ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 2256 - كۆرۈرمىنى
generalI
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 80515
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 56
شۆھرەت: 58 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 580 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 90(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

 تۇمانلىق شەھەر

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما tughrul تەرپىدىن (2009-03-22)دە نادىرلاندى



تۇمانلىق شەھەر





بۇ تۇمانلىق شەھەر.
بۇ كۈنبويى تۇمان بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان شەھەر.نەگىلا قارىسا،پۈتۈن شەھەرنىڭ تۇمان ئىچىدە ياتقانلىقى كۆرۈنىدۇ.تۇمان تۈپەيلى،قۇياشنىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ.
ئۇ قولىنى بىلىكىمدىن ئۆتكۈزۈپ،مېنى قولتۇقلىۋالدى.ئۇ ماڭا چاپلىشىپ دېگۈدەك كېتىۋاتقان بولسىمۇ،مېنىڭدە قىلچىمۇ باشقىچە سېزىم بولمىدى.پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلىنەر - بىلىنمەس تىترەپ،چىشلىرىم كاسىلداپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ،ئۇ ھېچنېمىنى سەزمەي،كۈلۈمسىرىگەن پېتى كېتىۋاتاتتى.مەن كۆزۈمنىڭ قىرىدا ئۇنىڭغا قاراپ قويدۇم.مانا،مېھمانخانىغىمۇ ئاز قالدۇق.
سائەت تېخى تۆت بولمىغان بولسىمۇ،ئەتراپقا گۇگۇم پەردىسى يېيىلغان بولۇپ،ئەتراپتىكى ئېگىز بىنالارنىڭ دېرىزىلىرىدىن چىراق يورۇقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. مىھمانخانىغا كىردۇق.مۇلازىمەت پۇكىيىدىكى قىز گەپ-سۆز قىلماستىن،ماڭا 1203-نومۇرلۇق ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى سۇنۇپ بەردى.بىز لېفىت بىلەن 12-قەۋەتكە چىقتۇق.مەن ئىلدام بېرىپ ياتاقنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىم.مېنىڭ ھېچ ئىشقا تاۋىم يوق بولۇپ،پەقەت ياتاق ئۆيدىكى كارىۋاتقا چىقىپ،قانغۇچە،ھوزۇرلىنىپ ئۇخلىۋېلىشنى ئويلايتتىم.ئۇ بۈگۈن بەكلا خوشال ئىدى.ئۇ شوخلۇق بىلەن كارىۋاتقا سەكرەپ چىقىپ،كۈلگىنىچە يېنىمغا كېلىپ ئولتۇرۇپ،كۆزلىرىمگە تىكىلدى:
ـــ ۋۇي،چىرايىڭىز تاتىرىپ كېتىپتىغۇ؟ نېمە بولدىڭىز؟ـــ دېدى.مەن گەپ قىلمىدىم.چۈشەندۈرۈشۈم ئارتۇقچە ئىدى.بۇ بىزگە ئاران تەستە كېلىدىغان پۇرسەت بولغاچقا،ۋاقىتنى قەدىرلىشىمىز كېرەك ئىدى.مەن ئۇنىڭ قوللىرىنى چىڭ تۇتۇپ،يېنىمغا تارتتىم.ئۇمۇ كۆزلىرىمگە ئاچكۆزلۈك بىلەن تىكىلدى...
ئۇ كارىۋاتتىن چۈشۈپ ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈشكە باشلىدى.چىرايلىق چاچلىرى يەلكىسىدە يېيىلىپ ياتاتتى.ئۇ تېخىمۇ روھلىنىپ كەتكەن بولۇپ،يەنىلا شۇنچە خوشال ئىدى.ئۇ ھالرەڭ سومكىسىنى ئېچىپ،بىر سۈزۈك ئەينەك قۇتىنى ئالدى.بۇ دورا قۇتىسىنىڭ سىرتىدا ھېچقانداق بىرەر ماركا،ياكى بىرەر چۈشەندۈرۈش قەغىزىمۇ يوق ئىدى.ئۇ قۇتىغا بىر قارىۋېتىپ،ماڭا تاشلاپ بەردى.قۇتىنىڭ ئىچىدە ئاق رەڭلىك،تالقانسىمان نەرسە بار ئىدى.

بىزنىڭ ئارىلىشىۋاتقىنىمىزغا ئىككى يىلدىن ئارتۇقراق بولۇپ قالغان ئىدى.ئىككى يىل دېگەن بىلەن بۇ ۋاقىت بىر ئايال ئۈچۈن ئاز ۋاقىت ئەمەس-تە! ئىككى يىل ئۇنىڭ كۆپ نەرسىلەردىن مەھرۇم قېلىشىغا كۇپايە.
مەن شۇلارنى ئويلاپ،ئۇنىڭغا:
ـــ بىز ياخشىراق ئويلىنىپ، ئامال تاپساق بولاتتى،ـــ دېدىم.


