تېلېۋىزوردا دائىم قويىدىغان ئالبىنىنىڭ ئېلانىدا «ئالبىنى» يىيىش ئۈچۈن چوقۇم بىر باھانە ئېيتىش كېرەك، بولمىسا سېتىۋالالمايدۇ! مەن بۇ ئېلاننى كۆرۈشكە بەك ئامراق، ئۇلارنىڭ باھانىللىرى ناھايىتى قىزىقارلىق، ئاددى ھەم غەلىتە! تېخى باھانە باھالاش مۇسابىقىسىمۇ ئۆتكۈزىدۇ
قېنى بىر كۆرۈپ ئۆتەيلى!
گەرچە مەن شەبنەم مۇنبىرىگە تىزىملاتقىلى ئۇزۇن بولمىسىمۇ، مەن شەبنەم مۇنبىرىدە نۇرغۇن دوستلار بىلەن تۇنۇشتۇم، ھەركۈنى ھەرخىل يېڭى خەۋەرلەر ۋە ئۇچۇرلاردىن خەۋەر تاپتىم، ھەم ئۆزەم ئاز-تولا تېمىلارنى يوللىدىم! قىسقىسى شەبنەم مۇنبىرى مېنىڭ خوشاللىقىم!
بۇ مېنىڭ شەبنەم مۇنبىرىگە كىرىشتىكى باھانەم!
قېنى سىلەرمۇ باھانەڭلەرنى سۆزلەپ بېقىڭلار!
شەبنەم مۇنبىرىگە كىرىشكە باھانىڭىز بارمۇ؟