ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 1635 - كۆرۈرمىنى
xademanxat
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 10149
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1320
شۆھرەت: 111362 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 90 سوم
تۆھپە: 60 نۇمۇر
ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 428(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

 قىساسكار قىزلار

قىساسكار قىزلار ( پوۋېسىت )

ئىجادىيەت

مۇقەددىمە

بۇ ــ بىر مۇھەببەت، ياق، ھايات پاجەسى. ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغان، چۆچىتىدىغان، ئېچىندۇردىغان، چوڭقۇرئويغا سالىدىغان قەبىھ ۋەقە گويا ئوچۇق ھاۋادا چاقماق چىقىلغاندەك دەسلەپتە ھېچ كىشىنىڭ تەسەۋۋۇرىغا سىغمىدى:
ـ قىزبالا ئاشۇنداق قورقۇنۇشلۇق، دەھشەتلىك ئىشنىمۇ قىلغانمىدۇ؟، ھېچ ئەقلىم يەتمەيدۇ.
ـ نەمې دىدىڭلار؟ بۇ ئىش راستمىكەن؟ يا ئاللاھ ، خوتۇن كىشىدىن قورقساق بولغۇدەك جۇمۇ!.
ـ شۇنى دەڭلار، بۇ خەخنىڭ قولىدىنغۇ ھەر بالا كىلىدۇ، توۋا...
ـ ئەنۋەر قانچە دەرد تارتقاندۇ، ئازابلانغاندۇ ـ ھە ؟!
ـ ھەي ... ئۆلۇمدىن ئارتۇق ئازاب دەڭلا ، ئوغۇل بالا ئۇچۇن بۇنىڭىدىنمۇ ئارتۇق نۇمۇسلۇق ئىش بارمۇ ؟! ۋاي ئىسىت ئەجەبمۇ چىرايلىق يىگىت ئىدى ئۇ ...
ـ ھۆكۇمەت زۇلخۇمارغا ئۆلۇم جازاسى بىرىدۇ ، قاراپ تۇرۇڭلار !
ـ ھەر نېمە دەيمىز، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى بىلمەيمىز. ئەنۋەردىمۇ گۇناھ بولۇشى مومكىن، بولمىسا زۇلخۇمار ئۇنداق.....
ـ ھەر قانچە بولسىمۇ ، شۇنداق ....

جەمىيەتنىڭ ھەممىلا يىرىدە، كادىرلار، ئىشچىلار، ئوقۇتقۇچىلار، دوختۇرلار، دېھقانلار، ھۈنەرۋەن ـ كاسىپلار، تىجارەتچىلەر، دىندار ھەم تىلەمچىلەرنىڭ ئاغزىدا مۇشۇ گەپ ـ سۆزلەر سەلدەك ئىقىپ يامراپ يۇرەتتى. كېشىلەرنىڭ پىكىرلىشىش تېمىسى مۇشۇ ھەقتىلا بولاتتى. شۇنداق، ئەنۋەردەك كېلىشكە بىر يىگىتنىڭ بىر كېچىدىلا ئۆمۇرلۇك مېيىپ بولۇپ قىلىشى، يەنە كېلىپ بۇ ئىشنى ئەنۋەر ئۇچۇن بارلىقىنى تەقدىم قىلغان زۇلخۇمارنىڭ ئۆز قولى بىلەن قىلغانلىقىغا ھېچ كېشىنىڭ ئىشەنگۇسى كەلمەيتى، ئەمما بۇ ھەقىقي، رەھىمسىز رېئاللىققا ئىشەنمەيمۇ بولمايتتى...