ئۇ ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئايالىممۇ بىلەتتى.ئۇ دەسلەپ مەن بىلەن جېدەللىشىپمۇ باقتى،ھەرنېمە قىلىپ باققان بولسىمۇ،ھېچبىر ئۈنۈمى بولمىغاندىن كېيىن،سەل پەسكويغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.شۇنچە جېدەللەشكەن بولسىمۇ ئاجرىشىپ كېتىشنى قەتئىي تىلغا ئالمىدى.ئۇ كېيىنچە تېخىمۇ سوغۇققان،ئېغىر - بېسىق بولۇپ كەتتى.ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۇتتۇرگەن بولسىمۇ خىزمىتى يوق ئىدى.مەن بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن خىزمىتىنى ھەل قىلىشقا كۆپ يول ماڭغان بولساقمۇ،بەرىبىر نەتىجىسىز قېلىۋەردى.ئۇ ئاخىرى تەقدىرگە تەن بەردىمىكىن،كېيىنچە خىزمەت توغرىلىق ئېغىز ئاچمايدىغان بولىۋالدى.ئۇ بىر ئائىلە ئايالى بولۇشقا بەل باغلىغاندەك قىلاتتى.خىزمەتتىن قايتىپ كەلسەم،تاماقنى تەييار قىلىپ تۇراتتى.بەزىدە ئۇنىڭغا قاراپ ھېسداشلىقىم قوزغىلاتتى.مەن بىلىمەن،ئۇنىڭ مەندىن ئاجراشقۇسى كەلمىگىنىدە باشقا سەۋەب بار،مېنىڭ خىزمىتىم بار تۇرسا،ھەم ئۇنىڭغا يېتەرلىك خىراجەت بېرىپ تۇرىۋاتسام،ئۇنىڭ ئەلۋەتتە بۇنداق كىرىم مەنبەسىدىن ئايرىلغۇسى يوقتە!

بۇلارنى ئويلىسامغۇ كۆڭلۈم بىئارام بولۇپ كېتىدۇ،ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىيدۇ.راستە،ئۇ مەن بىلەن توي قىلىپ،تا مۇشۇ كەمگىچە بىرەر خوۋلۇق كۆرمىسە،ئۆزى كۈتكەن مۇھەببەتكە،ئىللىقلىققا ئېرىشەلمىسە بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئېغىر ئازاب ئەمەسمۇ؟!ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمنىڭ قاچاندىن تارتىپ بۇنداق سۇسلاپ كەتكەنلىكىنى ئەسلىيەلمەيمەن.بەلكىم تۇنجى قەدەمنى خاتا ئالغاندىمەن...
شۇنداق قىلىپ كۈنلەر ئۆتىۋەردى،ئىككى ئايالنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ مەندىن ۋاز كەچكۈسى كەلمىدى.مەن بولسام بىئاراملىق ئىچىدە تولغىنىۋەردىم.بۇ كۈنلەرنىڭ تېزراق ئاياغلىشىشىنى ئويلايتتىم.شۇڭا ئىشلارنى تېزرەك پۇتتۈرۈشكە ئالدىرىدىم،چۈنكى بۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق ئىدى.ئۇلار ئۆزلىرى بۇ تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدى.
دورا قۇتىسىنى قولۇمغا ئېلىپ قارىدىم، ماڭا ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق ھەل بولۇپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلدى.

