ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 194 - كۆرۈرمىنى
umahjuplar
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 79611
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

 ھاياتىمدىكى ئازاپلىق كۈنلەر

مەن دائىملا كۈلۈپ تۇردىغان قىز ئىدىم. .ئائىلەمدە ئانامنىڭ ئۇماق بالسى ئىدىم،دۇنيادىن غەمسىز ياشايتىم.16 يىل مانا شۇنداق ياشاپ كەلدىم،بېراق كىيىن تۇققانلارنىڭ بىزنىڭ ئۆيدە تۇرسۇن شەھەردە ئوقۇسۇن ،دەۋىرىپ ئۆيۈمدىكىلەرگە تېلفۇن قىلاتتى.كىيىن ئۆيۈمدىكىىلەرمۇ قوشۇلدى.شۇنىڭ بىلەن مەن ئائىلەمدىن ئايرىلدىم،ھاياتىمنىڭ شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن.بۇ ئاكامنىڭ ئۆيى ئىدى ئايالى ئۆيدە تۇرمايـتتى.ئاكاممۇ ئىچكىرىدە ئوقەت قىلغاچقا 2 بالىسى بىلەن چوڭ قورۇدا بىزلا قالاتتۇق،مەن مەكتەپتە ئوقۇيمەن دەپ كەلگەنتىم.بېراق بۇنداق ھالەتتە مەن قانداقمۇ ئوقۇيالايمەن.بالىسى باشلانغۇچتە ئوقۇيتتى .ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىشىغا يەنە يېرىم يىل بار ئىدى.بېراق ئاتا ئانىسى ھەپتىدە 2 ياكى 3 قېتىملا ئۆيدە بولمىسا سىرتتا سودا قىلاتتى.مەن شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ئۆيدە ئۇكىلىرىمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىغان بولۇپ قالدىم.شۇنىڭ بىلەن بىر يىل كومپىيوتىر ئوقۇپ قالغىنىدا چەتئەل تىلى ئۆگەنمەكچى بولغانتىم.لېكىن بۇنداق چوڭۇلار بولمىغان ئۆيدە مومكىن بولمايدىكەن.چۈنكى مەنمۇ ئائىلەمدە ھېچ ئىش قىلىپ باقمىغان ئەركە بالىدە،بېراق بۇنداق دەپ قول قوشتۇرۇپ تۇرغىلى بولمايدۇدە.شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇماي يېرىم كۈنلۈك ئوقۇشقا چىقىۋالدىم.كۈنلەر مۇشۇنداق تەرىقىدە ئۆتىۋەردى مەن ئەتىگىنى ئوقۇغۇچى چۈشتىن كىيىن خىزمەتچى بولۇپ ياشاۋەردىم.ھەممە ئىش مېنىڭ ئۈستۈمگە يۈكلەنگەشكە،ھەركۈنى ئىنتايىن ھېرىپ كېتەتتىم.ماڭا خوشالىق بېرىدىغىنى .يەنىلا مۇشۇ تور دۇنياسى ئىدى،بۇلارنىڭ ئۆيىدە كومپىيوتىر بارئىدى،شۇڭا مەن ھېرىپ قالساممۇ  تور دۇنياسىغا چىققان ھامان ھەممنى ئۇنتۇپ قالاتتىم.ئىشقىلىپ كۈنلىرىم ئۇزۇن مەزگىل مۇشۇنداقلا ئۆتۈپ كېتىپ باراتتى،توردۇنيسىدا ياشىغانسىرى ھەرخىل ئادەملەر بىلەن تونۇشۇپ،پاراڭلىشىپ مۇشۇنداق مۇنبەر ئارلاپ كۆرۈپ،كاللاممۇ خېلى ئىچىلىپ،ھېچ ئىشنى ئويلىمايدىغان بولۇپ كەتتىم،بېراق مەلۇم كۈنلەرنىڭ بىرىدە تورغا ئىشەنمەيدىغان ئادەم توردىكى مۇھەببەتنى چۈش دەپ توردىكى بىرەرسىنىمۇ ياىشى كۆرۈپ قالمايمەن دەپ ئويلايدىغان ئادەم ،ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ھالدا بىر يىگىتنى يفشى ۆكرۈپ قالدىم.