1

كېچە، ئەتراپ جىمجىت، ياتاق ئىچى دېمىق، تىنجىق. يالغۇز كىشىلىك كارۋاتتا كىيملىرى بىلەنلا ياتقان زۇلخۇمارنىڭ كۆزى ئوچۇق،شۇ تاپتا ئۇنىڭ كاللىسى گادىرماش ئوي - خىياللار قاينىمىسى. بۇ قاينام ئۇنى گاھ بەخىت دەرياسىغا چۆمدۇرۇپ ھوزۇرلاندۇرسا گاھ قورقۇنۇشلۇق يوشۇرۇن خادا تاشلارغا زەرەپ بىلەن ئۇرىدۇ...
زۇلخۇمار كۆڭلىنى تىنجىتىش ئۇچۇن بۇنداق بولمىغۇر ، كۆڭۇلسىز خىياللارنى قىلماسلىققا تىرىشسىمۇ، لىكىن ئەنۋەرنىڭ يىقىندىن بويانقى ئۆزىگە قىلغان غەلىتە مۇئامىلىسى، گەپ سۆز لىرىنى ئويلاپ، ئۇنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلاتتى. ئىلگىرى خۇددى ئانا قۇچقىغا تەلپۇنگەن بوۋاقتەك ئۇنىڭغا ئېنتىلىپ، يىنىدىن پەرۋانە بولۇپ كېتەلمەيدىغان ئەنۋەر ، يىقىندىن بويان باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى. زۇلخۇمار ئۆزى ئىزدىمىسە، ئەنۋەر ئۇنى ئۇ ھەپتىدىن بۇ ھەپتىگىچە يوقلاپمۇ قويمايدۇ، بۇرۇنقىدەك ھېسىياتلىق سۆزلەرنى قىلمايدۇ، قىزغىن مۇئامىلىدە بولمايدۇ. يەنە تېخى ھە دېسىلا ئاياللارنى كەمسىتىدىغان، زۇلخۇمارنىڭ غورۇرىغا تىگىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ ، ئۆزىچە ھوزۇرلىنىپ كۈلۈپ كېتىدۇ، بەزىدە چاقچاققا يۆلەپ ھاراق ، تاماكا تەڭلەيدۇ. بۇ ــ ئۇنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولماي نېمە ؟ ئاھ ...!
زۇلىۇمار ئاجىز ئىڭرىدى، ئاچچىق تولغاندى، بەدىنى تىكەنلىشىپ، تېنى شۈركەندى، ۋۇجۇدىنى ئازاب، ئەلەم، خورلۇق، ۋەھىمە، قورقۇنچ تۇيغۇلىرى زەھەرلىك يىلاندىك چىرمىۋالدى...
زۇلخۇمار ئورنىدىنئاستاغىنە تۇردى، بىر دەم بولسىمۇ ئازابلىق، ئېغىر خىيالدىن قۇتۇلۇپ ئارام تېپىش مەقسىتىدەسىرتقا چىقتى. ئايھاي... باھاركېچىسىنىڭ ھاۋاسى قانداق سالقىن، قانداق راھەت ! قىز كۆكسىنى تولدۇرۇپ يوغان بىر نەپەس ئالدى، ئاندىن يەلپۇنۇپ تۇرغان چېكە چاچلىرىنى تۈزەپ قويۇپ، دوىتۇرخانا قوروسى ئىچىدە مەقسەتسىز ئاستا ئايلىنىشقا باشلىدى. ئىستولبىلارغا ئورنىتىلغان چىراغ نۇرى ئەتراپنى ئوبدانلا يورتىپ تۇرغاچقا، قورقۇش ھاجەتسىز ئىدى...
زۇلخۇمار ئامبولاتورىيە بىناسى ئالدىدىكى سېمونىت خىش بىلەن دائىرىگە ئىلىنىپ ئاينىتىلغان گۈللۇك تۈۋىگە كېلىپ قالدى. خۇشبۇي ھىد چېچىپ تۇرغان ھەرخىل گۈللەرمۇ ئۇنىڭ مەيلىنى تارتالمىدى، كۆڭلىنى ئاچالمىدى، ئاخىر ئۇ، كېچىلىك دىجۇرنىلىك قىلىۋاتقان سېستىرا قىزلار ئويغاق بولسا، بىرەر - يېرىمدەم پاراڭلىشىپ چىقىش ئۇچۇن، جىددى قۇرتقۇزۇش بۆلۇمىنىڭ دېرىزىسى ئالدىغا كەلدى. بۆلۇم ئىچىدە نۆۋەتچى دوختۇر بىلەن ئىككى سېستىرا قىز، كەنتىرگە بېشىنى قويغىنىچە مۈگدەپ ئولتۇراتتى، كېچىدە ئېلىپ كېلىنگەن بىرەرمۇ كېسەل كۆرۇنمەيتتى... بۇنى كۆرۇپ زۇلخۇمارنىڭ ئېچى پۇشتى، زېرىكتى، ئەسنىدى، ئۇنىڭ ئۇيقۇسى كەلگەندى، شۇڭا ، ئامبۇلاتورىيە بىناسىنى بويلاپ ياتىقى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇشتۇمتۇت بىنا چېتىدىكى بىر بۆلۇمدىن < پاللىدە > يىنىپ ئۆچكەن چىراغ نۇرىنى كۆرۇپ قالدى، ھەيران بولدى، ئەجەپلەندى. بۇ ـ تىرە كېسەللىكلىرى بۆلۇمى بولۇپ، ئادەتتە كەچ تەرەپلەردە كېسەل كۆرۇلمەيتى، ھېچ كىشى كىرمەيتتى،< بۇ تۈن تەڭ بولغاندا كىم نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟ ـ دەپ ئويلىدى زۇلخۇمار، ـ ئېھتىمال بىرەرسى ئۇنتۇلۇپ قالغان نەرسىسىنى ئالغىلى كىرگەندۇ. ۋۇي راست ، ئۇنداق بولسا نېمىشقا توك چىراغنى ياقمايدۇ؟ > ئۇنىڭ كاللىسىدىن ھەرخىل خىياللاركەچتى، قوشۇمىسى تۇرۇلدى:< ئۇ كىمدۇ؟ ئوغرى بولۇپ قالمىسۇن، يەنە > زۇلخۇمار ئەتراپىغا ئەندىكىپ قارىدى، ھېچ كىشى كۆرۇنمەيتى. ئۇ، بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ تىۋىش چىقارماي دېرىزىگە يىقىنلاشتى. قورقۇنچ ئىچىدە ئەنسىز ئېغىۋاتقان يۈرىكىنى قولى بىلەن مەھكەم بېسىپ ، يوغانراق تىنىشقىمۇ پىتىنالماي ئېھتىيات بىلەن دېرىزە ئەينىكىدىن سىنچىلاپ قارىدى. ئۆي ئىچى گۆردەك قاراڭغۇ ھەم جىمجىت بولغاچقا، سىرتتىن قارىغاندا ھېچ نەرسىنى ئىلغا قىلغىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۇستىگە دېرىزە پەردىسى چۈشۈرۋىتىلگەندى.زۇلخۇمارنىڭ پۇتلىرى لاغىلدەپ تىترەپ، ئاران ئۆرە تۇراتتى. ئۇ، قۇلقىنى دېرىزە ئەينىكىگە مەھكەم يىقىپ تىڭشىاپمۇ بىرەرئاۋازنى ئاڭلىيالمىدى. شۇنداقتىمۇ دېمىنى ئىچىگە يۈتۈپ كۆز يۈگەرتەتتى، قۇلاق سالاتتى. ئۇ، خىلىدىن كېيىن دېرىزە پەردىسىنىڭ ھىم ئېتىلمەي ئىككى بارماق پاتقۇدەك يىرىق قالغانلىقىنى كۆرۇپ بوينىنى سوزۇپ قارىدى، كۇزەتتى،يەنىلا ھېچ نەرسىنى كۆرەلمىدى. بىر ھازادىن كېيىن ئۆي ئىچى يەنە <پاللىدە > يورۇپ ئۆچتى، مانا ئەمدى زۇلخۇمار سېكۇنۇت ئىچىدە يىنىپ ئۆچكەن يورۇقتا ھەممىنى ئېنىق كۆردى، قاباھەتلىك چۈشتىن ئويغانغاندەك قاتتىق چۇچىدى، تومۇرلىرىدىكى قانلىرى توختاپ قالغاندەك كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى، قۇلقى غوڭۇلدىدى، كاچكۇلغا چۈشۈپ كەتكەندەك ئەندىكتى، شۇركەندى، ئۇ، بۆلۇم ئىچىدە چاقماق بىلەن تاماكا تۇتاشتۇرغان ئادەمنى بىر قاراپلا تونىۋالغاندى. ئاھ... ئۇ ــ ئەنۋەرغۇ؟.
شۇنداق ، بۇ ـ دەل ئەنۋەر ئىدى. ئۇ بۇلۇڭ تەرەپكە يانداش قويۇلغان كارىۋات ئۇستىدە كالتا ئىشتىنى بىلەنلا يىرىم ئۆرە ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ يىنىدا بولسا، يەنە بىر قىز ئەنۋەرنىڭ بىلىدىن مەھكەم قۇچاقلىغىنىچە يۇڭ ئەديالغا يۆگىنىپ ئولتۇراتتى، زۇلخۇمار قىزنى ئارقا تەرەپتىن كۆرگەچكە ئۇنىڭ كىملىكىنى پەرىق ئىتەلمىدى...
< ۋاي ... مەن نېمىلەرنى كۆردۇم؟ بۇ ئوڭۇممۇ - چۈشۈممۇ؟ > زۇلخۇمار بىر مىنۇتچە داڭ قىتىپ قالدى. كۆكسىدىن ئەلەملىك يىغا ئېتىلىپ چىقتى، كۆزلىرىدىن ياش تامچىللىرى يامغۇردەك قۇيۇلدى.ئۇ، زادىلا بەرداشلىق بىرەلمىدى، پۇت - قوللىرىدا جان قالمىدى. دېرىزە سىرتىغا ئورۇنتىلغان رىشاتكىلارنى چىڭ قاماللاپ تۇتۇپ تۇرغان قوللىرى ئاستا - ئاستا ئاجراپ، گەۋدىسى يەرگە < گۈپپىدە > چۈشتى...