ئۇ بىر دورا شىركىتىنىڭ لابراتورىيە بۆلۈمىدە ئىشلەيتتى.ئۇ مىڭ تەستە دورا ياساش سېخىدىكى بىر خىزمەتچىنى قولغا كەلتۈرۈپ،ئاندىن ماڭا بەرگەن ئاشۇ دورىغا ئېرىشكەن ئىدى.
بۇ دورا باشقا دورىلاردەك ئۆتكۈر زەھەرلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولمىسىمۇ،بىراق ئۇنى ئىستېمال قىلغاندا ئادەمدە خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىپ،نېرۋىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ،ئادەمنى ساراڭ قىلىپ قوياتتى ھەتتا ئۆلۈمگە ئاپىراتتى.
مەن دورىنى ئېلىپ،مېھمانخانىنىڭ لېفىتى بىلەن تۆۋەنگە چۈشتۈم.پۈتۈن خىيالىم كەچلىك تاماقتىن بۇرۇن،بۇ دورىنى ئايالىمنىڭ تامىقىغا سېلىۋېتىش ئىدى.مېھمانخانا بىلەن ئۆينىڭ ئارىلىقى ئانچىمۇ يىراق ئەمەس ئىدى.ئەتراپ قويۇق تۇمان بىلەن قاپلانغان بولۇپ،سەل نېرىدىكى نەرسىنىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولمايتتى.
ئاپتوبۇستا ئادەملەر قىستىلىشىپ تۇراتتى.بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قارىدىم،كۆكۈش تۇمان،ئېگىز بىنالار...
خىيالىم بەكمۇ چىگىشلىشىپ كەتتى.باغرىم تاشتەك بولۇپ كېتىپتۇ،ئۇزۇن بوپتۇ بىرەر تىلەمچىگە پۇل بېرىپ باقمىغىلى،ئادەملەرمۇ شۇنچە سوغۇق تۇيۇلىدۇ ماڭا خۇددى بىزنىڭ باشلىقتەك.راست،ئۇ قىزىل يۈز ھىيلە -مىكرى تولا،قابىلىيەتلىكلەرنى كۆرەلمەيدىغان،پارىخور بىر نېمە!ھازىر كىشىلەر ھەقىقەت ئالدىدا كۆز يۇمۇۋالىدىغان بولۇپ كەتتى،شەيتاننىڭ بازىرى چىقىپ كېتىپتۇ.خىيال بىلەن كېتىۋېتىپ ئالدىمدىكى ستولبىغا ئۈسۈپ سالغىلى تاس قالدىم،ئەبلەخ!ستولبىغا بىر مۇنچە ئېلان چاپلىنىپ كېتىپتۇ،«گۇۋاھنامە ياسايمىز»،«ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىمىز»،«بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ»،«قىزلىق پەردىسى سالىمىز»...بىر جۈپ قىز-يىگىت باشقىلارنىڭ كۆزىچىلا بىر -بىرىنى چىڭ قۇچاقلىشىپ،ئەركىلىشىپ تۇراتتى.بۇ قىزمۇ بەلكىم قىزلىق پەردىسى سالدۇرغان بولۇشى مۈمكىن دەپ ئويلاپ كەتتىم.يەنە ئاۋۇ يېنىدىكى لىڭتاسما ئەبلەخمۇ كىم بىلىدۇ،بۆرىكىنى قانچە قېتىم قۇۋۋەتلەندۈردى تېخى.
شەھەر تۇمان ئىچىدە ياتاتتى.
مۇزلىغاندەك قىلدىم،شۇڭا قەدىمىمنى تېزلەتتىم.ھەي،شۇ تاپتا مەن ئايالىمنىڭ ئۆلۈم ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلغىلى كېتىۋاتىمەن-ھە؟پۇتلىرىم مەيلىمگە باقماي ئاستىلاپ كېتىپ بارىدا؟
بىز دەسلەپ توي قىلغان ۋاقتىمىزدا پۇلىمىزمۇ يوق ئىدى،بۇرادەرلەر،خىزمەتداشلىرىم بىلەن ئانچە-مۇنچە ئولتۇرۇشلاردا بولغىنىمدا،ئايالىمنىڭ ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرغىنىنى ئويلاپ قايتىشقا ئالدىرايتتىم.بىر قېتىم ئۆيگە كېلىپ ئۇنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي،سىرتتىكى ياخشىراق ئاشخانىدىن غىزالىنىشقا ئاچىقتىم.ئايالىم:
ـــ بۇنداق قىلماڭ،قولىڭىزغا ئازراق پۇل كىرگەن بىلەن،بۇ پۇلنىمۇ سىز مىڭ بىر جاپادا تاپىدىغان تۇرسىڭىز،ـــ دېدى.شۇ چاغدا كۆزلىرىم قىزىرىپ،بۇرنۇم ئېچىشقان ئىدى.ئۇ چاغلاردا ئۇمۇ شۇنچە گۈزەل،كېلىشكەن قىز ئىدى.
كېيىن ئۇ ماڭا شۇنچە تېز قېرىپ كەتكەندەك تۇيۇلدى.ئىشتىن قايتىپ كەلگىنىمدە ئۇ شۇنچە ھارغىن،سۇلغۇن كۆرۈنەتتى.ئۇ ئائىلە ئايالى بولۇشقا تەن بەرگەن ئىدى.
كېيىنچە مەن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالدىم،ئۇ مەندىن ئون ياش كىچىك ئىدى.شۇنداق قىلىپ كۈنلەر ئۆتىۋەردى.



