ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 56 - كۆرۈرمىنى
qqopp
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 21610
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 760
شۆھرەت: 791 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 7545 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1247(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-22

 نۇرۇز تەبىئەتنىڭ ئويغۇنۇشى مۇ ؟

نۇرۇز تەبىئەتنىڭ ئويغۇنۇشى مۇ ؟
مەن يەنىلا نۇرۇزنىڭ دەۋاسىنى قىلىپ مۇنبەرگە كەلدىم .
بىزنىڭ نۇرۇزنى بىلىشىمىز تونۇشىمىز <<بايرام >> ئۇقۇمىدىنلا ئىبارەت بولۇپ قالسا بولمايدۇ ، بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك شارائىتتا .
نۇرۇز تەبىئەتنىڭ ئويغۇنىشىمۇ ؟
بىز تەبىئەتنىڭ بىر قىسمىمۇ ئەمەسمۇ ؟
خوش نىمە دىمەكچى بولغانلىقىمنى بىلىپ بولغانسىلە ، يەنىلا شۇ نۇرۇزنىڭ باھانىسىدا << ئويغان >>نىڭ داۋاسىنى قىلىپ كەلدىم . نىمىشقا نۇرۇزنى مەشىرەپ - سامالار بىلەن شىئېر - نەسىرلەربىلەنلا تەبىرىكلەپ تەبىئەت يىشىل تون كىيدى ، ھاياتلىق ئويغاندى ، زىمىسرتان كەتتى ، باھار كەلدى دەپلا مەدىھىلەپ بولدى قىلىمىز ؟
كىم بىلمەيدۇ ؟ باھار كەلسە دەرەخلەنىڭ يوپۇرماق چىقىرىپ ، قارلانىڭ ئىرىپ ، ھاۋانىڭ ئىللىيدىغانلىقىنى ، دىھقانلارنىڭ تىرىمنى باشلايدىغانلىقىنى كىم بىلمەيدۇ ؟
تەبىئەت بايرىمى ؟ نۇرۇز تەبىئەر بايرىمىمۇ ؟
بۇ گەپمۇ قاملاشقان گەپ ، ئەمما سەللىمازا گەپ ئەمەس .
تەبىئەتتە يالغۇز باھار ئۆزگۈرىشىلا بولامدۇ ؟
نۇرۇز تەبىئەتتە ئۆزگۈرۈش بولغانلىقى ئۈچۈن بولغان بايراممۇ ؟
نۇرۇز سىز بىز بىلمىگەن نۇرغۇن مەنا مەقسەتلەرگە ئىگە بايرام .
1. ۋاقىت بايرىمى .
نۇرۇز يىڭى بىر ۋاقىت ھالقىسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ، يورۇق كۈننىڭ ئۇزۇراش ، زۇلمەت كۈننىڭ قىسقىراشقا قاراپ ئاتلانغان باش پەللە سىزىقى . ۋاقىتنى ھەممىدىن چىڭ تۇتۇپ پۈرسەتنىڭ پەللىسىگە يىقىن تۇرۇشنى ئۇلۇغ بىلگەن ئەجداتلىرىمىز شۇنداق بىر خىسلەتلىك كۈننى تاللىدىكى بۇ كۈن ۋاقىتتا ئادىللىق بولىدىغان ، كىچە - كۈندۈز تەڭلىشىدىغان ئۇلۇغ بىر كۈن ، ۋاقىتنى يىڭىدىن تونۇش <<يىلنىڭ بىشى باھاردىن >> ، يىڭىدىن باشلانغان يىل ئۇقۇمىنى تۇرغۇزۇش ( يىڭى ئۇقۇمى ئاددى بولمىسا كىرەك ) بۇ بايرامنىڭ ئەڭ ئاۋالقى سىگىنال
يىڭى يىل قوڭغۇرىقى ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى .
2. جەم بولۇش بايرىمى .
ئەل جامائەت كەڭرى سورۇن قۇرۇپ يىلدا پەقەت بىرلا كىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى كۆلەمدىكى
جەم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇ . يىراق - يىقىنلاردىن ھە ركەسىپنىڭ ئۇستازلىرى بىر يەرگە يىغىلىپ ئۆزئارا ئەسرا لىشىدۇ ، پالىۋانلار چىلىشىدۇ ، چەۋەندازلار ئوغلارق تار تىشىدۇ ،
