ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 82 - كۆرۈرمىنى
matimatika
ئىلغار باشقۇرغۇچى ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 11327
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 2027
شۆھرەت: 8367 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 14110 سوم
تۆھپە: 300 نۇمۇر
ياخشى باھا: 153 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1360(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

 « قۇتادغۇ بىلىك »تىكى دۆلەت تەلىماتى

« قۇتادغۇ بىلىك »تىكى دۆلەت تەلىماتى ھەققىدە دەسلەپكى مۇھاكىمە
يازغۇچىسى : مەقسۇت ئەكبەر


« قۇتادغۇ بىلىك »مەزمۇن جەھەتتىكى كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى ، شەكلى ۋە ئۇسلۇبى جەھەتتىكى ئاممىبابلىقى ۋە بەدىئىيلىكى بىلەن كەم ئۇچرايدىغان قىممەتلىك ئەسەر . دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ ئەسەرنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسى توغرىسىدىكى قاراشلىرى ھەر خىل . بىزنىڭچە ، بۇ ئەسەرنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى تەلىمات دەپ ئېيتىش مۇمكىن .
چۈنكى ، بىرىنچى ، ئەسەرنىڭ نەسرىي ۋە نەزمىي كىرىش سۆزلىرىدە ئەسەر دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەلىماتى دەپ ھېسابلانغان . مەسىلەن : چىنلىقلار << ئەدەبۇلمۈلۈك >> ( شاھلارنىڭ ئەدەب - قائىدىلىرى ) ؛ ماچىن مۈلكىنىڭ ھېكىملىرى << ئايىنول مەملىكە >> ( مەملىكەتنىڭ دەستۇرى ) ؛ مەشرىقلىقلار << زىننەتۇلئۇمرا >> ( ئەمىرلەر زىننىتى ) ؛ ئىرانلىقلار << شاھنامەئى تۈركى >> ؛ بەزىلىرى << پەندنامەئى مۈلۈك >> ( پادىشاھلارغا نەسىھەت ) ؛ تۇرانلىقلار << قۇتادغۇ بىلىك >> دەپ ئات قويغان . كىرىش سۆزدە تىلغا ئېلىنغان ئەسەر ناملىرىدىن پەقەت << قۇتادغۇ بىلىك >> توغرا قويۇلغان ئات بولسىمۇ ، قالغانلىرىنى كىتاب مەزمۇنىغا ئۇيغۇن ئەمەس دېيەلمەيمىز ، بەلكى بۇ ناملارنى كىتاب مەزمۇنىغا باھا بېرىشتە ئىنتايىن قىممەتلىك مەنبە دەپ قارايمىز .
ئىككىنچى ، << كىتاب تۆت ئۇلۇغ ۋە مۇھىم ئۈل ئۈستىگە بىنا قىلىنغان >> . بىرىنچىسى ، ئەدىل ( ئادالەت ) ؛ ئىككىنچىسى ، دۆلەت ( بەخت ) ؛ ئۈچىنچىسى ، ئەقىل ؛ تۆتىنچىسى ، قانائەت بولۇپ ، يەنە ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە خاس ئات قويۇلغان : ئەدىلگە << كۈنتۇغدى >> ئېتى بېرىلىپ ، پادىشاھ ئورنىغا قويۇلغان ؛ دۆلەتكە << ئايتولدى >> دەپ ئات قويۇلۇپ ، ۋەزىر ئورنىغا قويۇلغان ؛ ئەقىلگە << ئۆگدۈلمىش >> دەپ ئات قويۇلۇپ ، ۋەزىرنىڭ ئوغلى ئورنىغا قويۇلغان ؛ قانائەتكە << ئودغۇرمىش >> ئېتى بېرىلىپ ، ۋەزىرنىڭ قېرىندىشى دەپ ئېيتىلغان .
ئەسەردىكى تۆت قەھرىماندىن ئۈچ كىشى دۆلەت ئەربابى ، بىرى دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ يېقىنى ، ئۇلارنىڭ سوئال - جاۋاب شەكلىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشلىرىمۇ دۆلەت ۋە دۆلەتنى قانداق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان .
ئۈچىنچى ، ئەسەردە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ، خانغا بېرىلگەن مەسلىھەتلەر ئىچىدە دۆلەتنىڭ ئاساسىي بەلگىلىرى ۋە ئۇنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى بىر قەدەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان . دۆلەت ھاكىمىيىتىدە ئارمىيە ۋە قومانداننىڭ رولى ۋە ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرى ؛ قانۇن ۋە ئۇنىڭ خاراكتېرى ؛ بىلىم ۋە ئەقىل بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ؛ ئەخلاقنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى زۆرۈرلىكى كەڭ سۆزلەنگەن .
تۆتىنچى ، دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئەخلاق - پەزىلەت ، سۈپەتلىرى ھەققىدە بىر قەدەر كەڭ توختالغان . دۆلەتتە خاننىڭ ئەخلاق - پەزىلىتى قانداق بولۇش ، ۋەزىرنىڭ پەزىلىتى قانداق بولۇشتىن تارتىپ تاكى ئوردا ئەمەلدارلىرى ، خادىملىرى ، كۈتكۈچى ، ئاشپەزلەرگىچە ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرى ، ئەخلاق ئۆلچەملىرى سۆزلەنگەن .
<< قۇتادغۇ بىلىك >>نىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي نۇقتىئىنەزەرلىرى مۇنداق بىر قانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :
بىرىنچى ، ئەلنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش .
يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئىدارە قىلىشتا قانۇن بولۇشنى ، يەنى دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى ناھايىتى يۈكسەك ئورۇنغا قويىدۇ :
جاھان بەگلىرىدىن كىم ئالىم ئىكەن ،
ئۇلار ياخشى قانۇن تۈزەپ ، ئۆرلىگەن . ( 252 - بېيىت )
ئەل ئىچرە كىم ئالسا بىر ئۈستۈن ئورۇن ،
تۈزىسۇن ئەل ئۈچۈن بىر ياخشى قانۇن . ( 545 - بېيت )
يامان تۈزمە قانۇننى ، بەك ياخشى تۈز ،
كۈنۈڭ ياخشى بولغاي ھەم بەختىڭمۇ ئۇز . ( 1456 - بېيت )
كىم ئۇ ياخشى قانۇننى بەرپا قىلار ،
ئۇنىڭ شۆھرىتى تا ئەبەتكە ياشار . ( 1461 - بېيت )
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەلنى ئادىل قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى تەۋسىيە قىلىشى ئەينى زاماندا خانلىق تۈزۈمدە يۈكسەك غەيرەت - جاسارەت ، پەم - پاراسەت ئىگىسىنىڭ قىلالايدىغان ئىشى ، ئەلۋەتتە .
مۇئەللىپ خانغا << ياخشى قانۇن >> تۈزۈشنى تەۋسىيە قىلغىنىدا نېمىلەرنى نەزەردە تۇتقان ؟ ئادالەت سىمۋولى بولغان كۈنتۇغدىنىڭ ئادالەت سۈپىتىنىڭ قانداقلىقى توغرىسىدا ئايتولدىغا ئېيتقان سۆزلىرى شەكلىدە مۇنۇلار بايان قىلىنىدۇ :
قىلۇرمەن ئادالەت بىلەن ھەل ئىشىن ،
ئايرىماسمەن بەگ ۋە قۇل دەپ ھېچ كىشىن . ( 809 - بېيت )
كېرەك ئوغلۇم ئولسۇن ، يېقىن تۇغقىنىم ،
يولۇچى ، ئۆتكۈنچى ، بىرەر قونىقىم . ( 817 - بېيت )
ماڭا تەڭ ئىككىسى قانۇن ئالدىدا ،
بۆلەكچە بولماسمەن ھۆكۈم ۋاقتىدا . ( 818 - بېيت )
مۇئەللىپ بۇ يەردە دۆلەتتە قانۇن بولۇش ، قانۇن بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ، قانۇن بولغاندىمۇ توغرا ، ئادىل بولۇش ، قانۇن ھەممە ئۈچۈن بىردەك بولۇش ئىدىيىلىرىنى خان ئاغزىدىن ئېيتىشىش شەكلى بىلەن ئىپادىلىگەن .
