ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 640 - كۆرۈرمىنى
تىلسىمات
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 72812
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 275
شۆھرەت: 275 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2750 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 43(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-22

 ھونلار، ئۇيغۇرلار ۋە ياپونلار

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما Juda تەرپىدىن تاقالدى(2009-03-21)
                         ھونلار، ئۇيغۇرلار ۋە ياپونلار

                          
                           (ھاجى قۇتلۇق قادىرى)

ھونلار مىلادىدىن 1500 يىل بۇرۇنقى چاغلاردىن مىلادىنىڭ 5- ئەسىرلىرىگىچە (ئىككى مىڭ يىل) بولغان ناھايىتى ئۇزاق بىر تارىخى مەزگىلدە ئاسىيا ۋە ياۋروپا تارىخىنىڭ سەھنىسىدە ئىنسانىيەت ئەۋلادىنىڭ يادىدىن مەڭگۈ چىقمايدىغان چوڭقۇر تەسىرلىك مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتكەن. مىلادىدىن ئۈچ ئەسىر بۇرۇنقى چاغدىن باشلاپ تارىختا 500 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ئۇلۇغ ھون ئىمپېرىيىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 207- يىلدىن مىلادىنىڭ 216- يىلىغىچە)، 170 يىل ھۆكۈم سۈرگەن غەربىي ھون ئىمپېرىيىسى (مىلادىدىن 46- 216- يىللار)، 95 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ياۋروپا ھون ئىمپېرىيىسى (375-469) قاتارلىق ئۇلۇغ ئۈچ ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ، ئاسىيا ۋە ياۋروپا تارىخىدا ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتتىن ئاجايىپ خاتىرىلەر قالدۇرغان.
تۈركىي خەلقلەر ئەجدادلىرىنىڭ بىرى بولغان ھونلار ئەڭ قەدىمكى چاغدىن باشلاپ ئورخۇن دەرياسى بويلىرىدا، چوغاي تاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدا، ئالتاي، تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدا ياشىغان. ھازىرقى زامان تىلشۇناسلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە «ھون» سۆزى «كۈن» سۆزىدىن چىققانلىقى مەلۇم.
قەدىمكى چاغلاردا ھونلارمۇ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ئوخشاشلا قامان (شامان) دىنىغا ئىتىقات قىلغان. ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك قامان دىنى كۆپ خۇدالىق دىنلارنىڭ بىرى بولۇپ ، قامان دىنى بويىچە «كۈن» تەڭرىگە ئىتىقات قىلىش مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. شۇڭا قەدىمكى چاغلاردا ھونلار ئۆزلىرىنى «كۈنلەر» دەپ ئاتاشقان ئىكەن. «كۈن» سۆزى كېيىنكى كۈنلەرگە كېلىپ «ھون» سۆزىگە ئايلىنىپ كەتكەن.
تۈركىيىلىك پروفېسسور ئا. زەكى ۋەلىد توغانمۇ «ھون» ئاتالغۇسىنى «كۈن» دەپ يازىدۇ. يەنە باشقا تارىخىي مەنبەلەردىمۇ «ھون» سۆزىنىڭ ئورخۇن دەرياسىنىڭ نامىدىن كېلىپ چىققانلىقى ئېيتىلىدۇ. قەدىمكى چاغدا ئورخۇن دەرياسىنىڭ بويىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىز ئۆزىنى شۇ دەريانىڭ نامى بىلەن ئاتاپ، «ھون» سۆزىگە ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىكەن.
مىلادى 5- ئەسىرنىڭ بېشىدا (420- يىلى) ئارال كۆلىنىڭ شەرقىي شىمالى تەرىپىدىن كەلگەن ئاق ھونلار باكتېرىيىنى ئىشغال قىلىپ، ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالى قىسمىغا بېسىپ كىرىپ، كۇشانلارنىڭ كۈچلىرىنى يوقاتقان. ئاق ھونلار ئۇلۇغ ياۋچىلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ ، ئۇلارنىڭ چىرايى ئاق سۈزۈك بولغانلىقى ئۈچۈن روما تارىخچىسى فروكوفىيس ئۇلارنى «ئاق ھونلار» دەپ يازغان.