ئۇمۇ مېنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى.مۇھەببىتىمىز كۈچەيگەنسىرى،مېنىڭ ئەندىشەممۇ كۈچىيىپ باراتتى .كىيىن ئىشلار قانداق بولۇپ كېتەر دەپ،بېراق ئۇنىڭ تىرشايلى ئىشەنسەكلا بولىدۇ ئۆزىمىزگە دەپ تۇردىغان تەسەللىسى،شېرىن سۆزلىرى مېنى ئۇنداق خىىياللاردىن خېلى يىراق قىلاتتى.يالغۇز ئۆيدە تۇرىۋىرىپ كۆنەپمۇ كېتىپتۇق.ئۆيدىكىلە قايتىپ كەلسە،كەلمىسىمۇ،بەرىبىر ئىدى ،بېراق مەن ئاچامدىن بەكلا قورقاتتىم.نېمە سەۋەپتىن ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتىم. تولىراق ئىشىمدىن قۇسۇر تاپقاچقىمۇ بەزىدە بېزار بولاتتىم. كىيىن ئۇلارنىڭ چوڭ ئۆيىگە باردىم.ئۇيەرگىمۇ خېلى تەستە كۆندۈم.مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىك بىر قىزنى كۆرۈپ ئۇنىڭ بىلەن دوست بولدۇم.شۇنداق ياخشى دوست بولدۇق،بېراق دادىسىنىڭ ئەسكىلىكىنى مەن ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. بۇ ئىشلار كىيىن  كۈنلۈكتە باشلاندى ،مەن ھەرقىېتىم ئاپامغا پۈتۈن كۈنلۈك دەرىستە ئوقۇۋاتىمەن دەپ يالغانلا سۆزلەيتتىم.ئۆيدە يالغۇز قالىدىغانلىقىمنىمۇ دېمەيتتىم.مەن بەك ياخشى دەپلا جاۋاپ بېرەتتىم.
مەن تۇرۋاتقان <مەلۇم شەھەر> يېڭى مەكتەپتىن بىرى قۇرۇلدى.ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەتتا ھەممە ئىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ياتاقتا تۇرۇپ ئوقۇيدىغان بولۇپ توختام
تۈزۈشتۇق.شۇنىڭ بىلەن مەن ئائىلەمگە قايتىپ ئوقۇش پۇلىنى ئېلىپ كەلدىم.دادام تۇققارنلارغا ئىشىنىپ ئالدىراشلىقتىن مېنى شۇلارغا تاپشۇرۇپلا ئۆزى كېتىپ قالدى.تۇققانلارنىڭ ئۆيدىكى مەن بىلەن تەڭ دېمەتتىكى قىزمۇ مەن بىلەن بىللە ئوقۇماقچى بولۇپ بىللە تىزىملاتقانىدى،مېنىڭ ئوقۇش پۇلۇمنىڭ ھەممنى شۇ قىزنىڭ دادىسى تاپشۇرمەن دەپ مەندىن ئالغان كىيىن ئۇقسام مېنىڭ پۇلۇمنى تولۇق تاپشۇرماي ئۆزىنىڭ قىزىنىڭكىنى تاپشۇرۇپتۇ.مۇئەللىم مېنى پۇلنى تۆلىۋىتىڭلار دەپلا قىستايتى،مەن تۆلەپ بولغان دېسەم ،ياق تېخى يېرىمى بار دېگەن جاۋاپقا ئېرىشتىم،ئۇ چاغدا تولۇق ئېلىپ كىرگەن قالغان پۇلۇم قېنى،مەەن بۇنىڭ سورىقىنى قىلىپ بولغىچە،دادامنىڭ ماڭا ئۇرغان تېلفۇننى ئېلىپ قالدىم،قىزىم تۇققانلار پۇلنى يەتمىدى دەيدىغۇ،دېگىنى ئاڭلاپ، ياق دادا يەتكەن دېگەن جاۋاپنىلا بېرىپتىمەن.