خاننىڭ ھەر بىر سۆزى << قانۇن >> ھېسابلىنىدىغان ئاشۇ مۇستەبىتلىك ئىجتىمائىي تۈزۈمدە دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى ، ئادىل قانۇن يۈرگۈزۈشنى خان ياكى ۋەزىر ئاغزىدىن بېرىشكىلا بولاتتىكى ، باشقا شەخسنىڭ تىلىدىن بېرىش ئەلۋەتتە چوڭ جىنايەت ھېسابلىناتتى . مۇئەللىپنىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ، ئادىل قانۇن يۈرگۈزۈشنى مۇراجىئەت قىلىشى خەلق ئۈستىدىكى تۈرلۈك زۇلۇمنى ، ئېغىر ئازاب - ئوقۇبەتنى مەلۇم مەنىدە ، مەلۇم دائىرىدە پەسەيتىش ، يۇمشىتىش ، چەكلەش ئارقىلىق مەۋجۇت ئىجتىمائىي تۈزۈمنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ، مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلغان دېيىش _ ئەسەرنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ .
ئىككىنچى ، دۆلەت ھاكىمىيىتىدە قوراللىق قوشۇننىڭ ئورنى ۋە زۆرۈرلىكى ، ئەھمىيىتى ، قوشۇن قوماندانىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ئەسەردە خېلى تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ :
قىلىچ بىرلە بەگلەر ئۇزاتۇر قولىن ،
قىلىچسىز غاپىل بەگ تۇتالماس ئېلىن . ( 2139 - بېيت )
قىلىچ بىرلە پالتا _ بۇ ئەل ساقچىسى ،
قىلىچ بىرلە ئالار ئەل خەلق باشچىسى . ( 2140 - بېيت )
نېمە دەيدۇ ئاڭلا جاھان تۇتقۇچى ،
قىلىچ ، پالتا بىرلە ياۋنى ئۇتقۇچى : ( 2141 - بېيت )
قىلىچلە پالتىنى ساقچى قىل ، ئەي ئەر ،
قىلىچ ساقچى بولسا ، بەگلەر تىچ ئۆتەر . ( 2143 - بېيت )
كېرەك بەگكە جەزمەن قوشۇن باشچىسى ،
ئېچىشقا ياراشماس ياۋنىڭ ئۇيقۇسى . ( 2270 - بېيت )
بۇ ئىشقا جەسۇر ، بەك قاتتىق ئەر كېرەك ،
بېشىدىن ئىش ئۆتكەن ئەر يۈرەك كېرەك . ( 2271 - بېيت )
ناھايەت چىڭ ئىشتۇر قوشۇن باشلىماق ،
تۈزەپ لەشكىرىن ، ياۋنى قىرىپ تاشلىماق . ( 2272 - بېيت )
ئەقىللىق كېرەك ھەم يۈرەكلىك كېرەك ،
جەسۇرلۇق كېرەك ، كەڭ كۆڭۈللۈك كېرەك . ( 2282 - بېيت )
قوماندان ئۆزىنى تۇتاركەن يوغان ،
يېگەي دۈشمەنىدىن تاياق بىگۇمان . ( 2296 - بېيت )
يۈسۈپ خاس ھاجىپ قوراللىق كۈچنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىدىكى تۈۋرۈكلۈك ئورنىنى ، دۆلەت بولۇش ئۈچۈن قوراللىق قوشۇن بولماي مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ناھايىتى روشەن كۆرسەتكەن . ئۇ قوراللىق قوشۇن دۆلەتنى تاشقى تاجاۋۇزدىن ساقلايدۇ ، ئىچكى قارشىلىقنى تىنجىتىدۇ ، دۆلەتتە تىنچ - ئامانلىق ، مۇقىملىق بولغاندىلا ، دۆلەتنى ساقلاپ قالغىلى ، ئۇنى باي قىلغىلى بولىدۇ ، دەپ ھېسابلىغان .
ئۈچىنچى ، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئىلىم بىلەن ئىدارە قىلىش .
دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئىلىم بىلەن ، ئەقىل بىلەن ئىدارە قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە ئەھمىيىتىگە ئەسەردە ناھايىتى كەڭ سەھىپە ئاجرىتىلغان . ئاپتور مەيلى قانۇن ، مەيلى ھەربىي قوشۇن ، مەيلى خان ، ۋەزىر ۋە ئوردا خادىملىرىنىڭ سۈپەتلىرى ئۈستىدە توختالسۇن ، قىسقىسى ، ئەسەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك ئىلىمنىڭ ، ئەقىل - پاراسەتنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا زۆرۈر شەرت ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن . مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ، بۇ مەسىلىنى ئەسەرنىڭ يادروسى ، مۇئەللىپنىڭ ئەسەرنى يېزىشتا ئۆز ئالدىغا قويغان ۋە يەتمەكچى بولغان تۈپ مەقسىتى دېيىشكە بولىدۇ .
يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇنداق دەيدۇ :
جاھان تۇتقىلى ئەر ئۇقۇشلۇق كېرەك ،
كېرەك يۇرت سوراشقا ئەقىل ۋە يۈرەك . ( 217 - بېيت )
ئەقىل بىرلە ئېسىل ئاتىلۇر كىشى ،
بىلىم بىرلە بەگلەر قىلۇر ئەل ئىشى . ( 303 - بېيت )
بىلىمسىزگە كەلسە دۆلەت بىلەن قۇت ،
پۈتۈن خەلق بۇزۇلۇر ، بولۇر ئەلگە جۇت . ( 1780 - بېيت )
كىشى تۈن كەبى بىر قاراڭغۇ ئۆيدۇر ،
ئەقىل بىر چىراغدەك ئۇنى يورۇتۇر . ( 1840 - بېيت )
ئەقىل بىر چىراغدۇر ، كۆزى يوققا كۆز ،
ئۆلۈك تەنگە جان ئول ، گاچا تىلغا سۆز . ( 1861 - بېيت )
داۋاسى بۇ دەردنىڭ ئەقىل ۋە بىلىم ،
داۋالا ئەقىللە ، خۇلقى مۇلايىم .
مۇستەبىت خانلىق تۈزۈمدە دۆلەت ھاكىمىيىتىنى خان ئۆزىنىڭ ھاكىم مۇتلەقلىقىگە ، زوراۋانلىقىغا تايىنىپ ئىدارە قىلىدۇ . دەل مۇشۇنداق بولغىنى ئۈچۈن ، ئاپتور ئەسەرنىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك ئىلىم ، ئەقىل - پاراسەتنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئىدارە قىلىشتىكى زۆرۈرلۈكىنى قايتا - قايتا تەكىتلەپ ، ھېچبولمىغاندا ، خاننىڭ زوراۋانلىق تەرەپلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە پەسەيتىشكە ھەرىكەت قىلىدۇ ، ئەڭ مۇھىمى ، ئادالەتپەرۋەرلىكنىڭ ئىلىم ئۈستىگە قۇرۇلىدىغانلىقىنى نامايان قىلىدۇ . ئوتتۇرا ئەسىر فېئوداللىق تۈزۈمى شارائىتىدا ئىلىمنى ئادالەت بىلەن بىر قاتاردا قويۇش ، ھەتتا ئىلىمنى ئادالەتنىڭ تايانچىسى دەپ مەدھىيىلەشنىڭ ئۆزى ئۆز دەۋر چەكلىمىسىنى بۆسۈپ ئۆتكەن مۆجىزە ، دېيىشكە بولىدۇ .
تۆتىنچى ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئىلىم بىلەن قوراللىق كۈچنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش .
مۇئەللىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا قوراللىق قوشۇننىڭ ۋە ئىلىم ، ئەقىل - پاراسەتنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىللە بۇ ئىككىسىنى بىر - بىرسىگە ماسلاشتۇرۇش لازىملىقىنى ، ئۇنىڭدىن بىرى كەم بولسا دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئىدارە قىلىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ :
ئېلىپ قولغا قىلىچ ، بىرى ئەل تۈزەر ،
قەلەم بىرلە بىرسى ، ھەق يول كۆرسىتەر . ( 268 - بېيت )
بولۇر تېز قىلىچ بىرلە يۇرت ئالغىلى ،
قەلەمسىز مۇمكىن ئولماس ئەل تۇتقىلى . ( 2426 - بېيت )
جاھان تۈۋرۈكىدۇر مۇشۇ ئىككىسى ،
كى مەيلى ئۆتمۈشتە ، مەيلى كەلگۈسى . ( 2716 - بېيت )
بۇ ئىككىسى ئەلنىڭ تەرتىپىن تۈزەر ،
بىرىكسە بۇ ئىككى ئۇنى كىم ئۈزەر ؟ ( 2419 - بېيت )
مۇئەللىپنىڭ دۆلەت قارىشى ئىچىدە ئىلىم بىلەن قوراللىق قوشۇننى ، قەلەم بىلەن ئەلەمنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش ئىنتايىن دانا پىكىر ھېسابلىنىدۇ .