5- ئەسىردە ياشىغان ئەرمەن تارىخچىلىرى كۇشانلار بىلەن ئىفتالىتلارنى (ئاق ھونلار) بىر بىرىدىن پەرق قىلمايدۇ دېگەن . چۈنكى، كۇشانلار بىلەن ئىفتالىتلار (ئاق ھونلار) ئۇلۇغ ياۋچىلاردىن ئىدى. بۇنى «تاڭ سۇلالىسى يىلنامىسى . ئىفتالىتلار ھەققىدە قىسسە» دىكى مەلۇماتمۇ ئىسپاتلايدۇ. يىلنامىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئىفتالىتلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇلۇغ ياۋچىلاردىن كېلىپ چىققان». تارىختا تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرى بولغان ئۇلۇغ ياۋچىلار ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇلار تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، جەڭگىۋارلىقى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى تۇخارىستان، كۇشان ئىمپېرىيىسى، ئاق ھونلار (ئىفتالىتلار) ئىمپېرىيىسى قاتارلىق قۇدرەتلىق دۆلەتلەرنى قۇرغانلىقى، يۈكسەك، باي مەدەنىيەت ياراتقانلىقى بىلەنمۇ مەشھۇر.
تۈركىي خەلقلەر قەدىمكى چاغلاردا دۈشمەننى (بۇ سۆز پارسچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن) «ياۋ» دەپ ئاتايتتى. «ياۋچى» دېگەن ئىسىم ئۇلۇغ ياۋچىلارنىڭ ئۇرۇشقاق، ئۆز قوشنىلىرى بىلەن دۈشمەنلىشىپ تۇرىدىغانلىقىغا ھەم ناھايىتى جەڭگىۋارلىقىغا قاراپ قويۇلغان ئىكەن.
ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئاخىرىغا «ئاخۇن» قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلۇشى تاسادىپىي ھادىسە بولماستىن بەلكى «ئاق ھون» سۆزىنىڭ «ئاخۇن» سۆزىگە ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ . چۈنكى ئۇيغۇرلار ئاق ھونلارنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۇنتۇلماس بۈيۈك نەسەبىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇپ ئىشلىتىشنى لايىق كۆرگەن. مەسىلەن: مەمەت ئاخۇن، ساۋۇت ئاخۇن دەپ قوللانغان. ئەسلى بۇ ئىسىملار مەمەت ئاق ھون، ساۋۇت ئاق ھون بولۇپ «ئاق ھون» سۆزى «ئاخۇن» غا ئۆزگىرىپ كەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىندىشى بولغان ئۆزبىك خەلقلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى«ئاخۇنجان ئاكا» دەپ ئاتىشىمۇ ئەسلى «ئاق ھون جان ئاكا» سۆزىنىڭ ئۆزگىرىپ ئېيتىلىشىدۇر.
ئەمدى بىز ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا قوللىنىۋاتقان «ياپون» سۆزى ئەسلى «ياۋا ھون» سۆزىنىڭ ئۆزگىرىشى بۇلىشى مۇمكىن دەپ قاراشقا بولىدۇ . چۈنكى ياپونلار ئۆز دۆلىتىنىڭ نامىنى ياپون تىلىدا (日本 NIPPON) بولۇپ ، سۆزنىڭ ئوقۇلۇشى ئادەتتە ئېغىز تىلىدا «نىپون»، ئەدەبىي يېزىقتا «نىخون» دەپ ئوقۇلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى «كۈن كۆتۈرۈلگەن جاي» دېگەنلىك بولىدۇ . بۇنىڭدىن «كۈن» دەل بىز يۇقىرىدا ئېيتقان «ھون» سۆزىنىڭ ئەسلى مەنىسى بولۇپ ، بۇ يەردىكى «ھون» ئورخۇن دەرياسى ۋادىسى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان. ياپون تىلىدىكى ئۈچ چوڭ شىۋىنىڭ بىرسى يەنى خوككايدۇ شىۋىسى ئالتاي تىلىغا مۇناسىۋەتلىك شىۋە بولۇپ ، ياپون تىلىنىڭ گرامماتىكىلىق فورمىسىدا ئۇيغۇر تىلىغا يېقىن بولغان ئوخشاشلىق بار. مەسىلەن: جۈملىدىكى ئىگە، خەۋەر، تولدۇرغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا كىلىش قۇشۇمچىلىرىدا مەلۇم ئورتاقلىق بار. ياپونلارمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلىدۇ. خوككايدۇ ئارىلىدا ياشاۋاتقان ياپونىيىنىڭ ئەڭ قەدىمكى مىللىتى شۇنداقلا ياپون مىللىتىنىڭ يىلتىزى بولغان ئەينۇ (Ainu ) لار بولۇپ ، ئۇلار شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى ھازىرقى ئېلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلارنى موڭغۇلىيە دالاسىدىن كەلگەن دېسە، بەزىلەر ئۇلارنى ئوكياندىن كەلگەن دەيدۇ. يەنە بەزىلەر ئۇلارنى قەدىمكى ئاسىيالىقلار دەپ قارايدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ، كىيىم-كېچىكى، مۇقەددەس ئۇسۇللىرى، ئېغىز ئەدەبىياتى قاتارلىق جەھەتلەردىن تەكشۈرۈپ كۆرۈدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ موڭغۇلىيە دالاسىدىن بولسۇن ياكى ئوكيان ئادىمى بولسۇن بىردەكلا ھونلار بىلەن باغلىنىشى بارلىقىنى كۆرۈپ ئالالايمىز. چۈنكى ياپونلار تا ھازىرغىچە ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت بايرىقىغا «كۈن» نى چۈشۈرۈپ ئالغان. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئۇلار «مۇ» قۇرۇقلۇقىدىكى ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى يەنى «قۇياش ئىمپېرىيىسى» بىلەن موڭغۇلىيە دالاسىدىكى قەدىمكى ھونلارنىڭ ئەۋلادى دەپ ھۆكۈم قىلساق خاتا بولماس. چۈنكى قۇياشقا ئىتىقات قىلىدىغان «مۇ» قۇرۇقلۇقىدىكى قۇياش ئىمپېرىيىسى ۋولقان پارتلاش ۋە يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن ھالاكەتكە ئۇچرىغاندا 64 مىليون ئاھالە قۇربان بولغان ئىدى. ھايات قالغان ئاھالىلەر ئۆزلىرىگە نىجاتلىق ئىزلەپ، ئەتراپتىكى باشقا ئاراللارغا ماكانلىشىشقا مەجبۇر بولغان.
ھازىرقى زامان تەبىئىي پەن ئالىملىرىنىڭ قىياسىچە تىنچ ئوكياندىكى بۇ يوقالغان قۇرۇقلۇق 2050- يىلى يەنە قايتىدىن بارلىققا كېلىش مۇمكىن دەپ قىياس قىلماقتا. يەنە بۇ يەردە شۇنى يۈرەكلىك بىلەن قەيت قىلىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنىڭ تىل تەتقىقاتىدا كىتابى دەستۇر بولغان ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ياپونىيە خەرىتىسىنىڭ سېزىلىشى ۋە يەر شارى مىقياسىدا تۇنجى قېتىم خەرىتىگە چۈشۈرۈلۈپ «جابىرقا» دەپ ئىسىم قويۇلىشىمۇ مېنىڭچە تاسادىپىيلىق بولمىسا كېرەك دەپ قارايمەن.
ياپونلار خېلى ئۇزۇن يىللاردىن بىرى يىپەك يولى تەتقىقاتىدا ئەتراپلىق ئىزدىنىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ياپونىيە كىيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى، توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئۇنۋېرستىتلاردا، شۇنداقلا ياپونىيەدە كەڭ-كۆلەمدە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغىلىپ ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر تارىخىغا بولغان بۇنداق قىزغىنلىقلار مېنىڭچە ئاساسسىز بولمىسا كېرەك دەپ ئويلايمەن.
قان تىپى جەھەتتىنمۇ تەتقىق قىلغاندا ئارىيانلار شۇنداقلا نېمىسلار، ياپونلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ A قان تىپىغا كىرىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. ھازىرقى زامان ئارىيان شۇناس ئالىملار ئارىيانلارنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىپ، ئورتاق بولغان مۇنداق بىر پىكىرگە كەلدى. يەنى «ئارىيانلار ھونلار بىلەن بىردۇر، تۈركلەر ھونلارنىڭ قېرىندىشىدۇر» دېگەن يەكۈننى فورمۇلالاشتۇرۇپ مۇنداق تەڭلىمە چىقاردى:
ئارىيان = ھون = تۈرك = ئۇيغۇر =
ئەمدى مەن ئۈزۈمنىڭ يۇقىرىدىكى بىر قاتار ئىسپاتلارغا ئاساسەن بۇ تەڭلىمىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بوش قالغان ئورۇنغا ياپونلارنى قۇيۇپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم. يەنى:
ئارىيان = ھون = تۈرك = ئۇيغۇر = ياپون =
ئەگەر پۇرسەت بولسا بۇ تەتقىقاتنى يەنىمۇ داۋاملاشتۇرۇپ، يۇقىرىقى تەڭلىمىنىڭ بوش ئورنىنى تولدۇرۇشقا تىرىشىمەن.