ئەمدى ھەممە ئىشلارنى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلمىسام بولمايدۇ.
مەن ئۆيگە كىردىم.توساتتىن قەلبىم بىر خىل ئىللىقلىققا تولغاندەك بولدى.ئايالىم كەچلىك غىزانى ئاللىقاچان تەييارلاپ قويغان بولۇپ،ئۆيدە يەنە نېمىلەرنىدۇ قىلىۋاتاتتى.ئۇ مېنى كۆرۈپ:
ـــ كەلدىڭىزمۇ؟ قورسىقىڭىز ئاچقاندۇ؟ ـــ دېدى.مەن گەپ قىلماي چاپىنىمنى سالدىم.ئۇ قولۇمدىن چاپاننى ئېلىپ،ھوجرا ئۆيدىكى ئاسقۇغا ئېسىپ قويدى.بىز شىرەگە كېلىپ ئولتۇردۇق.ئايالىم ھەقىقەتەن تاماققا ئۇستا ئىدى،ئۆيدىكى تاماق ھىدىدىنلا بۇگۈنكى لەغمەننىڭمۇ ئوخشىتىپ ئېتىلگەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى.بىز جىمجىتقىنە ئولتۇرۇپ غىزالاندۇق،بۇنداق مۇھىتقا ئۇ بۇرۇنلا كۆنۈپ كەتكەن.كۆڭلۈمدىكى جىددىيچىلىك سەۋەبىدىنمىكىن،غىزا پەقەتلا تېتىمىدى.تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن،ئايالىم قاچىلارنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى.شۇندىلا چاپىنىمنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويغان ھېلىقى دورا ئېسىمگە كەلدى-دە،دەرھال ھوجرىغا كىرىپ،چاپىنىمنى ئالدىم.لېكىن شۇنچە ئاختۇرۇپمۇ ئۇ قۇتىنى تاپالمىدىم.نەگە غايىپ بولدى بۇ ئەبلەخ!
ئايالىم ئىشلىرىنى تۈگىتىپ،كىرىسلوغا ئۆزىنى تاشلىدى.قولىدىكى تىزگىنەكنى بېسىپ،تېلېۋىزوردىن ئۆزى ياقتۇرىدىغان نومۇرلارنى ئىزلىگىلى تۇردى.قېرىشقاندەك ھەممىلا قاناللاردا ئېلان...ئېلان...«ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرىمىز...»،«بۇ بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى خاتىرجەم ئىشلىتىڭ...»،«...مەقئەت ئاقمىسىنى داۋالايمىز...»،«ئەيدىز...»...راست،ماۋۇ قوشنىمىزنىڭ بىر قىزى بولىدىغان،ئادەمنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ ئۆتۈپ كېتىدىغان.زىيادە تار كەلگەن ئىشتان ئىچىدىكى ساغرىسى،سېمىز قوينىڭ قۇيرۇقىدەك توختىماي لىغىرلاپ تۇرىدۇ تېخى.ئۇنىڭ سېغىز كەمپۈتنى توختىماي قاس چىقىرىپ چاينىشىغا قاراپ ھەيران قالىمەن.ئۇنىڭ يېنىدا ئۆزىگە ئوخشاش دېگۈدەك تار ئىشتان،تار مايكا،غەيرى چاپان كىيىۋالىدىغان،ئىڭىكىنى ياپقۇدەك كاپكاس قويىۋالغان بىر يىگىتنى پات-پات ئۇچرىتىپ قالاتتىم.كوچىدىكىلەر بەلكىم كەينىدىن قاراپ، بىلمەسلىكتىن ئۇ يىگىتنىڭمۇ ساغرىسىغىمۇ ئاچكۆزلۈك بىلەن نەزەر تاشلاپ سالىدىغاندۇ؟
بۈگۈن ئايالىمنىڭ كەيپىياتىمۇ ياخشىدەك قىلىدۇ.ئۇ نېپىز ئاق كوپتا كىيىۋالغان بولۇپ، شۇ قەدەر مۇلايىملىشىپ كەتكەن ئىدى.ئۇنىڭ كىرىسلودا ئولتۇرغان شۇ تاپتىكى تۇرقى ماڭا بەكلا ئوماق كۆرۈنۈپ،دورىنى ئىزلەشنىمۇ ئۇنتۇدۇم.ئۇنى كۆتۈرۈپلا ئېلىپ،ھوجرىغا ماڭدىم.بۇنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئاشۇ نېپىز ئاق كوپتىنى كىيىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئىدى...