2

چىدىغۇسىز ئېغىر دەرد - ئەلەم زۇلخۇمارنى يىقىتىپ قويدى، ئىككى كۇنەىچە مىدىرلىيالماي ياتتى، ەىلىدىن تاماقمۇ ئكتمىدى. ئىشقىمۇ چىقمىدى. ئۇنى يوقلاپ كىرگەن دوستلىرىنىڭ، كەسىپداشلىرىنىڭ سورىغان سۇئاللىرى جاۋابسىز قالدى. ئۇ، كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ، بىھۇش ئادەمدەك سۇنايلىنىپ ياتاتتى. قارىماققا ئۇ كېسەلدەك كۆرۇنگىنى بىلەن كاللىسى ساق، سەگەك ئىدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى نۇمۇسسىز ئىشلار بىردەممۇ نىرى كەتمەيتتى، ئەلەملىك،ئاچچىق تولغىناتتى.< ئىسىت ، ئۇنىڭغا بولغان ساداقىتىم، قىلغان ئەقىدەم ! ـ ھەسرەتلىك پىچىرلايتتى،ئۇ، ئەنۋەرنى بۇنداق ئىشلارنى قىلار،كۆڭلى ئۇنچە پەس بولماس، دەپ زادىلا ئويلىغانكەنمەن. ئۇنىڭغا ئالدىراپ ئىشىنىپ ئۆزەمنى تەقدىم قىلىۋەتكەنمەن، ئۇنى تولۇق چۈشەنمىگەنكەنمەن.ھەي ئەنۋەر، ۋىجدانسىز، ئەقىلسىز ئەنۋەر! ۋاپاغا جاپا قىلدىڭغۇ ئاخىر. مەن سىنىڭدىن شۇنى كۈتكۈنمىدىمـ ھە ؟ ئاھ ، خۇدا ! بۇ ياقا يۇرتتا مەندەك مۇساپىر، ئاجىز بەندەڭگە نېمە كۈنلەرنى كۆرسىتەي دەيسەن؟.>
زۇلخۇمار ھەسرەت،ئازاب، پۇشايمان ئىچىدە قىيلىنىپ ئوتقا چۇشكەن قىلدەك تولغىناتتى. ئەقلىدىن ئازغان كىشىدەك چاچلىرىنى يۇلاتتى، ئكزىنى كاچاتلايتتى،قوللىرىنى چىشلەيتى، ئاھ ئۇراتتى، پىغان چىكەتتى. چىرايلىق كۆزلىرىدىن ئەلەملىك ياشلىرىنى ئېقىتىپ يىغلايتتى... زۇلخۇمارنىڭ ئەنۋەرگە بولغان غەزىپ - نەپرىتى سەپ پەسىيىپ، ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ ئېسى ـ يادى ھېلىقى نامەلۇم قىزدا قالدى. ئۇنى كۆز ئالدىغا كەلتۇرسىلا،يۈرىكى كۈندەش ئوتىدا پۇچلىناتتى، چىدىغۇسىز ئېچىشاتتى...
زۇلخۇر بۇ نۇمۇسسىزلىققا،خورلۇققا چىدىمىدى، چىجدانى ، غورۇرى ئويغاندى. ئىسيان كۆتەردى. بۇ پەسكەش ئىشنى چوقۇم ئىنىقلاپ چىقىشنى، ھىلىقى قىزنىڭ كىملىكىنى ئىزدەپ تىپىشنى قارار قىلدى. ئۇ كۆز ئالدىدىن مۇشۇ دوختۇرخانىدىكى ھەممە ئايال تائىپىسىدىكىلەرنى ئالدىرماي بىرمۇ - بىر ئۆتكۇزۇشكە باشلىدى.گۇمانلىق ئوبىكىتلارنى تۇرغۇزۇپ چىقتى. ئۇلار ئىچىدە تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۇمىنىڭ ياش سېستىراسى خالىدە ناھايىتى گۇمانلىق بولۇپ تۇيۇلدى. چۇنكى، كەچ تەرەپلەردە ئۇنىڭدىن باشقا كىممۇ بۆلۇمگە كىرەلەيدۇ؟ زۇلخۇمار ئۇنىڭ بوي تۇرقىنى، چىراي - شەكلىنى خىيالەن كۆز ئالدىغا كەلتۇردى: سەرۋىدەك نازۇك بەدەن، خۇشپىچىم قامەت،بۇلاقتەك ئويناق كۆز، ئاي سۈزۈك چىراي، قاپقارا دولقۇنسىمان بۈدرە چاچ...
زۇلخۇمار چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى، قوشمىسى تۇرۇلدى، چىرايى تاتاردى، كۆزلىرىدىن رەشىك ئوتى چاقنىدى، لىۋىنى چىڭڭىدە چىشلىدى، ئۆز - ئۆزىگە پىچىرلىدى:< دەل شۇ، مېنىڭ كۈندىشىم، دۈشمىنىم شۇ ! بۇنىڭغا قىل سىغمايدۇ. ھۇ نۇمۇسنى بىلمەيدىغان داپشاق..... ! سەن ئەسلىدە ئاشۇ چىرايىڭ بىلەن ئۇنى ئۆزەڭگە رام قىلىۋالغان ئىكەنسەن ـ دە ! خەپ توختاپتۇر شەرمەندە،ساڭا ئۆزەمنى بىر تونۇتۇپ قويمىغىنىمنى كۆر، ھە ... >
زۇلخۇمار چىشلىرىنى غۇچۇرلاتتى، مۇشتۇمىنى چىڭ تۈگدى، ھېچنېمىگە قارىماي ئىشىك تۈۋىگە ئېتىلىپ باردىم قولى تۇتقۇچقا تەگدى، نېمىشقىدۇ ئويلانغاندەك ئىزىدا ھەركەتسىز تۇرۇپلا قالدى.ئۇ، كارىۋاتقا قايتىپ كېلىپ ئولتۇردى.ئۇزاق،چوڭقۇر ئويلاندى. خالىدەگە ھازىرچە قاتتىق تەگمەسلىك، ئاۋال ئۇنىڭدىن ئەنۋەربىلەن قانداق تونۇشقانلىقى جەريانىنى چاندۇرماي سوراپ بىلىۋىلىش، ئاندىن شۇنىڭغا قاراپ ئىش قىلىش قارارىغا كەلدى...
ئۇ ئىدىيە جەھەتتە پۇختا تەييارلىق قىلىۋالغاندىن كېيىن، ئىككىنجى كۇنى كەچقۇرۇن ئىشتىن چۈشكەندە، ىالىدەنى ياتقىغا چاقىرىپ ئەكىردى.
ئۇلار بىر ھازاغىچە ئۆتكەن - كەچكەن ئادەتتىكى ئىشلار ئۇستىدە پاراڭلاشتى. زۇلخۇمار سائىتىگە قاراپ قويۇپ، ئەسلىدىكى مەقسەتكە كۆچتى:
ـ خالىدە قىز، بۈگۈن سىزنى نېمە سەۋەبتىن چاقىرتىپ كىرگىنىمنى بىلەمسىز؟
ـ ياق، زۇلخۇمار، قانچە ئويلاپمۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىدىم.
ـ ئۇنداق بولسا، سۇئاللىرىمغا سەمىمي، راستچىللىق بىلەن جاۋاب بىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
خالىدە ھېچنېمىنى ئاڭقىرالماي، كۆزلىرىنى چىملىدىتىپ زۇلخۇمارغا قاراپ ئولتۇرۇپلا قالدى. زۇلخۇمار چىرايىغا جىددى تۈس بىرىپ، كەسكىن سورىدى:
ـ ئېيتىڭا، ئۇلۇشكۇن كەچتە نېمىش قىلدىڭىز؟
كۈتۈلمىگەن يەردىن پوسۇققىدە ئوتتۇرىغا تاشلانغان بۇ سۇئال خالىدەنى چۆچىتىۋەتتى، چىرايى كۆرنەرلىك دەرجىدە تاتىرىپ، ئارقىدىن سارغايدى.ئۇ، روھى دۇنياسىدىكى ئۆزەىرىشنى چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ، ئۆزىنى دەرھال ئوڭشىۋالدى.گويا ھېچ ئىش سادىر قىلمىغاندەك پەرۋاسىز، ىاتىرقەم قىياپەتكە كىرۋالدى:
ـ بۇنى سوراپ نېمە قىلىسىز؟ ئۆيدە ئانام،ئۇكىلىرىم بىلەن بىللە بولدۇم، شۇ...
ـ ياق، قاراپ تۇرۇپ ئادەمگە ئۇنداق يالغان ئېيتماڭ! سىز ئۇ كۇنى كەچتە ئۆيىڭىزدە ئەمەس، بەلكى بۆلۇمىڭىزدە بولغان، شۇنداقمۇ؟.
ـ نېمىلەرنى دەپ جۆيلۇپ يۇرىيسىز؟ ـ خالىدە ئىنچىكە قاشلىرىنى ھىمىرىپ،چىڭ ـ چىڭ سكزلىدى. ئېنىقكى ئۇ ئۆزىدىكى قۇرقۇنچ،ھودۇقۇش، ساراسىملەرنى ئاچچىقلىنىش بىلەن ياپماقچى بولغاندى، ـ مەن ئۆيدە بولغان تۇرسام، سىز مېنى بۆلۇمدە بولغان دەيسىزغۇ؟! ھېچ چۈشىنەلمىدىم بۇنى، قىزىق، كۈلكىلىك گەپ بولدىدە بۇ ! شەھەردە بىر ئوبدان ئۆيۇم تۇرسا، شۇ يەردە قونماي بۆلۇمدە قونىدىغان شۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ؟ توۋا، دەۋاتقان گىپىنى...