شائېرلار نەزمىلىرىنى مۇشائىرە قىلىشىدۇ ، ئەل ئىچىدىكى سازەندىلەر مەشىرەپ -ساماغا
چۈشىدۇ ، يىڭى - يىڭى ھۈنەر ئىجاتچىلىرى ئۆزىنڭ ماھارىتىنى ئەلگە تارىتىدۇ ، ئەل مۆتىۋەرلىرى خەلىقنىڭ كەلۈسى ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشىدۇ ، قەۋىم ئۆزىنى بلىدۇ كۆرۈدۇ .
3. ئويغۇنۇش بايرىمى .
بىزدە<< كۆپنى كۆرگەن ، كۆپ بىلەر>> دەيدىغان گەپ بار ، نۇرۇزدا دىھقان -چارۋىچىلارلا
ئىش ئەمگەكنى باشلامدۇ ؟ بىزدىكى نۇرغۇن نۇرغۇن ئالەم شۇمۇل ئىشلار بەلكىم نۇرۇزنىڭ خاسىيىتى ئاستىدا باشلانغان بولىشى مۇمكىن ،بۇندىن كىيىن شۇنداق بولغۇسى !
نۇرۇزدا پەقەت تەبىئەتلا ئويغۇنامدۇ ؟ تەبىئەت بىلەن ئۆزىنى بىر گەۋدە قىلىپ ياشاپ كەلگەن ئەقىل پاراسەتلىك ئەجداتلىرىمىز بۇ كۈننى پەقەت ھاۋا ئىللىدى دەپلا بارلىققا كەلتۈرگەن ئەمەس ، بۈتۈن قەۋىمنى خىسلەتلىك ۋاقىت ئاستىغا جەم قىلىپ ئويغۇتۇش نىيىتى بىلەن بۇ بايرام مەيدانغا كەلگەن دەپ قاراشقا ھەقلىق مىز .
4. ساخاۋەت بايرىمى ، بەركەت بايرىمى .
چوڭ قارزاندا نۇرۇز ئىشى ئىتىلىدۇ ،ئەل خالايىق ئۇنىڭغا ئىغىز تىگىدۇ ، ئۇ ئاشنى نىمىشقا نۇرۇز ئىشى دەيدۇ ؟ ئۇنىڭ تەنگە قۇۋەت ئىلىپ كىلىشىلا كۆزدە تۇتۇلماستىن بەلكى روھقا ۋاقىت ئىڭى ، ئۆملۈك ئىڭى ، ئويغۇنۇش ئىڭى ، ساخاۋەت ئىڭى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى نۇرۇز ئىشى دەيدۇ ، ئاش يىدىم دىەەن بىلەن نۇرۇز ئىشى يىدىم دىەەننىڭ پەرقى ئوخشاش ئەمەس ، كەپە بىلەن ساتمىنىڭ مەنىسى ئوخشىمىغاندەكلا .
بەركەت ئىلىپ كىلىدىغىنى نىمە ؟ ۋاقىتنى قەدىرلەش ، ئۆم - ئىناق بولۇش ، يىڭى ئويغاق بولۇش ، ساخاۋەلىك بولۇش ، ئەلنى سۆيۈشتىن بەركەت كىلىدۇ .
قۇدىرەتكە ئىرىشىشنىڭ ھەممە نىشانى نۇرزدا تىپىلىدۇ ، شۇڭا نۇرۇز ئۇيغۇر بىلەن بىللە تەڭ
ياشاپ كەلمەكتە .
نۇرۇز ھەر گىزمۇ ئادەتتىكى تەبىئەت بايرىمى ئەمەس ، ئۇ قاردا قارلىق تاشلىغانغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە بايرام .


مەنبەسى : تۈن خىياللىرى

تېما تەستىقلىغۇچى : matimatika
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-20, 17:37

 

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-21 00:13 |
شەبنەم تور رادىئوسى
dadang111
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 76293
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 3 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

 

نورۇز  قازاقنىڭ بايرىمىدۇ

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-21 14:20 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » بەس-بەس مۇنازىرە
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-22 10:14, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