ئۇ مەندىن قانداق قىلغانلىقىمنى سورىدى.مەن ئالدىرىماي يانچۇقۇمدىن تاماكامنى چىقىرىپ،چاقماق بىلەن ئوت تۇتاشتۇرۇپ،ئارقا-ئارقىدىن كۈچەپ شورىدىم.ئېغىز - بۇرنۇمدىن چىقىۋاتقان كۆكۈش ئىس ھاۋاغا كۆتىرىلىپ،شەھەر ئاسمىنىدىكى كۆكۈش تۇمانلارغا قوشۇلۇپ كەتتى.مەن ئىككىنچى تال تاماكىنى تۇتاشتۇرغىنىمدا ئۇ يەنە سورىدى.مەن :
ـــ دورا قۇتىسىنى تاپالمىدىم،ـــ دېدىم.
ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى:
ـــ شۇنچە مۇھىم نەرسىنى نەگە قويغان بولغىيدىڭىز؟
دېمىسىمۇ يېقىندىن بۇيان بەكلا ئۇنۇتقاق بولۇپ كەتتىم دېسە! شۇ ئەمەسمۇ،خىزمەتنىڭ بېسىمى مېنى يەتكۈچە ھاردۇردى. باشلىقنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كېچىنى كېچە دېمەي،ھەتتا ئىشخانىدا قونۇپ ئىشلىگەن چاغلىرىممۇ بار.مەندە قابىلىيەت بولغان بىلەن،«ھۈنەر»يوقتە،شۇڭا باشلىققا يامان كۆرۈنۈپ قېلىشتىن ساقلانمىسام بولمايدۇ.
مېنىڭ تىرىشىپ ئىشلىگىنىمگە،قۇلىقىمنىڭ شۇنچە يۇمشاق بولغىنىغا قارىماي،بىرەر قېتىممۇ خىزمەت ئىلغارى بولۇپ باقمىدىم.قاچانلا بولسا ھېلىقى بىرقانچە غەيۋەتخور خوتۇنلاردىن ئېشىپ باقمىدى.شۇنداق،بەزىدە ئىشتىن چۈشكەندە،ئۇ خوتۇنلارنىڭ بىر -بىرىدىن قىزغانغاندەك،غىپپىدە باشلىقنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغانمەن.ھەممىنى ئىچىمگە يۇتىۋېتىدىغان ئادىتىم بار،ئاخىرى سەپرا،ئۇنۇتقاق بولۇپ قاپتىمەن.
بۇ شەھەر شۇنداق تۇمانلىق شەھەر.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋاسىمۇ نەم،بەلكىم«رېماتىزىم»توغرىسىدىكى ئېلانلارنى ئۇنتۇپ قالغاندىمەن.ھەي، بۇ ئاسمانغا قاراپ قۇياشنى كۆرۈش مۈمكىن ئەمەس.
بىز مېھمانخانىدىكى ياتاق ئۆيگە كىردۇق.ئۇ ئۇ ئاچچىقتىن يېرىلاي دەپ قالدى:
ـــ مەن دورا قۇتىسىنى چاپىنىڭىزنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويغان تۇرسام.
ـــ مەن ئاختۇردۇم،بىراق يوق تۇرىدۇ.
ـــ ئەگەر ئۇ كوچىغا چۈشۈپ قالغان بولسا،بىرەرسى تېپىۋالسا،چاتاقنىڭ چوڭى چىقىدۇ.ئەگەر تېپىۋالغان ئادەم بىرەرسىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرسە...
ـــ بىزمۇ ئۇنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرمەكچىغۇ؟!
ئۇ يىغلاپ كەتتى،يغلاپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ گېپىنى يورغىلاتتى:
ـــ سىزنىڭ قول سالغىڭىز يوق،سىز ئۇنى تېخىچە ياخشى كۆرىدىكەنسىز.ئىككىمىز ئارىلىشىۋاتقىلى شۇنچە ئۈزۈن بولدى،سىزنىڭ قىلچىمۇ ۋىجدانىڭىز يوقكەن،ماڭا يۈز كېلەلەمسىز؟!
ـــ توغرا دەيسىز،مەن سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن،مەندە ھەقىقەتەن ۋىجدان يوق،ـــ دىدىم مەنمۇ .
بۇ كۈنى كېچىسى مەن مېھمانخانىدا يېتىپ قالدىم.مەقسىتىم ئۇنى خاتىرجەم قىلىش ئىدى.يېرىم كېچىدە قورسىقىم ئېچىپ چىدىيالماي قالدىم.ئۇمۇ ئويغاق ئىكەن.
ـــ مېنىڭمۇ قورسىقىم ئېچىۋاتىدۇ،سىرتتىن تەييار چۆپ ئەكىرەمسىز-يا؟ ـــ دېدى ئۇ.
مەن سىرتقا چىقىپ 24سائەت مۇلازىمەت قىلىدىغان بىر دۇكاندىن تەييار چۆپتىن ئىككىنى سېتىۋالدىم.سىرت خېلىلا سوغۇق بولغاچقا،ئالدىراپ ياتاققا قايتتىم.ياتاققا كىرىشىمگە ئۇ يوتقانغا ئورىنىۋېلىشىمنى ئېيتىپ،ئۆزى تۇرۇپ،تەييار چۆپنى قاچىغا سېلىپ،قايناقسۇ قۇيدى.
بىز تەييار چۆپنى يەۋاتقاندا،ئىختىيارسىز شۇنى ئويلاپ قالدىم:«خوتۇنۇم ئۆيدە ئېتىپ قويغان كەچلىك تاماققا،ئۇ بولسا خالىغاندا يەيدىغان تەييار چۆپكە ئوخشايدىكەن».خىيالىمدىن مەمنۇن بولۇپ كەتتىم.