شۇنىڭ بىلەن دادامنىڭ تىللىشىغىلا ئۇچرىدىم ئەمسە ئارتۇق 1000 يۇننى نېمە قىلماقچى ئىدىڭىز،يالغان گەپ قىلىشنى نەدىن ئۆگەنگەن.دەپلا  تىللىغىلى تۇردى مەن شۇنچە چۈشەندۈرسەممۇ ئاڭلىمىدى،شۇندادق قىلىپ ئەمسە سېنىڭ پۇلۇڭ ماڭا كېرەك ئەمەس دادا،بولدى ماڭا پۇلۇڭ كېرەك ئەمەس مەن ئۆزۈم تېپىپ ئوقالايمەن دەپلا يىغلاپلا تېلفۇننى قويۋەتتىم.شۇنىڭدىن كىيىن ھېلىقى ئادەمنى تىللىدىم.ئىشقىلىپ قانداقلا بولمىسۇن،مېنىڭ پۇلۇمنى تۆلىدى،شۇنىڭدىن باشلاپ دادامدىن ئالداپ ئالالمىغان پۇل ئۈچۈن،مەندىن ئۆچىنى ئېلىشقا باشلىدى،دادامدىن چوڭ ئادەم تۇرۇپ قىزىدەك ئادەمنى تىللاشقا باشلىدى،ھەتتا ھەرخىل گەپلەرنىمۇ ئاڭلىدىم،سېنى ئاتا-ئاناڭ ياخشى كۆرمەيدۇ،بولمىسا سېنى يات خەقنىڭ ؟كىدە قويۇپ وقۇتامتى دگەن سۆزنى تولا ئاڭلىدىم.بېراق مەن ئۈچۈن بۇلار بەرىبىر ئىدى.ئوقۇساملا بولمىدىمۇ،ھەپتىدە بىر قېتىم ئاكاملارنىڭ ئۆيىگە قايتىمەنغۇ دەپ ياشاۋەردىم.بېراق چوپچۇڭ تۇرۇپ مېنىڭ بىلەن ئۇرشاتتى بەزىدە كۈلگۈم كەلسە بەزىدە يىغلاپ كېتەتىم.چۈنكى مەن خارلىنىپ قالغان قىزدەكلا ھېس قىلىپ كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ كېتەتتى، ھىېلىقى دوستۇم ھەم سىڭلىم دادىسى ئۈچۈن مەندىن كەچۈرۈم سورايتتى.مەنمۇ سەن سەۋەپچى ئەمەس دەپ،ئۇنى سىڭلىم ئورنىدىلا كۆرەتتىم بېراق مانا شۇنىڭدىن كىيىن تۇرمۇشۇمدا بېراقلا بۇرلۇش پەيدا بولدى،ئۇنىڭ ئورنىنى قايغۇ ئەلەملا ئىگىلەپ كەتتى.بۇرۇن مېنى ياخشى دەپ ھالى قالمايدىغا ھەدەمنىڭ چىرايىنىمۇ قارا بۇلۇت قاپلىغانتى چۈنكى ئەمدى ئۇنىڭ باللىرىغا قارايدىغان ئادەم يوقتە.سىرتلارغا خاتىرجەم كېتەلمەيدۇ، ھەپتىدە بىرلا قېتىم ئۆيگە قايتىدىغان بۇ ئىش ئۇنىڭغا ياقمىدى،شۇنىڭ بىلەن ماڭا ئانچە قارىمايدىغان بولۇپ قالدى،مەن ئۈچۈن بۇلارمۇ بەرىبىر ئىدى .پەقەت ئوقۇساملا بولاتتى.خاتىرجەم پۈتۈن كۈنلۈك،ئوقۇش ماڭا خوشاللىق ئىش ئىدىدە.مەلۇم بىر كۈنى دەم ئېلىش ۋاقتىدا مەن ئۆيگە بارالمايمەن بۈگۈن چوڭ ئۆيدە قالاي دەپ تېلىفۇن قىلدىم.ھەدەممۇ ماقۇل بولدى،كىيىن مەكتەپتە ئالماشتۇردىغان كىيىمنىڭ ھەدەمنىڭ ئۆيدە ئىكەنلىكىنى ئويلاپ،ئاۋال ئەكىلۋىلىپ ئاندىن قوناي دەپ يەنە شۇ ئۆيگە ماڭدىم.بارغىچىمۇ خېلى ۋاقىت ئۆتتى.ئۆيگە كىرىپ ھەيران قالدىم،ئۆيدە ناتۇنۇش ئەر،ھەدەممۇ ھەيران قالدى ماڭا چۈشەندۈرۈپ بولغىچە مەن كېتىپ قالدىم شۇنىڭدىن باشلاپ قەدەم باسمايدىغان ئاز كۈنلىرى بېرىپ نەرسىلىرىمنى ئەكىلۋالىدىغان بولۇپ قالدىم،شۇنىڭدىن باشلاپ ھەدەمنىڭ ماڭا بولغان پوزىتسىيسى ئۆزگىرىشكە باشلىدى شۇنداق سىلىق گەپ قىلاتتى ئاكامغا دېمەسلىكىمنى ئۈمۈت قىلاتتى.مېنىڭ ئۇ ئىشلارنى دېگۈدەك نېمە ئىشىم بولسۇن،بالىلىرىبار تۇرسا ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىپ ماڭا نمە پايدىسى،مەنمۇ يا ھەئە،يا ياق دېمەي يۈرىۋەردىم،تەتىلمۇ توشاي دەپ قالدى،ئاكامنىڭ ئىچكىرىدىن چىقىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى،ھەدەمنىڭ شۇ كۈندىن باشلاپ ماڭا ئۆچمەنلىكى تۇتىدىغانلا بولۇپ قالدى مېنى قاچان كېتە،دەپ ئويلىدىمىكىن ئۇقمىدىم،ئىمتىھان نەتىجەمنى ئۇقۇپلا ئاندىن كەتمەكچى بولدۇم.ئاكامنى ئكيىگە بارماسلا بولىۋالغانىدىم ،دائىملا دوستۇم بىلەن چوڭ ئۆيدە تۇراتتۇق.دادىسى ھەرقېتىم كېلىپ قالغاندا،مېنى تىللاشتىن باشقىنى قىلمايتى.بېراق ئۆيگە ئاز كەلگەچكە،كۈندىلا تىل ئاڭلىماتتىم.
شۇنىڭغا مۇشۇ ئۆيدە قالغانىدىم.ئەمما بىر كۈنى ھەدەمنى چاقىرشى بىلەن،ئۆيىگە بارماقچى بولدۇم،بارمايمەن دېسەم تىللاشقا باشلىدى،مەنمۇ بوپتۇلا چىدىۋىتەي ھامان كېتىمەنغۇ بۇيەردىن دەپلا ئويلاتتىم.شۇنىڭ بىلەن باردىم.شۇكۈنى ھەدەم مېھمانغا كېتىپ،بەكمۇ كەچ قايتىپ كەپتۇ قاچانلاردە كەلگىنىمۇ بىلمىدىم.ئەتىگىنى قوپسام ،ئۆيگە ئوغرى كىرىپتۇ دەپلا سۆزلەپ كەتتى.مەنمۇ ھەيران قالدىم. ھەر قېتىم ماڭا مەنىلىك قارايتتى،بېراق چۈشەنمىگەنىدىم،مانا نېمە ئىش مېنى شۇنچە تىللاپ چاقىرتىپ ئۆزىنىڭ ئابرۇيىنى قوغدايمەن ئائىلىسى ساقلايمەن دەپ ماڭا تۆھمەت چاپلاپ بۇ ئۆيدىن كەتكۈزمەكچىكەن ئەمەسمۇ،مەن نېمە قىلاي،مەن ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ۋەيران قىلىمەن دەپ ئەجىبا ئۇنداق سەتچىلىكنى ئاكامغا دەرمىدىم،شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ تۇرمۇشۇم ئۆزگەردى مەن ئۇ ئۆيدىن كەتتىم. مەڭگۈ قارماسلىققا ئىپلاسلىقىغا قاراپ يىغلىغان پېتى كېتىپ قالدىم. ئۆيگە بېرىپ قانچىلىك يىغلىغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن.شۇنىڭدىن بېرى تېرىككەك ئۇششۇقلا بولۇپ قالدىم.قالغان ئىشلارنى بىلمىدىم،كىيىن ماڭا تېلفۇن قىلىپ،ھېچ ئىش بولمىغان كىچىك ئىشلار بۇ،بىر ئائىلە ئۈچۈن بۇ نېمىتى دەپلا قويۋەتتى.مەن يەنە نېمىمۇ دەي.ماڭا قىلغانلىرى ئازمىدى كيىن ئۆيدكلەرگەپتۇ،مېنى سىرتقا چىقىرۋىتىپ،ئۆزى بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشتۈرمەي،ئاپامغا مۇشۇنداق ئىش بولدى دەپ ئاپامنىڭ كۆڭلىنى ئېزىۋىتىپ كېتىپ قاپتۇ،مانا ئەمدى ئائىلىدە ماڭا تىل دەشناملا بولدى شۇنىڭ بىلەن يوشۇرغان ئىشنىڭ ھەممىنى ئۇلارغا سۆزلەپ بەردىم،ئاپاممۇ يىغلاپ كەتتى.بىچارە قىزىم ئەجىبا سىز خارلىنىپ بېرىپ قالغانمۇ ئۇيەرگە دەپ،خۇدايىم ئۆزىگە قىلا ،قىززىدەك ئادەمگە قىلغاندىن كىيىن،خوتۇن قىلسا ئەرگە .ئەر قىلسا بالىغا دېگەندەك،بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ئېرى تۇرمىغا كىرىپ كەتتى،بۇنىڭغا يەنە دادام ئارلىشىپ ئاكامنى ئېلىپ چىقتى.شۇنىڭدىن بېرى ئائىلەم ئۇلاردىن يىراقلاشتى،بوۋا مومىلىرىم ھەتتا ئۇرۇق تۇققانلىرىمدىن تارتىپ ئۇلارغا ئۆچ بولۇپ كەتتى،كىيىنكى قېتىم،بىزنىڭ چوڭ ئۆيگە نۇمۇس قىلماي كەلگەندە بوۋام قوغلاپ چىقاردى نەۋرەمنى يىغلىتىپ ھەتتا بۇرۇن مېنىڭ قىزلىرىمنىمۇ يىغلاتقانىدىڭ.چىق ئۆيدىن ئوغلۇمنىڭ ساڭا ئۇچراپ قالغىنىغا دەپ قوغلاپ چىقارغان.شۇنىڭدىن باشلاپ،مېنىڭ ئۆز ئائىلەمدىمۇ ئاق قاننىڭ مقدارى يەنە ئۆرلەپ كېتىپتۇ،مېنى  بۇ ئىشلا ئازاپلىغانسىرى،مېنىڭ ساقىيشىمنىڭ ئورنىنى بارغانسىرى ئاجىزلىشىش ،ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالغانىدى بېشىم قىيىپلامانايەنە شۇ ئوكۇل سېلىشقا بادىم  بىراق بۇ قېتىممۇ چۈشۈپ ساقايمىسا ئۆزۈمگىمىمۇ ئۆچ بولۇپ كېتىپ باراتتىم،مۇشۇنداق بولىۋەرسە يەنە شۇ يىگىتىمدىن ئايرىلمەن دەپلا ئويلاتتىم بۇ قېتىم چۈشمىسە،ئەمدى مەن بەرداشلىق بېرىپ بۇ مۇھەببەتتىن ۋاز كېچىشنى لايىق تاپقانتىم.ھەتتا ئۇنىڭ ئۆزىگىمۇ ئەسكەرتىپ قويغانتىم.ساقاتساق بولدىغۇ دېگەن گەپلىرىمۇ قۇلىقىمغا كىرمەيتتى،شۇنىڭ بىلەن ئوكۇل سالدۇرۇشقا باشلىدىم،بېراق بۇ قېتىمقى ئوكۇلنى،مىڭ بىر تەستە سالدۇردۇم ئۆزۈممۇ بىلمىدىم بۇ قېتىمقى ئوكۇلنى قىلچىلىك كۆتۈرەلمىگەنىدىم،ھەر بىر قېتىم تومۇرۇمغا كىرگەن ئوكۇل سۇيۇقلىقى چىدۇغۇسىىز دەرىجىدە،ئاغرىتىپ زادىلا بەرداشلىق بېرەلمەي قېلۋاتقانىدىم،بېراق دادامنىڭ كۈچلۈك  ئوكۇل دېگىنى ئويلاپ سالدۇرۋاتقانىدىم،بېراق يەنىلا ئاجىزلىق قىلىپ ئاغرىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەي،يېرى قالغاندا يىڭنىسىنى تارتىۋىتىپلا ،ئاخرىنى سالدۇرمىدىم،بېراق مۇشۇنچىلىك ئىشنى دەپ ھەممىسىنى پۇشايمانغا قالدۇرسام بولماس بۇنچىلىك  ئاغرىقنىمۇ كۆتۈرەلمەمدىم دەپ يەنىلا بەرداشلىق بەردىم،بېراق ئوكۇلنى سالدۇرۇپ بولغىچە بەكمۇ ئازاپلىنىپ كەتتىم يىڭنىسى قولۇمدىن چىققاندىلا ئاندىن ياخشى بولۇپ قالاتتىم،مانا شۇنداق قىلىپ خېلى ۋاقىت ئۆتتى،راستلا چۈشۈپتۇ،مانا شۇ خوشاللىقىمدا،ئۇنىڭغا ئۇچۇر يازدىم چۈشۈپتۇ مەن ساقايدىم ،دەپ ئۇمۇ بەك خوشال بولدى،ئەمدى ئايرىلمايمىز دىيىشتۇق. بېراق مەلۇم كۈنى ئۇنىڭ ماڭا ئايرىلىپ كېتەيلى دېگەن سۆزى بىلەن بىز ئايرىلىپ كەتتۇق سەۋەبىنى سورماسلىقىمنى ئېيتىپتۇ.