ئاكورىد قىلىش،ئىجاد قىلغانلىقمۇ؟
يېقىندا مۇنبىرىمىزدىكى << ئاشىق 0998 >> بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ،95-يىلى مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان ئۈنئالغۇ لىنتىدىكى، << جان بالام >> ناملىق دۇتتار بىلەن ئورۇنلانغان ناخشىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدۇق .
بۇ ناخشىنى ئابدۇللا ئابدۇرھىم،قېرىندىشى ئابلەت ئابلىكىمنىڭ سەنئەت كىچىلىكىدە << نەچچە رەت >> دىگەن نام بىلەن ئۇقۇغاندى .
ھەتتا مۇزىكا ئىجادىيەتچىسى ئابلەت ئابلىكىم دەپ يېزىلغاندى .
ئۈنئالغۇ لىنتىدىكى، << جان بالام >> ناملىق ناخشىنىڭ تىكسىتى ،
جان بالام نەلەرگە كەتتىڭ،كەلدى كۆرگۈم نەچچە رەت ،
سېغىنىپ قەۋرەڭنى مەن ،كۈزۈمگە سۈرىتتىم نەچچە رەت .
بىلمىدىم نە ۋەجىدىن ، كەتتىڭ بۇرۇنلا خوشلىشىپ ،
نە ئامال ئۆيلەردە بىرگە ،كەلدى يۈرگىم نەچچە رەت .
سەن بالام ھايات چېغىڭدا ،خۇش ئىدىم جۇشقۇن ئىدىم ،
شۇ ھاياتنىڭ پەيزىنى ،كەلدى كۆرگۈم نەچچە رەت .
شۇ مىنىڭ جىسمىم ۋىسالى ،ئوت بۇلۇپ ئۆرتەندى بەك ،
نە ئامال قەۋرەڭدە بىرگە ،كەلدى ياتقىم نەچچە رەت ،
ئاھ ئەجەپ قىلدىڭ غېرىپ،نىمە بولدى تەقدىر بىلمىدىم ،
نالە قىلدىم ياش تۈكۈپ ، قەۋرەڭگە باردىم نەچچە رەت .
ماڭىغغۇ كەتتى بۇ كۈنلەر ،سۇنسا قاناتىم قايرىلىپ ،
ئانىڭىز ئاجىزىڭىزغا ، لازىم بۇلاتتىڭ نەچچە رەت .
باشقىلار تەرپىدىن ئىجاد قىلىنغان ناخشىنىڭ ،مۇزىكىسى ۋە تىكىسىتنى قايتا ئازراق ئۆزگەرتىپ ،ئۆز نامىدا ئىلان قىلسا بۇنى قانداقمۇ ئىجادىيەت دىگىلى بولسۇن ، باشقىلارنىڭ ئاشۇ مۇڭلۇق ناخشا ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجىرى ئۈچۈن،ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئاشۇ ناخشىدا ئېنىق يېزىپ قويغان بولسا ، شۇ كىشىلەر ئۈچۈن زور بىر ئىلھام بۇلۇپ قېلشى مۇمكىن ئىدىغۇ ،
ئەگەر ئابلەت ئابلىكىمنىڭ ئىجادىيتىنى، باشقىلارمۇ ئازراق ئۆزگەرتىپ ئۆز نامىدا ئىلان قىلۋالسا،ئابلەت ئابلىكىم قانداق ھىسياتتا بۇلار ؟؟؟؟؟
باشقىلارنىڭ چاپىندا تەرلەش، بۇ بىر قېرىداش ناخشىچىلىرىمىزغا تەپمە ھالال بىر كەسىپ بۇلۇپ قالغاندەك قىلامدۇ قانداق ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئاخىردا بۇ بىر قېرىنداش ناخشىچىلارغا، مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ مۇنۇ بىر كۇپلىت شئېرىنى تەقدىم ئىتىمەن ،
ئۆتنە يېرىم- قىلماق تۇرمۇشتا بار ئىش ،
بىلىمنى ئۆتنىگە ئالماقلىق خار ئىش .
بىراۋنىڭ تونىدا تەرلەيمەن دىمەك ،
ۋىجدانلىق كىشىگە بىر ئۆمۈر ئار ئىش .
ھەم ئۇلارغا دەيدىغان يۈرەك سۆزۈم،
كىچىككىنە مەنپەئەت ۋە ئابرۇينى دەپ مىخقا ئۈسسۈۋالمىساڭلار ،
راسچىل، سەمىمى ،كەمتەر بۇلۇپ ناخشا -مۇزىكا ساھەسىدە ،تىخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرشۈڭلارغا تىلەكداشمەن .