ياز كىلىشى بىلەن جاھاننىڭ ئىسىشغا ئەگىشىپ، ئۇزۇن پايپاق سودىسى قىزىشقا باشلايدۇ،كۆپلىگەن قىز-خانىملار پايپاق يىرتىق بولمىسىلا ،يۇقۇرى باھالىقنى ئېلىشنىڭ ئەنچە زۆرۈيىتى يوق دەپ قارايدۇ ،ئەسلى ئۇنداق قاراش توغرا ئەمەس،پايپاق پۇتنى گۈزەل كۆرسىتىشدىن باشقا يەنە،ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئالىي سۇپەتلىك بولۇشىنى ئويلاش كېرەك.
سۈپىتى ياخشى بولغان پايپاقنىڭ ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىغىمۇ ياخشى بولۇپ پۇتنى تەرلەتمەيدۇ،پۇت تىرىسىنىڭ نەملىكىنى مۇۋاپىق ساقلايدۇ،تەر تۆشۈكچىلىرىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ،تىرىنىڭ ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ،تىرە ياللۇغى،تىرە قىچىشىش قاتارلىق كىسەللەردىن خالىي قىلىدۇ.پاچاقنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ،ھاردۇق چىقىرىدۇ.
ئەۋرىشىملىغى ياخشى پايپاقلار پاچاقنىڭ زىلۋالىغىنى ئاشۇرغاندىن باشقا،پاچاقتىكى قىلدام قان تۇمۇلارنىڭ تارىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ،قوساقنىڭ ئاستىنقى قىسمىنىڭ (كىچىك قوساق) خىزمىتىنى نورمال قىلىپ،قىز-خانىملارنى پىگورلۇق(ئۇز تەن) كۆرسىتىدۇ،ئادەتتىكى پايپاقلاردا مۇنداق خۇسۇسىيەت يوق.
سۈپىتى ياخشى پايپاقلارنىڭ يېپىشچانلىغى بىرقەدەر ياخشى بولۇپ تىز ،يوتا تەرەپلەردىكى قورۇقلارنى يېپىپ تۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
سۈپەتلىك پايپاقلار يۇقۇرى ھارارەتتىن ئۆتكۈزۈلگەن بولغاچقا،
ئۇنىڭ پاچاق ھەم يوپكىلار بىلەن زەرەتلىنىشىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلمەيدۇ.ئاسان ئىلىنىپ كەتمەيدۇ،سىلىق كىلىدۇ.ئاسان چاڭ-توزاڭ سۈمۈرمەيدۇ.تىرىنىڭ پاكىزلىغىنى ساقلايدۇ.
قىز-خانىملارشۇڭا پايپاق تاللىغاندا پايپاقنىڭ رەڭگى،ئەۋرىشىملىغى،سۈپىتى،پارقىراقلىغى قاتارلىق نوقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، پات-پات يۇيۇپ،پۇت-پاچاقنىڭ پاكىزلىغى،پايپاقنىڭ سۈپىتىنى ساقلىشى كېرەك .
مەنبەسى:
http://health.enorth.com.cn/system/2009/03/23/003936548.shtml