ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 566 - كۆرۈرمىنى
sabiha
bbs.xabnam.com
ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 12131
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 1039
شۆھرەت: 1323 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10639 سوم
تۆھپە: 863 نۇمۇر
ياخشى باھا: 643 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 760(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

 0991sumruh بىلەن سۆھبەت (46)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما saadat تەرپىدىن ئىلگىرلىتىلدى(2009-03-20)
0991sumruh  بىلەن سۆھبەت





ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! شەبنەم خەلق گېزىتىنىڭ ئىختىيارىي مۇخبىرى سەبىخە شەبنەمدىكى تىما چولپىنى 0991sumruh بىلەن نورۇز بايرىمى  يىتىپ كىلىش ھارپىسىدا ئۆز - ئارا ياخشى تىلەكلەرنى تىلەشكەچ، قىسقا ئۇچۇر بىلەن سۆھبەتلەشتى . قىزىقساڭلار ، نەزىرىڭلار شەبنەم تورداشلار سۆھبىتىنىڭ 46 - سانىدا  بولسۇن :


【سەبىخە】 سۆھبىتىمىزنى سىزنىڭ تەرجىمىھالىڭىزدىن باشلىساق قانداق ؟


【سۇمرۇغ】 تورداشلارغا ئۆزۈمنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي:توردىكى ئىسمىم 0991sumruh،كەسپىم ئوقۇتقۇچى . (ئايال) بۇ ئىسىمنى تاللىشىمدا ئالاھىدە سەۋەپمۇ يوق ،مەن 2007-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا مۇنبەرگە ئەزا بولغان ،ئۇندىن ئىلگىرىمۇ مېھمان سۈپىتىدە دئىم شەبنەم مۇنبىرىگە كىرىپ تۇراتتىم . يېڭىدىن تورغا چىقىشنى ئۈگەنگەن چاغلىرىمدا  بۇ ئىسىمنى ياقتۇرۇپ ئىشلەتكەن ئىدىم.،كېيىن شەبنەم مۇنبىرىگە مۇشۇ ئىسىم بىلەن تىزىملاتسام ،تىزىملىتىلىپ بولغان ئىسىمكەن،ئۆزۈم ئۈرۈمچىدىن تورغا چىقىدىغان بولغاچقا ئىسىمنىڭ ئالدىغا رايون نومۇرىنى قوشۇپلا تىزىملاتسام تەستىقلىنىپ قالدى .ھەقىقى ئىسمىمنى دېمىسەممۇ بولا،مېنىڭچە مەۋھۇم دۇنيا بولغاندىكى يەنىلا مەۋھۇملىغىمنى ساقلاي.مېنىڭ مىجەزىم ئوچۇق يورۇق، يۇمۇرۇستىك ،باشقىلار بىلەن ئاسان چىقىشىپ ئۆتەلەيمەن،ساياھەت قىلىشنى ،كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن،تور دۇنياسى بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن تورغا چىقىشنى ياختۇرۇپ قالدىم،كومپۇيوتىر ئۆزى سوغۇق نەرسە بولغىنى بىلەن مېھرى بەك ئىسسىق ئىكەن ،نۇرغۇن ئارام ۋاقىتلىرىمنى ،،ئۇيقۇمنى ،كىتاپ ئوقۇيدىغان ۋاقىتلىرىمنى  تارتىۋالدى.ئەمما نۇرغۇن ئىلگىرى كىتاپلاردا ئوقىمىغان،كۆرمىگەن ئاجايىپ-غارايىپلارنى بىلدۈردى.شۇڭا ھەر قانچە ئاغرىنساممۇ، ھەرقانچە ئالدىراش بولساممۇ، يەنىلا ھەر كۈنى دىگۈدەك  بىر نەچچە سائەت مۇنبەر ئارىلايمەن.
يۇمۇرىستىك خۇش چاقچاق خاراكتىرىمغا ماس كەلمەيدىغان  باش سۈرىتىم ھەققىدە :
خاراكتىرىمگە ماس كەلمەيدىغان بۇ باش سۈرەتنى تاللىشىمدا بولسا ئالاھىدە سەۋەپ بار.2007-يىلى مەن ئۈچۈن ئازاپلىق بىر يىل بولدى.قىسقىغىنە يېرىم يىل ئىچىلا ئەڭ قەدىرلىك كىشىلىرىمنى كەينى كەينىدىن ئۇزىتىپ قويدۇم،شۇ  تۈپەيلى ئازاپتىن تۈگىشىپ كېتەيلا دىدىم،دائىم كۈلۈپلا تۇردىغان كۆزلىرىمدىن ئەمدى ياش ئەگىپلا تۇردىغان بوپ قالدى.بۇ سۈرەت شۇ كۈنلەرنىڭ يالدامىسى .ئەمما ۋاقىت ھەممە ئازاپلارنى ئۇنتۇلدۇرالايدىكەن ، ئەتراپىمدىكى مىھرىبان كىشىلىرىمنىڭ تەسەللىسى بىلەن ئۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كەتتى.
بولدىلا بۇ گەپلەرنى دەپ تورداشلارنى ز ېرىكتۈرۈپ قويماي .
مېنىڭ قىزىقىش دائىرەم كەڭ،كۆڭۈل بۆلىدىغان ساھەلىرىم بەكلا  كۆپ . بۇ شوغۇللىنىۋاتقان كەسپىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك .مەن مەكتەپتە  پەلسەپە، قانۇن، ئەخلاق ،تارىخ ،سىياسەت قاتارلىق دەرسلەرنى بېرىمەن،ئۆزۈم  بۇرۇندىنلا ئەدەبىيات -ئاخباراتقا  بەك قىزىقاتتىم،شۇڭا تور دۇنياسى بىلەن تونۇشماستا بىكار ۋاقتىم بولسىلا كىتاپ ،ژورنال ۋە گېزىت كۆرەتتىم ، ھازىر كىتاپ ئورنىدا مۇنبەر كۆرىدىغان بولدۇم ، تور مېنىڭ كىتاپ ئوقۇيدىغان نۇرغۇن ۋاختىمنى تارتىۋالدى ،بۇ بەلكىم تورنىڭ ماڭا كەلتۈرگەن ئەڭ چوڭ زىيىنى بولسا كېرەك.ئەمما تور مېنىڭ كەسپى خىزمىتىم ۋە  قىزىقىش تەلىۋىمگە تولىمۇ ماس كېلىدىكەن ،شۇڭا كومپۇيوتىر تۇرمۇشۇمدا كام بولسا بولمايدىغان مۇھىم قورالىم بولۇپ قالدى .

مەن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرستىنىڭ سىياسى-مائارىپ كەسپىدە ئوقىغان ،ئەمىليەتتە گەپنىڭ ئوچۇغىنى ئېيتقاندا «ماركىسىزىملىق پەلسەپە »نى ئۆگەنگەن.بەلكىم بۇنداق دېسەم تورداشلار كۈلۈپ كېتىشى  مۈمكىن ،ئەمما بىز ئالى مەكتەپكە ئۆتكەن يىللار  تېخى  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلانمىغان ۋاقتى بولغاچقا ،ماركىسىزىم نەزىريىسىنىڭ تېخى ئابرويى بار ئىدى ،شۇڭا بۇ كەسپ ئالى مەكتەپلەرنىڭ كوزۇرلۇق كەسپلىرى ئىدى.ئەمما مەن سىياسى-مائارىپ  كەسپىنىڭ   ماركسىزىم كەسپى بىلەن چوڭ پەرقى يوقلىغىنى كېيىنچە ھىس قىلدىم .
مېنىڭ ئوقۇغۇچى ۋاقىتلىرىمدىن تارتىپلا گىرىم بۇيۇملىرى سېتىۋېلىش ئۈچۈن پۇل خەجلەشكە كۆزۈم قىيمىسىمۇ ئەمما كىتاپ سېتىۋېلىش ئۈچۈن  قانچىلىك پۇل خەجلىسەم  قارنىم ئاغرىمايتتى .خىزمەتكە چىققاندىن بۇيان ھەر ئايدا دىگۈدەك 3-4 پارچە كىتاپ سېتىۋاپ كېلىۋاتىمەن ھەمدە ھەرخىل گېزىت -ژورناللارغا مۇشتەرى بولۇپ كېلىۋاتىمەن .ئۆيۈمدە كىچىككىنە بىر كىتاپ ئىشكاۋىممۇ بار،ساقلىغان   كىتاپلىرىم ئاساسەن دىنى كىتاپلار ،ئۆزلىكىمىز ھەققىدە ئويلىنىش قىلىنغان كىتاپلار ، ئەدەپ -ئەخلاق تەسۋىيە قىلىندىغان  كىتاپلار،تارىخى رومانلار، پىسخىكا ۋە ساغلاملىققا ئائىت كىتاپلار .(ئەلۋەتتە يەنە دەرسلىك كىتاپلىرىممۇ بار)
مەن يەنە  مەكتىۋىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا پىسخىكىدىن مەسلىھەت بەرگۈچىسى ،بۇ كەسپتە قىسقا مۇددەت تەربىيلەنگەن،شۇڭا يەنە پىسخىكىدىن مەسلىھەت بېرىشمۇ مېنىڭ قىزىقىدىغان ،ياختۇردىغان ئىشلىرىمنىڭ بىرى . مېنىڭ كەلگۈسىدە مۇنداق بىر پىلانىم بار،يەنى پىسخىكىدىن مەسلىھەت بېرىش ئورنىدىن بىرنى ئېچىپ ،تۇرمۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا  ئۇچرىغان خانىم قىزلىرىمىزغا ياردەم بېرىپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتىن،گۈزەل ھاياتتىن بەھىر ئېلىپ ،ساغلام،خوشال -خورام ياشىشىغا مەدەت بەرسەم دەيمەن،چۈنكى ئۇيغۇر ئاياللىرى بەك جاپاكەش،تۇرمۇش يۈكى بەك ئېغىر .مەيلى يېزىلاردىكى دىھقان ئاياللىرى بولسۇن ياكى شەھەرلەردىكى خىزمەتچى ئاياللار بولسۇن كۆپىنچىسى ئائىلىنىڭ كۆپ قىسىم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان. تۇرمۇش ،خىزمەت ۋە تىرىكچىلىك غېمى ۋە بېسىمى  قوشنا مىللەت ئاياللىرىغا قارىغاندا بەكلا ئېغىر،ئەمما ئېرىشىدىغان خوشاللىقلىرى بەك ئاز. شۇڭىمىكىن مۇنبەردە خانىم قىزلىرىمىزنى خۇنۈكلەشتۈرىدىغان تېمىلارنى كۆرۈشنى پەقەت ياختۇرمايمەن .
مۇنبەردە ياقتۇرمايدىغان تېمىلار: مىللەتنى ئوپىراتسىيە قىلدىم دەپ ساختا مىللەتپەرۋەر بولىۋېلىپ ھەدەپ مىللەتنى سۆكىدىغان ، ئۆزىدىكى ئىللەتنى مىللەتتىكى ئىللەت قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرىنىدىغان تېمىلار ؛خانىم -قىزلارنى قانداق ئاسراشنى،ئۇلارغا قانداق كۆيىنىشنى بىلمەي تۇرۇپ ،ئازغۇنلۇقلىرىنى تور يۈزىدە يېيىپ تىللايدىغان تېمىلار(بۇنداق تېمىلارنىڭ سەلبى تەسىرى بەك يامان) ؛كىشىنى قىزىقتۇرىدىغان ئاجايىپ ئىسىملارنى قويىۋېلىپ ،تورداشلارغا  قىلچىمۇ مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيلا قالماستىن ،ئۇلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىدىغان ماۋزۇسى ئۆزىگە چوڭ كېلىپ قالغان تېمىلار ھەمدە ئېغىر ئىملا خاتالىقى بار ،ئەپسانە گەپ سۆزلەر ئىشلىتىلگەن تېمىلار ۋە ئىنكاسلار.
خانىم قىزلىرىمىزغا بېرىدىغان مەسلىھىتىم تۇرمۇشتا ئۆزىنى قوغداشنى ،مۇستەقىل ياشاشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك ،بېشىمىزغا ئېغىر كۈنلەر كەلگەندە بىزگە ئەڭ ئىشەنچىلىك ياردەم قىلالايدىغان ئادەم دەل ئۆزىمىز.ئەگەر دائىم باشقىلارغا يۆلىنىپ ،باشقىلارنىڭ ھىمايىسىدىلا ياشىساق تاغدەك يۆلەنچىگىمىزدىن  ھىمايىچىمىزدىن ئايرىلىپ قالساق (ئاللا بۇ كۈنلەرنى بەندىسىگە سالمىسۇن)ھاياتقا بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاسانلا  يوقىتىپ قويىمىز.كېيىنكى كۈنلىرىمىز جاپا ۋە قايغۇ ھەسرەت ئىچىدە ئۆتىشى مۈمكىن .



【سەبىخە】 پەلسەپە ئۆگىنىشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار ؟ پەلسەپە ئۆگەنگىلى بولمايدىغان ، چىكىگە يەتكىلى بولمايدىغان پەنمۇ ؟ پەلسەپە بىز ئۈچۈن  مۇھىممۇ ؟

【سۇمرۇغ】 بۇ سۇئالغا  جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن پەلسەپىنىڭ قانداق بىر ئىلىم ئىكەنلىگىنى بىلىشكە توغرا كېلىدۇ .
ئەمىليەتتە پەلسەپە دۇنيانىڭ ئىگىسى زادى كىم ؟ ياكى نېمە دىگەننى ئېنىقلاشقا ئۇرىنىدىغان ، تەپەككۈر ھەققىدىكى  يەنى  ئىنسانلار بىلىشنىڭ نەدىن كېلىدىغانلىغى ھەققىدىكى  ،ياخشىلىق يامانلىق نۇقتى نەزىرى ھەققىدىكى پەندۇر.پەلسەپەنىڭ تارىخىغا كەلسەك ئۇ قەدىمقى يۇناندا مەيدانغا كەلگەن.ئۇ قەدىمقى گرىك تىلىدا (Φιλοσοφiα''  (philo-sophia '' «ئەقىل ئۈگەتكۈچى»«ئەقىلنىڭ دوستى »دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرگەن . پەلسەپە قەدىمقى يۇناندا «پەنلەرنىڭ- پېنى»،«پەنلەرنىڭ -ئاتىسى»«ئەقىل-ئىدراك پېنى»، باشلامچى پەن دەپ قارالغان . بۇلار گەرچە بىرتەرەپلىمە قاراش بولسىمۇ مۇشۇنىڭدىنلا  بۇ پەننىڭ شۇ دەۋردە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغانلىقىنى بىلۋالغىلى بولىدۇ. پەلسەپە ئابىستراكىتراق پەن بولۇپ،كونكىت ئىشلىتىلىشچانلىقى ئىنتايىن ئاز.شۇڭا  كىشىلەر بۇ پەننىڭ ئىلىم پەن-بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارايدۇ. بىراق پەلسەپە ئىلىم- پەن بىلەن ئىنتايىن زىچ باغلىنىشلىق.ئىلىم-پەن بىلىمنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرسە،پەلسەپە ئىدىيەنى ۋۇجۇتقا كەلتۇرىدۇ،يەنە كېلىپ ئىنسانلارنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق ھەركەتلىرى بولسا  مۇئەييەن ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولىدۇ .

غەرپلىكلەر پەيلاسوپى يوق مىللەت تەرەققى  قىلالمايدۇ دەپ قارايدۇ .ئېنگىلىزلارنىڭ ،نېمىسلارنىڭ ،يەھۇدىلارنىڭ تەرەققىياتىدىن بۇ گەپنىڭ  ئاساسى بارلىقىنى چۈشىنۋالماق تەس ئەمەس . تارىخ بېتىنى ۋاراقلايدىغان بولساق مەشھۇر بىر پەيلاسوپ  بىر قېتىملىق تارىخنىڭ يېڭىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
پەلسەپە بىز ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم پەن،تارىخىمىزدىمۇ نۇرغۇن پەيلاسوپلار چىققان، بۇنى ئالىم ئابدۈشكۈر مۇھەممەت ئىمىننىڭ  كىتاپلىرىنى ئوقۇپ باقساقلا بىلىمىز. پەلسەپە ئۈگەنگىلى بولىدىغان پەن،سىز پەقەت تارىختىكى پەيلاسوپلارنىڭ دۇنيا قارىشىنى بىلىشكە  قىزىقسىڭىزلا ،سوبىكتىپ تەپەككۈرىڭىزنى جارى قىلدۇرسىڭىزلا ئۇنى ئۈگەنگىلى بولىدۇ . مېنىڭ كۆز قارىشىمچە ھازىر پەلسەپىنىڭ ئايىقى چىققىنى يوق ،بەلكىم يەنە يېڭى بولغان پەلسەپە ئېقىملىرى پەيدا بولىشى مۈمكىن ، ئۇيغۇرلارغا ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان  ،ھازىرقى دەۋردە پەيدا بولىۋاتقان پەلسەپە ئېقىملىرىمۇ خېلى كۆپ.
پەلسەپە دۇنيا قاراش توغرىسىدىكى پەن بولۇپلا قالماستىن  ئەڭ مۇھىمى ئۇ كىشىلەرنى دۇنيانى بىلىش ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىشنىڭ نەزىريىۋى ئۇسۇللىرى بىلەنمۇ تەمىنلەيدۇ  .بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا پەلسەپەنىڭ مۇھىملىقى  ئۇنىڭ دۇنيانىڭ كېلىش مەنبەسىنى  قانداق چۈشەندۈرۈپ،قانداق دەپ جاۋاپ  بەرگىنى ئەمەس،دەل مۇشۇ مەسىلىنى بىزنىڭمۇ ئويلىنىپ بېقىشىمىز ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇپ بەرگىنى.  پەلسەپە بىزنى  ئېتىقادىمىزنى  دۇنيانىڭ قانۇنىيەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ  تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشىمىزغا يېتەكلەيدۇ  ، ئۇ بىزنى ئالەم ھەققىدە ،ئۆزىمىزنىڭ كائىناتتىكى ئورنىمىز ھەققىدە،ئۆتمۈشىمىز ،ھازىرقى ئەھۋالىمىز ۋە كەلگۈسىمىز  ھەققىدە تەپەككۈر قىلىشىمىزغا يېتەكلەيدۇ .شۇڭا بۈگۈنكىدەك كەسكىن رىقابەت ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان ،ئۆزلۈك ھەققىدە قاتتىق ئويلىنىش قىلىۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ پەلسەپە ئۈگىنىشى تولىمۇ زۆرۈر!چۈنكى "بىلىم يىراق چىندا بولسىمۇ ئۆگۈنۈش"زۆرۈر. پەلسەپە دۇنيا قاراش توغرىسىىدىكى پەن بولۇپلا قالماستىن،تەپەككۈر بىلىملىرى ھەققىدىكى پەن .بىز نىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئۆگىنىشىمىزنىڭ ئىنتايىن  مۇھىم ئىكەنكى  ، يەنە ئۇ بىزگە   مەسىلىلەرگە ھادىسىدىن ئەمەس ،ماھىيىتىگە قاراپ پىكىر قىلىشنى؛يۈزەكى ئەمەس، چوڭقۇرلاپ تەھلىل قىلىشنى؛ ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەي ،ھەربىر مەسىلىگە ئەھۋالىغا قاراپ،ئالدى كەينىنى تەكشۈرۈپ ، ئايرىم -ئايرىم باھا بېرىشنى ؛ ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ نەتىجىسىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئىزدىنىشىمىز كېرەكلىكىنى ؛ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ مەڭگۈلۈك بولمايدىغانلىقىنى ئۆگىتىدىغان،لوگىكىلىق پىكىر قىلىشقا  يېتەكلەيدىغان  پەن بولغانلىقىدا .



【سەبىخە】 گىرمانىيىلىك پەيلاسوپ دىكارتنىڭ «تەپەككۇرۇم بولغاچقىلار مەۋجۈتمەن» دىگەن پەلسەپىۋى خۇلاسىسىنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز ؟ تەبىئى پەنلەر لوگىكىسىنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتالغا «جورجى بول» غەرب تەپەككۇرىنىڭ ئىلىم - پەن ساھەسىدىكى ئارىستوتىلچىلارنىڭ ، ئەقىدە - پەلسەپە ساھەسىدە پانتېئىستلارنىڭ «مەۋجۇدىيەتتىكى ھەممە نەرسە بىردۇر» دەيدىغان سەپسەتىسىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ «مەۋجۇدىيەتتىكى ھەر شەيئى ئۆز ئالدىغا بىردۇر» دەيدىغان پەلسەپىۋى فورمىنى تىكلىدى . سىز مۇشۇلارنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز ؟


【سۇمرۇغ】 گىرمانىيىلىك پەيلاسوپ دىكارتنىڭ «تەپەككۇرۇم بولغاچقىلار مەۋجۈتمەن »دېگىنى پەلسەپىدىكى  سوبىكتىپ ئىدىيالىزىملىق كۆز قاراش بولۇپ ، مەن دۇنيانى مەۋجۇت دېسەم مەۋجۇت ، مەن دۇنيانى مەۋجۇت ئەمەس دىسەم ، دۇنيانى ھىس قىلالمىسام مەۋجۇت ئەمەس دىگىنى بولۇپ ، ئېنىقراق ئېيتقاندا بىلگىنىم مەۋجۇت ، بىلمىگىنىم مەۋجۇت ئەمەس دېگىنىدۇر . بۇ خۇددى قۇلىقىنى ئېتىۋاپ قوڭغۇراق ئوغۇرلىغانغا  ئوخشايدۇ .  دۇنيانىڭ مەنبەسى زادى نىمە دىگەن مەسىلىگە بېرىلىدىغان جاۋاب  پەيلاسوپلارنى ھەرقايسى ئېقىملارغا ۋە مەنبەچىلىكلەرگە  بۆلىدۇ ،پەلسەپىدە ماتىريالىزىم ۋە  ئىدىيالىزىمدىن ئىبارەت بىر بىرىگە قارىمۇ-قارشى ئىككى چوڭ ئېقىم بار. ئىسلام دىنىدا ئاللا ئالەمنى  بىردىن بىر ياراتقۇچى دېگىنىمىزدەك ، ماركىسىزىلىق پەلسەپىدە دۇنيانىڭ مەنبەسى ماددا دەپ قارايدۇ ، يەنى ھەرقانداق ئىلاھىيەتچىلىككە قارشى چىقىدۇ . بۇ پەلسەپىدە ماتىريالىزىم ئېقىمى بولۇپ ، بىر مەنبەچىلىك  تەرەپدارىدۇر . پەلسەپىدە يەنە ئىككى مەنبەچىلىك ، كۆپ مەنبەچىلىك ،بىلگىلى بولماسلىق تەرەپدارلىرى بار.«مەۋجۇدىيەتتىكى ھەر شەيئى ئۆز ئالدىغا بىردۇر» دېگىنى بولسا  كۆپ مەنبەچىلىك تەرەپدارلىرىدۇر . يەنى دۇنيانىڭ مەنبەسى كۆپ خىل دەپ قاراپ قارايدۇ ھەمدە دۇنيانى مەلۇم بىرلا نەرسىگە  ئومۇملاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىدۇ ،بۇ خۇددى «غەرپكە ساياھەت»تىكى يەر مۇئەككىلى،تاغ مۇئەككىلى ،دەرەخ مۇئەككىلى ......دېگىنىدەكلا بىر گەپ .    

