ماقال-تەمسىللەرنى خالىغانچە ئۆزگەرتىۋەتمەيلى!!!
ئالپ ئەر تۇڭا
2009-يىلى3-ئاينىڭ20-كۈنى(جۈمە) ''تەلەي يۇلتۇزى'' پىروگىراممىسى قويۇلدى. بۇ پىروگىراممىدا رىياسەتچىنىڭ مۇنۇ سۇئالى دىھقىتىمنى تارتتى:«ئەرنىڭ زىننىتى ساقال، سۆزنىڭ زىننىتى نىمە؟»
دىمەكچىمەنكى،بۇ پىروگىراممىدا رىياسەتچى ئۇيغۇرلارنىڭ ماقال-تەمسىللىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىۋەتكەن. بۇ ماقال-تەمسىل ئەسلى مۇنداق ئىدى: «ئەر كۆركى ساقال، سۆز كۆركى ماقال». بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ پىروگىراممىدا رىياسەتچىلەر سۆزلەرنىڭ لوگىكىلىق باغلىنىشىغا سەل قارايدىغان، مەنتىقىسىز سۆزلەرنى دەپ سالىدىغان ئەھۋاللارمۇ داۋاملىق كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.
''تەلەي يۇلتۇزى'' پىروگىراممىسى ئەمىلىيەتتە بىلىم ئۈگۈنىدىغان سەھنە! شۇڭا ھەربىر سۆز جۇملىنىڭ توغرا،ھەقىقى بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك. «مەنانى ئىپادىلەپ بەرسىلا بولدى»دەپ،ئانا تىلىمىزنىڭ راۋان،ئىخچام،توغرا،مەنتىقىلىق قۇللىنىلىشىغا سەل قارىماسلىغىمىز كىرەك.
ھىلىمۇ سەل قارىغانلىغىمىز تۈپەيلى، نۇرغۇنلىغان ياش-ئۆسمۈرلىرىمىز «كۆرك» دىگەندەك سۆز ئىبارىلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق كىتىۋەرسە،يەنىمۇ كۆپلىگەن قەدىمى،ساپ سۆز-ئىبارىلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالىمىز ئەلۋەتتە!!!