1-ماي بايراملىق دەم ئېلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش-كەلتۈرمەسلىككە ئاۋاز بېرىڭ
ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى جەنۇب ئاۋىئاتسىيسى شىنجاڭ شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە «1-ماي» بايراملىق ئۇزاق دەم ئېلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغىرسىدا دوكىلات سۇندى. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى ھازىر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابىنى كۈتۈۋاتىدۇ.
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» تور پونكىتى 23-مارت شەھىرىمىز ئاھالىلىرىنىڭ «1-ماي ئالتۇن ھەپتىسى»نى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلىدىغان-قوشۇلمايدىغانلىقى توغىرسىدا ئاۋاز بېرىش ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ساياھەت يۆلىنىشى توغىرسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. تەپسىلاتىنى بىلگۈچىلەر «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» تور پونكىتى (
www.wlmqwb.com) غا چىقىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.
مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 2009-يىل 24-مارت سانىدىن ئېلىندى.