مەن دورىنى يوقىتىپ قويغان كۈندىن تارتىپ تېخىمۇ تېرىككەك بولۇپ كەتتىم.قېرىشقاندەك خىزمىتىمدىمۇ مەسىلە كۆرۈلۈشكە باشلىدى.ھەر قانچە قىلساممۇ زېھنىمنى خىزمەتكە مەركەزلەشتۈرەلمەي،باشلىققىمۇ سەت كۆرۈنۈپ قالدىم. نېمە قورققۇلۇق!يامىنى كەلسە ئىشتىن بوشىتىۋېتەر شۇ،بىراق خوتۇن كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالسا چاتاقكەن ئەمەسمۇ...
بۇگۈن ئىشتىن چۈشكىنىمدە،ئۇ تېلېفونمۇ قىلىپ قويمىدى ياكى خوتۇنۇممۇ ئۇچۇر يوللاپ قويمىدى.بۇرۇنلاردا مەن ئىشتىن چۈشۈپ بولغىچە،خوتۇنۇم «قاچان كېلىسىز؟»،«تاماق سوۋۇپ قالاي دېدى» دەپ نەچچە قېتىم ئۇچۇر يوللاپ بولاتتى.شۇنداق چاغلاردا مەن يا مېھمانخانىغا بېرىشىمنى يا تېزرەك ئۆيگە قايتىشىمنى بىلەلمەي ئارىسالدى بولۇپ قالاتتىم.بۇگۈن ھېچكىمنىڭ كارى بولماي قېلىۋىدى،ئۆزۈمنى شۇ قەدەر يېگانە ھېس قىلىپ كەتتىم.شۇنىڭ بىلەن ئىشخانامغا قايتىپ كىرىپ،ئىچ پۇشۇقۇمنى چىقىرىش ئۈچۈن،كومپيۇتېردا ئويۇن ئوينىغىلى تۇردۇم.ئادەتتە باشلىق بولىدىغان بولسا بۇنداق ئىش نەدە؟ ئويۇن ئويناش تۈگۈل،توردىن ماتېرىيال ئىزدىشىمىزگىمۇ يول قويمايتتى.مەن بىلىمەن،ئۇ بىزنىڭ كۆپ نەرسىلەرنى بىلىپ كېتىشىمىزنى خالىمايدۇ.ئەگەر يۇقۇرىنىڭ بېسىمى بولمىغان بولسا،بۇ كومپيۇتېر دېگەن نەرسىنى ئۇ ئىدارىغا يېقىن يولاتمايتتى.
ئويۇنغا بېرىلىپ كەتتىم.ھەر قېتىم مەغلۇپ بولسام،ئېكراندا قىزىل سىزىقچىلار ئارىلاش خەت چىقىۋېلىپ،قايتا باشلاشنى ئەسكەرتەتتى.ئۇ قىزىل سىزىقچىلار قانغىلا ئوخشايتتى،ياق نەق قان،ئەنە بىر تامچە،ئىككى تامچە،ئۈچ تامچە...خىزمەت ئۈستىلىممۇ قانغا بويىلىپ كەتتى.خىزمەتداشلىرىم يوپۇرۇلۇپ كېلىپ،ماڭا ئەجەبلىنىپ قاراپ كەتتى.مەن ھودۇققىنىمدىن ئورنىمدىن تۇرۇپ كەتتىم:«نېرى تۇرۇڭلار،بۇنى مەن قىلمىدىم،مەن ئادەم ئۆلتۈرمىدىم!» دەپ ۋارقىراپ كەتتىم.ئاۋازىممۇ ناتونۇش ئىدى.خىزمەتداشلىرىم كۈلۈشۈپ كەتتى.مەن تېخىمۇ ھودۇقۇپ كەتتىم.دېرىزىمۇ كۆكۈش رەڭلىك بولۇپ قاپتۇ،سۇ جۈمىكىدىنمۇ قان تامچىلاپ تۇرىدۇ،توۋا...ماۋۇ پولدىكى شۇنچە جىق ئۆمۈچۈكلەر نەدىن چىقتى ئەمدى؟ئاسماندىنمۇ قان تامچىلاۋاتىدۇ-يا؟... بىر خىزمەتدىشىم مۈرەمدىن تۈرتۈپ،يۇمشاق قەغەز سۇندى:
ـــ ۋوي نېمانچە ئويۇنغا بېرىلىپ كەتتىڭىز،بۇرنىڭىز قاناپ كېتىپتۇ،سۈرتىۋېلىڭ.
ئالدىمدىكى ھەممە ئۆز پېتى تۇراتتى.ئەجەبا،مەن چۈش كۆردۈممۇ؟ بايىقى ئىشلار؟......

دورا قۇتىسىنى يەنىلا تاپالمىدىم.ئۇ كېيىنچە قايتا سورىماس بولدى،پەقەت:
ـــ ئۆزىڭىز ئىچىۋالمىغانسىز؟ ــ دەپ كۈلۈپ قويدى.
ـــ ھە مەن ئىچىۋالدىم،سېنىمۇ قوشۇپ ئىچىۋېتەي،ـــ مەن ئۇنى قوغلىدىم...
ئۆيگە كەلسەم خوتۇنۇم بۇرۇنقىدەكلا غىزا تەييارلاپ تۇرۇپتۇ. تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن ئۇ:
ـــ بۇندىن كېيىن ئۆيگە كەلمىسىڭىز،ئۇچۇر يوللاپ قويۇڭ،تاماق ئەتمەي،بولمىسا ئىسراپ بولىدىكەن،ـــ دېدى.مەن :
ـــ ماقۇل،ـــ دېدىم.
مەن شۇنى بايقاپ قالدىمكى،ئىككى ئايال جېدەللەشمەس بولۇپ قالغان ئىدى.بىر تەرەپتە مۇلايىم ئايالىم،بىر تەرەپتە چىرايلىق «ئۇ» بار،قايسى بىر ئەر مۇشۇنداق بەختلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ؟ مەن مۇشۇنداق ئۆتۈپ كېتىۋېرىش قارارىغا كەلدىم،گەرچە بۇنداق ئۆتۈش ئادەمنى قىيناپ قويسىمۇ،ھەر ھالدا ئۇ ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن ياخشىراقتە!