بەشىنچى ، ئەدەب - ئەخلاق ، ياخشى پەزىلەت ۋە خىسلەتنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئىدارە قىلىشتىكى رولى .
مۇئەللىپ پادىشاھدىن تارتىپ ئوردا خادىملىرىغىچە ھەممىسىنىڭ ئەدەب - ئەخلاقلىق ، ياخشى پەزىلەتلىك ، ئېسىل خىسلەتلىك بولۇشىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئاساسىي شەرتلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىر قەدەر كەڭ بايان قىلىدۇ :
ھۆكۈمدارغا خىسلەت كېرەك مىڭ تۈمەن ،
ئۇنۇڭلە تۇتسا ئەل ، يوقالۇر تۇمان . ( 285 - بېيت )
تېشىدەك ئىچىمۇ ، ئىچىدەك تېشى ،
بۇ ياڭلىغ بولۇر چىن ۋە توغرا كىشى . ( 863 - بېيت )
ئۆزى ياخشى بولسا بۇ بەگلەر ئەگەر ،
بېيىپ ھەممە خەلقى ، جاھان تۈزۈلەر . ( 895 - بېيت )
ئېلىگ سەن بۈگۈن خەلقنىڭ باشچىسى ،
بول ئويغاق ، ئەقىللىق ، خەلق ساقچىسى . ( 1436 - بېيت )
گۈزەل بولمىسا بەگدە خۇي ، سۆز ۋە تىل ،
ئۇ ئەلدە تۇرالماي قاچار بەخت ، بىل . ( 2012 - بېيت )
ياماندىن ياماندۇر ئەي ساھىپقىران ،
ئەگەر ئاتىنىپ قالسا يالغانچى خان . ( 2037 - بېيت )
يۈسۈپ خاس ھاجىپ : مۇئامىلىدە سىلىق بولۇش ، سەۋرچان ۋە كەمتەر بولۇش ؛ خۇلقى - مىجەزى خۇشخۇي بولۇش ؛ دىلى بىلەن تىلى بىردەك بولۇش ، ئىچى بىلەن تېشى بىر خىل بولۇش ؛ تۈز كۆڭۈل ، ئىچ قارنى كەڭ بولۇش ، ئىنسانپەرۋەر بولۇش ، خەلقپەرۋەر بولۇش ؛ ئادىل ئىش قىلىش ، ئەدەب - يوسۇنلۇق ، قائىدە - قانۇنلۇق بولۇش ؛ باتۇر ، جەسۇر بولۇش ، يالغانچى بولماسلىق ؛ ئاچكۆز ، تاماخور بولماسلىق ، تەنتەكلىك قىلماسلىق ؛ خەلققە زۇلۇم سالماسلىق ، ئوغرىلىق ، خىيانەتچىلىك قىلماسلىق ، ھاراقكەش ، زىناخور بولماسلىق ، خۇشامەت قىلماسلىق ، پىتنە - پاساتتىن يىراق بولۇش ، يوغانچى - تەكەببۇر بولماسلىق . . .نى ياخشى ئەخلاقىي - پەزىلەت دەپ كۆرسىتىدۇ .
چۈنكى ، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىدا ، خەلقنىڭ دۆلەتنى سۆيۈشى ، خەلق قەلبىنىڭ دۆلەتكە تەلپۈنۈشى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە . خەلقنىڭ دۆلەتنى سۆيۈشى دۆلەت ئەربابلىرى ۋە خادىملىرىنىڭ ئەخلاق ، پەزىلەت سۈپەتلىرىگە باغلىق . ھەر قانچە قۇدرەتلىك ۋە مۇستەھكەم مەملىكەتمۇ خان ، ۋەزىرلىرىنىڭ ، دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىن بۇزۇلۇشى ، چىرىكلىشىپ - چۈشكۈنلىشىشى تۈپەيلىدىن ، ئىچىدىن يىمىرىلىپ ۋەيران بولغان . بۇ ھەقىقەتنى ئالىم ئۆز زامانىسىدا ئۆتكۈرلۈك بىلەن كۆزەتكەن ۋە بۇنىڭدىن توغرا يەكۈن چىقارغان .