داۋامى بار........

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-24, 08:19

 

دوست ئىزدىسەڭ ئاللاھ يىتەر،
ئۇلپەت ئىزدىسەڭ قۇرئان يىتەر،
مال ئىزدىسەڭ قانائەت يىتەر،
دۇشمەن ئىزدىسەڭ نەپسىڭ يىتەر،
نەسىھەت ئىزدىسەڭ ئۆلۇم يىتەر.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-24 14:32 |
شەبنەم تور رادىئوسى
gul-barge
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 56488
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 163
شۆھرەت: 164 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1620 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 718(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

 

بىراقلا ئوقۇيچۇ ؟     

ئەتىگە قىلىدىغانغا ئىشى بار ئادەم ئەڭ بەخىتلىكتۇر.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 16:25 |
شەبنەم تور رادىئوسى
xademanxat
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 10149
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1320
شۆھرەت: 111362 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 90 سوم
تۆھپە: 60 نۇمۇر
ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 428(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

 

داۋامى :

ــ ماڭا قاراڭ ھە ! بېشىڭىزنى كۆتۇرۇڭ! ـ دېدى زۇلخۇمار بۇيرۇق ئاھاڭدا ، ـ شۇ كۇنى سىزنىڭ بۆلۇمدە كىم بىلەن نېمىش قىلغانلىقىڭىزنى كۆرۇپ قالغان ئادەم بار، خۇپسەنلىك قىلىپ ئۆزىڭىزنى بۇ ئىشتىن قاچۇرماڭ!

ـ يالغان ، تۆھمەت ! ـ خالىدە كۆكۇيۇن چىقىۋالغاندەك چىچاڭشىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى، ـ مېنى نېمە كۆرۋاتىسىز ؟ سىزماڭا قارا چاپلىماقچى، پىتنە - پاسات تارقىتىپ، مېنى خەلقى ئالەم ئالدىدا يەرگە قاراتماقچى بولىۋاتىسىز، سىزگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ قىلمىشىڭىز قانۇنسىزلىق، كىشىگە تۆھمەت قىلغانلىق قىنايىتىگە ياتىدۇ. مانىھ ، گەپ قىلمىسام نېمە دەپ بىلجىرلايدۇ ماۋۇ...
ـ ئۆپكىڭىزنى بىسىۋىلىڭ!، ئاغزىڭىزنى چايقىۋىتىپ سۆزلەڭ ! ـ زۇلخۇمار ئاچچىقتىن تىترەپ كەتتى، ـ نامانداق داپقا چۇشكەن ماياقتەك سەكرەيسىز؟! مەن سىزگە تۆھمەت قىلغىنىم يوق. ئاساسىم بولغاچ سىزگە شۇنداق دەۋاتىمەن. شۇ كېچىسى ئىشلارنى ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆرگەچكە، سىزبىلەن بىللە بولغان ئادەم ماڭا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، سىزنى ئايرىم چاقىرىپ سۆزلىشىپ ئولتۇرۇپتىمەن. سىز تېخى ياش، بۇ يەرگە يېڭى، سىزگە تۇرمۇش، ئىستىقبال ۋە يۈز - ئابرۇي كىرەك. شۇنى كۆزدە تۇتۇپ، يەنىلا سىزنى ئاياپ ھازىرغىچە ھېچ كىشىگە تىنمىدىم. ياخشى كۆڭلۇمنى چۈشىنىشىڭىزنى، بۇنداق بىشەملىك، مۇغەمبەرلىك  قىلماسلىقىڭىزنى سورايمەن.
خالىدە ئۇنىڭ مىختەك تىكىلىپ قارىشىغا بەرداشلىق بىرەلمىدى، زۇلخۇماردىن كۆزىنى قاچۇرۇپ يەرەە قارىۋالدى. زۇلخۇمار ئۇنىڭ قورقۇنچتىن بولسا كىرەك، پۈتۈن بەدىنى بىلنەر - بىلىنمەس تىترەۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدى. ئارىغا ئېغىر جىمقىتلىق ھۆكۇمران ئىدى، زۇلخۇمار تاقەتسىزلىك بىلەن ئۇنىڭدىن ئەينەن ئىشلارنى ئېنىقلىۋىلىشقا ئالدىردى، خالىدە، سىز ئېيتىشتىن ئاۋۋال، مەن بەزى ئىشلارنى ئاشكارلىمىسام بولمىغۇدەك...ـ زۇلخۇمار سۆزىدىن توختاپ قالدى،كۆڭللى قايتىدىن بىئارام بولدى، كۆزلىرى ياشقا تولدى. دەرۋەقە، كېيىنكى گەپلەرنى دېيىش ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئېغىر كىلىدۇ. يۈرىكىدىكى جاراھەت ئېچىشىپ ئاغرىيدۇ، قەلبى كىسلاتا قۇيغاندەك ئكرتىنىدۇ، ئەمما، بۇ گەپلەرنى دېمىسە بولمايدۇ، شۇڭا، ئۇ قىيلىنىپ مۇڭلىنىپ تەسلىكتە سۆزىنى داۋام قىلىدى، ئەنۋەر بىلەن ئىككىمىزنىڭ يۈرۋاتقىنىمىزغا تۆت - بەش يىل بولاي دەپ قالدى، مەن ئۇنى قەۋەتلا ياخشى كۆرەتتىم، مۇھەببەتنى قەدىرلەيتىم. شۇڭا ئۇرۇمچىدىكى ئاتا - ئانامنى تاشلاپ بۇ يەرگە كەلگەندىم. مەن يەنە تېخى ئالي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، ئۇنىڭ بىر بالىسىغىمۇ ئانا بولۇپ قالغان، بىز ئۇنى يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقۇزمايلا ئۇجۇقتۇرۋىتىشكە مەجبۇر بولغاندۇق... زۇلخۇمار ئەمدى سۆزىنى داۋاملاشتۇرالمىدى، ئۆزىنى زادىلا تۇتۇپ تۇرالمىدى. ئېزىلىپ ، ھەسرەتلىنىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ تاشلىدى.
خالىدە كۆزلىرىنى چەكچەتكىنىچە ھەيكەلدەك قىتىپلا قالغاندى، گويا زۇلىۇمارنى بۈگۈنلا كۆرگەندەك ئۇنىڭ باشتىن - ئايىغىغا سىنچىلاپ قارايتتى، ئالدىدىكى زۇلخۇمار ئەمەس، باشقا بىرىدەك تۇيۇلىۋاتاتتى.
ـ نېمە دېدىڭىز؟ سىز بۇنى راست دەۋاتامسىز؟ بۇ ... بۇ خالىدە نىڭ ئاۋازى تىتىردى،ئۇ، ناھايىتى ئوسال ئەھۋالغا چۇشۇپ قالغاندى.