ئىشخانىدا ئۈچىنچى قېتىم بۇرنۇم قاناپ كەتكەندىن كېيىن بىر خىزمەتدىشىم مېنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈپ بېقىشىم لازىملىقىنى ئېيتتى.مەن دوختۇرخانىغا بېرىپ قان تەكشۈرتتىم.بىر ھەپتىدىن كېيىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۇققىلى باردىم.دوختۇر:
ـــ قېنىڭىزدا بىر خىل زەھەرنىڭ تەسىرى بار ئىكەن،شۇ سەۋەبلىك سىزنىڭ ئىممۇنېتىت كۈچىڭىز تۆۋەنلەپ كېتىپتۇ،ھەم خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىپ،نېرۋىڭىزدىن كاردىن چىقىراي دەپتۇ،بەلكىم خاتىرىڭىزنى يوقىتىشىڭىز مۈمكىن،ـــ دېدى.دوختۇرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ،قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي قالدىم.لاغىلداپ تىترىگىنىمچە دوختۇرنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
ـــ سەن...سەن ئالجىپسەن!ـــ دېدىم-دە،چىقىپ كەتتىم.دوختۇرخانىدىن چىقىپ،يول بويىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرىۋالدىم.
تۇمانلىق شەھەر ئاسمىنىدىن يامغۇر تامچىلاشقا باشلىدى.قولۇمدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى خاتىرىلەنگەن قەغەز يامغۇر تامچىسىدا ھۆل بولۇپ كەتتى.مەن ئۇنى چىڭ قۇچاقلىغىنىمچە،ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتىم.
كېچە. مەن ئۆيگىمۇ قايتماي،مېھمانخانىغىمۇ بارماي ،بىر سوغۇق ئىچىملىك ئارامگاھىغا كىردىم.ھېچنەگە بارغۇم،ھېچكىمگە گەپ قىلغۇم يوق ئىدى.شۇ قەدەر ئۈمىتسىزلىنىپ كەتكەن ئىدىم.كۆزلىرىم قىزىرىپ كەتتى.دېرىزىدىن سىرتتىكى يامغۇرنى كۈزىتىپ قويدۇم.تېلېفونۇم سايراپ كەتتى.ئالسام بىر ئايالنىڭ ئاۋازى چىقتى،نەدىلىكىمنى سورىغان ئىدى،ئېيتىپ بەردىم.ئۇزۇن ئۆتمەي،بۇ يەرگە ئۇ ئىككىسى كىرىپ كەلدى.
بىرى ئاق نېپىز كوپتا كىيىۋالغان بولۇپ،يەنە بىرسى ھال رەڭ سومكا قولتۇقلىۋالغان ئىدى.دەل شۇلار، ئايالىم بىلەن ئۇ! قارىغاندا ئۇلار خېلىلا چىقىشىپ قالغاندەك قىلاتتى.ئۇلار مېۋە شەربىتى،پىرەنىك،ماروژنا...بۇيرۇتۇپ،ياندىكى شىرەگە جايلاشتى.ئۇلارنىڭ سۆزى قۇلىقىمغا كىرىپ تۇراتتى:
ـــ ھېلىقى قۇتىغا قاچىلانغىنى ئەسلى ئۇن ئىدى،ئەگەر ئۇ راستىنلا قول سالغان تەقدىردىمۇ سىزگە زىيان يەتمەيتتى.
ئايالىم:
ــــ ئۇ بۇرۇنلا زەھەرلەنگەن ئىكەن،باشقىلارغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ،ـــ دېدى.ئۇ:
ــــ ئۇنداقتا ئۇ قۇتا قەيەردە؟ـــ دەپ سورىدى.ئايالىم:
ــــ بىلمەيمەن،بەلكىم راستىنلا يۈتۈپ كەتكەندۇ؟ـــ دېدى.
ــــ مۇھىمى قۇتا ئەمەس،ئۇ ئەسلىدىنلا يامان ئەر ئىدى،

بۇ تۇمانلىق شەھەر.
تۇمان بارغانچە قويۇقلىشىپ بارماقتا.
مەن بۇ يەردىن چىقىپ كەتمەكچى بولدۇم،لېكىن ھەرقانچە قىلىپمۇ پۇتۇمنى مىدىرلىتالمىدىم.ئۇلارغا:
ـــ سىلەر بەكمۇ يۈزسىز،ۋاپاسىز ئىكەنسىلەر!ـــ دەپ ۋارقىرىغۇم كەلدى،لېكىن چىشلىرىم كاسىلداپ،ئاۋازىمنى پەقەت ئۆزۈملا ئاڭلىدىم،باشقىلار ھېچنېمىنى ئاڭلىمىغاندەك ئۆز ئىشى بىلەن بەنت ئىدى.مەن ئامالسىز جايىمدا ئولتۇرغانچە،ئىككىسىگە چەكچەيگىنىمچە قاراپ قالدىم...

تۈگىدى.


