19- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كىشلەر ئاسيانىڭ غەربى قىسىمىدىكى ئىراقتىن 50 مىڭ پارچە لاي تاختىنى بايقان ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئىجىر - مىجىر ئاجايىپ بەلگىلەر ئويۇلغان بولۇپ ، تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق بۇ يېزىق قەدىمكى بابىلۇنلۇقلار ئىشلەتكەن يېزىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان . ھازىر كىشىلەر ئۇنى« شىنا يېزىق » دەپ ئاتايدۇ . ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق لاي تاختىلارغا قەدىمكى بابىلۇنلۇقلار ئېرىشكەن بىلىملەر خاتىرلەنگەنلىكى ، ئۇلارىڭ نۇرغۇن ماتېماتىكا بىلىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرغان .
ئەينى ۋاقىتىكى بابىلۇنلۇقلار تەكشى سۇگالغان لاينىڭ ئۈستىگە شىنا شەكىللىك يېزىقتا ھەرخىل پۈتۈكلەرنى يازغاندىن كېيىن ، ئۇنى قۇرتۇپ ئاندىن خۇمداندا پىشۇرۇپ ساقلىغان ، بۇنداق بولغاندا ئۇنى ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىغىلى بولغانلىقىنى بىلگەن . ھازىرغىچە تېپىلغان 50 مىڭدىن ئارتۇق بۇنداق لاي تاختىنىڭ 300 نەچچە پارچىسى مەخسۇس ماتېماتىكىغا ئائىت بولغان ھۆججەتلەردىن تەركىپ تاپقان .
مەنبە:ماتېماتىكا بلوگى
http://matimatik.blogbus.com/logs/36814094.html