ـ راست دەۋاتىمەن. ئارانلا ئاڭلىغۇدەك پەس ئاۋازدا بوغۇلۇپ سۆزلىدى زۇلخۇمار، ئادەمنى چۈشەنمەك بەك مۇشكۇل ئىكەن.ئەنۋەرنى مۇشۇنداق ئىشنى قىلار دەپ سىزمۇ، مەنمۇ ئويلىمىغان، ئەپسۇس....
خالىدە ئالقانلىرى ئارسىغا يۈز - كۆزلىرىنى ئېلىپ بۇقۇلداپ يىغلاشقا، ھە دەپ ئۆزىنى كاچاتلاشقا باشلىدى. زۇلخۇمارنىڭ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ قالدى، ئېچىندى. ئارىغا چۈشكەن ئۇزۇن قىمجىتلىقتىنى يەنىلا زۇلخۇمار بۇزدى:
ـ ئەمدى سىز ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇش جەريانىنى سۆزلەپ بىرىڭچۇ !
ـ مەن ئۇنىڭ بىلەن تىببى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، توغۇرسى ئوقۇش پۈتۈشكە ئۈچ ئاي قالغاندا تونۇشقان... ىالىدە ئويچان كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىكىپ، ئازابلىنىپ سۆزلىدى......

3

ئۇ، ئەسلىدە ۋىلايەتلىك تىببى مەكتەپكە دىڭشىياڭ ( دىڭشىياڭ: ئوتتۇرا دەرجىلىك تېىنىكۇملاردا يولغا قويۇلۋاتقان ئوقۇغۇچىغا مەكتەپكە قوبۇل قىلىنشتىن بۇرۇن تەقسىماتنى ئالدىن ئۇقتۇرۇپ، توختاملىشىش تۇزۇمى ) قىلىنىپ كىرگەن ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۇرەەندىن كېيىن، مەكتەپ بىلەن تۇزگەن ئوختامغا ئاساسەن چەت، تاغلىق بىر ناھىيىگە خىزمەتكە بۆلەندى، بۇ ھال ئۇنى بەكمۇ غەمگە سېلىپ قويدى، < قانداق قىلارمەن ـ دەيتتى ئۇ، مڭلىنىپ، ئاشۇ سەھرايى قىيامەتتە نېمە كۇنلەرنى كۆرەرمەن؟، دادام كاشكى ھايات بولغان بولسمۇ كاشكى.. بىچچارە ئانام تۆت ئۇكام بىلەن قانداقمۇ تۇرمۇش كەچۇرەر؟> مۇشۇ كۇنلەردە خالىدە دادىسىنىڭ يوقلۇقىنى، ئۆزىنىڭ يۆلەنچۇكسىز، باشپاناھسىز، ئاقىز ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، كۆڭلى ناھايىتى يىرىم بولدى. ئۆزىنىڭ كەلگۇسى تۇرمۇش ئىستىقبالىدىن ئۈمىد سىزلەندى قايغۇردى،ئۇ، كۈن بويى يالغۇز غەمكىن يۈرۈيدىغان بولۇپ قالدى.

داۋامى بار.........
[ بۇ يازما xademanxat تەرپىدىن2009-03-24 18:52دە قاي ]

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
دوست ئىزدىسەڭ ئاللاھ يىتەر،
ئۇلپەت ئىزدىسەڭ قۇرئان يىتەر،
مال ئىزدىسەڭ قانائەت يىتەر،
دۇشمەن ئىزدىسەڭ نەپسىڭ يىتەر،
نەسىھەت ئىزدىسەڭ ئۆلۇم يىتەر.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 18:10 |
layli614
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 69915
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 137
شۆھرەت: 137 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1370 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 345(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

 

نىمىدىگەن پەسكەش ئەبلەخ ئۇ...ھەي، خۇدايىم ئادەملەرنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگەي ...ئۆزىگىمۇ ئۆزگىگىمۇ قىپتۇدە بۇ ۋىجدانسىز ئەبلەخ.

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
قەدرىنى قىل ،قەدرىڭ بىلگەننىڭ...
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 18:20 |
维族姑娘
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 62731
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 199
شۆھرەت: 200 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1990 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 361(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

 

مەن ئوقۇپ بوپتىكەنمەن

چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 18:32 |
DILRUS0996
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 3123
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 309
شۆھرەت: 325 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1858 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 625(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-04-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

 

يەنە بىر كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى

شىنجاڭ تور مەكتىپى
نىمىلەرنى يوقاتتۇق؟نىمىلەرنى ئىزدەۋاتىمىز؟نىمىلەرگەئېرىشتۇق؟ئۆزلۈك نەلەردە تېڭىرقاپ يۇرۇيدۇ؟
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 18:44 |
uzi
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 63723
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 572
شۆھرەت: 573 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1695 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 281(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-25

 

ئاخىرىنى قاچان كۆرىمىز؟؟؟         

دوستلارنىڭ ھەسىتى دۈشمەننىڭ قەستىدىن يامان!
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 19:14 |
qogluk724
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 76076
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

 

شەبنەمدىمۇ مۇشۇنداق ئەسەر پەيدا بوپتۇ دە.................. ئاخىرى قاچان يېزىلاكىن ...؟؟؟؟ئ

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 19:14 |
سەبباھ
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 48147
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 43
شۆھرەت: 44 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 430 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 77(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-25

 

نىمىدىگەن پەسكەش!ئۇغۇللارنىڭمۇ شۇنداق غۇرۇرى يوق بولامدۇ؟ۋىژدانى نەگە كەتكەن بولغۇيتى ئۇنىڭ؟ئۇنداق ئادەم مۇھەببەتلىشىپ نېمە قىلىدۇ،قىزلارنى ئەخمەق قىلىپ؟ئۇغۇل بالا تۇرۇپ خەقنىڭ ئالدىدا ۋىژدانسىز دېگەن نامنى كۆتۈرۈپ يۇرگىچەپاھىشخانىغىلا كىرمەي.ئۇنداق بولغاندا ھىچكىمدە ھىچكىمنىڭ ھەققى قالمايتتى.
ئېرىشكىچە مىڭ قاقشاپ،
ئېرىشىپ بۇلۇپ تاشلاپ.
ئىنسان دېگەن شۇڭلاشقا،
ئۆتەر كۆزىنى ياشلاپ.