مۇئەللىپنىڭ خانغا ئادالەتنى ، ۋەزىرگە بەخت - سائادەت يارىتىشنى ، دۆلەت ئەربابلىرىغا بىلىم ۋە ئەقىل - پاراسەت بىلەن ئەلنى ئىدارە قىلىشنى دارىتما قىلىشى ، دۆلەت خادىملىرىغا خەلقپەرۋەرلىكنى ئاساس قىلغان ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى مۇراجىئەت قىلىشى _ ئۆز زامانىسى ئۈچۈن ناھايىتى زور يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە ئىلغار پىكىر ئېقىمىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ . ئۇ ، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشنى ، زۇلۇمنى يوقىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان . بۇ نۇقتىئىنەزەر ئۆز دەۋرىدە مەھكۇم ئورۇندا تۇرۇۋاتقان كەڭ ئاۋام خەلقنىڭ مەۋجۇت ئىجتىمائىي تۈزۈمگە نىسبەتەن ۋۇجۇدىدا قايناپ تۇرغان قارشىلىقنىڭ ئىنكاسى ؛ مەزلۇم خەلقنىڭ ئاھۇ نالىسى ، ئازاب - ئوقۇبەتلىك ھاياتىنىڭ مۇئەللىپ تەپەككۇرىدىكى ئىنكاسى . بۇ پىكىرلەر ئۆز زامانىسى ئۈچۈن بىباھا قىممەتلىك پىكىرلەر ھېسابلىنىدۇ . شۇنداقلا ، ئوتتۇرا ئەسىر فېئوداللىق تۈزۈمدىكى ئىلغار پىكىر ئېقىملىرى تارىخىنى چۈشىنىشتە بىزنى قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ .
ئەپسۇسكى ، دەۋر چەكلىمىسى مۇئەللىپ پىكىرلىرىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىغا يول قويمايتتى ، ئەينى زاماندىكى فېئوداللىق دۆلەتتە مۇئەللىپ تەشەببۇس قىلغان ، ئارزۇ قىلغان مەنزىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى .
دېمەك ، مۇئەللىپ ئۆز تەشەببۇسلىرىنى خان ئارقىلىق ، خانلىق تۈزۈم ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان . ئەسەرنىڭ باش تەرىپىدە ئۆز زامانىسى ئۈچۈن ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان يوسۇن بويىچە خۇدا ، پەيغەمبەر ، چاھاريارلار قاتارىدا خانغىمۇ مەدھىيە ئوقۇلىدۇ . لېكىن ، بۇنىڭ بىلەن مۇئەللىپنىڭ غايىۋىي دۆلەت قۇرۇش تەشەببۇسى مۈجمەللەشمەيدۇ . دەۋر چەكلىمىسى ، مۇئەللىپتىكى قۇتۇلغۇسىز ئاجىزلىقلار ئەسەرنىڭ قىممىتىنى ھەرگىز ياپالمايدۇ . بۇ ئەسەر ئۆزىنىڭ ئىلمىي قىممىتى بىلەن جاھان ئەقىل بۇلىقىغا قوشۇلغان بىر تامچە ھېسابلىنىدۇ .


مەنبە: تارىخىي مىراس _ < قۇتادغۇ بىلىك > ھەققىدە بايان  

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
دۇنيانىڭ سىرىنى ئېچىش ئۇچۇن ماتېماتىكا ۋە تەبىئى پەن ئۆگىنەيلى
بلوگىمغا مەرھەممەت قىلىڭ:http://matimatik.blogbus.com
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-21 01:30 |
شەبنەم تور رادىئوسى
rahbar
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 60158
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 520
شۆھرەت: 521 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 5184 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 962(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

 

ياخشى ئەلگە ياخشى رەھبەرباشتۇر!

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
ئىمان-ئىنساۋىمىز،ۋىجدان-غورورىمىز بىلەن ياشايلى!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-21 11:06 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » قۇتادغۇبىلىك
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-22 10:15, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