ئالدىراشلىق
توۋا ، نىمىدىگەن ئالدىراش جاھان-بۇ ، ھەركۈنى سەھەر قوپۇپ چالا-بۇلا ناشتا قىلىپلا ئىشقا ئاتلىنىپ كەتسەك چاقپەلەكتەك توختىماستىن پىقىراپ كۈننىڭ قانداق كەچ بولغىنىنى بىلمەي كىتىدىكەنمىز .
كۈن ئېلىش ، تۇرمۇشنى ياخشىلاش ...ئۈچۈن قۇرتتەك مىدىرلاپ تىنىم تاپمايدىكەنمىز . بىرەر دەم ھاردۇق ئېلىپ ، ساياھەت قىلىدىغان ، مەنزىرىلىك جايلارنى ئايلىنىدىغانغا ، يېقىن -يورۇق ، ئەل-ئاغىنىلەر بىلەن توپلىشىپ ، بىر-ئىككى سائەت توپ ئويناشقا ، ئەدناسى مەكتەپ ئىچىدىكى ئۈجمە سايىسى ئااستىغا ياساپ قويغان سايىۋەنلىكتە ئۇقۇتقۇچىلار ئۈچتىن-تۆتتىن ئولتۇرۇپ پاراڭ سوقىدىغانغىمۇ پۇرسەت يوقتە ،
ھەدىسىلا ئۇقۇتقۇچى تۇلۇقلايمىز دەپ شوئار توۋلىغىنى نىمىسى ، 5 ئۇقۇتقۇچى بەرسە 10 نى يۆتكەپ ئېلىپ چىقىپ كەتسە ، ئۇقۇتقۇچى كەمچىللىك مەسىلىسى قاچان ھەل بۇلىدىكىن -تاڭ ؟!
كۈنى 6 سائەت دەرس ، دەرستىن كىيىن تۈگىمەس مەشغۇلىيەت ، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشلەر ، ئائىلە سۆھبىتى ، چوڭ تازىلىق ، باھالاشقا ، ئىككى ئاساسەنگە تەييارلىق ...دىگەندەك ئىشلار ئادەمنى ئاجايىپ چارچىتىۋەتتىغۇ ، ئانىسنىڭ كۆكسىنى قاتتىق چىشلىگەن ئادەم ئۇقۇتقۇچى بۇلىدىغان ئوخشايدۇ -جۇمۇ ، يا مەكتەپتىن بىردەم نېرى بۇلالمىغان ، ياكى ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشلىرىنى كۈڭۈلدىكىدەك بېجىرىدىغانغا پۇرسەت چىقمىغان ، تۈگىمەس سالاھىيەت گۇۋاھنامىلىرىچۇ -تېخى ، ئۇقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت كىنىشكىسى ، ئۈنۋان سالاھىيەت كىنىشكىسى ، دائىملىق تەربىيە كىنىسكىسى ، پېداگوگىكا-پىسخولوگىيەدە لاياقەتلىك بۇلۇش گۇۋاھنامىسى ، يۇقىرىلاپ ئۇقۇغان دىپلوم ....ۋاي-ۋۇي نىمىدىگەن كۆپ سالاھىيەت كىنىشكىلەر بۇ ، ھەممسىنى يىغسا چوڭ بىر ساندۇق كېلىپ ئېشىپ قالىدۇ .
پات-پات ئېچىلىپ تۇرۇلىۋاتقان تۈرلۈك تەربىيلەش كۇرسلىرى ، دەرس ئاڭلاش ، ھەرخىل كۆرەك ، باسقۇچلۇق ئىمتىھان ، چارەكلىك ، ماۋسۇملۇق ئىمتىھان ...ھەممىسى كىچىكىمىزدىن ئارزۇ قىلىپ ، چۈشىمىزدە كۈرۈپ تەشنا بولغان ئۇقۇتقۇچىلىق دىگەن مۇشۇ ئوخشايدۇ .