شەبنەمدىمۇ ئۇغۇللار توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرگىلى بولىدىكەن-ھە!قاچانلا قارىسا قىزلارنى كەمسىتكەن،گۇناھنىڭ ھەممىسىنى قىزلارغىلا ئارتقان خەۋەرلەر .
ئۇغۇللاردىن غۇرۇر كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندە،قىزلاردىن ھايا كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ.
ھازىرقى زاماننىڭ ئۇغۇللىرىغا ئىشەنىچ قىلغىلى بولمايدۇ.
ھەممە ئىشلارغا توۋا دىمىسە بېكار جۇمۇ!

شىنجاڭ تور مەكتىپى
سابا
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 19:44 |
padixa51
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 54566
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 295
شۆھرەت: 296 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2898 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 275(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

 

ئۇغۇللار  ئىنكاس يازماڭلار  بولمىسا  1- شەبنەم ئۇرۇشى پارىتلامدىكىن  ئۇغۇللارنى قانچۇچە بىر سۈكۈۋالسۇن
ئىچى بەك  بىئارام ئوخشايدۇ بۇ قىزلارنىڭ  يىغلاپلا  دەردىنى چىقىرۋالماي  بىچارە قىزلار

مىنى تۇنۇدىڭىزمۇ ؟ مەن سىزنى تۇنىدىم
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 19:46 |
ALIP-TKIN
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 75239
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 146
شۆھرەت: 146 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1460 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 48(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

 

ئاخىرنى تىزاراق يۇللاسىز  

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 21:30 |
xademanxat
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 10149
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1320
شۆھرەت: 111362 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 90 سوم
تۆھپە: 60 نۇمۇر
ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 428(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

 

بۇ پەقەت ئويدۇرما خالاس، قىزلارنىڭ قالايمىقان سۆزلىمەسلىكىنى ئۇمىد قىلىمەن!

دوست ئىزدىسەڭ ئاللاھ يىتەر،
ئۇلپەت ئىزدىسەڭ قۇرئان يىتەر،
مال ئىزدىسەڭ قانائەت يىتەر،
دۇشمەن ئىزدىسەڭ نەپسىڭ يىتەر،
نەسىھەت ئىزدىسەڭ ئۆلۇم يىتەر.
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-25 10:22 |
xademanxat
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 10149
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1320
شۆھرەت: 111362 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 90 سوم
تۆھپە: 60 نۇمۇر
ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 428(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

 

داۋامى:

بىر كۇنى پارتىدىشى يېقىن دوستى گۈلنار ئۇنىڭدىن نېمە بولغانلىقىنى سورىدى، خالىدە ئۆزىنىڭ خىزمەت تەقسىماتى ھەققىدىكى غەم - قايغۇسىنى ئاشكارلىدى، ئۇنىڭدىن قانداق قىلىش توغۇرلۇق مەسلىھەت سورىدى. گۇلنار بىر ھازا ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن،ئۇنىڭغا تەسەللى بەردى، بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭمۇ قولىدىن كىلىشچە يارىدەم بىردىغانلىقىنى بىلدۇردى. ئارىدىن ھەپتە ئۆتتى، بۈگۈن كەچتە خالىدە ياتاقتا كىر يۇيىۋاتاتتى، توساتتىن گۈلنار خۇشال ھالدا كىرىپ كەلدى ـ دە، خالىدە نىڭ قۇلقىغا شىۋىرلىدى:
ـ ئىش پۇتتى ئاداش ! ھەممىنى توغۇرلاپ قويدۇم، ئەمدى خاتىرجەم بول.
ـ نېمىنى دەيسەن؟ ـ دېدى خالىدە چۈشىنەلمەي.
ـ ۋۇي قاپاقباش، سېنىڭ تەقسىمات ئىشىڭنى دەۋاتىمەن.

ـ ۋىيەي، راستمۇ بۇ گىپڭ؟
ـ مەن قاچان ساڭا يالغان سۆزلىگەنئ
خالىدە ئىشەندى، ھاياجان، شادلىقتىن تېرىسىگە سىغمايلا قالدى، ماغزاپ قىلى بىلەن دوستىنىڭ بوينىغا گىرە سالدى:
ـ ۋاي جىنىم ئاداش، تىزراق دىگىنە قانداق توغۇرلىدۇڭ بۇ ئىشنى؟
ـ سېنىڭ تەقسىماتىڭ توغۇرلۇق كۆپ باش قاتۇردۇم ئاداش ، ـ گۈلنار ئەستايىدىل قىياپەتتە سۆزلەيتى، ـ دوستلار دېگەن بىر - بىرىنىڭ بېشىغا كۇن چۇشكەندە ئەسقاتمىسا،خۇشاللىق ۋە قايغۇسىغا ئورتاقلاشمىسا، ئۇنداق دوستنىڭ نېمە كىرىكى، دەيسەن؟. مۇشۇنداق گۈلدەك چىرايىڭ بىلەن سەھرالىق بولۇپ كېتىشىڭگە چىدىمىدىم. شۇڭا، ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، ئاىىر بىزنىڭ يىگىتكە سېنىڭ گىپىڭنى قىلىپ بەردىم. مەن بىلەن سېنىمۇ شەھەردە ئىلىپ قىلىشنىڭ بىرەر ئامالىنى قىلىپ بىقىشىنى تاپىلىدىم.ئۇ، ماقۇلغا كەلدى، سېنى بىز دوستىغا تونۇشتۇرۇپ قويدىغان بولدى... ـ گۈلنارمۇغەمبەرلىك ھەم شوخلۇق بىلەن كۇلدى. ىالىدەنىڭ مەڭزىنى يىنىككىنە چىمدىپ قويدى...
خالىدە ئىككىلەندى، كۆڭلى دىلغۇل بولۇپ قالدى، بۇ گەپ ئۇنىڭغا ئانچە بەك شادلىق ئېلىپ كېلەلمىگەندى.
ـ ۋۇي، ئامۇت ئالغان خورجۇندەك ئولتۇرۇپ كەتتىڭغۇ؟ ـ گۈلنار ئۇنىڭ بىقىنىنى ئاستا نوقۇدى، ـت يىگىتىنىڭ كىملىكىنى سوراپمۇ قايمايلىغۇ، چىرايلىق خىنىم؟!.
خالىدە قىزاردى، خىجىل بولۇپ يەرگە قارىدى...ـ ئىززا تارتىۋاتىسەن ـ ھە؟ بوپتۇ، سەن سورىمىساڭمۇ ، مەن دەپ بىرەي ئاڭلاپ چوقۇم خۇش بولىسەن، ئۇ يىگىتنىڭ ئىسمى ئەنۋەر، ۋالىي مەھكىمىسىدىكى بىر كاتتا ئەمەلدارنىڭ يالغۇر ئوغلىكەن، دېگىنە. قانداق بولامدىكەن ۋۇي، زۇمماتاڭ چىشلىۋالغاندەك زۇۋان سۇرمەيسەنغۇ؟ خاتىرجەم بول، يىگىتىڭ سېنى كۆڭۇلدىكىدەك ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدۇ.
خالىدە قىلچە قىلچە ئىپادە بۇلدۇرمىدى،ئۇ چوڭقۇر ئويغا چۆمدى، ئۆزىگە كېلىدىغان پاۇدا زىياننى مۆلچەرلەپ چىقتى، ئۇ، ئەلۋەتتە زىيان تارتىشنى خالىمايتى، چىرايىنى ياراتمىسا. خىزمەت تەقسىماتىدا چوڭ زىيان تارتاتتى. شۇڭا،ئۇ يىگىتنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئۇچۇرشىش قارارىغا كەلدى.
خالىدە دوستىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئەنۋەر بىلەن ياخشى كۇنلەرنىڭ بىرىدە ئۇچراشتى، ئۇنى بىر كۆرۇپلا ياقتۇرۇپ قالدى، ئۇ، خاتا ئويلىغانكەن، ئەنۋەر خۇددى قىزلاردەك نازۇك، چىرايلىق يىگىت ئىكەن ئەمەسمۇ! ئاھ، خالىدە ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق تەلەي، بەخىت بولامدۇئ ئۇلار تىزلا چىقىشىپ قالدى...
ئارىدىن بىر ئايچە ۋاقىت ئۆتتى، بىركۇنى كەچتە ئەنۋەر، ىالىدەنى موتسىكىلىتنىڭ ئارقىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ تانسىدىن قايتتى. تىببى مەكتەپ ئالدىغا كەلگەندە،توختاتماستىن ئۇچقاندەك ئۆتۇپ كەتتى.