【سەبىخە】  بەزىلەر «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ «تەپەككۇر ئۈنچىلىرى» سەھىپىسىدىكى تۈرلۈك يازمىلارنى كۆرۈپ «بىزدە پەيلاسوپلار بارغانسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ » دىيىشمەكتە . سىز مۇشۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىڭىزنى سۆزلەپ باقسىڭىز ؟


【سۇمرۇغ】 مەن پەقەتلا بىر پەلسەپەئۈگەنگۈچى، يەنى بۇ ساھەدە پەقەتلا  بىر ئوقۇغۇچى . بۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرىشكە سالاھىيتىم توشمايدۇ . شۇنداقتىمۇ چولتا كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي : بىز ئالى مەكتەپتە  قەدىمقى يۇنان پەلسەپە تارىخىدىن تاكى يېقىنقى زامان ، ھازىرقى زامان پەلسەپە تارىخلىرىنى ئۈگەندۇق ، تۈرلۈك پەلسەپە ئېقىملىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق . ھەمدە شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا نۇرغۇن داڭلىق پەيلاسوپلارنى ۋە ئۇلارنىڭ  پەلسەپىۋى قاراشلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق ، ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بىزنىڭ بۇ قەلەمكەش  ئاپتورلىرىمىزنى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىگە كۆتۈرگەندىمۇ پەقەتلا بىر ئەدىپ ، ئىزدەنگۈچى ياكى ئىجتىمائىشۇناس دىيىشكە مۇناسىپ بولىدۇ دەپ قارايمەن (بەلكىم تولىمۇ ساددىلارچە باھا بەرگەندۇرمەن،بۇ ھەقتە باشقا تورداشلارنىڭ پىكرىنىمۇ بىلىپ باققۇم بار).
پەيلاسوپ دىيىشكە توغرا كەلسە  فارابىنى ،يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ھەقىقى پەيلاسوپ دېسەك بولىدۇ . ھازىر  بىزدە پەلسەپە ئۈگىندىغانلار بەك ئاز، ياشلىرىمىز پەلسەپە ئۈگىنىشنى خالىمايدۇ ، ھەمدە ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنىمۇ  تولۇق چۈشەنمەيدۇ،شۇڭا  مەسىلىلەر ئۈستىدە سەل پەل چوڭقۇرراق كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىكى كىشىلەرنى پەيلاسوپ دەپ قارىسا كېرەك ، ئەگەر شۇنداق بولسا بۇ تولىمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە كۈلكىلىك ، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز مەسخىرە قىلغانلىق . (بەلكىم ئەسكى چاپاننىڭ ئىچىدە ئادەم بارلىقىنى بىلمەي ئاتىكاچىلىق قىلىپ بەك ئاشۇرۋەتكەندۇرمەن،بۇلار پەقەتلا مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ قارىشىدۇر)
ئەلۋەتتە بىزدە بۇ جەھەتتە تەتقىقاتچىلار ،ئىزدەنگۈچىلەر يوق ئەمەس، ھۆرمەتكە سازاۋار مەرھۇم ئۇستازىمىز ، ئالىم ئابدۈشكۈر مۇھەممەت ئىمىن  ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىنى خېلى چوڭقۇر تەتقىق تەتقىق قىلغان ۋە ئىلمى  پەلسەپەۋى كۆز قاراشلىرىنى سېتىمىلىق شەرھىيلىگەن ھازىرقى زاماندىكى ئۇلۇغ ئەدىپلىرىمىزنىڭ بىرى .(مېنىڭ بۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرىم كۆپ ئەمەس،ئەگەر تورداشلار يەنە باشقا نامزاتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسا  ئورتاقلاشساق بولىدۇ.)
قىرىنداش مىلەتلەردىن خەنزۇلار تارىخىغا قارايدىغان بولساقمۇ  كۇڭزى ،مىڭزىدىن كېيىن تېخى  ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنىڭ ئورنىغا دەسىسگۈدەك ، خەنزۇلارنىڭ ئاڭ-ئېڭىغا  سىڭىپ كەتكەن كۇڭزى تەلىماتىنى چورۈپ تاشلىغۇدەك پەيلاسوپ چىققىنى يوق.(ئەگەر ئۇلارنى پەيلاسوپ دىيىشكە مۇناسىپ كەلسە)غەرپلىكلەر شۇڭىمۇ  جۇڭگولۇقلارغا باھا بەرگەندە :«جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىقتىسادى تەرەققى قىلغىنى بىلەن ئېڭى تەرەققى قىلغىنى يوق،ئىددىيە مەدىنىيىتى قالاق ،بەكلا ئارقىدا  قالغان،ئىقتىسادى تەرەققىياتقا يېتىشەلمىگەن » دەپ قارايدۇ . بۇنىڭ سەۋەبىمۇ دەل خەنزۇلاردا 2000 يىلدىن بۇيان ،يەنى كۇڭزىدىن كېيىن ئىدىيە يېڭىلىغۇدەك بىرەر پەيلاسوپنىڭ چىقمىغانلىقىدا.



【سەبىخە】 بەزىلەر ئالىي مەكتەپ ۋە ئالىي تېخنىكوم مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئەخلاق تەربىيىسىنى كۈچەيتىش كېرەك دىسە يەنە بەزىلەر قانۇنچىلىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىش كېرەك ، دەپ قارايدىكەن . سىز ئۆز ئەمەلىيىتىڭىزگە بىرلەشتۈرۈپ مۇشۇ ھەقتىكى بايانلىرىڭىزنى سۆزلەپ باقسىڭىز ؟