گېنېرالنىڭ يازمىسى

تېما تەستىقلىغۇچى : tughrul
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-22, 06:40

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:+10(suzuk881) ئەھمىيەتلىك
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-22 13:26 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    قۇمباغ
    يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 55168
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 4410
    شۆھرەت: 1226438 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 340 سوم
    تۆھپە: 80 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 101 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1380(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

     

    ھەركىم قىلسا ئۆزگە قىلدۇ؟

    ئىنسان بۇدۇنيادا نىمە ئۈچۈن ياشايدىغنىنى بىلشى كېرەك. ياشاش ئۈچۈن يەمدۇ ياكى يىيىش ئۈچۈن ياشامدۇ.
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-22 15:21 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    oghuz0991
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 36992
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 362
    شۆھرەت: 363 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1570 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 432(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

     

    ھەي ئىسىت نىمەدىگەن ئېچىنىشلىق ھە ........

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    ئەتىرگۈلنىڭمۇ تىكىنى بار .  
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 19:25 |
    نۇرئەلى
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 81079
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 16
    شۆھرەت: 16 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 160 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

     

    نە ئامال   ھامان شۇنداق  بولدۇ   ،بۇ دىگەن قانۇنىيەت  شۇنداقتۇ؟

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-25 19:18 |
    aqyuz
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 77593
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 23
    شۆھرەت: 23 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 230 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 156(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

     

    كاچانمۇ  قۇياشنى كۇرار مىز

    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-26 14:17 |
    SAHA
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 74966
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 17
    شۆھرەت: 17 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 170 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 56(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

     

    بۇ ھىكايە ھەقىقەتەن  ياخشى يېزىلىپتۇ.

    شاپاقچىلىق قىلسا شۇنداق بۇلىدۇ!

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-28 11:55 |
    kamput-888
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 75284
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 41
    شۆھرەت: 46 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 360 سوم
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 43(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-29

     

              

    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-28 14:24 |
    aini818
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 81611
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 5
    شۆھرەت: 5 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 50 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-29

     

    نىمەئامال\\\\\\\\\\\

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-28 19:10 |
    azap986532
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 30506
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1053
    شۆھرەت: 1058 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2765 سوم
    تۆھپە: 75 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 55 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 230(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-03

     

    بۇ شۇنداق ئالەم،كىشىگە قىلغان كىشىدە قالماس.ھامان بىر كۈنى ھەسسىلەپ ئۆزىمىزگە يانىدۇ-خالاس.............

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    سىنالمىغان مۇھەببەت-چىن مۇھەببەت ئەمەستۇر.بەخىت-ئۈمۈدۋارلارغىلا ياردۇر......
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-29 16:56 |
    سۈزۈك ئاي
    سۈزۈك ئاي
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31902
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1938
    شۆھرەت: 1993 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 9414 سوم
    تۆھپە: 113 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 150 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 270(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-30

     

         كىشىگە سانىسا ئۆزىگە...
    «كىمىكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن مۇكاپاتىنى كۆرمەي قالمايدۇ،كىمىكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن جازاسىنى تارتماي قالمايدۇ.»(قۇرئان)

    مال-مۈلكىڭدىن مەغرۇرلانما بارمۇ مەن كەبى ،
    بىر تەتۈر شامال چىقسا سورۇيدۇ خامان كەبى!
    *           *           *             *              *
    تىلىكىم ئەقلىمدىن ئازدۇرما خۇدا،
    قېپ قالماي پوكانغا سەجدە -ئىقتىدا.
    مېھنەتسىز غايىپتىن كەلمىسۇن رىسقىم،
    قىسقىسى ،ھارامدىن ئەيلىگىن جۇدا.
    *           *           *             *              *
    ئاخىرەتلىك ئۈچۈن ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل،
    دۇنيالىق ئۈچۈن مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك ئىجتىھات قىل!!!
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-29 18:23 |
    uykusiztun
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 42418
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 170
    شۆھرەت: 171 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1684 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 327(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

     

    شاپاقچىلىق قىلسا شۇنداق بۇلىدۇ!

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    ./read.php?tid-104091-fpage-0-toread--page-2.html
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-29 19:03 |
    kulupyaxayman
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 81252
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 13
    شۆھرەت: 13 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 130 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-29

     

    没办法!!

    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-29 21:32 |
    xohlakizil
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 75621
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 58
    شۆھرەت: 58 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 530 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 13(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

     

    真没折!活该!~     

    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-29 22:05 |
    sadakatguli
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 62370
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 76
    شۆھرەت: 79 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 770 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 47(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-30

     

    ئۇنداق ئادەملەرنىڭ ھاياتىمۇ ئەنە شۇنداق تۇمان ئىچىدە ،يۇرۇقلۇقنى كۆرەلمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ،

     
      ساداقەت  مەڭگۈلۈك!
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-30 12:09 |
    zinnat0908
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 77433
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 36
    شۆھرەت: 36 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 360 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 57(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

     

    ياخشى يىزىلىپتۇ~
    رەخمەت سىزگە~!

    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-30 15:18 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:04-03 03:22, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