بۇنىڭدىن ھاڭ - تاڭ قالغان خالىدە ئالدىراپ دېدى:
ـ ۋۇي توختاڭ ! مەكتەپتىن ئۆتۇپ كەتتۇق!

ئەنۋەر ماينى بولىشىغا بىرىپ كېتىۋىتىپ، پەرۋاسىزلا ئېيتتى:
ـ خاتىرجەم ئولتىرىۋىرىڭ ئامرىقىم....
ـ ھەي نەگە بارىمىز زادى؟.
ـ دەريا بويىغا.
ـ بۇ كەچتە نېمە ئىش قىلىمىز ئۇ يەردە؟
ـ ھى...ھى... ھاۋا يەيمىز، ئوينايمىز.
خالىدە ئەمدىلا بىرنەرسىنى سەزگەندەك بولدى:
ـ ياق، بۈگۈن بەك كەچ بولۇپ كەتتى بارمايلى. ماقۇل دەڭە ئەنۋەر! ۋۇي گىپىمنى ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ توختاڭ ديمەن!
ـ مەن يىنىڭىزدا تۇرسام، نېمىدىن قورقىسىز؟ بىردەمدىلا قايتىپ كىلىمىز.
خالىدە ئۇنى توختاشقا ھەرقانچە ئۇندىسىمۇ ئەنۋەر كىتىۋەردى. قىز جىددىلەشتى،قورقىتى،موتسىكىلىتتىن چۈشۈۋىلىشقا ئۇرۇندى،ئەمما، سۈرئىتى بەك تىز بولغاچقا، بۇ ئۇرنۇشلار يوققا چىقتى.
ئەنۋەر دەريا بويدىكى قويۇق سۆگەتلىك ئارىسىغا كىلىپ توختىدى، خالىدە ئۆزىنى ئوڭشاپ بولغىچە، ئۇنى مەھكەم قۇچۋاقلاپ، نەم يەرگە يىقىتىشقا ئۇلگۇردى.
ـ خالىدەب يىلىندى، كۇچىنىڭ بارىچە تىپچەكلىدى. ئەمما، ئەنۋەر بۇ گەپلەرگە پىسەنت قىلمىدى. خالىدە ئۇنىڭغا يالۋۇردى، يىغلىدى. بىراق ئەنۋەر نىيتىدىن ھېچ يانىدىغاندەك ئەمەس، پەيلى يامان ئىدى. خالىدەمۇ بوش كەلمىدى، پۈتۈن كۇچىنى چىقىرىپ قارشىلىق كۆرسەتتى. ئۇنىڭ يۈز - كۆزلىرىنى تاتلاپ قانىتىۋەتتى.... ئەمما قىزنىڭ يىگىتكە ئەسلا كۇچى يەتمىدى....

خالىدە بېشىنى ئاستا كۆتۇرۇپ، ئەنۋەرگە قارىدى، ئۇ، تاماكا چىكىپ گىدىيپ ئولتۇراتتى. ھازىر ئۇ، ئىلگىركى ئەنۋەر ئەمەس، بەلكى قۇرقۇنۇشلۇق،ۋەھشى ھايۋانغا ئوخشاپ قالغاندى.................... ئاخرى خالىدە ئىرادىسىگە،ۋىجدانىغا خىلاپ ھالدا ئەنۋەرنىڭ قارا نىيتىنى قارشىلىقسىز ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.... بۇ ئىش كېيىن بىرقانچى قىتىم تەكرارلاندى. بۇنى ھېچكىم سەزمىدى. ئەپسۇسكى ، ئىككى كۈن ئىلگىرى كەچتە ئەنۋەر بىلەن بىللە بولغاندا،ئويلىمىغان يەردىن زۇلخۇمار كۆرۇپ قالدى....

خالىدە سۆزىنى تۇگىتىپ، ئىزا، نۇمۇس كۇچىدىنيەرگە كىرىپ كەتكۇدەك بولدى.
ــ مۇنداق ئىشلارمۇ بار دەڭ تېخى ! مەن مۇش چاغقىچە سەزمەي يۇرۇپتىمەن.ئەسلىدە .ئۇ... زۇلخۇمار بوينىنى بۇراپ خالىدەگە بۇرۇلدى، بىز ئۇ ھارامزەدىنىڭ ئالدام خاتىسىغا چۇشۇپتىمىز.
خالىدە تەستىقلاپ بېشىنى لىڭشىتتى، بىر ئىشتىن خىجىل بولغاندەك قىياپەتتە زۇلخۇمارغا ئەيمىنىپ قاراپ دىدى:
ـ مېنى كەچۇرۇڭ ، ئۇنىڭ سىز بىلەنمۇ يۈرگەنلىكىنى نەدىن بىلەي؟ ئەمدى مەن قانداق قىلاي؟ ۋاي ئىسىت، ۋاي ئىسىت !

ئۇ ئۆزىنى كاچاتلاپ، ھۆڭرەپ يغلىدى. زۇلخۇمارنىڭ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىدى، قەلبىدە ھېسداشلىق قزغالدى، تەسەللى بەردى، روھىنى كۆتەردى.
زۇلخۇمار خالىدەگە بۇ ئىشنى ھازىرچە ئەنۋەرنىڭ يۈزىگە سالماسلىقنى ۋە يەنە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى تاپىلاپ ئۇزتىپ قويدى...

ـ ئىسىت - ئىسىت ! دەيتى زۇلخۇمار لەۋلىرىنى چىشلەپ، ـ دادام توغرا ئېيتىپتىكەن، تۇرمۇش يولىدا قەدىمىمنى باشتىلا خاتا باسقانكەنمەن.......

داۋامى بار......

