سىياسەتچى ، مالىيە مۇتەخەسسىسى --- ساڭگې
قۇبلايخاننىڭ سول قول ۋەزىرى ، جارچى - پەرمانبەردار مەھكىمىسىنىڭ مۇئەككىلى ، ھۆدەيچى ۋە ئاغىچى مەھكىمىسىنىڭ مۇئەككىلى ساڭگې يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان مەشھۇر تارىخىي سەخستۇر .
ساڭگې ئەسلى غەربىي يۇرتلۇق بولۇپ ، ئۇنىڭ ئاتا - بوۋىسى موڭغۇل قوشۇنلىرى بىلەن بىللە گەنسۇ(كەڭسۇ)غا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان . ساڭگې كىچىكىدىن تارتىپلا تىرىشچان ، زېرەك ۋە سۆزمەن بولغاچقا ، قورامىغا يەتكۈچە كۆپ خىل تىل - يېزىقلارنى پۇختا ئىگىلىگەندىن سىرت ، دىنىي ئىلىمدىمۇ كامالەتكە يەتكەن . مىلادى 1265 - يىلى ، تىبەتلىك راھىب ۋە خان ئۇستازى باسپاھ ساڭگېنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ ، خان يارلىقى بىلەن گەنسۇغا كېلىپ ساڭگې بىلەن ئۇچراشقان ھەمدە ئۇنىڭ كۆپ تەرەپلىمە بىلىم ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقاپ ، ئۇنى ئۆز يېنىغا خىزمەتكە ئالغان . شۇنىڭ بىلەن ساڭگې باسپاھنىڭ يېقىن كەسىپدىشى ۋە مەسلەكدىشى بولۇپ ، خانبالىققا يۆتكىلىپ بارغان . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ باسپاھ بىلەن بىللە كۆپ قېتىم خان ھوزۇرىغا چاقىرىلىپ ، قۇبلايخان بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولغان ۋە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۈرلۈك مەنسەپلەرگە قويۇلغان . مىلادى 1274 - يىلى باسپاھ قۇبلايخاننىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن تىبەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا بارغاندا ، باسپاھ ئۆزى ئەمەلدارلىققا تونۇشتۇرغان يەرلىك تۆرە مۇقات گۇڭخا ساڭيۈەننىڭ قارشىلىقىغا ئۇچىرىغان . شۇنىڭ بىلەن قۇبلايخان ساڭگېنى ۋەزىرلىككە تەيىنلەپ ، موڭغۇل قوشۇنلىرىنى تىبەتكە باشلاپ بېرىپ باسپاھقا ھەمدەمدە بولۇشقا ئەۋەتكەن . شۇنىڭدىن كېيىن ساڭگې تىبەتنىڭ مۇداپىئە خىزمىتىگە مەسئۇللۇقنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ، ھەربىي پونكىت ۋە لەشكەرلەرنىڭ تۇرۇشلۇق ئۇرۇنلىرىنى تەرتىپكە سالغان . ساڭگېنىڭ بۇ قېتىمقى ھەربىي تەرتىپكە سېلىشى بىر تەرەپتىن ، تىبەتنىڭ ئىچكى قالايمىقانچىلىقىنى ئوڭشاپ ، يۈەن سۇلالىسىنىڭ تىبەت رايونىنى بىۋاستە ئىدارە قىلغانلىقىنى ئىپادىلىسە ، يەنە بىر تەرەپتىن شىمالىي يۆنىلىشتىكى موڭغۇل قۇشۇنلىرىنىڭ تىبەتكە توسالغۇسىز كىرىپ-چىقىش ۋە بۇ جاينى ساقلىشىغا قولايلىق شارائىت ياراتقان .
ساڭگې قۇبلايخان تەرىپىدىن ۋەزىرلىككە تەيىنلەنگەندىن كېيىن يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئىقتىساد ۋە ھەربىي ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەرگە قارىتا تەكلىپ پىكىرلىرىنى بېرىپ ، ئۆزىنىڭ ھوقۇقى دائىرسىدە ئىسلاھات قىلغان ۋە ئىچكى ئىشلارنى تەرتىپكە سالغان . ساڭگې ئالدى بىلەن قۇبلايخاننىڭ قوللىشى ۋە ئىشەنچىسىگە تايىنىپ مەمۇرىيەتنى تەرتىپكە سالغان . بۇ ئىش نورمال ئىزىغا چۈشكەندىن كېيىن ، مالىيەنى تەرتىپكە سالغان . چۈنكى ، قۇبلايخان يۈەن سۇلالىسىنى قۇرۇش ۋە بۇ خانلىقنى كېڭەيتىش جەريانىدا بىر نەچچە يىل ئۈزۈلدۈرمەي ئۇرۇش قىلغاچقا ، ئۇرۇش چىقىمى ۋە ھەربىي خىراجەتلەر زور مىقداردىكى مالىيە مەنبەسىنى خورتىۋەتكەن . ئەمدىلىكتە خاراپ بولغان مالىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، فىئوداللىق ئىقتىسادنى ۋە سىياسىي ھۆكۈمىرانلىقنى كۈچەيتىش مۇھىم ئىدى . ئەينى ۋاقىتتا بۇ خىىل ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش تولىمۇ قىيىن بىر ئىش ئىدى . ئەھمەت قۇبلايخاننىڭ ئاغىچى ۋەزىرى ئىدى . ئەمما ئۇنىڭغا قارا چاپلىنىپ سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئورنىغا ساڭگې ئاغىچى ۋەزىر بولۇپ تەيىنلەنگەن . ئەھمەت مالىيە ئەمەلدارى بولغان مەزگىلدىلا يۈەن سۇلالىسىنىڭ مالىيە جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىقىنى ھەرقانچە كۈچەپمۇ ھەل قىلالمىغانىدى .
مەنبە:<<يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلەر>>