تەنھەركەت بىلەن شۇغۇللانغاندا ئادەم سۈمۈرگەن ئوكسىگىن ئادەتتىكىدىن ئوننەچچە ھەسسە كۆپ بولىدۇ . ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى ئادەم بەدىنىدىكى ئوكسىگىن مىقدارى كۆپەيسە نەپەسلىنىش تېزلىشىپ ، بەدەندىكى گاز ئالمىشىش جەريانىدا ، بىر قىسىم راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاپ ، راك كېسىلى پايدا بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى بايقىغان . يەنە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ كېسىلىنىڭ تەرەققىياتىنى ئاستىلىتىپ ، ئاغرىقنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدىكەن . تەنھەركەت بەدەندىكى ماينى ئازايتىپ ،راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ ، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى تېزگىنلەيدۇ . تەجرىبىدىن ئىسپاتلىشىچە ، ئورگانىزىم ھەركەت ھالەتتىكى ۋاقىتتا ، ھەر سائەتتە قاندىن ئاجرىلىپ چىقارغان توسالغۇ ماددا ئادەتتىكىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشىدىكەن ، توسالغۇ ماددىنىڭ راككا قارشى تۇرۇش رولى بارلىغى خېلى بۇرۇنلا ئىسپاتلاندى . تەھەركەت ئادەم بەدىنى ئاجرىتىپ چىقارغان بەزى كۆپىيىش ھورمۇنىنى زور دەرىجىدە ئازايتىدۇ .ھەتتا ئاجرىتىپ چىقىرىشنى توختۇتۇپ قويىدۇ .تەتقىق قىلىنىشىچە ، كۆپىيىش ھورمۇنى بىلەن راك كېسىلى زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن ،كىشىلەر كىچىكىدىن باشلاپ تەھەركەت بىلەن شۇغۇللانسا ، راك كېسىلى پەيدا بولۇش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن . تەھەركەت ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلاپ ، غەمكىنلىك ۋە زېرىكىشنى يوقۇتۇپ ، پىسخىكا جەھەتتىن ئادەمنىڭ ئىممونىتېت سېستىمىسىنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىدۇ .ئىسپاتلىنىشىچە ، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ كۆپ قىسمى كەيپىياتى نورمال بولمىغانلار ياكى روھى ئازاپقا ئۇچرىغۇچىلار ئىكەن . بۇنداق ئاغرىقلار دائىم نەپەسلىنىش ھەركىتى ئىشلىشى ، سەيلە قىلىشى ۋە كوللىكتىپ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ ھەقىقى خوشاللىققا ئېرىشىپ ، جىددى كەيپىياتنى تۈگۈتىشى كېرەك .
مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى |