نورۇزدىن زېرىكمەڭ
ئەكبەر جاپپار دەردى
___ ۋاي ئەجەپمۇ ساقلىتىپ كەتتىڭ ئاداش ، نېمانداق ئۈزۈندا كېلىسەن ؟
___ شۇ ئىشتىن بىكار بولالماي ھېرىپ ئۆلەيلا دېدىم .
___ نېمە ئىدارەڭدە كەتمەن چاپمىغانسەن ، ھېرىپ كەتكۈدەك ؟
___ ۋاي ياق ، شۇ نورۇز پائالىيىتىگە نومۇر تەييارلايسىلەر دەپ ئادەمنى يىغىۋېلىپ دېگىنە ، يا بىز ئەرتىس بولمىساق .
___ بىزنىڭ ئىدارىدىمۇ شۇ ، نورۇز پائالىيىتىگە سەنئەت تەييارلايمىز دەپتى ، بالام كىچىك دەپ قاتناشمىدىم تازا .
___ بۇرۇن يوق ئىشلارنى نەدىن تېپىۋاتىدۇ بۇ خەقلەر ھىچ بىلمىدىم ئادەمنى بىكاردىن ئاۋارە قىلىپ ، خويمۇ زېرىكتىم شۇ نورۇز دېگەندىن .
نورۇز بايرىمى ھارپىسىدا ھەپتە بۇرۇن شەھەر ئىچىدىكى مەلۇم بىر بېكەتتە ئاپتوبۇز ساقلاۋېتىپ ، زامانغا لايىق كىينىپ ، چاچلىرىنى سېرىق بويىۋالغان 35 ياشلاردىكى ئىككى چوكاننىڭ يۇقىرقى گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قېلىپ ، توۋۋا ئۇلارنىڭ دېيىشىۋاتقان گەپلىرىنى ..... دېگەنلەرنى كاللامدىن ئۆتكۈزۈپ ، ئۇلارنىڭ ھەممە ئادەم قۇتلۇقلاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان خاسىيەتلىك نورۇز بايرىمىدىن بىزار بولۇۋاتقانلىقىدىن بەك ئەپسۇسلاندىم .
نورۇز بايرىمى— ئۇيغۇر ، قازاق ، ئۆزبېك ، قىرغىز ، تاجىك قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەر ھەر يىلى شەمسىيە كالىندارى بويىچە كونا يىل ئاخىرلىشىپ يېڭى يىل كىرگەن كۈنى يەنى مىلادى كالىندارى بويىچە 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنى زور تەنتەنە بىلەن ( كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن كۈن ) ئۆتكۈزىدىغان يېڭى يىل بايرىمى ، شۇنداقلا «يېڭى كۈن»، «يىل باشلانغان»كۈن .
شۇڭا بىز ئاشۇ ئاجداتلارنىڭ ۋارىسى شۇنداقلا ئاشۇنداق ئۇزۇن تارىخقا ئىگە دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان نورۇز بايرىمىنىڭ ئىگىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن قارشى ئېلىشقا تامامەن ھەقلىقمىز .
تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق ، ئەجداتلىرىمىز نورۇز بايرىمىنى ئوۋغا چىقىش ، مال–چارۋىلىرىنى يايلاققا كۆچۈرۈش ، تېرىقچىلىقنى باشلاشتىن بۇرۇن يېڭى يىلدىكى ھەممە ئىشلىرىغا ئوڭۇشلۇق ، بەركەت ، تۇرمۇشىغا بەخت تىلەپ ئۇنى كۆكلەم ، باھارنىڭ ئەلچىسى ، ئانا يۇرتنىڭ كۈلكىسى ، ھاياتلىقنى يېڭى ھاياتقا ئۇلايدىغان ئۈزۈلمەس رىشتە دەپ بىلىپ«نورۇز ئىشى»ئېتىش «نورۇز سۈيى سېپىش»قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئادەتلەر بىلەن ناھايىتى شات خوراملىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلىكى كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ .
مېنىڭچە ئىنسان ئۈچۈن ئۆز تارىخىنى بىلمەسلىك ۋە ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن ئۇنى ئاستىن – ئۈستىن قىلىۋېتىش ، ئەجدارلاردىن قالغان ئىسىل ئادەتلەرنى يوق قىلىۋېتىش ، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشتىن باش تارتىشتىنمۇ ئارتۇق جىنايەت بولمىسا كېرەك .
مەن بۇ قىسقىغىنە يازمام ئارقىلىق ، ھىلىقىدەك نورۇزنىڭ تارىخنى بىلمەي تۇرۇپ ئۇنى نەدىن تاپتى ، نورۇز دېسە بېشىم ئاغرىيدۇ دەيدىغان ، ئۆز كۆڭلىدە زامانغا ماسلاشقان، بىراق ئەسلىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان ، ئۆزىگە قايسى ئىشنىڭ يارشىۋاتقان ، قايسى ئىشنىڭ ياراشمايۋاتقانلىقىنى ، بىلەلمەيۋاتقان كىشىلىرىمىزگە مۇنداق دېگۈم كېلىۋاتىدۇ ، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۆزلىكىنى پەقەت ئۆزىمىزنىڭ تارىختىن بۇيان جۇلالىنىپ ، ھەمدە شۇ تارىخ بەتلىرىدىن ئۆچمەس ئورۇن ئالغان ئىسىل قائىدە يوسۇنلىرىمىز بىلەنلا نامايەن قىلالايمىز . شۇڭا يىلدا بىر كېلىدىغان قۇتلۇق نورۇز بايرىمىدىن قاخشىماي ئۇنى قانداق قىلىپ ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن تېخىمۇ ياخشى قۇتلۇقلاش ۋە ئەۋلاتلارغا قانداق يەتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدا كۆپرەك باش قاتۇرايلى .گەپنىڭ قىسقىسى نورۇزدىن قاخشىغىنىمىز ئۆزىمىزدىن قاخشىغىنىمىز ، ۋە تارىختا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان ئەجداتلاردىن قاخشىغىنىمىز . ئەگەر بىز قۇتلۇق نورۇز كۈنىدىن قاخشىساق ھىچ قاچاندا ئۆزىمىزگە يۈز كېلەلمەيمىز .
مەنبە : تەڭرىتاغ تورى