مەنبە:«بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا» ناملىق كىتابتىن ئىلىندى.
[ بۇ يازما تىلسىمات تەرپىدىن2009-03-21 02:38دە قايتا ]

تېما تەستىقلىغۇچى : matimatika
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-20, 17:35

 

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
جەننەت ئانىنىڭ ئايىقى ئاستىدا...
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-21 00:31 |
شەبنەم تور رادىئوسى
taj
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 67316
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 48
شۆھرەت: 48 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 480 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 220(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

 

پۈتۈنلەي بىر-بىرسىگە مۇناسىۋەتسىز ئۈچ ئۇقۇم.....
مەجبۇرى باغلاشنىڭ ھاجىتى يوق........چۈنكى بىز ئەمدى «ھون» ئەمەس...
ھون بولۇشقا باتۇرلۇق كېرەك..........

ئۆزىمىزنى باشقىلارغا مەجبۇرى تەڭ قىلىشنىڭ قىلچە زۆرۈرىيىتى يوق....
گەپنىڭ قىسقىسى بىز ئۇلار ئەمەس،ئۇلارمۇ بىز ئەمەس..

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
مەن تەپەككۇر قىلمايدىغان مۇتەپپەككۇر
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-21 02:42 |
شەبنەم تور رادىئوسى
orun
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 59189
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 104
شۆھرەت: 105 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1040 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 241(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

 

تېمىڭىز غا رەخمەت  مۇمكىن بولسا مانا مۇشۇندا ياخشى تېمىلارنى يوللاپ تۇرۇڭ.

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
ئۈزۈڭنى خارقىلغۇچە  كۈچۈڭنى خارقىل
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-21 02:55 |
تىلسىمات
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 72812
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 275
شۆھرەت: 275 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2750 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 43(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-22

 

Quote:
بۇ مەزمون1قەۋەتتىكىtajنىڭ2009-03-21 02:42 دە يوللىغان يازمىسى   :
پۈتۈنلەي بىر-بىرسىگە مۇناسىۋەتسىز ئۈچ ئۇقۇم.....
مەجبۇرى باغلاشنىڭ ھاجىتى يوق........چۈنكى بىز ئەمدى «ھون» ئەمەس...
ھون بولۇشقا باتۇرلۇق كېرەك..........

ئۆزىمىزنى باشقىلارغا مەجبۇرى تەڭ قىلىشنىڭ قىلچە زۆرۈرىيىتى يوق....
.......


ئەمسە سىز ئۆز تارىخىڭىزنى ئۇنتۇپ غەپلەت ئۇيقۇسىدا يىتىۋىرىڭ!بۇ يەردە ھىچكىم ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ھون بولىۋالىمەن دىمىدى بەلكى ئۆز تارىخى ھەققىدە گەپ قىلۋاتىدۇ!


بىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلىرىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىنىڭ ئىنتايىن گۈزەل بولدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ،شۇنداقلا تىرىشۋاتىدۇ!پەقەت ئاز ساندىكى چۈشكۈنلەشكەن كىشىلەرنى ھىساپقا ئالمىغاندا!

