17:38 |
    Eslamiya105
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 75181
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 30
    شۆھرەت: 30 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 300 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 161(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-28

     

    راستىنلا  ياخشى يىزىلغان  ئەسەركەن...ئاللا قولۇڭلارغا دەرت بەرمىسۇن!
    ئۇلۇغ ئاللا ھەممە بەندىلىرىنىڭ كۈڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن!

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 18:10 |
    zulkarjan
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 9410
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 230
    شۆھرەت: 1949 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 540 سوم
    تۆھپە: 32 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 439(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-28

     

    Quote:
    بۇ مەزمون4قەۋەتتىكىرۇمەيسانىڭ2009-03-24 17:25 دە يوللىغان يازمىسى   :
    يەنە بىر ئەسىرىڭىزنىڭ مۇۋاپىقىيىتىنى تەبرىكلەيمەن، ئاخىرى بەك ياخشى ئاخىرلىشىپتۇ.....
    مۇزىكا بىلەن قوشۇلۇپ تېخىمۇ ئاچچىق بىر قىسمەت، ئېچىنىشلىق كەچۈرمىش بايان ئەيلىنىپتۇ....


    رەھمەت سىزگە   ....
    بۇنى يېزىۋېتىپ  ئۆزۈمنىڭمۇ ئىچى سىرىلىپ كەتتى  ...
    تەكلىپ پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز  ...

    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 18:49 |
    rapkat17
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 15146
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 4
    شۆھرەت: 5 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 40 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

     

    بەك   ياخشى   يىزىپسەن !!!.
    داۋاملىق  تىرىشقىن!!!!

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 19:29 |
    mastura1028
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 81180
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1
    شۆھرەت: 1 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 10 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-24

     

    كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى .ئاھ !!!!!!!!!!!!!رەھىمسىز تەقدىر

    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 20:06 |
    0991sumruh
    مۇنبەر قىززىقچىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 27435
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1951
    شۆھرەت: 1952 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 83710 سوم
    تۆھپە: 41 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 72 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1815(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-28

     

    ماۋۇ تېما يۈرىكىمنى ئەجەپ ئەزدى      
    شۇ تاپتا تېلىۋېزوردا قونچاق فىلىم كۆرگەچ ئويناپ ئۇلتۇرغان ئوغلۇمغا قاراپ تېگى يوق خىياللارغا چۆكۈپ كەتتىم.ئاشۇ بالىلارنىڭمۇ مېنىڭ ئوغلۇمدەك  بالىلىق چاغلىرىنى بەختلىك ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى بار ئىدى............................
        

    ./?u=27435
    قايغۇرماڭ!باتۇرلارچە ياشاڭ!
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 20:18 |
    720asiyahenim
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 78180
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 31
    شۆھرەت: 31 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 310 سوم
    تۆھپە: 7 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 18(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-28

     

    زۇلقەر بۇ ھىكايىڭىز بەك ياخشى يېزىلىپتۇ!

    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 22:11 |
    xahnurr
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 81201
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 9
    شۆھرەت: 9 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 90 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 13(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-28

     

    بۇ ھەقىقەتەن ياخشى ھېكايە ئىكەن. بەلكىم رىئاللىقتۇر، ئېچىنىشلىق بىر مەنزىرە كۆز ئالدىمغا كەلدى.

    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 22:44 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/5 total )
    XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:03-28 18:47, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