【سۇمرۇغ】 مېنىڭچە ئالىي مەكتەپ ۋە ئالىي تېخنىكوم مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئەخلاق تەربىيىسىنى كۈچەيتىشمۇ ،  قانۇن تەربىيىسىنى كۈچەيتىشمۇ ھەر ئىككىسىلا  ئوخشاشلا مۇھىم .چۈنكى قانۇن بىلەن ئەخلاق دېئالېكتىكىلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە . قانۇن بولسا ئەخلاقنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ ۋە  قوغدايدۇ ، ئەخلاق بولسا  قانۇننىڭ مۇكەممەل بولمىغان جايلىرىنى تولۇقلايدۇ ھەمدە قانۇننىڭ ئادىل ،مۇۋاپىق  يولغا قويۇلىشىنى قوللايدۇ ۋە ئىلگىرى  سۈرىدۇ. ھازىر دۆلىتىمىزدە «دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش» بىلەن «دۆلەتنى ئەخلاق بىلەن ئىدارە قىلىش » نى بىرلەشتۈرۈش تەكىتلىنىۋاتىدۇ . ئالىي مەكتەپ ۋە ئالىي تېخنىكوم مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن،  مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ   ئاۋانگىراتلىرى ۋە ئاساسلىق قۇرغۇچىلىرىغا  ئايلىنىدۇ . ھازىرقىدەك مىللىتىمىز كۈچلۈك خىرىس ۋە رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتقان ،سان - ساناقسىز ئىجتىمائى مەسىلىلەرگە جاۋاپ تاپالماي گاڭگىراپ قېلىۋاتقان پەيتتە جەمىئيىتىمىز  خەلقىمىز  قانۇننى ، دېمۇكىراتىيەنى ھەقىقى مەنىسى ۋە ئەھمىيىتى بىلەن چۈشىنىدىغان ،ئەجداتلارنىڭ ئىسىل ئەنئەنىسىنى  ،مىللى مەدىنىيەتنى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈپ بېرەلەيدىغان ، شۇنداقلا خەلقىمىزنى توغرا يېتەكلىيەلەيدىغان يۇقۇرى ساپالىق ، ئىلغار پىكىرلىك زىيالىلار غا مۇھتاج . شۇڭا  ئالىي مەكتەپ ۋە ئالىي تېخنىكوم مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا كەسپى تەربىيلەشنى چىڭ تۇتۇشتىن باشقا مىللى ئەنئەنە ،مىللى مەدىنىيەت ، تارىخ ، ئەخلاق ، قانۇن تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ ئېلىپ بېرىش ئىنتايىن تەخىرسىز مۇھىم مەسىلە .
ئەگەر سىز مەندىن  ئىككىسىنىڭ ئىچىدىن چوقۇم بىرسىنىڭ بەكرەك  مۇھىملىقىنى تاللاپ بېرىڭ دىسىڭىز ئۇنداقتا  ئەخلاق تەربىيەسى ئىنتايىن مۇھىم .چۈنكى جىنايەت ئۆتكۈزۈش  ئەخلاقتا چۈشكۈنلىشىشتىن كېلىپ چىقىدۇ ! ئەمىليەتتە ئەخلاق تەربىيەسىنى ئائىلىدە كىچىگىدىنلا  چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش كېرەك . پىسخىلوگىيە نۇقتىسىدىن ئالغاندا بالىنىڭ 8 يېشىغىچە بولغان  تەربىيەسى ئەڭ مۇھىم  بولۇپ ،مۇشۇ چاغدىكى تەربىيەنىڭ  قانداقلىقى بالىنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا قانداق ئادەم بولىشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ .
ھازىر جەمىيەتتە  ياش ئوسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى بىر قەدەر ئېغىر ئىجتىمائى مەسىلە بوپ قالدى.  كىشىنى تېخىمۇ چۆچىتىدىغىنى جىنايەت ئۆتكۈزۈش يېشى بارغانسېرى كىچىكلەپ بارماقتا . مۇنبەردە بۇ ھەقتىكى دىلو يوللانمىلارمۇ ئەز ئەمەس . شۇڭا  ھەر بىر ئاتا -ئانا بولغۇچى پەرزەنتلىرىگە ئەخلاق تەربىيەسىنى،قانۇن- تۈزۈملەرگە رىئايە  قىلىش كېرەكلىگىنى كىچىكىدىنلا ياخشى ئېلىپ بېرىشى كېرەك،بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ يەنە شۇ مىللى ئەنئەنە ،مىللى مەدەنىيەت ،تارىخ،ئەخلەق، ۋە قانۇندىن خەۋىرى بولغان ئىمان -ئېتىقادلىق،شەرمى -ھايالىق  ئاتا -ئانىلار بولىشى كېرەك  .


【سەبىخە】 بەزىلەر مىللى كارخانىچىلىرىمىزدىن بىر قەدەر سەركىلىك رول ئويناۋاتقان «ئارمان» بىلەن «ئىخلاس» كارخانىلىرى رىقابەتلەشمەي قوشۇلۇپ كەتسە تېخىمۇ گۈللىنىپ كىتىدۇ ، دەپ قارايدىكەن . سىزنىڭچە بۇ ئىككى كارخانا چوقۇم قوشۇلۇپ كىتىشى زۆرۈرمۇ ؟ ئۆزىڭىزنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىڭىزنى سۆزلەپ باقسىڭىز ؟


【سۇمرۇغ】 مەنمۇ بۇ پىكىرگە قوشىلىمەن . بۇ ئىككى كارخانىنىڭ مەيلى ئىشلەپچىقىرۋاتقان مەھسۇلاتلىرى ،تىجارەت تۈرلىرى ياكى ئېلانلىرى بولسۇن بىر -بىرىدىن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ،بۇ ئىككى كارخانىنىڭ خەلقىمىز قەلبىدىكى ئورنىمۇ ئوخشاش،ئەگەر ئىككى كارخانا قوشۇۋېتىلسە كارخانىنىڭ كۆلىمى، مەبلىغى  ،ئادەم كۈچى بايلىقى ،ئىقتىسادى ئەمىلى كۈچى ئاشىدۇ .ئېلان چىقىمىمۇ تېجىلىدۇ .بىر بىرىنىڭ كام يەرلىرىنى تولۇقلاپ ئاپتونۇم رايونىمىز بويىچە ،ھەتتاكى مەملىكەت بويىچە كۈچلۈك كارخانىغا  ئايلىنالىشىدا گەپ يوق!

【سەبىخە】 شەبنەم تورىغا جۈملىدىن شەبنەم مۇنبىرىگە قانداق تەكلىپ - پىكىرلىرىڭىز بار ؟