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
جەننەت ئانىنىڭ ئايىقى ئاستىدا...
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-21 03:40 |
bilkizpak
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 37932
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 373
شۆھرەت: 376 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3750 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 53 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 856(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-22

 

tajئۆزىمىزنى باشقىلارغا مەجبۇرى تەڭ قىلىشنىڭ قىلچە زۆرۈرىيىتى يوق....
گەپنىڭ قىسقىسى بىز ئۇلار ئەمەس،ئۇلارمۇ بىز ئەمەس..
توغرا، بۇ دىگىڭىزمۇ ئورۇنلۇق ،بىزدە ھونلاردىكى جاسارەت قالمىدى .

لېكىن قېنىمىزدىكى قانداشلىق بۇ مەڭگۇ يوقىمايدۇ .ھون سوزى غۇن سوزىنىڭ ئاھاڭدارلىق ئاتىلىشى غۇن سوزى يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن غۇرغا ئۆزگەرگەن  مەسىلەن؛ بۇ سوزلەرگە قاراپ باقايلى ؛،ئۆغۇز (يەنى ئۇيغۇر قەلىبىسى بەزى تارىخي كىتاپلاردا تاتارلاريەنە بەشقا قازاقىستان ئوزبىكىستاندى بەزى مىللەرلەر توققۇز ئوغۇر ياكى توققۇز ئۇيغۇر تارمىغا كىرىدۇ قەيت قىلىنغان ،بۇنىڭدىن چۇشۇنىش تەس ئەمەس ئۇيغۇر ۋە ئۇغۇر ،ئۇغۇز قان قېرىنداش ئىككى قەبىلە ياكى بىر قەبىلىنىڭ دەۋر شارايىتقا ئاساسەن ئىككى خىل ئاتىلىشى  ھون ،ئۇيغۇر.موڭغۇل ،قىرغىز ،ئوخشاشلىق بارمۇ قانداق؟ بەزى تەتقىقاتچىلار  تەرىپىدىن يۈگۇ مىلىتىنىڭ (سېرىق ئۇيغۇر بۇلار خۇاڭىې ئەتراپىدا ياشىغانلىغى ئۈچۇن سېرىق ئۇيغۇرلار دەپ ئاتالغان بۇلاردا  قادىمقى ئۇيغۇر تىلى بىرقەدەر  ئەينەن ساقلانغان، ئۇلار تىلىرىدا ھازىرقى  ۋېنگىريە ''ھون ئىمپىريە دۆلىتى ''بۇلارنىڭ تىلىرى  ناخشا ئاھاڭدارلىغىنىدا ئوخشاشلىق بارلىغىنى بايقىغان.بۇنىڭدىن ھون =ئۇرخۇن=ئۇيغۇر =ئوغۇر== =ئوغۇز =موڭغۇل=قىزغىز  بۇلار ھون قەبىلىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىگىنى بىلمەك تەس ئەمەس.يەنى ياۋرۇپادا بۇنداق بىر تىل سېستڭمىسى بۇ فىن -ئۇيگۇر تىل سېستىمىسى بۇ تىل سېستڭمىسىغا تەۋەنۇرغۇن مىللەرلەر.بۇنىڭدىن شۇنى بىلەلەيمىزكى قان  قېرىنداشلىرىمىز   دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ ماكانلىشىپ ھازىرغا كەلگەن.


./search.php?authorid-37932.html
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-21 04:11 |
دانكو
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 79652
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 50 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 11(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

 

بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا!!!!!!!!!!!   بۇ ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان كىتاپ. لىكىن بۇ كىتابنى ھازىر تاپماق قىيىن.

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-21 08:09 |
sarkarda-1
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 41843
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 117
شۆھرەت: 118 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1170 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 258(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

 

ئەسلىنى  بېلمىگەن ئادەم  نەسلىنى  بېلمەيدۇ !
بەزى ماتېرىياللاردا مۇڭغۇللارمۇ  ھونلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى دەيدىغان قاراشلار ھەم  تارىخىي پاكىتلارمۇ بار ئىكەن . بۇ  توغرۇلۇق  تېخىمۇ چوڭقۇرراق بېلىدىغالىرىڭلار  بولسا  ،چۈشەندۈرۈش  بەرگەن  بولساڭلار!!!

چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-21 08:49 |
rominiye
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 72482
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 32
شۆھرەت: 32 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 16480 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 88(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

 

كونا تېما     

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-21 09:56 |
Muntasir
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 39707
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 55
شۆھرەت: 56 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 550 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

 

بۇ تىما مەڭگۇ كونىرىمايدۇ.   ئەگەر تاپالىساڭلار تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىنىڭ <ئۇيغۇرلار>دىگەن كىتابىنى تەۋسىيە قىلاي.ھەقىقى تارىخ يىزىلغان.ھازىر باشقىلار تەرىپىدىن تۇزىلىۋاتقان تارىخ كىتاپلىرىدا تارىخ تۇپتىن بۇرمىلانغان.
شۇنداق بوپ بىزنىڭ يىرىمىز ئاپىرىدە بولماي تۇرۇپلا خەقنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بوپ قالدى دىسە.

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-21 10:26 |
diki-dikkang
يازما يوللاش ئۇستىسى ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 6596
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1545
شۆھرەت: 1684 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 15297 سوم
تۆھپە: 167 نۇمۇر
ياخشى باھا: 97 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 349(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

 

ئىسپاتسىز قۇرۇق خىيالدىن باشقا نەرسە ئەمەس .

چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-21 10:35 |
sarkarda-1
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 41843
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 117
شۆھرەت: 118 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1170 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 258(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

 

بۇ كىتاب (تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىنىڭ <ئۇيغۇرلار>دىگەن كىتابى )مۇ ئانچە ياخشى يېزىلمىغان ، بۇ كىتابنىڭ كۆپ قىسمى خەنزۇلارنىڭ «تارىخنامە»،«خەننامە»سىدىكى  مەزمۇنلارغا ئاساسەن يېزىلغان.ئەگەر  تاپالىساڭلار  «ھونلارنڭ  ئۇمۇمىي تارىخى»   دېگەن قىزغۇچسېرىق تاشلىق  كىتابنى(كەچۈرۈڭلار !ئاپتۇرىنى ئېسىمگە ئالالمىدىم )  كۆرۈڭلار، بۇ  كىتاب رەسمىي  يېزىلغان كىتاب ،ئەپسۇس بۇ كىتاب  چەكلىنىپ كەتتى !

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-21 11:07 |
Turkbash
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 7259
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 699
شۆھرەت: 699 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 6912 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 192(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-08-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

 

بارلىق قېرىنداشلارنىڭ نەۋرۇز بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!

بىز <<ئۇيغۇر >> دېگەن نام بىلەن مەڭگۈ پەخىرلىكمىز!!!
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-21 13:24 |
UYGHURAAA
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 62532
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 994
شۆھرەت: 1524 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 9124 سوم
تۆھپە: 17 نۇمۇر
ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 464(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-22

 

  ئەسلىنى بىلىش مۇھىم پەخىر،ھازىرنى ئويلاش قىلالماس تەخىر، كەلگۈسىنى پىلانلاش مۇھىم  نىشان.     

ياخشىنى بىرى تارقاتسا،ئىغۋانى مىڭى تارقىتىدۇ
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-21 14:12 |
تىلسىمات
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 72812
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 275
شۆھرەت: 275 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2750 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 43(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-22

 

Quote:
بۇ مەزمون9قەۋەتتىكىdiki-dikkangنىڭ2009-03-21 10:35 دە يوللىغان يازمىسى   :
ئىسپاتسىز قۇرۇق خىيالدىن باشقا نەرسە ئەمەس .


دىككى دىككاڭ خېنىم!
سىز نىمىشقا داۋاملىق مەھمۇد.قەشقەرى،تۈركى تىللار دىۋانى قاتارلىق، ئومۇمەن قىلىپ ئىيتقاندا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك
بىرەر تىما بولۇپ قالىسلا كۆزىڭىزنى يۇمۇۋالدىكەنسىز!ياكى پۈتۈنلەي يالغانغا چىقىرۋىتىدىكەنسىز!مەن بەزىدە سىزنىڭ
ئۆز قېرىندىشىمىز ئىكەنلىكىڭىزدىن گۇمانلىنىپ قالىمەن!

جەننەت ئانىنىڭ ئايىقى ئاستىدا...
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-21 14:42 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » تارىخ بەتلىرى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-22 01:44, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