ئۇنتالىسام ئەگەردە سېنى
«ئەگەر دۇنيادا قەلبىدىكى ئۆچمەس داغلارنى يۇيۇپ چىقىرالايدىغان نەرسە بولسا ئەڭ بۇرۇن مەن سېتۋېىلىپ قەلبىمدىكى بارچە تۈگىمەس،داۋاسىز دەرىت-ئازابلارنى تازلىۋەتكەن بۇلاتتىم»
داغلار سېلىپ قەلبىمگە ئۆچمەس، چىن سۆيگۈمگە قىلدىڭ خىيانەت. بىلسەم ئەسلى سېنى سۆيگىنىم، ئىكەن ماڭا ئېغىر جىنايەت.
چىن سۆيگۈمگە قىلدىڭ خىيانەت، بەرگەن تالاي ۋەدەڭنى ئۇنتۇپ. يۈردىڭ شۇنچە خوشال-خىرامان، مىنى چەكسىز ئازابتا قۇيۇپ.
بەرگەن تالاي ۋەدەڭنى ئۇنتۇپ، يۈرىكىمنى قىلدىڭ جاراھەت. سېنى سۈيۈپ قالغىنىم بىلسەم، ماڭا ئىكەن بەك چوڭ جىنايەت.
يۈرىكىمنى قىلدىڭ جاراھەت، چىن سۆيگۈمنى بىلگەچكە ئەرزان. كۈلۈمسىرەپ يۈرسەممۇ كۈندە، قان يىغلايمەن تۈنلەردە پىنھان.
چىن سۆيگۈمنى بىلگەچ سەن ئەرزان، قويدىڭ شۇنداق ھەسرەتتە مىنى. مىڭ رازىدىم ھەتتا ئۆلۈشكە، ئۇنتالىغان بولسام گەر سېنى.
2009-يىلى فېۋىرال
|