【سۇمرۇغ】 مەن «شەبنەم» دىن باشقا يەنە «دىيارىم» ، «سەلكىن» لەرنىمۇ زىيارەت قىلىپ تۇرىمەن.  شەبنەمنى مۇنبەرلەرنىڭ سەركىسى دېسەك لاپ كەتمەيدۇ  سەھىپىلىرىنىڭ رەڭدارلىقى ،تېمىلىرىنىڭ كۆپلىگى ،ئىنكاسلارنىڭ قىزىقارلىق ۋە جانلىقلىغى  بىلەن ئادەمنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ . شەخسەن مەن بىر كۈن مۇنبەرگە كىرمىسەم قانداق ئىسىل تېمىلارنى ،قىزىقارلىق ئىنكاسلارنى كۆرمەي ئۆتكۈزۋەتكەنمەن ،   دەپ تاقەتسىزلىنىپ كېتىمەن .
ئەلۋەتتە ،ساقلانغان مەسىلىلەرمۇ ئاز ئەمەس ،بۇ ھەقتە ھىس قىلغانلىرىمنى پىكىر تەكلىپ دەپ ئايرىمايلا ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي :
1.بىر قېسىم باشقۇرغۇچىلاردا ئەزالارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش سەل ئېغىر . يېڭى ئەزالارنىڭ تېمىسى خېلى  يالۋۇرۇشلاردىن كېيىن چىقىدۇ،بۇنى يېڭى ئەزالارنىڭ دادلاپ يازغان ئىنكاسلاردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.
2. تەكرار تېما يوللانسىمۇ باشقۇرغۇچىلار قارىماستىنلا تەستىقلاۋېرىش بەك ئېغىر .بەزى تېمىلار تەكرار تەكرار يوللانغان بولسىمۇ يەنىلا تەستىقلىنىۋەرگەن ،يەنە تېخى ئەزالار ئەسكەرتمىگىچە تۇرىۋەرگەن.مېنىڭچە باشقۇرغۇچى بولغان ئادەم سىياسى تېمىلارغا قانداق سەزگۈر بولسا ئادەتتىكى تېمىلارغىمۇ  شۇنداق  ھۇشيار تۇرىشى؛ ھەربىر تېما ئىگىسىگە ،تېمىغا مەسئۇل بولىشى  كېرەك. مەيلى ئەزالار بولسۇن ،مەيلى باشقۇرغۇچىلار بولسۇن ،تېمىنى مۇنبەرگە چىقىرىشتىن بۇرۇن قايتا-قايتا كۆرۈپ ،ئىملا خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ ،ئاندىن چىقارساق.
3. قىسمەن باشقۇرغۇچىلاردا ئۆزىگە ياقمىغان ۋە ئۆزى تازا چۈشىنىپ كېتەلمىگەن نورمال تېما ۋە ئىنكاسلارنى قالايمىقان ئۆچۈرۈش ۋە ئۆچۈرۈش  سەۋەبىنى ئەسكەرتمەسلىك خاھىشى بار.مېنىڭچە ھەر بىر ئەزانىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك.
4. مېنڭچە بۇ مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ ساپاسىغا قاتتىق تەلەپ قويۇلسا ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىش ئۈنىمىگە ئاساسەن ھەر ئايدا بىر ئىلغار باشقۇرغۇچى تاللىنىپ ماددى جەھەتتىن رىغبەتلەندۇرۇلسە يۇقۇردىكى ئىشلاردىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولىدۇ.
5. مۇنبەردە  تەبىئى پەنلەرگە ئائىت ،پەن تېخنىكا يېڭىلىقلىرىغا ئائىت تۈزۈكرەك سەھىپە يوق،بۇ بەلكىم بۇ ھەقتە تېما يوللىغۇچىلارنىڭ  ئاز بولىشىدىنمۇ بولىشى مۈمكىن .مېنىڭچە مۇشۇنداق بىر سورۇن ھازىرلانسا ياخشى بولاتتى.
6.ناخشا ئۇسۇلنى مەزمون قىلغان  سۈرەتلىك فىلىملار  ئازراق تەستىقلانسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن،تورداشلارمۇ بۇنداق تېمىلارنى بەك زۆرۈر بولمىسا يوللىمىساق.تېلىۋېزورلاردىكى مول سەنئەت پورگراممىلىرى ۋە ناخشا ئۇسۇل تور بەتلىرى  مەنىۋى تۇرمۇشۇمىزنىڭ ئېھتىياجىدىن تامامەن چىقالايدۇ  دەپ قارايمەن .



【سەبىخە】 شەبنەم تورىدا ئىلىپ بىرىۋاتقان «چولپانلار بىلەن سۆھبەت» سەھىپىنىڭ فىلىملىرىگە قارىتا قانداق قارايسىز ؟ بۇ سەھىپىنى قانداق قىلغاندا تورداشلارغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ ئىجتىمائى ئۈنۈمگە ئېرىشىش بىلەن بىرگە ئىقتىسادى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ ؟


【سۇمرۇغ】 مېنىڭچە بۇ سەھىپە ياخشى باشقۇرۇلىۋاتىدۇ ، ئەمما قانداق چولپاننى زىيارەت قىلىشنى باشقىدىن ئويلىشىپ باقسا دىمەكچىمەن  . بىزدىكى  سەنئەت ساھەسىدىكى چولپانلارنى تونۇشتۇردىغان تېلىۋىزىيە پوروگراممىلىرىمىز  شىنجاڭ تېلىۋېزىيەسىدە بولسۇن ، ئۈرۈمچى تېلىۋېزىيەسىدە بولسۇن ئاز ئەمەس . خەلقىمىز ئىچىدە داڭلىق چولپانلارنى تونىمايدىغان كىشىلىرىمىز يوق دىيەرلىك . شۇڭا مېنىڭچە ،بۇ سەھىپىدە پەن تېخنىكا ساھەسىدىكى چولپانلار ،داڭلىق كارخانىچىلار، ئىگىلىك تىكلەش ماھىرلىرى، مائارىپ سېپىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئىلغار ئوقۇتقۇچىلار ، چەتئەللەردە ئوقۇپ ، نەتىجە يارىتىپ مىللىتىمىزگە شان -شەرەپ كەلتۈرگەن ئىختىساس ئىگىلىرى ،ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ھەممىسىنى  ئىختىساسلىق قىلىپ تەربىيلەپ، پەرزەنت تەربىيسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئاتا -ئانىلارنى زىيارەت قىلساڭلار تورداشلارنىڭ تېخىمۇ ئالقىشىغا ئېرىشەلىشىڭلار مۈمكىن ھەمدە مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە  قوشۇپ،مۇنبەردىكى  ئەزالارنىڭ  بىلىمنى ،ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم قىلالىشىڭلار مۈمكىن .


【سەبىخە】 شەبنەم مۇنبىرىدە ئىلىپ بىرىلىۋاتقان «تورداشلار بىلەن سۆھبەت» تىمىلىرىغا قانداق قارايسىز ؟ بۇ سەھىپىنىڭ تىمىلىرىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ جەلپكار قىلىش بىلەن بىرگە تورداشلارغا مەنىۋى نەپ بەرگىلى بولىدۇ ؟


【سۇمرۇغ】 مېنىڭچە بۇ سەھىپىمۇ كۆپچىلىك ياقتۇردىغان سەھىپىلەرنىڭ بىرى ، ئەمما زىيارەت قىلىنغۇچىدىن سورىلدىغان سوئاللار ئىسلاھ  قىلىنىشى كېرەك ، دەپ قارايمەن.  قارىسام ھەممىلا زىيارەت قىلىنغۇچىدىن سورۇلدىغان سۇئاللار ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىكەن ، گەپ زىيارەت قىلىنغۇچىنىڭ شەخسى تۇرمۇشى بىلەن شەبنەمگە بولغان كۆز قارىشىدىن چەتنەپ كەتمەيدىكەن . مېنىڭچە زىيارت قىلىنغۇچىنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقان  كەسپىگە ئائىت يەنى بۇ كەسپتىكى تەرەققىيات ، يېڭىلىق ،ئىستىقبال ،ئىشقا ئۇرۇنلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەر سورالسا ،تېما كۆرگۈچىلەرگە پايدىلىق ئۇچۇرلار چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ مەۋھۇم دۇنيادازىيارەت قىلىنغۇچىلار يەنىلا مەۋھۇملىقىنى ساقلاپ قېلىپ ئۆزى بىلگەنلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگىمۇ يەتكۈزۈپ  بەرسە ،بۇ تېمىنىڭ قىممىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ  دەپ  ئويلايمەن.  يەنە بىر قوشۇمچە تەكلىۋىم يېڭى تىزىملىتىپ كىرگەن ئەزالارنىڭ ئىچىدە يېڭى بىلىم، يېڭى كۆزقاراش، پەن تېخنىكا يېڭىلىقلىرى    ھەققىدە تېما يوللىغانلار بولسا ئۇلارنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ ،ئۇلارمۇ زىيارەت قىلىنسا .  بۇ  ھەم يېڭى ئەزالارنىڭ قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ھەم كۆپچىلىكنىڭ تېخىمۇ كۆپرەك يېڭىلىقلاردىن تېزراق خەۋەر تېپىشىغا ،بىلىمىنى يېڭىلىشىغا پايدىلىق .مەن شەبنەمنىڭ تورداشلارنىڭ تۇرمۇشىغا  مەنىۋى جەھەتتىن ئوزۇق بېرىدىغان ئارام گاھلا بولۇپ قالماستىن ،ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى بىلىم كانىغا ئايلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.