مەن نېمىمۇ،دەي بولىدۇ دەپ ئايرىلدۇق،مەن شۇ كۈنى ئىنتايىن قايغۇرۇپ يىغلاپ كەتتىم،ئاخماقلىق قىلىپ  دورا يېدىم ئەتىسى شۇنداق ئۇزاق ئۇخلاپ كېتىپتىمەن ،بۇنى دېمىسەممۇ ئۆزەڭلار بىلەسىلەر،شۇنىڭدىن كىيىن مۇھەببەتكە ئۆچ بولۇپ كەتتىم .شۇنىڭدىن كىيىن بەرگەن ۋەدىلەر ساختىكەن دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم،كىيىن ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم،بىزنىڭ ئايرىلىپ كېتىپ چىداشمايدىغىنىمىز ماڭىمۇ ئايان ئىدى،بېراق گەپ قىلمىدىم ،ئۇنىڭ يىغلىشى،مېنى ئازاپلايتتى چۈنكى ئۇ مەن بىلەن تونۇشقان ياقى ئىنتايىن ئازاپلىنىپ كېتىپ باراتتى ئايرىلىپ ئەپلىشىپ بىردەم خوشاللىق بىردەم ئازاپلا  تەڭلا بىزنى ئىزدەپ كەلگەندەك،قايغۇرۇرۇپلا يۈرەتتۇق،بېراق يەنە ئەپلىشىپ قېلىشقا قوشۇلدۇم،بېراق كۆڭلۈمدە يەنە قاچان ئايرىلامىز دېگەندەك ئىشلا بار ئىدى.كىيىن مېنى يىغلاتقان مېنى ئازاپلىغان دەپ ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالماقچى بولغاندەك،ئۇنىڭدىن ئايرىلمىز دەپلا گەپنى كېسىپلا ئېيتىۋەتتىم،بۇ مېنىڭ ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلشىم ئىدى.بېراق مەن نېمىدىگەن ئاخماق دۆتتۇرمەن،مۇھەببەتنى ئۆچ ئېلىش نىشانىغا ئايلاندۇرۋالغىنىمنى قارىمامدىغان،مەنمۇ كىيىن ئويلاندىم مېنىڭ شۇنداق نۇرغۇن قېتىم ئايرىلىش تەلىپىمنى ئاڭلاپ ئازاپلىنىپ كېتىۋاتقان بۇ يىگىتنىڭ .
مەندىن ئايرىلىپ كېتەيلى دېسە نېمىشقا ياق دېمىگەندىمەن ئۆز مۇھەببىتىمنى نېمىشقا ماقۇل دېگەن گەپ بىلەنلا ئاخىرلاشتۇرىمەن دەپ ئىنتايىن ئازاپلاندىم،مۇھەببىتىمنى قوغداشنىمۇ بىلمەيمەنكەن دەپ،پۇشايمان قىلدىم،شۇنىڭ بىلەن ئايرىلمايمىز دەپ،ۋەدە بېرىشتۇق..ئىشلار مۇشۇ تەرىقىدە كېتىپ بارىدۇ. ياخشى كۆرسەممۇ،بىزنىڭ ئىشىمىز توردا،بىز توردىكى بۇ مۇھەببەتنى ئىشقا ئاشۇرماقچى ئىدۇق.ئەمدى بۇ ئىش بىلەن ئاخىرلاشسا،مېنىڭ بۇمۇ بۇ ھاياتىمدىكى ئازاپلىق كەچمىش، ئەسلىمىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قېلشى مومكىندۇ بەلكىم...
[ بۇ يازما umahjuplar تەرپىدىن2009-03-21 20:34دە قاي ]

