تۈركىي مىللەتلەرنىڭ كاتتا مەرىكىسى نورۇز يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا «يەتتە قىزلىرىم ئاياللار تورى» ئىشقا كىرىشتى.
نۆۋەتتىكى ئىقتىساد ھەممىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىتتا، ئاياللارمۇ ئەرلەر بىلەن بىرلىكتە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش بولماقتا. ئەسلىدە راھەت كۆرۈشكە، ئەرلەرنىڭ پەپىلىشىگە تېگىشلىك ئاياللىرىمىز ئائىلىسىنى – ئۆزى ھەممىدىن بۈيۈك بىلىدىغان ئائىلىسىنى دەپ، يات بىراۋلارنىڭ ئالدىدا ھىجىيىشقا مەجبۇرلانماقتا، ئاللىكىملەرنىڭ ئايىقىدا خار – زەبۇنلۇق پاتقىقىغا پاتماقتا.
بۇ مەسىلە نەدىن كېلىپ چىقتى؟ بىز ئەزەلدىن ئانىلارنى، خانىم – قىزلارنى ئەزىزلەپ كەلگەن مىللەت ئىدۇققۇ؟ بۇنىڭ جاۋابىنى ئاددىي بىر نەچچە ئېغىز سۆز بىلەن شەرھلەپ بولغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.
بىز چوڭقۇر ئويلاندۇق، زىممىمىزدە خانىم – قىزلىرىمىزنىڭ ھەققى بار، دەپ ئويلىدۇق. ئۇلارغا مۇڭداش، سىرداش بولۇشنى ئويلىدۇق. شۇ سەۋەبلەرگە كۆرە ھەممە ئېلېكترونغا يۈزلەنگەن بۇ دەۋردە، مۇشۇ ئاددىي مۇنبەرنى ئاياللارغا – شۇ ئەزىزلەرگە بېغىشلىدۇق.
ئەلۋەتتە، بىز بۇ مۇنبىرىمىز بىلەن خانىم – قىزلىرىمىز دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئۈزۈل – كېسىل ھەل قىلىپ كېتەلەيمىز دېمەكچى ئەمەس. خانىم – قىزلىرىمىزغا ئاز – تولا سىرداش بولالىساق، ئۇلار بىلەن مۇڭدىشالىساق، بىزنىڭ مەقسىتىمىز شۇ ئىدى.
قېنى بۇياققا كېلىڭ، سىردىشايلى!
http://www.yetteqiz.comھۆرمەت بىلەن: يەتتە قىزلىرىم تورى
2009 – يىلى 3 – ئاينىڭ 20 - كۈنى