【سەبىخە】 ئاخىرىدا تورداشلارغا ئېيتىدىغان قانداق يۈرەك سۆزلىرىڭىز بار ؟


【سۇمرۇغ】مېنىڭ تورداشلارغا دەيدىغان يۈرەك سۆزۈم بولۇپمۇ تۇرمۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان خانىم قىزلىرىمىزغا دەيدىغىنىم : ھايات ئادەمگە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ، ھايات مۇساپىسى ھەرگىزمۇ تۈپ-تۈز بولمايدۇ ،قىسقىغىنە بۇ ھاياتتا بەختلىك،خوشال -خورام ياشاش ئاللانىڭ بىزگىمۇ بەرگەن ھوقۇقى ! سىز تۇرمۇشقا كۈلۈپ قارىسىڭىز تۇرمۇشمۇ سىزگە كۈلۈپ قارايدۇ.ئەمىليەتتە خوشال-خورام ياشاشنىڭ تولىمۇ  ئاددى بىر مەخپىيىتى بار ،ئۇ بولسىمۇ «كەڭ قورساق بولۇش!» كىشىلىك ئالاقىدە كەڭ قۇرساق،سەمىمى بولۇپ باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خوشاللىق دەپ بىلىپ،قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ پىكىر قىلىپ،باشقىلارنى چۈشىنىشكە ماھىر بولساقلا ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلەيمىز شۇنىڭدا كۈنلىرىمىز خوشال- خورام ئۆتىدۇ.گۈزەل ۋە ياش تۇرۇشنى خالىمايدىغان بىرمۇ ئايال يوق.ساغلام روھى ھالەت ئاياللارنىڭ ياشلىق باھارىنى ۋە گۈزەللىكىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
ئاخىرىدا تورداشلارغا دەيدىغىنىم ساغلام ،ھايات بولۇپ تۇرغىنىڭىزنىڭ ئۆزىلا بىر غەنىمەت ۋە زور بايلىق،شۇڭا ھاياتىڭىزنى قەدىرلەپ ،خوشال ياشاشقا تىرىشىڭ! تۇرمۇش تىرىشىش ۋە ئالغا بېسىش بىلەن تېخىمۇ رەڭگارەڭ بولىدۇ !

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+20(ikin) ئەھمىيەتلىك ..
  • ياخشى باھا:+10(Nazuk-qiman) بەك ياخشى يې ..
  • تۆھپە:+10(Naikon.x) ھەدە ، ھارمى ..
  • ياخشى باھا:+20(DEWRAN) ئەھمىيەتلىك ..
  • كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
    بىلىم قىمىتىنى بىلىملىك بېلۇر،
    ئەقىلنى قەدىرلەش بىلىمدىن كىلۇر.
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-20 22:31 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    ziyaratqi007
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 72640
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 303
    شۆھرەت: 303 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2030 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 282(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-22

     

    سۇمرۇغ0991 ھەدىمىز بىلەن تونىشىۋالدۇق . مۇئەللىم بولغاندىن كىيىن بىلمىگەن يەرنى سورىساق بولار   

    كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
    ئانىنىڭ بىرتىمىم سۈتى ھەققىگە .
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-20 22:39 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    tim0998
    گۈزەللىك ئىزدىمە،ئۇ سەندە.
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 61829
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1164
    شۆھرەت: 1300 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 50 سوم
    تۆھپە: 143 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 39 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 491(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سۇمرۇغ خانقىز بىلەن تونۇشقانلىقىمىدىن خۇشالمەن.سۆھبەت ئۈنۈمى ياخشى بولۇپتۇ.سەبىھەگە رەھمەت.

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    تۈنۈگۈننى ئۇنۇتما!بۈگۈننى چىڭ تۇت!ئەتىنى ئويلا!
    تۈنۈگۈندىن جەۋھەرلەر توپلىشىڭ مومكىن؛
    بۈگۈننى چىڭ تۇتساڭ،كېيىن پۇشايمان قىلمايسەن؛
    ئەتىكى توغرا نىشاننى كۆزلەپ ماڭساڭ،تاپتىن چىقىپ كەتمەيسەن!

    ./?u=61829
    ./?a=tim0998
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-20 22:45 |
    0999yurut
    ساغلام تەندە ساپ ئەقىل
    ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 31008
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 2613
    شۆھرەت: 2683 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 550 سوم
    تۆھپە: 225 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 211 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1144(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-22

     

    پەلسەپە ساھەسىدە سۇمرۇقتەك بىر پەرۋاز قىلىۋىتىڭە.....

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-20 22:45 |
    tughrul
    تۇغرۇل _ بۈركۈت سەردارى !
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 48638
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3939
    شۆھرەت: 1150275 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 12735853 سوم
    تۆھپە: 173 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 104 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2008(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

    0991sumruh مۇئەللىم بىلەن تۇنۇشقىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن !
    سىزنىڭ نۇرۇز بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن !!!!

    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-20 22:50 |
    Ark-zat
    ئەمەتجان مۇھەممەت
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 2
    نادىر تېما : 15
    يازما سانى : 5540
    شۆھرەت: 5948 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 41375 سوم
    تۆھپە: 901 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 615 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1035(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-14

     

    ئەتىراپلىق سۆھبەت بولۇپتۇ،ئىككىلى خانىمغا كۆپ رەھمەت!

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ،يار بەرمىگەندە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.
    قوليازمىلىرىمنى رۇخسىتىمسىز ئىشلەتمەڭ!!!
    تېمىلىرىمگە قىزىقسىڭىز Ark-zat.Xabnam.com دىن كۆرۈڭ.
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-20 22:54 |
    138زەپەر
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 72739
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 12
    شۆھرەت: 12 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 120 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

    زىيارەت قىلمىغۇچە روھى دۇنياسىغا چوڭقۇرلاپ كىرگىلى بولمايدۇ ، سۇمرۇغنىڭ پەلسەپىۋى قاراشقا تۇيۇنغان قەلب دۇنياسىنىڭ زاھىرىنى بىرقۇر ئاشكارا قىلىپ بىزنى مەنىۋى جەھەتتىن ، دۇنياقاراش تەرەپلىرىدە مەلۇم يىڭىچە تەپەككۇرغا ئىگە قىلغان سەبىخەنىڭ ئەجرىگە رەھمەت .

    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-20 22:54 |
    ئىشەنچ
    قىزىم ، دۇنيا سىنىڭ قۇلۇڭدا !
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21746
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 2415
    شۆھرەت: 2985 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 115028 سوم
    تۆھپە: 61 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 140 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1304(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     



    ئالدى بىلەن مۇنبەردىكى بارلىق قېرىنداشلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن . نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!





    مەن 0991sumruh ھەدەم بىلەن كۆرۇشكەن . گەرچە 10-15 مىنۇتلا پاراڭلىشالىغان بولساقمۇ ئۇ ھەدەمنىڭ ماڭا بەرگە تەسىرى خېلى يۇقىرى . شۇنداق مەسئولىيەتچان ، سەمىمىي ، ئاقكۆڭۇل مىجەزىگە ئامراقلا بۇپ قالغانىدىم . سەبىخە ھەدەم بىلەن ئىلىپ بارغان سۆھبىتىنى كۆرگەندىن كىيىن بۇ ھەدەمنى تېخىمۇ چۈشەنگەندەك ھېس قىلدىم . ئاخىرىدا 0991sumruh ھەدەمنىڭ ئائىلىسىگە بەخت ، خىزمىتىگە ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇشۇ سۆھبەتنى بىزگە سۇنۇش ئۈچۈن مېھنەتسىز كۈچ چىقىرىۋاتقان سەبىھە ھەدەمنىڭمۇ ئەجرىگىمۇ رەخمەت ئېيتىمەن .

    شىنجاڭ تور مەكتىپى

    ئەگەر دۇنيادا پاك ھەقىقىي ساپ ۋە مۇكەممەل مۇھەببەت بار دىيىلسە ئۇ دەل ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىدۇر !!!
    ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻰ ، مەسئولىيىتى ﯞﻩ ﺋﯩﻤﺎﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ ﺷﻪﺭﺗﯩﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ بالىلىرى ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﯩﺘﯩﻤﺪﯗﺭ ، خالاس .

    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-20 22:56 |
    Mardan0903
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 42245
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 535
    شۆھرەت: 536 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 19462 سوم
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 979(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

    سۇمرۇخ ھەدەم بىلەن تۇنۇشۇۋالغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، يىقىندىن بىرى سىزنىڭ ئىنكاسلىرىڭىزغا دىققەت قىلىپ كىلىۋاتاتتىم، سىز تۇلىمۇ ئۇرۇنلۇق پىكىر قىلىدىكەنسىز ،سىزگە خۇشاللىق يار بولسۇن.

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    ھەقىقەت ئىگىلىدۇ، سۇنمايدۇ...........
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-20 23:05 |
    DEWRAN
    دەۋران دەردلىرى داۋاسىزدۇر.
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 55117
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1127
    شۆھرەت: 1278 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 14527 سوم
    تۆھپە: 214 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 190 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2604(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

       بۇ-خېلىلا ئەتراپلىق ۋە ئەمەلىي ئەھمىيىتى بار تېمىلاردا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغان يەنە بىر قېتىملىق ياخشى سۆھبەت بوپتۇ! مەن 0991sumruh نىڭ بارلىق ئىشلىرىنىڭ  ئارزۇسىدىكىدەك بولۇشىغا، سەبىخەنىڭمۇ مانا مۇشۇنداق قىممىتى بار سۆھبەتلەرنى يەنىمۇ كۆپلەپ ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق مۇنبەرداشلار ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق ھەمكارلىشىشقا داغدام يول ئېچىش يولىدا يەنىمۇ كۆپلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە تىلەكداشمەن!

    بۇرۇتۇڭ خەت تارتمىغۇچە، يۈرىكىڭ دەرد تارتماس.

                      ***      ***       ***
                      
    مەيلى دەۋران باقمىسا باقالمايمەن دەۋرانغا،
    ياشالمايمەن تىزلىنىپ رامكىلانغان پەرمانغا.
    چىن غۇرۇرۇم باشلىغان يولدا ماڭسام تەۋرەنمەي،  
    بېقىنمايمۇ دەۋرانغا يېتەلەيمەن ئارمانغا!
    - ياسىنجان ئوسمان دەۋران
    ./read.php?tid-89120.html
    ./search.php?authorid-55117.html
       دەۋران ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلار يۇقىرىقى تېمىلاردا بار. خالىسىڭىز مەرھەمەت قىلىڭ!
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-20 23:09 |
    SALMAK
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 34457
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 685
    شۆھرەت: 706 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 7945 سوم
    تۆھپە: 35 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 13 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 856(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-22

     

    مەن بۇ ھەدەمنىڭ بىر مىجەزىنى ياختۇرۇپ قالغان ئىدىم .كىم خاتا قىلسا ئايمايلا جاۋاپ بىرىپ كۇچىنىڭ يىتىشچە تۇزتىش بىرىدو.خاتالىقنى يۇگەپ ساختا مۇئامىلە قىلىپ ئالدىمايدو.

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-20 23:23 |
    zakira
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 55203
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1672
    شۆھرەت: 83293 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 940 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 110 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1928(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

    سۇمرۇغ بۇ سۆھبەت ئارقىلىق سىزدەك بىر كەسىپدىشىم بىلەن تۇنۇشۇۋالدىم ..
    مەن سىزنىڭ ئۆتكۈر ئىنكاسلىرىڭىزغا بەك دىققەت قىلاتتىم ، سىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھايات مۇساپىڭىزنىڭ تېخىمۇ مەنىلىك بولىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .ئاخىردا نەۋرۇز  بايرىمىڭىزنى تەبرىكلەيمەن .
    سەبىخە سىزدەك ئەڭ ياخشى بىر مۇخبىرىمىز بار بولغاچقا  بىزنى مۇنبەردىكى بارلىق قېرىنداشلارغا تونۇتتىڭىز گۈلۈم . اللا سىزگە خاتىرجەملىك ، سالامەتلىك ئاتا قىلغاي .
    [ بۇ يازما zakira تەرپىدىن2009-03-21 01:00دە قايتا ت ]

    دۇنيادا ھەققىي مۇھاببەت،ئاننىڭ بالىغا بۇلغان مۇھاببىتىدۇر.
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-20 23:33 |
    چەكمەن
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش مۇنبەر قىززىقچىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 28022
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1725
    شۆھرەت: 1731 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 500150 سوم
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 57 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 3710(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-22

     

    سۇمرۇغ مۇئەللىمنى مۇنبەردە ،يۇمۇر چاخچاق سەھىپىدە كۆپرەك ئۇچرۇتۇپ تۇراتتىم .باشقا باشقا كەسىپلەردىمۇ بىلمى مولكەن .
    دىققەت قىلسام بۇسۆھپەتتە سورالغان سوئاللار باشقا سۆھپەتلەردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىكەن .
    سۇمرۇغ مۇئەللىمنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق ،تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈللۈك ئۆتىشىنى تىلەيمەن .

    چەكمەننىڭ يېڭى دۇنياسى

    http://qakman.blogbus.com

    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-20 23:54 |
    saptilak
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 77714
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 19
    شۆھرەت: 19 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 190 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

    سۇمرۇغ مۇئاللىم ناھايىتى تۇغرا ئىيتىپتۇ، مەن ئەڭ دەسلەپتە ئىلان قىلغان «ئاياللار 30 ياشتىن ھالقىغاندا» دىگەن تىمام بۇگۇن ئەتىگەن ئىلان قىلىنىپ، چۇشتىن كىيىن قارىساملا مۇنبەردىن چىقىرلىۋىتىپتۇ، كۆڭلۇم بەك يىرىم بولدى، چۇنكى بۇ تىمىنىڭ خىلى پايدىلىنىش قىممىتى بار ئىدى، ئەپسۇس.....

    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-21 00:30 |
    Nazuk-qiman
    دېرىزە ئالدىدىكى قىز!
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 11391
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1453
    شۆھرەت: 1506 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 14550 سوم
    تۆھپە: 90 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 37 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1730(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

    راستىمنى دىسەم ، مەنمۇ سۇمرۇغ مۇئەللىمنىڭ باش سۈرىتىگە ھەممىدىن بەك قىززىققان ئىدىم ، ئۇ باش سۈرەت كىشىنى بىرخىل مۇڭلۇق ھىس تۇيغۇغا باشلايدۇ ،  سۇمرۇغ مۇئەللىم ھەقىقەتەن  غەيرەتلىككەنسىز !  اللە  دىن تۇرمۇشىڭىزغا چەكسىز بەخىت ۋە خۇشھاللىق تىلەيمەن!! سەبىھەگىمۇ تەشەككۈر! اللە ئەجرىڭىزنى بەرسۇن گۈلۈم!
    بارلىق ئەزىز قېرىنداشلارنىڭ  نەۋرۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسون!!!


    دۇنيا مېھىر - مۇھاببەت بىلەن گۈزەلدۇر!
      
      
      
      
    .
      نازۇك شەخسى بىئولوگى 
    http://blog.retim.cn/261010  
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-21 01:24 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )
    XabnamBBS » ئەزالار زىيارىتى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:03-22 01:41, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