كۆزلەر تورلىشىپ ، گىرادۇسلۇق كۆزەينەكلەرگە چۈشتۇق ، بۇ-ئاتىدىن بالىغا ئۈتۈشمەيدىغان مىراس خاراكتىرى بولمىغان كېسەللىك ئوخشايدۇ ، ئامال قانچە ، كۈچىمىز يا باشقىسىغا يەتمىسە ؟!!!
ۋاقىت زىچلىقى ئادەملەرنى ئالدىراشلىقنىڭ يار لېۋىگە قىستاپ كىلىۋاتىدۇ ، ئالدىراشلىقتىن بىر مىنۇتمۇ خالى بۇلالمايۋاتىمز .
ئالدىراشلىق زاڭاقنى تاڭغان چاغدا تۈگەيدىغان ئوخشايدۇ ، ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ ، يېقىن دوسىتلار ھەتتا ئۇرۇغ-تۇغقانلار بىر-بىرى بىلەن ئىزدەشمەي ياتلىشىپ كىتىۋاتىدۇ . تېخى سالاملاشماي ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ئىشلارنىمۇ ئۇچرىتىمىز . مانا بۇ -تەرەققىيات ، جەمىئەتنىڭ ، زامانىۋىلشىشنىڭ بىزنىڭ ئۆرپ ئادىتىمىزگە كىشلىك ئەخلاق مىزانلىرىمىزغا ئېلىپ كەلگەن خىرىسى .
ئىشقىلپ ۋاقىتتا بەركەت قالمىغاندەكمۇ بىلىنىپ قالىدۇ ، شۇنداق تېز ئۈتىۋاتقان ، خۇددى شامالدەك ، خەير ، توختارسەن بىركۈنى ، بىر قارار ئۇقۇغۇچىلارنى ئانىسنىڭ قۇچىقىدن ئېپكېلىپ 5-6 يىل جاپادا تەربىيلەپ قاتارغا قوشساق ، يەنە يىڭىدىن بىرنەچچە يۈز سەبىي قاپقارا كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ قاراپ مەكتەپكە يىتىپ كەلگەن ، ئۇنى يولغا سالساق يەنە كەلگەن ، مۇشۇ رەۋىشتە يىللارنى قاتلاپ ئارقىغا ئۆتكۈزىۋەتتۇق .
تۈنۈگۈنكى كىچىك بالىلار بىردەمدىلا بىزدىن ئېگىز ، گەۋرى يىگىتلەرگە ئۆزگىرىپ كەتكەن ، تېخى ئۇلار سالام قىلىپ كەلمىسە تۇنۇماي قالىمىز . بۇ ۋاقىتنىڭ خاسىيىتى بولسا كېرەك . بۇدرۇق قوللار بىردەمدىلا قاتمال قوللارغا ، يۇمران ئېڭەكلەر تۈكلۈك يۈزلەرگە ئايلىنىپ ، قىسمىتى قامۇس ھاياتنىڭ يىڭى بۇرچلىرىنى ئىختىيارى ۋە ئىختىيارسىز ھالدا ئۈستىگە يۈكلەۋاتقان .....
كەل بالىلار ، قىسقىغىنا ئۆمرىمىز سىلەرنى تەربىيلەش ئۈچۈن تەسەددۇق بولسا مەيلى ، ھەرگىز پۇشايمىنىمىز يوق ، ئەۋلات تەربىيلەش تولىمۇ خاسىيەتلىك ، ساۋاپلىق ئىش ، خۇددى يول ياسىغاندەك ، كۆۋرۈك ياسىغاندەك ئەمەس بەلكى ئىنسانىيەت ئۈچۈن جۈملىدىن مىللەت ئۈچۈن ئىزباسار يىتىشتۈرۈپ ، ئادەم ئاتا ئۇرۇقىدىن تارقالغان 72 پىرقەنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن ياشناپ تۇرغان ھاياتى كۈچ بەخش ئەتكەندەك ....
يازمام.
[ بۇ يازما باياۋان تەرپىدىن2009-03-20 23:52دە قايتا ]