«شاھدىيار» دا نەۋرۇز
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى تارىم ۋادىسىدىكى گۆھەر زېمىن شاھدىيار ناھىيىسىدە نەۋرۇز بايرىمى ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى يەككە تىجارەتچى ۋە شەبنەم مۇنبىرىمىزنىڭ كونا ئەزاسى سادىق سۇلتان ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ ئۆزىنىڭ شاھ تائام تېز تاماقخانىسىدا ئويۇشتۇردى. پائالىيەتكە بۇ ناھىيىدىكى شەبنەم ئەزالىرى،يازغۇچى-شائىرلار،سەنئەتكارلار ۋە مەرىپەت سۆيەر كىشىلەر قاتناشتى. بۇ پائالىيەتكە يەنە ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە ۋىلايەت تەۋەسىدىكى بىر قىسىم يازغۇچى سەنئەتكارلارمۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. پائالىيەتتە يازغۇچى، شائىرلار نورۇزغا ئاتاپ يازغان نورۇزنامىلىرىنى دېكلىماتسسىيە قىلدى.ناخشىچى،مۇزىكانتلار،خەلق ئەلنەغمىچىلىرى ماھارەت كۆرسىتىپ،سورۇننى ئاجايىپ جانلاندۇرىۋەتتى.ھاياجېنىنى باسالمىغان نەۋرۇز ئەھلى ناخشا- مۇزىكىغا جۆر بولۇپ،بەس-بەستە ئۇسۇلغا چۈشتى.سورۇن باشتىن ئاخىر دوستانە،ئىناق-ئىتتىپاق كەيپىيات ئىچىدە خوشال-خورام ئېلىپ بېرىلدى.تۆۋەندە خاتىرە سۆرەتلەردىن تاللانمىلارنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق:
سورۇنغا مەرھەمەت!
نەۋرۇز ئېشى نېمە دىگەن مېزلىك-ھە!
نەۋرۇز ئېشى
شائىر كېرەم قاسىم(ئەۋجى) نەۋرۇز بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا چۈشەنچە بەرمەكتە
ئەلنەغمىچىلەر نومۇر كۆرسەتمەكتە
نەۋرۇز ئەھلى ناخشا-مۇزىكىدىن ھوزۇر ئالماقتا
نەۋرۇز پائالىتىنىڭ پىلانلىغۇچىسى، رىياسەتچىسى ۋە سورۇن ھازىرلىغۇچىسى بىللە
يازغۇچى- شائىرلار پىلانلىغۇچى،رىياسەتچى ۋە سورۇن ھازىرلىغۇچى بىلەن بىللە
شائىر تاھىرجان قاسىم نەۋرۇزنامە ئوقىماقتا
مۇنبىرىمىز ئەزاسى، شائىرە مېھرىبان نىياز(چوغلۇق) نەۋرۇزنامە ئوقىماقتا
مۇنبىرىمىز ئەزاسى،مۇخبىر «مازارغوجام» نەق مەيدان ئەھۋالىنى سۆرەتكە ئالماقتا
نەۋرۇز سىموۋلى _ بۇغداي مايسىسى
دۇتتار،تەمبۇر ناخشىسى ئورۇنلانماقتا
شوخ ئۇسۇل
نەۋرۇزدىكى شەبنەم ئەزالىرى
شەبنەم ئەزالىرى بىر قىسىم يازغۇچى،شائىرلار بىلەن بىرگە
نەۋرۇز ئەھلىنىڭ خاتىرە سۆرىتى
____________________
تۈرك دۈنياسىدا نەۋرۇز
./read.php?tid-102661.html