دوست ئىزدىسەڭ ئاللاھ يىتەر،
ئۇلپەت ئىزدىسەڭ قۇرئان يىتەر،
مال ئىزدىسەڭ قانائەت يىتەر،
دۇشمەن ئىزدىسەڭ نەپسىڭ يىتەر،
نەسىھەت ئىزدىسەڭ ئۆلۇم يىتەر.
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-25 12:00 |
xademanxat
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 10149
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1320
شۆھرەت: 111362 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 90 سوم
تۆھپە: 60 نۇمۇر
ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 428(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

 

داۋامى:

ئەنۋەر بۇ يەرگە كىلىپ تۇنجى بولۇپ دادىسىنىڭ كىچىك ماشىنىسىنى ھەيدەيدىغان يىگىت بىلەن تونۇشتى، ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي، بۇ ئىككەيلەن يىقىن ئاغىنىلەردىن بولۇپ قىلىشتى، شوپۇر يىگىتنىڭ ئىسمى خالمۇرات بولۇپ، قادىر ۋالىينىڭ ئوغلى ئىدى. ئەنۋەر ئۇنىڭدىن ئەجەبلىنىپ قالدى، چۇنكى خالمۇرات بىر ۋالىينىڭ بالىسىدەك تۇرمايتى، يۈرۈشتۇرشى غەلىتە، سۆزلىرى قوپال، چىرايى كۆرۇمسىز ئىدى، ئەمما خىلى ئادىمگەرچىلىكى،ئوغۇل بالچىلىقى باردەك كۆرنەتتى، ئەنۋەر بۇ يەرگە يېڭى، يات بولغاچقا، تارتىنىپ يۇرەتتى. خالمۇرات تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا يىقىنلاشتى، ئەھۋاللاشتى، كوچىلارغا،باغچىلارغا ئىلىپ چىقىپ ئويناتتىم تاماششا قىلدۇردى. پۇل دېگەننى سۇدەك خەجلىدى... شۇنىڭ بىلەن ئەنۋەر بۇ مەرت، شوخ، ئويۇنچى يىگىتكە ئۇگىنىپ قالدى.
بىر كۇنى كەچتە خالمۇرات ئەنۋەرنى ئۆيىدىن چاقىرىپ چىقتى:
ـ نېمە ئىش ـ دەپ سورىدى ئۇ ھەيران بولۇپ.
ـ كۆڭۇل ئاچىدىغان ئىش، ئاداش! ـ جاۋاب بەردى خالمۇرات سىرلىق ھىجىيىپ. ـ نەدە؟.
ـ يېزىدىكى بىر تونۇشنىڭ ئۆيىگە.
ـ ئۇيەردە نېمە بار؟ ـ ئەنۋەر بىرىشنى خالىمىغاندەك غودۇڭشىدى.
ــ تاماششانىڭ ھەممىسى بار، تۈن پەرىلىرى بىلەن پۇخادىن چىققۇچە ئوينايمىز، ياشايمىز، يەنە تېخى ھېلىقىدەك لۇشىياڭ دەيدىن ئىككىنى ئالغاچ كەلدىم دېگىنە، كۆرۇپ ھوزۇرلىنىمىز.
ـ ھوي نېمە دەۋاتىسەن؟ ـ ئەنۋەر چۆچۇپ كەتتى، ـ ساقچىلار سېزىپ قالسا، بىز بالاغا قالمامدۇق؟
ـ خاتىرجەم بول ! ـ دېدى خالمۇرات پەرۋاسىز ھالدا ، ـ ئۇلار سىزىۋالالمايدۇ.

... مۇشۇنداق ئادەملەر، ئىشلار ئەنۋەرنىڭ ئىددىيسىنى بارا - بارا چىرتىپ، ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۇنى يولدىن چىقاردى. كۈندە دېگۇدەك يېڭىلنىپ ، كۆڭلىنى ئاچىدىغان < سەتەڭ > لەر ئەنۋەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان زۇلخۇمارنى ئۇنتۇلدۇردى.

زۇلخۇمار خالمۇراتنىمۇ تونۇيتى، ئەنۋەر بىر قانچى قىتىم ياتىقىغا باشلاپ كەلگەن، ئىسمى خالمۇرات، مېنىڭ ئەڭ يىقىن دوستۇم ھەم قادىر ۋالىينىڭ ئوغلى بولىدۇ، دەپ تونۇشتۇرغاندى، زۇلخۇمار ئۇنى بىر كۆرۇپلا نېمىشقىدۇر ياقتۇرمىدى، ئۇنىڭغا ئوچۇق چىراي ئاچمىدى. ئەمما، ئەنۋەرنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ، بۇ ئادەم بىلەن ئارلاشماڭ، دەپ توسمىدى، توغرىسى بۇنداق دېيىشكە جۇرئەت قىلالمىدى.
*                            *                             *
زۇلخۇمارنىڭ قەلبىدە توساتتىن ئەنۋەردىن ئۆچ ئېلىش تۇيغۇسى قوزغىلىپ قالدى. ئەنۋەرنى ئويلىسىلا، ئۇنىڭغا نىسبەتەن غەزەپ - نەپرىتى ھەسسىلەپ كۇچىيىپ، ئۆزىنى  زادىلا باسالمايتى، ئەسلىدە سەن ئادەم قىياپىتىگە كىرۋالغان ھېلىگەر تۈلكە ئىكەنسەن ! بۇنى بىلمىگەن ئىكەنمەن.

چۇشلۇك دەم ئېلىش ۋاقتىدا، زۇلخۇمار ئۆيىگە قايتماقچى بولۋاتقاندا خالىدەنى چاقىرىپ توختاتتى، ئۇلار سىرتتا تاماق يەپ كىرىشتى....
ـ خالىدە، ـ دىدى زۇلخۇمار خىيال بىلەن، ياتاق ئىچىدە ئۇيان - بۇيان يۇرۇپ، ـ بىر ئىشنى سىز بىلەن مەسلىھەتلەشمەكچىمەن. بۇنىڭغا قانداق قارايسىزكىن؟!.
ـ نېمە ئىشتى ئۇ ؟ ـ خالىدە سۇئال نەزىرىدە ئۇنىڭغا تىكىلدى.
قايتا دەپ ئولتۇرمىساممۇ، ھەممە ئىش سىزگە ئايان، ئەنۋەر دېگەن بىزنى يەتكۇچە خورلىدى، چىدىغۇسىز دەرقىدە ئازابلىدى، كولدۇرلاتتى، دەپسەندە قىلدى، زار - زارت يىغلاتتى، قاخشاتتى، بىز ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ، قول قورۇشتۇرۇپ تۇرامدۇق؟ بىزمۇ غورۇرلۇق، ۋىجدانلىق ئادەمغۇ؟! ئەنۋەردىن نېمىشقا ھېساپ ـ ئۆچ ئالمايمىز؟ بۇ خورلۇققا ، ھاقارەتلەرگە قاچانغىچە چىداپ تۇرىمىز؟.

داۋامى بار.

دوست ئىزدىسەڭ ئاللاھ يىتەر،
ئۇلپەت ئىزدىسەڭ قۇرئان يىتەر،
مال ئىزدىسەڭ قانائەت يىتەر،
دۇشمەن ئىزدىسەڭ نەپسىڭ يىتەر،
نەسىھەت ئىزدىسەڭ ئۆلۇم يىتەر.
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-25 13:02 |
سەبباھ
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 48147
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 43
شۆھرەت: 44 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 430 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 77(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-25

 

ئاخىرىنى تېزراق يوللاڭ.

سابا
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-25 20:11 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-27 21:50, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