شىنخۇا ئاگىنىتلىقى باغدات 3.23-تىلىگىراممىسى،
باغدات شىمالىغا جايلاشقان دىيار ئۆلكىسىدە بۈگۈن بىر مېيىت ئۇزىتىش مۇراسىمى جەريانىدا ئۆزىنى قۇشۇپ پارتلاش يۈز بىرىپ 25 ئادەم ئۈلۈپ 45ئادەم ئوخشىمىغان دەرىجىلەردە يارىدار ۋە مېيىپ بولغان.
بۇ ۋەقە باغدات شىمالىغا 140كىلۇمىتىر كىلىدىغان بىر كىچىك بازاردا يۈز بەرگەن بۇلۇپ ئۆزىنى قۇشۇپ پارتلاتقۇچى ھاززىغا كەلگەنلەر توپلاشقان بىر چىدىرغا سۇقۇنۇپ كىرىپ ئۆزىنى پارتلاتقان.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كۆپچىلىكى كۇرد مىللىتىگە تەۋە كىشىلەر ئىكەن.
دىيار ئۆلكىسى بىن لادىننى قوللايدىغان ئەلقائىدە يەنى بازا تەشكىلاتى كۆپ ھەرىكەت قىلىدىغان رايۇن بۇلۇپ ، دائىم مۇشۇنداق پاجىئەلەر يۈز بىرىدىكەن. گەرچە يېقىندىن بىرى ئىراق ۋەزىيىتى ياخشىلىنىش تەرەپكە تەرەققى قىلىۋاتقان بولسىمۇ بۇنداق ۋەقەلەر يەنە پات پات يۈز بىرىپ تۈرماقتا. مۇشۇ كۈنى يەنە يول بويىدىكى بومبا پارتلاش نەتىجىسىدە 9باغداتلىق ئۈلۈپ 25باغداتلىق پۇقرا يارىدار بولغان.
http://www.termiler.com/