تېما تەستىقلىغۇچى : alxarap
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-20, 14:08

 

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-20 22:08 |
شەبنەم تور رادىئوسى
xjaks
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 63866
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 623
شۆھرەت: 1224 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 5331 سوم
تۆھپە: 28 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 715(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

 

ھەي ..سىزگە ھېسداشلىق قىلىمەن  ،،خوشال كۇنلىرڭىز ئالدىڭىزدا ..كۈلۇپ ياشاڭ ..بارلىق ئازابلىق ئەسلمىلىرىڭىزنى چۆرۇپ تاشلاپ .

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
ياخشى ئادەم ئولسىمۇ ياخشى نامى ئۆچمىگەي
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-20 23:08 |
شەبنەم تور رادىئوسى
xjaks
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 63866
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 623
شۆھرەت: 1224 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 5331 سوم
تۆھپە: 28 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 715(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

 

ئاخرى قانداق بولدى تىزراق يوللاسىز ،،،،،

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
ياخشى ئادەم ئولسىمۇ ياخشى نامى ئۆچمىگەي
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-20 23:09 |
layli614
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 69915
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 135
شۆھرەت: 135 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1350 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 345(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

 

ئاخىرىنى تېزاراق يوللىغايسىز ....ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ........

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
قەدرىنى قىل ،قەدرىڭ بىلگەننىڭ...
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-21 10:33 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » كۆڭلۈمدىكى سۆزلەر
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-22 01:23, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